< Ⱪanun xǝrⱨi 25 >

1 Əgǝr ikki kixi birnǝrsini talixip ⱪelip, ⱨɵküm berixni tǝlǝp ⱪilip sot aldiƣa kǝlsǝ, undaⱪta soraⱪqilar dǝwaƣa ⱨɵküm qiⱪirip ⱨǝⱪdarni ⱨǝⱪ, gunaⱨi bar adǝmni gunaⱨkar dǝp jakarlisun.
ئەگەر ئىككى كىشى بىرنەرسىنى تالىشىپ قېلىپ، ھۆكۈم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ سوت ئالدىغا كەلسە، ئۇنداقتا سوراقچىلار دەۋاغا ھۆكۈم چىقىرىپ ھەقدارنى ھەق، گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھكار دەپ جاكارلىسۇن.
2 Əgǝr gunaⱨkar adǝm dǝrrigǝ layiⱪ bolsa, soraⱪqi uni ɵzining aldida yǝrgǝ yatⱪuzup, uning ⱪilƣan gunaⱨiƣa layiⱪ sanap dǝrrilisun.
ئەگەر گۇناھكار ئادەم دەررىگە لايىق بولسا، سوراقچى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا يەرگە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ قىلغان گۇناھىغا لايىق ساناپ دەررىلىسۇن.
3 Lekin pǝⱪǝt ⱪiriⱪ dǝrrila urulsun; xuningdin ziyadǝ urulmisun, kɵp urulsa xu ⱪerindixing kɵz aldingda kǝmsitilgǝn bolidu.
لېكىن پەقەت قىرىق دەررىلا ئۇرۇلسۇن؛ شۇنىڭدىن زىيادە ئۇرۇلمىسۇن، كۆپ ئۇرۇلسا شۇ قېرىندىشىڭ كۆز ئالدىڭدا كەمسىتىلگەن بولىدۇ.
4 Sǝn haman tepiwatⱪan kalining aƣzini boƣmiƣin.
سەن خامان تېپىۋاتقان كالىنىڭ ئاغزىنى بوغمىغىن.
5 Əgǝr bir yǝrdǝ turidiƣan ⱪerindax aka-inilarning biri bala yüzi kɵrmǝy ɵlüp kǝtsǝ, ɵlgǝn kixining ayali yat bir kixigǝ tǝgmisun; bǝlki uning erining birtuƣⱪan ⱪerindixi uning ⱪexiƣa kirip uni hotunluⱪⱪa elip, birtuƣⱪan ⱪerindaxliⱪ burqini ada ⱪilsun;
ئەگەر بىر يەردە تۇرىدىغان قېرىنداش ئاكا-ئىنىلارنىڭ بىرى بالا يۈزى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئايالى يات بىر كىشىگە تەگمىسۇن؛ بەلكى ئۇنىڭ ئېرىنىڭ بىرتۇغقان قېرىندىشى ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، بىرتۇغقان قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلسۇن؛
6 ɵlgǝn ⱪerindixining ismi Israildin ɵqürülmǝsliki üqün ayalning tunji balisiƣa uning ismi ⱪoyulsun.
ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئىسمى ئىسرائىلدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئايالنىڭ تۇنجى بالىسىغا ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلسۇن.
7 Lekin ǝgǝr bu kixi yǝnggisini elixni halimisa, yǝnggisi [xǝⱨǝr] dǝrwazisidiki aⱪsaⱪallarning ⱪexiƣa berip: «Erimning birtuƣⱪan ⱪerindixi ɵz ⱪerindixining ismini Israilda ⱪalduruxⱪa unimidi; u mǝn üqün birtuƣⱪan ⱪerindaxliⱪ burqini ada ⱪilixⱪa unimidi», dǝp eytsun.
لېكىن ئەگەر بۇ كىشى يەڭگىسىنى ئېلىشنى خالىمىسا، يەڭگىسى [شەھەر] دەرۋازىسىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئېرىمنىڭ بىرتۇغقان قېرىندىشى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىلدا قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى؛ ئۇ مەن ئۈچۈن بىرتۇغقان قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ئۇنىمىدى»، دەپ ئېيتسۇن.
8 Andin uning xǝⱨiridiki aⱪsaⱪallar uni qaⱪirtip uningƣa nǝsiⱨǝt ⱪilsun; ǝgǝr u: «Mǝn uni hotunluⱪⱪa elixni halimaymǝn», dǝp qing turuwalsa,
ئاندىن ئۇنىڭ شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئۇنى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسۇن؛ ئەگەر ئۇ: «مەن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشنى خالىمايمەن»، دەپ چىڭ تۇرۇۋالسا،
9 yǝnggisi aⱪsaⱪallarning kɵz aldida uning ⱪexiƣa berip, uning putidin kǝxini saldurup, yüzigǝ tɵkürüp: «Bir tuƣⱪan ⱪerindixi üqün ailǝ ⱪuruxⱪa unimiƣan kixigǝ xundaⱪ ⱪilinsun!» dǝp jakarlisun.
