< Ⱨekmǝt topliƣuqi 9 >

1 Mǝn xularning ⱨǝmmisini eniⱪlax üqün kɵngül ⱪoydum; xuni bayⱪidimki, mǝyli ⱨǝⱪⱪaniy kixi yaki dana kixi bolsun, xundaⱪla ularning barliⱪ ⱪilƣanliri Hudaning ⱪolididur, dǝp bayⱪidim; insan ɵzigǝ muⱨǝbbǝt yaki nǝprǝtning kelidiƣanliⱪini ⱨeq bilmǝydu. Uning aldida ⱨǝrⱪandaⱪ ix boluxi mumkin.
مەن شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۆڭۈل قويدۇم؛ شۇنى بايقىدىمكى، مەيلى ھەققانىي كىشى ياكى دانا كىشى بولسۇن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغانلىرى خۇدانىڭ قولىدىدۇر، دەپ بايقىدىم؛ ئىنسان ئۆزىگە مۇھەببەت ياكى نەپرەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق ئىش بولۇشى مۇمكىن.
2 Ⱨǝmmǝ adǝmgǝ ohxax ixlar ohxax peti kelidu; ⱨǝⱪⱪaniy wǝ rǝzil kixigǝ, meⱨriban kixigǝ, pak wǝ napak, ⱪurbanliⱪ ⱪilƣuqi wǝ ⱪurbanliⱪ ⱪilmiƣuqiƣimu ohxax ⱪismǝt bolidu; yahxi adǝmgǝ ⱪandaⱪ bolsa, gunaⱨkarƣa xundaⱪ bolidu; ⱪǝsǝm iqküqigǝ wǝ ⱪǝsǝm iqixtin ⱪorⱪⱪuqiƣimu ohxax bolidu.
ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئىشلار ئوخشاش پېتى كېلىدۇ؛ ھەققانىي ۋە رەزىل كىشىگە، مېھرىبان كىشىگە، پاك ۋە ناپاك، قۇربانلىق قىلغۇچى ۋە قۇربانلىق قىلمىغۇچىغىمۇ ئوخشاش قىسمەت بولىدۇ؛ ياخشى ئادەمگە قانداق بولسا، گۇناھكارغا شۇنداق بولىدۇ؛ قەسەم ئىچكۈچىگە ۋە قەسەم ئىچىشتىن قورققۇچىغىمۇ ئوخشاش بولىدۇ.
3 Mana ⱨǝmmigǝ ohxaxla bu ixning kelidiƣanliⱪi ⱪuyax astidiki ixlar arisida külpǝtlik ixtur; uning üstigǝ, insan balilirining kɵngülliri yamanliⱪⱪa tolƣan, pütün ⱨayatida kɵnglidǝ tǝlwilik turidu; andin ular ɵlgǝnlǝrgǝ ⱪoxulidu.
مانا ھەممىگە ئوخشاشلا بۇ ئىشنىڭ كېلىدىغانلىقى قۇياش ئاستىدىكى ئىشلار ئارىسىدا كۈلپەتلىك ئىشتۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى يامانلىققا تولغان، پۈتۈن ھاياتىدا كۆڭلىدە تەلۋىلىك تۇرىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار ئۆلگەنلەرگە قوشۇلىدۇ.
4 Qünki tiriklǝrgǝ ⱪoxulƣan kixi üqün bolsa ümid bar; qünki, tirik it ɵlgǝn xirdin ǝla.
چۈنكى تىرىكلەرگە قوشۇلغان كىشى ئۈچۈن بولسا ئۈمىد بار؛ چۈنكى، تىرىك ئىت ئۆلگەن شىردىن ئەلا.
5 Tiriklǝr bolsa ɵzlirining ɵlidiƣanliⱪini bilidu; biraⱪ ɵlgǝnlǝr bolsa ⱨeqnemini bilmǝydu; ularning ⱨeq in’ami yǝnǝ bolmaydu; ular ⱨǝtta adǝmning esidin kɵtürülüp ketidu, ⱪayta kǝlmǝydu.
تىرىكلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ بىراق ئۆلگەنلەر بولسا ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچ ئىنئامى يەنە بولمايدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، قايتا كەلمەيدۇ.
6 Ularning muⱨǝbbiti, nǝpriti wǝ ⱨǝsǝthorluⱪimu alliⱪaqan yoⱪalƣan; ⱪuyax astida ⱪilinƣan ixlarning ⱨeqⱪaysisidin ularning mǝnggügǝ ⱪayta nesiwisi yoⱪtur.
ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى، نەپرىتى ۋە ھەسەتخورلۇقىمۇ ئاللىقاچان يوقالغان؛ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن ئۇلارنىڭ مەڭگۈگە قايتا نېسىۋىسى يوقتۇر.
7 Barƣin, neningni huxalliⱪ bilǝn yǝp, xarabingni huxhuyluⱪ bilǝn iqkin; qünki Huda alliⱪaqan mundaⱪ ⱪilixingdin razi bolƣan.
بارغىن، نېنىڭنى خۇشاللىق بىلەن يەپ، شارابىڭنى خۇشخۇيلۇق بىلەن ئىچكىن؛ چۈنكى خۇدا ئاللىقاچان مۇنداق قىلىشىڭدىن رازى بولغان.
8 Kiyim-keqǝkliring ⱨǝrdaim ap’aⱪ bolsun, huxbuy may bexingdin kǝtmisun.
كىيىم-كېچەكلىرىڭ ھەردائىم ئاپئاق بولسۇن، خۇشبۇي ماي بېشىڭدىن كەتمىسۇن.
9 Huda sanga ⱪuyax astida tǝⱪsim ⱪilƣan bimǝnǝ ɵmrüngning barliⱪ künliridǝ, yǝni bimǝniliktǝ ɵtküzgǝn barliⱪ künliringdǝ, sɵyümlük ayaling bilǝn billǝ ⱨayattin ⱨuzur alƣin; qünki bu sening ⱨayatingdiki nesiwǝng wǝ ⱪuyax astidiki barliⱪ tartⱪan japayingning ǝjridur.
خۇدا ساڭا قۇياش ئاستىدا تەقسىم قىلغان بىمەنە ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، يەنى بىمەنىلىكتە ئۆتكۈزگەن بارلىق كۈنلىرىڭدە، سۆيۈملۈك ئايالىڭ بىلەن بىللە ھاياتتىن ھۇزۇر ئالغىن؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ھاياتىڭدىكى نېسىۋەڭ ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تارتقان جاپايىڭنىڭ ئەجرىدۇر.
10 Ⱪolung tutⱪanni barliⱪ küqüng bilǝn ⱪilƣin; qünki sǝn baridiƣan tǝⱨtisarada ⱨeq hizmǝt, mǝⱪsǝt-pilan, bilim yaki ⱨekmǝt bolmaydu. (Sheol h7585)
قولۇڭ تۇتقاننى بارلىق كۈچۈڭ بىلەن قىلغىن؛ چۈنكى سەن بارىدىغان تەھتىسارادا ھېچ خىزمەت، مەقسەت-پىلان، بىلىم ياكى ھېكمەت بولمايدۇ. (Sheol h7585)
11 Mǝn zeⱨnimni yiƣip, ⱪuyax astida kɵrdumki, musabiⱪidǝ ƣǝlibǝ yǝltapanƣa bolmas, ya jǝngdǝ ƣǝlibǝ palwanƣa bolmas, ya nan dana kixigǝ kǝlmǝs, ya bayliⱪlar yorutulƣanlarƣa kǝlmǝs, ya iltipat bilimliklǝrgǝ bolmas — qünki pǝyt wǝ tasadipiyliⱪ ularning ⱨǝmmisigǝ kelidu.
