< Daniyal 4 >

1 «Mǝnki padixaⱨ Neboⱪadnǝsardin yǝr yüzidiki ⱨǝrbir ǝl-yurtⱪa, ⱨǝrⱪaysi taipilǝrgǝ, ⱨǝrhil tillarda sɵzlixidiƣan ⱪowmlarƣa aman-esǝnlik exip-texip turƣay!
«مەنكى پادىشاھ نېبوقادنەساردىن يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئەل-يۇرتقا، ھەرقايسى تائىپىلەرگە، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان قوۋملارغا ئامان-ئېسەنلىك ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي!
2 Ⱨǝmmidin Aliy Huda manga kɵrsǝtkǝn alamǝtlǝrni wǝ karamǝtlǝrni jakarlaxni layiⱪ taptim.
ھەممىدىن ئالىي خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى جاكارلاشنى لايىق تاپتىم.
3 Uning kɵrsǝtkǝn mɵjizilik alamǝtliri nemidegǝn uluƣ! Uning karamǝtliri nemǝdegǝn ⱪaltis! Uning padixaⱨliⱪi pütmǝs-tügimǝstür, Uning ⱨakimliⱪi dǝwrdin-dǝwrgiqǝ dawamlixidu!
ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئۇنىڭ كارامەتلىرى نېمەدېگەن قالتىس! ئۇنىڭ پادىشاھلىقى پۈتمەس-تۈگىمەستۈر، ئۇنىڭ ھاكىملىقى دەۋردىن-دەۋرگىچە داۋاملىشىدۇ!
4 Mǝnki Neboⱪadnǝsar ɵyümdǝ biharaman olturƣinimda, ordamda bayaxat turmux kɵqüriwatⱪinimda,
مەنكى نېبوقادنەسار ئۆيۈمدە بىخارامان ئولتۇرغىنىمدا، ئوردامدا باياشات تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقىنىمدا،
5 meni intayin ⱪorⱪitiwǝtkǝn bir qüxni kɵrdüm, ornumda yatⱪinimda beximdiki oylar wǝ kallamdiki ƣayibanǝ alamǝtlǝr meni alaⱪzadǝ ⱪildi.
مېنى ئىنتايىن قورقىتىۋەتكەن بىر چۈشنى كۆردۈم، ئورنۇمدا ياتقىنىمدا بېشىمدىكى ئويلار ۋە كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئالاقزادە قىلدى.
6 Babildiki barliⱪ danixmǝnlǝrni aldimƣa qaⱪirixⱪa pǝrman berip, ularning qüxümgǝ tǝbir berixini buyrudim.
بابىلدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئالدىمغا چاقىرىشقا پەرمان بېرىپ، ئۇلارنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بېرىشىنى بۇيرۇدىم.
7 Xuning bilǝn barliⱪ rǝmqi-palqi, pir-ustaz, kaldiylǝr wǝ munǝjjimlar kelixti. Mǝn qüxümni eytip bǝrdim, lekin ular manga tǝbirini berǝlmidi.
شۇنىڭ بىلەن بارلىق رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملار كېلىشتى. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ئۇلار ماڭا تەبىرىنى بېرەلمىدى.
8 Lekin ahirda Daniyal kirdi (uning yǝnǝ bir ismi Bǝltǝxasar bolup, mening ilaⱨimning namiƣa asasǝn ⱪoyulƣan). Muⱪǝddǝs ilaⱨlarning roⱨi uningda ikǝn. Mǝn qüxümni eytip, uningƣa:
لېكىن ئاخىردا دانىيال كىردى (ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولۇپ، مېنىڭ ئىلاھىمنىڭ نامىغا ئاساسەن قويۇلغان). مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى ئۇنىڭدا ئىكەن. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا:
9 — Əy palqilarning baxliⱪi Bǝltǝxasar, muⱪǝddǝs ilaⱨlarning roⱨi sǝndǝ ikǝnlikini, sanga ⱨeqⱪandaⱪ sir tǝs kǝlmǝydiƣanliⱪini bildim, xunga mening kɵrgǝn qüxümdiki ƣayibanǝ alamǝtlǝrni qüxǝndürgǝysǝn, xundaⱪla uningƣa tǝbir bǝrgǝysǝn, — dedim.
ــ ئەي پالچىلارنىڭ باشلىقى بەلتەشاسار، مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەنلىكىنى، ساڭا ھېچقانداق سىر تەس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم، شۇڭا مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمدىكى غايىبانە ئالامەتلەرنى چۈشەندۈرگەيسەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەبىر بەرگەيسەن، ــ دېدىم.
