< Ⱪanun xǝrⱨi 33 >

1 Hudaning adimi bolƣan Musaning ɵlümidin ilgiri Israillarni bǝrikǝtlǝxkǝ tiligǝn bǝht-tilǝkliri munular: —
خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى ئىسرائىللارنى بەرىكەتلەشكە تىلىگەن بەخت-تىلەكلىرى مۇنۇلار: ــ
2 U mundaⱪ dedi: — «Pǝrwǝrdigar Ɵzi Sinay teƣidin kelip, Seirdin qiⱪip [Israil] üstigǝ parlidi; Paran teƣidin pǝyda bolup qaⱪnidi, U tümǝnligǝn muⱪǝddǝslǝrning otturisidin qiⱪip kǝldi; Ong ⱪolidin Israilƣa atalƣan otluⱪ bir ⱪanun qiⱪti.
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىدىن كېلىپ، سېئىردىن چىقىپ [ئىسرائىل] ئۈستىگە پارلىدى؛ پاران تېغىدىن پەيدا بولۇپ چاقنىدى، ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەسلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كەلدى؛ ئوڭ قولىدىن ئىسرائىلغا ئاتالغان ئوتلۇق بىر قانۇن چىقتى.
3 Dǝrⱨǝⱪiⱪǝt, U hǝlⱪni sɵyidu; Sening barliⱪ muⱪǝddǝs bǝndiliring ⱪolungdidur; Ularning ⱨǝrbiri ayiƣing aldida olturup, Sɵzliringgǝ muyǝssǝr bolidu.
دەرھەقىقەت، ئۇ خەلقنى سۆيىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىڭ قولۇڭدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئايىغىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، سۆزلىرىڭگە مۇيەسسەر بولىدۇ.
4 Musa bizgǝ bir ⱪanun buyrup, Buni Yaⱪupning jamaitigǝ miras ⱪilip bǝrdi;
مۇسا بىزگە بىر قانۇن بۇيرۇپ، بۇنى ياقۇپنىڭ جامائىتىگە مىراس قىلىپ بەردى؛
5 Hǝlⱪning sǝrdarliri jǝm bolup, Israilning ⱪǝbililiri bir yǝrgǝ yiƣilƣanda, U Yǝxurunning otturisida padixaⱨdǝk boldi.
خەلقنىڭ سەردارلىرى جەم بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرى بىر يەرگە يىغىلغاندا، ئۇ يەشۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا پادىشاھدەك بولدى.
6 «Rubǝn bolsa, adǝmliri ɵlüp kǝtmǝy, ⱨayat tursun; Uning adǝmliri az bolmisun».
«رۇبەن بولسا، ئادەملىرى ئۆلۈپ كەتمەي، ھايات تۇرسۇن؛ ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاز بولمىسۇن».
7 [Musa]ning Yǝⱨuda toƣrisida tiligǝn bǝhti mundaⱪ: — «Yǝⱨudaning awazini angliƣaysǝn, i Pǝrwǝrdigar; Uni ɵz hǝlⱪigǝ ⱪobul ⱪildurƣaysǝn; Uning ⱪolliri ular üqün kürǝx ⱪilsun; Əmdi ɵzini ǝzgüqilǝrgǝ ⱪarxi turuxⱪa uningƣa mǝdǝt bolƣaysǝn».
[مۇسا]نىڭ يەھۇدا توغرىسىدا تىلىگەن بەختى مۇنداق: ــ «يەھۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۇنى ئۆز خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغايسەن؛ ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن؛ ئەمدى ئۆزىنى ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئۇنىڭغا مەدەت بولغايسەن».
8 U Lawiy toƣrisida mundaⱪ dedi: — «Sening urim wǝ tummim taxliring Sening bu muⱪǝddǝs bǝndǝnggǝ tapxurulƣan; Sǝn uni Massaⱨda siniding, Mǝribaⱨning sulirining yenida uning bilǝn talaxting.
ئۇ لاۋىي توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ «سېنىڭ ئۇرىم ۋە تۇممىم تاشلىرىڭ سېنىڭ بۇ مۇقەددەس بەندەڭگە تاپشۇرۇلغان؛ سەن ئۇنى ماسساھدا سىنىدىڭ، مەرىباھنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاشتىڭ.