مەن زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدا كۆردۇمكى، مۇسابىقىدە غەلىبە يەلتاپانغا بولماس، يا جەڭدە غەلىبە پالۋانغا بولماس، يا نان دانا كىشىگە كەلمەس، يا بايلىقلار يورۇتۇلغانلارغا كەلمەس، يا ئىلتىپات بىلىملىكلەرگە بولماس ــ چۈنكى پەيت ۋە تاسادىپىيلىق ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كېلىدۇ.
12 Bǝrⱨǝⱪ, insanmu ɵz waⱪti-saitini bilmǝydu; beliⱪlar rǝⱨimsiz torƣa elinƣandǝk, ⱪuxlar tapan-tuzaⱪⱪa ilinƣandǝk, bularƣa ohxax insan baliliri yaman bir kündǝ tuzaⱪⱪa ilinidu, tuzaⱪ bexiƣa qüxidu.
بەرھەق، ئىنسانمۇ ئۆز ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيدۇ؛ بېلىقلار رەھىمسىز تورغا ئېلىنغاندەك، قۇشلار تاپان-تۇزاققا ئىلىنغاندەك، بۇلارغا ئوخشاش ئىنسان بالىلىرى يامان بىر كۈندە تۇزاققا ئىلىنىدۇ، تۇزاق بېشىغا چۈشىدۇ.
13 Mǝn yǝnǝ ⱪuyax astida danaliⱪning bu misalini kɵrdum, u meni qongⱪur tǝsirlǝndürdi;
مەن يەنە قۇياش ئاستىدا دانالىقنىڭ بۇ مىسالىنى كۆردۇم، ئۇ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى؛
14 Kiqik bir xǝⱨǝr bar idi; uningƣa ⱪarxi büyük bir padixaⱨ qiⱪip, uni ⱪorxap, uningƣa ⱨujum ⱪilidiƣan yoƣan potǝylǝrni ⱪurdi.
كىچىك بىر شەھەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا قارشى بۈيۈك بىر پادىشاھ چىقىپ، ئۇنى قورشاپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىغان يوغان پوتەيلەرنى قۇردى.
15 Biraⱪ xǝⱨǝrdin namrat bir dana kixi tepilip ⱪaldi; u uni ɵz danaliⱪi bilǝn ⱪutuldurdi; biraⱪ keyin, ⱨeqkim bu namrat kixini esigǝ kǝltürmidi.
بىراق شەھەردىن نامرات بىر دانا كىشى تېپىلىپ قالدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆز دانالىقى بىلەن قۇتۇلدۇردى؛ بىراق كېيىن، ھېچكىم بۇ نامرات كىشىنى ئېسىگە كەلتۈرمىدى.
16 Xuning bilǝn mǝn: «Danaliⱪ küq-ⱪudrǝttin ǝwzǝl» — dedim; biraⱪ xu namrat kixining danaliⱪi keyin kɵzgǝ ilinmaydu, uning sɵzliri anglanmaydu.
شۇنىڭ بىلەن مەن: «دانالىق كۈچ-قۇدرەتتىن ئەۋزەل» ــ دېدىم؛ بىراق شۇ نامرات كىشىنىڭ دانالىقى كېيىن كۆزگە ئىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاڭلانمايدۇ.
17 Dana kixining jimjitliⱪta eytⱪan sɵzliri ǝhmǝⱪlǝr üstidin ⱨoⱪuⱪ sürgüqining warⱪiraxliridin eniⱪ anglinar.
دانا كىشىنىڭ جىمجىتلىقتا ئېيتقان سۆزلىرى ئەخمەقلەر ئۈستىدىن ھوقۇق سۈرگۈچىنىڭ ۋارقىراشلىرىدىن ئېنىق ئاڭلىنار.
18 Danaliⱪ urux ⱪoralliridin ǝwzǝldur; biraⱪ bir gunaⱨkar zor yahxiliⱪni ⱨalak ⱪilidu.
دانالىق ئۇرۇش قوراللىرىدىن ئەۋزەلدۇر؛ بىراق بىر گۇناھكار زور ياخشىلىقنى ھالاك قىلىدۇ.

< Ⱨekmǝt topliƣuqi 9 >