10 — Mǝn ornumda yatⱪinimda kallamda mundaⱪ ƣayibanǝ alamǝtlǝrni kɵrdüm: Mana, yǝr yüzining otturisida bir tüp dǝrǝh bar ikǝn; u tolimu egizmix.
ــ مەن ئورنۇمدا ياتقىنىمدا كاللامدا مۇنداق غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆردۈم: مانا، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخ بار ئىكەن؛ ئۇ تولىمۇ ئېگىزمىش.
11 U barƣanseri qong ⱨǝm mǝzmut ɵsüp, asmanƣa taⱪixiptu, u dunyaning qǝtlirigimu kɵrünidikǝn.
ئۇ بارغانسېرى چوڭ ھەم مەزمۇت ئۆسۈپ، ئاسمانغا تاقىشىپتۇ، ئۇ دۇنيانىڭ چەتلىرىگىمۇ كۆرۈنىدىكەن.
12 Uning yopurmaⱪliri qirayliⱪ, mewisi intayin mol ikǝn. Uningda pütkül dunyaƣa yǝtküdǝk ozuⱪ bar ikǝn. Uning astida daladiki ⱨaywanlar sayidaxidikǝn, xahlirida asmandiki uqar-ⱪanatlar makan ⱪilidikǝn; mewisidin barliⱪ ǝt igilirimu ozuⱪlinidikǝn.
ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول ئىكەن. ئۇنىڭدا پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئاستىدا دالادىكى ھايۋانلار سايىداشىدىكەن، شاخلىرىدا ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ماكان قىلىدىكەن؛ مېۋىسىدىن بارلىق ئەت ئىگىلىرىمۇ ئوزۇقلىنىدىكەن.
13 Ornumda yetip, kallamda kɵrgǝn ƣayibanǝ alamǝtlǝrni kɵrüwatimǝn, mana, asmandin bir kɵzǝtqi muǝkkǝl, yǝni muⱪǝddǝs bir pǝrixtǝ qüxüp,
ئورنۇمدا يېتىپ، كاللامدا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرۈۋاتىمەن، مانا، ئاسماندىن بىر كۆزەتچى مۇئەككەل، يەنى مۇقەددەس بىر پەرىشتە چۈشۈپ،
14 mundaⱪ jakarlidi: — «Dǝrǝhni kesip, xahlirini ⱪirⱪip, yopurmaⱪlirini wǝ mewilirini ⱪeⱪip qüxürüp qeqiwetinglar. Dǝrǝh tüwidiki yawayi ⱨaywanlar uningdin yiraⱪlaxsun, uning xahliridiki ⱪuxlar tezip kǝtsun.
مۇنداق جاكارلىدى: ــ «دەرەخنى كېسىپ، شاخلىرىنى قىرقىپ، يوپۇرماقلىرىنى ۋە مېۋىلىرىنى قېقىپ چۈشۈرۈپ چېچىۋېتىڭلار. دەرەخ تۈۋىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشسۇن، ئۇنىڭ شاخلىرىدىكى قۇشلار تېزىپ كەتسۇن.
15 Yǝrdǝ pǝⱪǝt kɵtükinila yiltizi bilǝn, mis wǝ tɵmür bilǝn qǝmbǝrlǝp, yumran ot-qɵplǝr bilǝn billǝ dalada ⱪaldurunglar. U asmandiki xǝbnǝmdin qiliⱪ-qiliⱪ ⱨɵl bolup tursun. Uning nesiwisi ot-qɵp yǝydiƣan yawayi ⱨaywanlar bilǝn billǝ bolsun.
يەردە پەقەت كۆتۈكىنىلا يىلتىزى بىلەن، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن.
16 Adǝmiy ǝⱪlidin mǝⱨrum ⱪilinip, uningƣa yawayi ⱨaywanlarning ǝⱪli berilsun, xundaⱪla xu ⱨalǝttǝ «yǝttǝ waⱪit» tursun.
ئادەمىي ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى بېرىلسۇن، شۇنداقلا شۇ ھالەتتە «يەتتە ۋاقىت» تۇرسۇن.
17 Dunyadiki jan igiliri Ⱨǝmmidin Aliy Bolƣuqining insanlarning padixaⱨliⱪining ⱨǝmmisini idarǝ ⱪilidiƣanliⱪi, xundaⱪla uning padixaⱨliⱪ ⱨoⱪuⱪini ɵzi talliƣan kixi (mǝyli u ⱨeqnemigǝ ǝrzimǝs adǝm bolsimu)gǝ beridiƣanliⱪini bilsun dǝp, bu ⱨɵküm ⱪariƣuqi muