< Əstǝr 7 >

1 Xuning bilǝn padixaⱨ bilǝn Ⱨaman hanix Əstǝrning ziyapitigǝ dahil boluxⱪa kǝldi.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىلەن ھامان خانىش ئەستەرنىڭ زىياپىتىگە داخىل بولۇشقا كەلدى.
2 Padixaⱨ ikkinqi ⱪetimliⱪ ziyapǝt üstidǝ xarab iqiliwatⱪanda Əstǝrdin: — I hanix Əstǝr, nemǝ tǝliping bar? U sanga ijabǝt ⱪilinidu. Nemǝ iltimasing bar? Ⱨǝtta padixaⱨliⱪimning yerimini iltimas ⱪilsangmu xundaⱪ ⱪilinidu, — dedi.
پادىشاھ ئىككىنچى قېتىملىق زىياپەت ئۈستىدە شاراب ئىچىلىۋاتقاندا ئەستەردىن: ــ ئى خانىش ئەستەر، نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇ ساڭا ئىجابەت قىلىنىدۇ. نېمە ئىلتىماسىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى ئىلتىماس قىلساڭمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ، ــ دېدى.
3 — Əgǝr nǝzǝrliridǝ iltipatⱪa erixkǝn bolsam, i aliyliri, wǝ padixaⱨimƣa muwapiⱪ kɵrünsǝ, mening iltimasim ɵz jenimni ayiƣayla, xuningdǝk mening tǝlipim ɵz hǝlⱪimni saⱪliƣayla;
ــ ئەگەر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، ئى ئالىيلىرى، ۋە پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، مېنىڭ ئىلتىماسىم ئۆز جېنىمنى ئايىغايلا، شۇنىڭدەك مېنىڭ تەلىپىم ئۆز خەلقىمنى ساقلىغايلا؛
4 qünki biz, yǝni mǝn wǝ mening hǝlⱪim birgǝ yoⱪitilip, ⱪirilip, nǝslimizdin ⱪurutuluxⱪa setiwetilduⱪ. Əgǝr biz ⱪul wǝ dedǝklikkǝ setiwetilgǝn bolsaⱪ, süküt ⱪilƣan bolattim; lekin padixaⱨimning tartidiƣan ziyininimu düxmǝn tɵlǝp berǝlmǝytti, — dǝp jawap bǝrdi Əstǝr.
چۈنكى بىز، يەنى مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم بىرگە يوقىتىلىپ، قىرىلىپ، نەسلىمىزدىن قۇرۇتۇلۇشقا سېتىۋېتىلدۇق. ئەگەر بىز قۇل ۋە دېدەكلىككە سېتىۋېتىلگەن بولساق، سۈكۈت قىلغان بولاتتىم؛ لېكىن پادىشاھىمنىڭ تارتىدىغان زىيىنىنىمۇ دۈشمەن تۆلەپ بېرەلمەيتتى، ــ دەپ جاۋاپ بەردى ئەستەر.
5 Padixaⱨ Aⱨaxwerox hanix Əstǝrdin: — Bundaⱪ ⱪilixⱪa petinƣan kixi kim ikǝn? U ⱪǝyǝrdǝ?! — dǝp soridi. Əstǝr jawabǝn: —
پادىشاھ ئاھاشۋېروش خانىش ئەستەردىن: ــ بۇنداق قىلىشقا پېتىنغان كىشى كىم ئىكەن؟ ئۇ قەيەردە؟! ــ دەپ سورىدى. ئەستەر جاۋابەن: ــ
6 Bu düxmǝn wǝ zǝⱨǝrhǝndǝ mana muxu rǝzil Ⱨaman! — dewidi, Ⱨaman padixaⱨ bilǝn hanix aldida xu zamatla dǝkkǝ-dükkigǝ qüxti.
بۇ دۈشمەن ۋە زەھەرخەندە مانا مۇشۇ رەزىل ھامان! ــ دېۋىدى، ھامان پادىشاھ بىلەن خانىش ئالدىدا شۇ زاماتلا دەككە-دۈككىگە چۈشتى.
7 Xuning bilǝn padixaⱨ ⱪǝⱨri-ƣǝzǝpkǝ kelip ziyapǝt-xarab üstidin turdi-dǝ, qaribaƣⱪa qiⱪip kǝtti; Ⱨaman bolsa hanix Əstǝrdin jenini tilǝxkǝ ⱪaldi; qünki u padixaⱨning ɵzigǝ jaza bǝrmǝy ⱪoymaydiƣan niyǝtkǝ kǝlgǝnlikini kɵrüp yǝtkǝnidi.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قەھرى-غەزەپكە كېلىپ زىياپەت-شاراب ئۈستىدىن تۇردى-دە، چارىباغقا چىقىپ كەتتى؛ ھامان بولسا خانىش ئەستەردىن جېنىنى تىلەشكە قالدى؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ ئۆزىگە جازا بەرمەي قويمايدىغان نىيەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى.
8 Padixaⱨ qaribaƣdin ziyapǝt-xarab dastihiniƣa ⱪaytip kǝlginidǝ Ⱨamanning ɵzini Əstǝr yɵlǝngǝn diwanƣa taxliƣiniqǝ turƣinini kɵrdi-dǝ: — — Ⱪara, uning ordida mening aldimdila hanixⱪa zorluⱪ ⱪilƣiliwatⱪinini?! — dewidi, bu sɵz padixaⱨning aƣzidin qiⱪixi bilǝnla adǝmlǝr Ⱨamanning bax-kɵzini qümkǝp ⱪoydi.
پادىشاھ چارىباغدىن زىياپەت-شاراب داستىخىنىغا قايتىپ كەلگىنىدە ھاماننىڭ ئۆزىنى ئەستەر يۆلەنگەن دىۋانغا تاشلىغىنىچە تۇرغىنىنى كۆردى-دە: ــ ــ قارا، ئۇنىڭ ئوردىدا مېنىڭ ئالدىمدىلا خانىشقا زورلۇق قىلغىلىۋاتقىنىنى؟! ــ دېۋىدى، بۇ سۆز پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەنلا ئادەملەر ھاماننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ قويدى.
9 Padixaⱨning aldida turuwatⱪan ⱨǝrǝm’aƣiliridin Ⱨarbona isimlik birsi: — Yǝnǝ bir ix bar, mana, Ⱨaman aliylirining ⱨayati üqün gǝp ⱪilƣan Mordikayni esix üqün, ǝllik gǝz igizliktǝ yasatⱪan dar tǝyyar turidu, u dar ⱨazir muxu Ⱨamanning ⱨoylisida, dewidi, padixaⱨ: — Ⱨamanni uningƣa esinglar! — dedi.
پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاربونا ئىسىملىك بىرسى: ــ يەنە بىر ئىش بار، مانا، ھامان ئالىيلىرىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن گەپ قىلغان موردىكاينى ئېسىش ئۈچۈن، ئەللىك گەز ئىگىزلىكتە ياساتقان دار تەييار تۇرىدۇ، ئۇ دار ھازىر مۇشۇ ھاماننىڭ ھويلىسىدا، دېۋىدى، پادىشاھ: ــ ھاماننى ئۇنىڭغا ئېسىڭلار! ــ دېدى.
10 Xuning bilǝn ular Ⱨamanni u Mordikayƣa tǝyyarlap ⱪoyƣan darƣa asti; xuning bilǝn padixaⱨning ƣǝzipi besildi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاماننى ئۇ موردىكايغا تەييارلاپ قويغان دارغا ئاستى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.

< Əstǝr 7 >