< Misirdin qiⱪix 37 >

1 Andin Bǝzalǝl ǝⱨdǝ sanduⱪini akatsiyǝ yaƣiqidin yasidi; uning uzunluⱪi ikki yerim gǝz, egizliki bir yerim gǝz, kǝngliki bir yerim gǝz idi.
ئاندىن بەزالەل ئەھدە ساندۇقىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى.
2 U uning iqi wǝ sirtini sap altun bilǝn ⱪaplidi, uning üstünki ⱪismining qɵrisigǝ altundin girwǝk qiⱪardi.
ئۇ ئۇنىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى.
3 U uning üqün altundin tɵt ⱨalⱪa ⱪuyup, ularni uning tɵt qetiⱪiƣa bekitti; bir tǝripigǝ ikki ⱨalⱪa, yǝnǝ bir tǝripigǝ ikki ⱨalⱪa bekitti.
ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ تۆت چېتىقىغا بېكىتتى؛ بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بېكىتتى.
4 U ⱨǝm akatsiyǝ yaƣiqidin ikki baldaⱪ yasap, ⱨǝr ikkisini altun bilǝn ⱪaplidi;
ئۇ ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛
5 andin sanduⱪ ular arⱪiliⱪ kɵtürülsun dǝp, baldaⱪlarni sanduⱪning ikki yenidiki ⱨalⱪiliridin ɵtküzüp ⱪoydi.
ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى.
6 U [sanduⱪning yapⱪuqi süpitidǝ] altundin uzunluⱪi ikki yerim gǝz, kǝngliki bir yerim gǝz bolƣan bir «kafarǝt tǝhti» yasidi.
ئۇ [ساندۇقنىڭ ياپقۇچى سۈپىتىدە] ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىدى.
7 U ikki kerubni altundin soⱪup yasidi; ularni kafarǝt tǝhtining ikki tǝripigǝ ornatti;
ئۇ ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتتى؛
8 bir kerubni bir tǝripigǝ, yǝnǝ bir kerubni yǝnǝ bir tǝripigǝ ornatti. U ikki tǝripidiki kerublarni kafarǝt tǝhti bilǝn bir gǝwdǝ ⱪildi.
بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورناتتى. ئۇ ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلدى.
9 Kerublar bir-birigǝ yüzlinip, ⱪanatlirini kafarǝt tǝhtining üstigǝ kerip, ⱪanatliri bilǝn uni yepip turatti; kerublarning yüzi kafarǝt tǝhtigǝ ⱪaritildi.
كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلدى.
10 U ⱨǝm xirǝni akatsiyǝ yaƣiqidin yasidi; uning uzunluⱪi ikki gǝz, kǝngliki bir gǝz, egizliki bir yerim gǝz idi.
ئۇ ھەم شىرەنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى.
11 U uni sap altun bilǝn ⱪaplap, uning üstünki ⱪismining qɵrisigǝ altundin girwǝk qiⱪardi.
ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى.
12 U xirǝning qɵrisigǝ tɵt ilik egizliktǝ bir lǝw yasidi; bu lǝwning qɵrisigimu altundin bir girwǝk qiⱪardi.
ئۇ شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىدى؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقاردى.
13 U xirǝgǝ altundin tɵt ⱨalⱪa yasap, bu ⱨalⱪilarni xirǝning tɵt burjikidiki qetiⱪⱪa ornatti.
ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتتى.
14 Xirǝni kɵtürüxkǝ baldaⱪlar ɵtküzülsun dǝp, ⱨalⱪilar xirǝ lewigǝ yeⱪin bekitildi.
شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلدى.
15 Xirǝ üqün u baldaⱪlarni akatsiyǝ yaƣiqidin yasap, altun bilǝn ⱪaplidi; xirǝ ular bilǝn kɵtürülǝtti.
شىرە ئۈچۈن ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ شىرە ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى.
16 U xirǝning üstigǝ ⱪoyulidiƣan barliⱪ buyumlarni, yǝni legǝnlirini, ⱪaqa-ⱪuqa tǝhsilirini, [«xarab ⱨǝdiyǝliri»ni] ⱪuyidiƣan ⱪǝdǝⱨ wǝ piyalilǝrning ⱨǝmmisini sap altundin yasidi.
ئۇ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان بارلىق بۇيۇملارنى، يەنى لېگەنلىرىنى، قاچا-قۇچا تەخسىلىرىنى، [«شاراب ھەدىيەلىرى»نى] قۇيىدىغان قەدەھ ۋە پىيالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.