9 U ɵz ata-anisi toƣrisida: «Ularƣa yüz-hatirǝ ⱪilmaymǝn», dǝp eytti, Ɵz ⱪerindaxlirining ⱨeq yüzini ⱪilmay, Ɵz balilirinimu tonuxni halimay, Bǝlki Sening sɵzünggǝ ǝmǝl ⱪilip, ǝⱨdǝngni qing tutti.
ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا: «ئۇلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايمەن»، دەپ ئېيتتى، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ يۈزىنى قىلماي، ئۆز بالىلىرىنىمۇ تونۇشنى خالىماي، بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، ئەھدەڭنى چىڭ تۇتتى.
10 Mana, [Lawiylar] Yaⱪupⱪa ⱨɵkümliringni uⱪturidu, Ular Israilƣa ⱪanunungni ɵgitidu; Ular dimiƣingƣa huxbuyni sunidu, Ⱪurbangaⱨingƣa pütün kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪlarni kǝltüridu.
مانا، [لاۋىيلار] ياقۇپقا ھۆكۈملىرىڭنى ئۇقتۇرىدۇ، ئۇلار ئىسرائىلغا قانۇنۇڭنى ئۆگىتىدۇ؛ ئۇلار دىمىغىڭغا خۇشبۇينى سۇنىدۇ، قۇربانگاھىڭغا پۈتۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى كەلتۈرىدۇ.
11 I Pǝrwǝrdigar, uning tǝǝlluⱪatini bǝrikǝtligǝysǝn, Uning ⱪollirining ǝjri Seni hux ⱪilƣudǝk bolƣay, Uningƣa ⱪarxi qiⱪⱪanlar wǝ uningdin nǝprǝtlǝngǝnlǝr bolsa, Ularni ⱪopalmiƣudǝk ⱨalda bǝllirini sundurƣaysǝn!»
ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتىنى بەرىكەتلىگەيسەن، ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرى سېنى خۇش قىلغۇدەك بولغاي، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەنلەر بولسا، ئۇلارنى قوپالمىغۇدەك ھالدا بەللىرىنى سۇندۇرغايسەن!»
12 U Binyamin toƣrisida mundaⱪ dedi: — «Pǝrwǝrdigarning sɵygini bolsa, U Uning yenida bihǝtǝr makan ⱪilidu, Pǝrwǝrdigar sayǝ bolup pütün kün uni saⱪlaydu, U uni mürisi otturisida makanlaxturidu»
ئۇ بىنيامىن توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ سۆيگىنى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ يېنىدا بىخەتەر ماكان قىلىدۇ، پەرۋەردىگار سايە بولۇپ پۈتۈن كۈن ئۇنى ساقلايدۇ، ئۇ ئۇنى مۈرىسى ئوتتۇرىسىدا ماكانلاشتۇرىدۇ»
13 Yüsüp toƣrisida u mundaⱪ dedi: — «Uning zemini Pǝrwǝrdigar tǝripidin bǝrikǝtlik bolƣay! Asmanlarning esil nemǝtliri bilǝn, Xǝbnǝm bilǝn, Yǝr tegidiki nemǝtliri bilǝn,
يۈسۈپ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئۇنىڭ زېمىنى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەرىكەتلىك بولغاي! ئاسمانلارنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، شەبنەم بىلەن، يەر تېگىدىكى نېمەتلىرى بىلەن،
14 Kündin ⱨasil bolidiƣan esil mǝⱨsulatliri bilǝn, Aydin ⱨasil bolidiƣan esil nemǝtliri bilǝn,
كۈندىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلىرى بىلەن، ئايدىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن،
15 Ⱪǝdimki taƣlarning aliy nemǝtliri bilǝn, Mǝnggülük dɵnglǝrning esil nemǝtliri bilǝn,
قەدىمكى تاغلارنىڭ ئالىي نېمەتلىرى بىلەن، مەڭگۈلۈك دۆڭلەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن،
16 Yǝrning esil nemǝtliri wǝ uningƣa tolƣan ⱨǝmmǝ mǝwjudatliri bilǝn, Azƣanliⱪta turƣuqi Zatning xapaiti bilǝn bǝrikǝtlǝnsun! Bularning ⱨǝmmisi Yüsüpning bexiƣa, Yǝni ɵz ⱪerindaxliridin ayrilƣanning qoⱪⱪisiƣa qüxsun.
يەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلىرى بىلەن، ئازغانلىقتا تۇرغۇچى زاتنىڭ شاپائىتى بىلەن بەرىكەتلەنسۇن! بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ چوققىسىغا چۈشسۇن.
17 Uning ⱨǝywisi ɵz buⱪisining tunjisidǝktur; Uning münggüzliri yawa kalining münggüzliridǝktur, Ular bilǝn u ǝl-yurtlarning ⱨǝmmisini biraⱪla yǝr yüzining qǝtlirigiqǝ üsidu. Mana Əfraimning tümǝnligǝn adǝmliri, Manassǝⱨning mingliƣan adǝmliri xundaⱪ bolidu».
ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئۆز بۇقىسىنىڭ تۇنجىسىدەكتۇر؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرىدەكتۇر، ئۇلار بىلەن ئۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ئۈسىدۇ. مانا ئەفرائىمنىڭ تۈمەنلىگەن ئادەملىرى، ماناسسەھنىڭ مىڭلىغان ئادەملىرى شۇنداق بولىدۇ».
18 Zǝbulun toƣrisida u mundaⱪ dedi: — «Əy Zǝbulun, sǝn qiⱪⱪiningda xadlanƣin; Əy sǝn Issakar, ɵz qedirliringda hux bolƣin!
زەبۇلۇن توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئەي زەبۇلۇن، سەن چىققىنىڭدا شادلانغىن؛ ئەي سەن ئىسساكار، ئۆز چېدىرلىرىڭدا خۇش بولغىن!
19 Mana ular hǝlⱪlǝrni taƣⱪa qaⱪiridu, Xu yǝrdǝ ular ⱨǝⱪⱪaniyliⱪning ⱪurbanliⱪlirini sunidu, Qünki ular dengizdiki mol dɵlǝtlǝrni, Ⱪumƣa kɵmülgǝn gɵⱨǝrlǝrni sümürüp ularƣa muyǝssǝr bolidu».
مانا ئۇلار خەلقلەرنى تاغقا چاقىرىدۇ، شۇ يەردە ئۇلار ھەققانىيلىقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ، چۈنكى ئۇلار دېڭىزدىكى مول دۆلەتلەرنى، قۇمغا كۆمۈلگەن گۆھەرلەرنى سۈمۈرۈپ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولىدۇ».
20 Gad toƣrisida u mundaⱪ dedi: — «Gadning zeminini kengǝytküqigǝ bǝht-bǝrikǝt bolƣay; Gad bolsa qixi xirdǝk olturaⱪlaxti; U bilǝk ⱨǝm bax terisini titma-titma ⱪiliwetidu;
گاد توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «گادنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكۈچىگە بەخت-بەرىكەت بولغاي؛ گاد بولسا چىشى شىردەك ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ بىلەك ھەم باش تېرىسىنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىدۇ؛
21 Xu yǝrdǝ u ǝng esil nesiwini talliwaldi; Qünki xu yǝrdimu u ⱨɵküm bekitküqining ülüxi bolƣan jay saⱪlaⱪliⱪtur; U hǝlⱪning sǝrdarliri bilǝn kelip, Israil bilǝn birgǝ Pǝrwǝrdigarning adaliti bilǝn ⱨɵkümlirini yürgüzdi».
شۇ يەردە ئۇ ئەڭ ئېسىل نېسىۋىنى تاللىۋالدى؛ چۈنكى شۇ يەردىمۇ ئۇ ھۆكۈم بېكىتكۈچىنىڭ ئۈلۈشى بولغان جاي ساقلاقلىقتۇر؛ ئۇ خەلقنىڭ سەردارلىرى بىلەن كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتى بىلەن ھۆكۈملىرىنى يۈرگۈزدى».
22 Dan toƣrisida u mundaⱪ dedi: — «Dan bolsa yax bir xirdur; U Baxandin taⱪlap ɵtidu».
دان توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «دان بولسا ياش بىر شىردۇر؛ ئۇ باشاندىن تاقلاپ ئۆتىدۇ».
