< Misirdin qiⱪix 5 >

1 Andin Musa bilǝn Ⱨarun Pirǝwnning aldiƣa berip, uningƣa: — Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar sanga: — «Ularning berip qɵldǝ Manga ibadǝt ⱪilip, ⱨeyt ɵtküzüxigǝ ⱪowmimƣa yol ⱪoysun» dǝydu, — dedi.
ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ساڭا: ــ «ئۇلارنىڭ بېرىپ چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىپ، ھېيت ئۆتكۈزۈشىگە قوۋمىمغا يول قويسۇن» دەيدۇ، ــ دېدى.
2 Lekin Pirǝwn jawab berip: — Uning sɵzigǝ ⱪulaⱪ selip, meni Israilƣa yol ⱪoyƣuzidiƣan ⱪandaⱪ Pǝrwǝrdigar ikǝn u? Mǝn u Pǝrwǝrdigarni tonumaymǝn ⱨǝm Israilƣimu yol ⱪoymaymǝn, dedi.
لېكىن پىرەۋن جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنى ئىسرائىلغا يول قويغۇزىدىغان قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن ئۇ پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن ھەم ئىسرائىلغىمۇ يول قويمايمەن، دېدى.
3 Ular sɵz ⱪilip: — Ibraniylarning Hudasi biz bilǝn kɵrüxti. Xunga ɵtünimizki, bizgǝ Pǝrwǝrdigar Hudayimizƣa ⱪurbanliⱪ sunux üqün bizgǝ qɵlgǝ berixⱪa üq künlük yolƣa ruhsǝt bǝrgǝysiz. Bolmisa, U bizni waba yaki ⱪiliq bilǝn uruxi mumkin, — dedi.
ئۇلار سۆز قىلىپ: ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى بىز بىلەن كۆرۈشتى. شۇڭا ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن بىزگە چۆلگە بېرىشقا ئۈچ كۈنلۈك يولغا رۇخسەت بەرگەيسىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى ۋابا ياكى قىلىچ بىلەن ئۇرۇشى مۇمكىن، ــ دېدى.
4 Lekin Misirning padixaⱨi ularƣa jawab berip: — Əy Musa wǝ Ⱨarun, nemixⱪa ikkinglar hǝlⱪni ixliridin tohtitip ⱪoymaⱪqi bolisilǝr? Berip ɵz ǝpkixinglarni kɵtürünglar! — dedi.
لېكىن مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي مۇسا ۋە ھارۇن، نېمىشقا ئىككىڭلار خەلقنى ئىشلىرىدىن توختىتىپ قويماقچى بولىسىلەر؟ بېرىپ ئۆز ئەپكىشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! ــ دېدى.
5 Pirǝwn yǝnǝ: — Mana, hǝlⱪ yurtta ziyadǝ awup kǝtti. Silǝr bolsanglar, ularni ǝpkǝxliridin halas ⱪilmaⱪqisilǝr, dedi.
پىرەۋن يەنە: ــ مانا، خەلق يۇرتتا زىيادە ئاۋۇپ كەتتى. سىلەر بولساڭلار، ئۇلارنى ئەپكەشلىرىدىن خالاس قىلماقچىسىلەر، دېدى.
6 Xu küni Pirǝwn nazarǝtqilǝrgǝ wǝ nazarǝtqilǝrning ⱪol astidiki ix baxliriƣa buyruⱪ qüxürüp: —
شۇ كۈنى پىرەۋن نازارەتچىلەرگە ۋە نازارەتچىلەرنىڭ قول ئاستىدىكى ئىش باشلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ــ
7 Ⱨazirdin baxlap hǝlⱪⱪǝ ilgirikidǝk kesǝk ⱪuyuxⱪa saman bǝrmǝnglar! Ular samanni ɵzliri yiƣsun.
ھازىردىن باشلاپ خەلققە ئىلگىرىكىدەك كېسەك قۇيۇشقا سامان بەرمەڭلار! ئۇلار ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن.
8 Lekin ilgiri ⱪanqilik kesǝk ⱪuyup kǝlgǝn bolsa, ⱨeliⱨǝm kǝm ⱪilmay xunqilik kesǝk ⱪuydurunglar; qünki ular ⱨurunlixip: «Hudayimizƣa ⱪurbanliⱪ ɵtküzüxkǝ bizni barƣili ⱪoy» dǝp ƣǝlwǝ ⱪilixiwatidu.
لېكىن ئىلگىرى قانچىلىك كېسەك قۇيۇپ كەلگەن بولسا، ھېلىھەم كەم قىلماي شۇنچىلىك كېسەك قۇيدۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ھۇرۇنلىشىپ: «خۇدايىمىزغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بىزنى بارغىلى قوي» دەپ غەلۋە قىلىشىۋاتىدۇ.
9 Əmdi ularni ɵz ixiƣa toluⱪ bǝnd bolup, yalƣan-yawidaⱪ gǝplǝrgǝ ⱪulaⱪ salmasliⱪi üqün, bu adǝmlǝrning üstigǝ tehimu eƣir ǝmgǝklǝrni yüklǝnglar, — dedi.
ئەمدى ئۇلارنى ئۆز ئىشىغا تولۇق بەند بولۇپ، يالغان-ياۋىداق گەپلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ ئېغىر ئەمگەكلەرنى يۈكلەڭلار، ــ دېدى.
10 Xuning bilǝn hǝlⱪning üstidiki nazarǝtqilǝr bilǝn ix baxliri qiⱪip hǝlⱪⱪǝ: Pirǝwn xundaⱪ dediki, mǝn ǝmdi silǝrgǝ saman bǝrmǝydiƣan boldum.
شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى نازارەتچىلەر بىلەن ئىش باشلىرى چىقىپ خەلققە: پىرەۋن شۇنداق دېدىكى، مەن ئەمدى سىلەرگە سامان بەرمەيدىغان بولدۇم.
11 Ɵzünglar beringlar, ɵzünglar üqün ⱪǝyǝrdin saman tapalisanglar, xu yǝrdin elip kelinglar; lekin ⱪilidiƣan ixliringlar bolsa ⱪilqilikmu kemǝytilmǝydu, — dedi.
ئۆزۈڭلار بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قەيەردىن سامان تاپالىساڭلار، شۇ يەردىن ئېلىپ كېلىڭلار؛ لېكىن قىلىدىغان ئىشلىرىڭلار بولسا قىلچىلىكمۇ كېمەيتىلمەيدۇ، ــ دېدى.
12 Buning bilǝn hǝlⱪ pütkül Misir zeminiƣa tarilip, samanning orniƣa pahal yiƣixⱪa baxlidi.
بۇنىڭ بىلەن خەلق پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تارىلىپ، ساماننىڭ ئورنىغا پاخال يىغىشقا باشلىدى.
13 Nazarǝtqilǝr bolsa ularni ⱪistap: Silǝrgǝ saman berilgǝn qaƣdikidǝk ⱨazirmu ⱨǝr künlük ixni xu küni ⱪilinglar, dedi.
نازارەتچىلەر بولسا ئۇلارنى قىستاپ: سىلەرگە سامان بېرىلگەن چاغدىكىدەك ھازىرمۇ ھەر كۈنلۈك ئىشنى شۇ كۈنى قىلىڭلار، دېدى.
14 Israillarning üstigǝ Pirǝwnning nazarǝtqiliri tǝripidin ⱪoyulƣan Israilliⱪ ix baxliri tayaⱪ yedi wǝ: — Tünügün wǝ bügün nemixⱪa kesǝk ⱪuyux wǝzipsini burunⱪidǝk toxⱪuzup orunlimidinglar?! — dǝp til ixitti.
ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە پىرەۋننىڭ نازارەتچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى تاياق يېدى ۋە: ــ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن نېمىشقا كېسەك قۇيۇش ۋەزىپسىنى بۇرۇنقىدەك توشقۇزۇپ ئورۇنلىمىدىڭلار؟! ــ دەپ تىل ئىشىتتى.
15 Andin Israilliⱪ ix baxliri Pirǝwnning aldiƣa berip: Nemixⱪa ɵz ⱪulliriƣa mundaⱪ muamilǝ ⱪilidila?
ئاندىن ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ: نېمىشقا ئۆز قۇللىرىغا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟
16 Ɵz ⱪulliriƣa ⱨeq saman berilmidi. Lekin [nazarǝtqilǝr] yǝnila «kesǝk ⱪuydurunglar» dǝp bizni buyruydu. Mana, ɵz ⱪulliri tayaⱪ yǝwatidu, ǝmma ǝyib bolsa ɵzlirining adǝmliridǝ, dǝp pǝryad ⱪildi.