17 U ⱨǝm qiraƣdanni sap altundin yasidi; qiraƣdanni soⱪup yasidi; qiraƣdanning puti, ƣoli, ⱪǝdǝⱨliri, ƣunqiliri wǝ gülliri bir pütün altundin soⱪuldi.
ئۇ ھەم چىراغداننى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى؛ چىراغداننى سوقۇپ ياسىدى؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچىلىرى ۋە گۈللىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلدى.
18 Qiraƣdanning ƣolining ikki yenidin altǝ xahqǝ qiⱪirildi — qiraƣdanning bir yenidin üq xahqǝ, uning yǝnǝ bir yenidin üq xahqǝ qiⱪirildi;
چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلدى ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، ئۇنىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلدى؛
19 bir yenidiki ⱨǝrbir xahqidǝ badam güli xǝklidǝ ƣunqisi wǝ qeqiki bolƣan üq ⱪǝdǝⱨ qiⱪirildi, yǝnǝ bir yenidiki ⱨǝrbir xahqidǝ badam güli xǝklidǝ ƣunqisi wǝ qeqiki bolƣan üq ⱪǝdǝⱨ qiⱪirildi. Qiraƣdanƣa qiⱪirilƣan altǝ xahqining ⱨǝmmisi xundaⱪ yasaldi.
بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى.
20 Qiraƣdanning [ƣolidin] badam güli xǝklidǝ ƣunqisi wǝ qeqiki bolƣan tɵt ⱪǝdǝⱨ qiⱪirildi.
چىراغداننىڭ [غولىدىن] بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلدى.
21 Bulardin baxⱪa [birinqi] ikki xahqining astida bir ƣunqǝ, [ikkinqi] ikki xahqining astida bir ƣunqǝ, [üqinqi] ikki xahqining astida bir ƣunqǝ yasalƣanidi; qiraƣdanƣa qiⱪirilƣan altǝ xahqining astining ⱨǝmmisi xundaⱪ idi.
بۇلاردىن باشقا [بىرىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئىككىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئۈچىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە ياسالغانىدى؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى.
22 Uning xu ƣunqiliri ⱨǝm xahqiliri qiraƣdan bilǝn bir gǝwdǝ ⱪilindi — bir pütün sap altundin soⱪup yasaldi.
ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالدى.
23 U qiraƣdanning yǝttǝ qiriƣini, xundaⱪla uning pilik ⱪayqiliri bilǝn küldanlirini sap altundin yasidi.
ئۇ چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.
24 U qiraƣdan wǝ uning barliⱪ ǝswablirini bir talant sap altundin yasidi.
ئۇ چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.
25 U yǝnǝ huxbuygaⱨni akatsiyǝ yaƣiqidin yasidi. Uning uzunluⱪi bir gǝz, kǝngliki bir gǝz, egizliki ikki gǝz bolup, tɵt qasa ⱪilip yasaldi; [tɵt burjikidiki] münggüzlǝr uning bilǝn bir pütün ⱪilip yasaldi.
ئۇ يەنە خۇشبۇيگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولۇپ، تۆت چاسا قىلىپ ياسالدى؛ [تۆت بۇرجىكىدىكى] مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالدى.
26 U uni, yǝni uning üstini, tɵt ǝtrapini ⱨǝm münggüzlirini sap altun bilǝn ⱪaplidi; uning üsti ⱪismining qɵrisigǝ altundin girwǝk qiⱪardi.
ئۇ ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى.
27 Uningƣa altundin ikki ⱨalⱪa yasap, uning girwikining astiƣa bekitti; ularni ikki yeniƣa udulmu’udul bekitti. Huxbuygaⱨni kɵtüridiƣan ikki baldaⱪni selix üqün bularni huxbuygaⱨning ikki tǝripigǝ orunlaxturdi.
ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتتى. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇردى.
28 U baldaⱪlarni akatsiyǝ yaƣiqidin yasap, altun bilǝn ⱪaplidi.
ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
29 U ⱨǝm muⱪǝddǝs Mǝsiⱨlǝx meyini yasidi, andin ǝtirqi qiⱪarƣandǝk dora-dǝrmǝklǝrni tǝngxǝp sap huxbuyni yasidi.
ئۇ ھەم مۇقەددەس مەسىھلەش مېيىنى ياسىدى، ئاندىن ئەتىرچى چىقارغاندەك دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەپ ساپ خۇشبۇينى ياسىدى.

< Misirdin qiⱪix 37 >