23 Naftali toƣrisida u mundaⱪ dedi: — «Əy Naftali, iltipatⱪa toyunƣansǝn, Pǝrwǝrdigar tǝripidin kǝlgǝn bǝht-bǝrikǝtkǝ tolup, Mǝƣrip bilǝn jǝnubni ɵzünggǝ mülük ⱪilip igilǝysǝn».
نافتالى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئەي نافتالى، ئىلتىپاتقا تويۇنغانسەن، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بەخت-بەرىكەتكە تولۇپ، مەغرىپ بىلەن جەنۇبنى ئۆزۈڭگە مۈلۈك قىلىپ ئىگىلەيسەن».
24 Axir toƣrisida u mundaⱪ dedi: — «Axir oƣullar bilǝn bǝrikǝtlinidu; U ⱪerindaxliri arisida iltipat kɵrsun; Puti mayƣa qilansun.
ئاشىر توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئاشىر ئوغۇللار بىلەن بەرىكەتلىنىدۇ؛ ئۇ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئىلتىپات كۆرسۇن؛ پۇتى مايغا چىلانسۇن.
25 Dǝrwaza baldaⱪliring tɵmür bilǝn mistin bolidu; Künliring ⱪandaⱪ bolsa, küqüngmu xuningƣa muwapiⱪ tǝng bolidu».
دەرۋازا بالداقلىرىڭ تۆمۈر بىلەن مىستىن بولىدۇ؛ كۈنلىرىڭ قانداق بولسا، كۈچۈڭمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق تەڭ بولىدۇ».
26 «— Əy Yǝxurun, Tǝngringdǝk baxⱪa ⱨeqkim yoⱪtur; U sanga yardǝmgǝ asmanlar üstigǝ, Zor ⱨǝywisi bilǝn bulutlarning üstigǝ minip kelidu.
«ــ ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىڭدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇ ساڭا ياردەمگە ئاسمانلار ئۈستىگە، زور ھەيۋىسى بىلەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە مىنىپ كېلىدۇ.
27 Əzǝliy Huda sening baxpanaⱨingdur, Astingda ǝbǝdiy bilǝklǝr turidu. U sening aldingdin düxmǝnni ⱨǝydǝp: — «Ularni ⱨalak ⱪilƣin!» dǝp [sanga] buyruydu.
ئەزەلىي خۇدا سېنىڭ باشپاناھىڭدۇر، ئاستىڭدا ئەبەدىي بىلەكلەر تۇرىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدىن دۈشمەننى ھەيدەپ: ــ «ئۇلارنى ھالاك قىلغىن!» دەپ [ساڭا] بۇيرۇيدۇ.
28 Xuning bilǝn Israil axliⱪ bilǝn yengi xarab mol bolƣan bir zeminda turup, Yalƣuz aman-esǝn makan tutidu, Yaⱪupning buliⱪi ohxaxla aman-esǝn bolidu; Uning asmanlirimu xǝbnǝm temitip turidu.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاشلىق بىلەن يېڭى شاراب مول بولغان بىر زېمىندا تۇرۇپ، يالغۇز ئامان-ئېسەن ماكان تۇتىدۇ، ياقۇپنىڭ بۇلىقى ئوخشاشلا ئامان-ئېسەن بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاسمانلىرىمۇ شەبنەم تېمىتىپ تۇرىدۇ.
29 Bǝhtliksǝn, i Israil! Sǝndǝk Pǝrwǝrdigarning Ɵzi ⱪutⱪuzƣan hǝlⱪtin yǝnǝ kim bar? U bolsa sening mǝdǝtkar ⱪalⱪining, Ⱨǝywǝtlik ⱪiliqingdur! Sening düxmǝnliring sanga zǝiplixip boysunidu; Sǝn ularning egiz jaylirida dǝssǝp mangisǝn».
بەختلىكسەن، ئى ئىسرائىل! سەندەك پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى قۇتقۇزغان خەلقتىن يەنە كىم بار؟ ئۇ بولسا سېنىڭ مەدەتكار قالقىنىڭ، ھەيۋەتلىك قىلىچىڭدۇر! سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ ساڭا زەئىپلىشىپ بويسۇنىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدا دەسسەپ ماڭىسەن».

< Ⱪanun xǝrⱨi 33 >