ئۆز قۇللىرىغا ھېچ سامان بېرىلمىدى. لېكىن [نازارەتچىلەر] يەنىلا «كېسەك قۇيدۇرۇڭلار» دەپ بىزنى بۇيرۇيدۇ. مانا، ئۆز قۇللىرى تاياق يەۋاتىدۇ، ئەمما ئەيىب بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرىدە، دەپ پەرياد قىلدى.
17 Lekin u yǝnǝ: — Silǝr ⱨurun ikǝnsilǝr! Ⱨurun ikǝnsilǝr! Xunga silǝr: «Berip Pǝrwǝrdigarƣa ⱪurbanliⱪ ɵtküzüximizgǝ ijazǝt bǝr dǝwatisilǝr.
لېكىن ئۇ يەنە: ــ سىلەر ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! شۇڭا سىلەر: «بېرىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشىمىزگە ئىجازەت بەر دەۋاتىسىلەر.
18 Ⱪaytip berip ixingni ⱪilix! Silǝrgǝ saman berilmǝydu, biraⱪ kesǝklǝrni bǝlgilǝngǝn san boyiqǝ [awwalⱪidǝk] toluⱪ tapxuruxisǝn, dedi.
قايتىپ بېرىپ ئىشىڭنى قىلىش! سىلەرگە سامان بېرىلمەيدۇ، بىراق كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن سان بويىچە [ئاۋۋالقىدەك] تولۇق تاپشۇرۇشىسەن، دېدى.
19 Israilliⱪ ix baxliri [Pirǝwnning]: «Silǝr ⱨǝrkünlük wǝzipǝnglarni, yǝni tǝlǝp ⱪilƣan kesǝklǝrni bǝlgilǝngǝn sandin kemǝytsǝnglar ⱪǝt’iy bolmaydu» deginigǝ ⱪarap, bexiƣa bala-ⱪazaning qüxidiƣanliⱪini bilixti.
ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى [پىرەۋننىڭ]: «سىلەر ھەركۈنلۈك ۋەزىپەڭلارنى، يەنى تەلەپ قىلغان كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن ساندىن كېمەيتسەڭلار قەتىي بولمايدۇ» دېگىنىگە قاراپ، بېشىغا بالا-قازانىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بىلىشتى.
20 Ular Pirǝwnning aldidin qiⱪip keliwatⱪinida, ular bilǝn kɵrüxüxkǝ kelip xu yǝrdǝ saⱪlap turƣan Musa wǝ Ⱨarun bilǝn uqrixip ⱪaldi.
ئۇلار پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىدا، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىپ شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
21 Ular Musa bilǝn Ⱨarunƣa: — Bizni Pirǝwnning nǝziridǝ wǝ uning ǝmǝldarlirining nǝziridǝ sesitip, bizni ɵltürüxkǝ ularning ⱪoliƣa ⱪiliq tutⱪuzƣininglar üqün, Pǝrwǝrdigar silǝrning üstünglarƣa ⱨɵküm ⱪilsun! — dedi.
ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: ــ بىزنى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە سېسىتىپ، بىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇلارنىڭ قولىغا قىلىچ تۇتقۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم قىلسۇن! ــ دېدى.
22 Xuning bilǝn Musa Pǝrwǝrdigarning aldiƣa yenip berip uningƣa: — Əy Igǝm, nemixⱪa bu hǝlⱪni balaƣa tiⱪting? Sǝn nemǝ üqün meni ǝwǝtting?
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېنىپ بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىگەم، نېمىشقا بۇ خەلقنى بالاغا تىقتىڭ؟ سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئەۋەتتىڭ؟
23 Qünki mǝn Pirǝwnning aldiƣa kirip Sening naming bilǝn sɵz ⱪilƣinimdin tartip, u bu hǝlⱪning üstigǝ tehimu ziyadǝ azab ⱪilƣili turdi. Əmma Sǝn tehiqǝ ⱪowmingni ⱨeq ⱪutⱪuzmiding, — dedi.
چۈنكى مەن پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىرىپ سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ، ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ زىيادە ئازاب قىلغىلى تۇردى. ئەمما سەن تېخىچە قوۋمىڭنى ھېچ قۇتقۇزمىدىڭ، ــ دېدى.

< Misirdin qiⱪix 5 >