يەڭگىسى ئاقساقاللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىدىن كەشىنى سالدۇرۇپ، يۈزىگە تۆكۈرۈپ: «بىر تۇغقان قېرىندىشى ئۈچۈن ئائىلە قۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشىگە شۇنداق قىلىنسۇن!» دەپ جاكارلىسۇن.
10 Xu kixining nami Israilning iqidǝ: «Kǝxi selinƣuqining ɵyi» dǝp atalsun.
شۇ كىشىنىڭ نامى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە: «كەشى سېلىنغۇچىنىڭ ئۆيى» دەپ ئاتالسۇن.
11 Əgǝr ikki adǝm bir-biri bilǝn uruxup ⱪalƣinida birining ayali ɵz erigǝ yardǝmlixip erini urƣuqining ⱪolidin ajratmaⱪqi bolup, ⱪolini uzitip urƣuqining jan yerini tutuwalsa,
ئەگەر ئىككى ئادەم بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىدا بىرىنىڭ ئايالى ئۆز ئېرىگە ياردەملىشىپ ئېرىنى ئۇرغۇچىنىڭ قولىدىن ئاجراتماقچى بولۇپ، قولىنى ئۇزىتىپ ئۇرغۇچىنىڭ جان يېرىنى تۇتۇۋالسا،
12 undaⱪta sǝn uningƣa ⱨeq rǝⱨim ⱪilmay ⱪolini kesiwǝt.
ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا ھېچ رەھىم قىلماي قولىنى كېسىۋەت.
13 Sening haltangda qong-kiqik ikki hil taraza texi bolmisun.
سېنىڭ خالتاڭدا چوڭ-كىچىك ئىككى خىل تارازا تېشى بولمىسۇن.
14 Ɵyüngdǝ qong-kiqik ikki hil ǝfaⱨ saⱪlima.
ئۆيۈڭدە چوڭ-كىچىك ئىككى خىل ئەفاھ ساقلىما.
15 Taraza texing toptoƣra, durus bolsun; ǝfaⱨingmu toptoƣra, durus bolsun. Xundaⱪ ⱪilsang Pǝrwǝrdigar Hudaying sanga beridiƣan zeminda ɵmrüng uzun bolidu.
تارازا تېشىڭ توپتوغرا، دۇرۇس بولسۇن؛ ئەفاھىڭمۇ توپتوغرا، دۇرۇس بولسۇن. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولىدۇ.
16 Qünki kimki xundaⱪ ixlar ⱪilsa, kimki naⱨǝⱪ ix ⱪilsa, Hudaying Pǝrwǝrdigarning aldida yirginqlik sanilidu.
چۈنكى كىمكى شۇنداق ئىشلار قىلسا، كىمكى ناھەق ئىش قىلسا، خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك سانىلىدۇ.
17 Misirdin qiⱪip keliwatⱪininglarda Amalǝklǝrning silǝrgǝ nemǝ ⱪilƣinini esinglarda tutunglar;
مىسىردىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىڭلاردا ئامالەكلەرنىڭ سىلەرگە نېمە قىلغىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛
18 ular Hudadin ⱪorⱪmay, yolda silǝrgǝ uqrap, silǝr ⱨerip-qarqap ⱨalinglar ⱪalmiƣan qaƣda, kǝyninglarda ⱪalƣan ajiz kixilǝrni urup yoⱪatmidimu? U Hudadin ⱨeq ⱪorⱪmidi.
ئۇلار خۇدادىن قورقماي، يولدا سىلەرگە ئۇچراپ، سىلەر ھېرىپ-چارچاپ ھالىڭلار قالمىغان چاغدا، كەينىڭلاردا قالغان ئاجىز كىشىلەرنى ئۇرۇپ يوقاتمىدىمۇ؟ ئۇ خۇدادىن ھېچ قورقمىدى.
19 Xunga, Pǝrwǝrdigar Hudaying mirasing bolsun dǝp sanga igilǝxkǝ beridiƣan zeminda, Pǝrwǝrdigar Hudaying ǝtrapingdiki barliⱪ düxmǝnliringdin amanliⱪ bǝrginidǝ, Amalǝklǝrning namini asmanning tegidǝ ǝslǝnmigüdǝk dǝrijidǝ ɵqürüwǝt; bu ixni unutma.
شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مىراسىڭ بولسۇن دەپ ساڭا ئىگىلەشكە بېرىدىغان زېمىندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئەتراپىڭدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن ئامانلىق بەرگىنىدە، ئامالەكلەرنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ تېگىدە ئەسلەنمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆچۈرۈۋەت؛ بۇ ئىشنى ئۇنۇتما.

< Ⱪanun xǝrⱨi 25 >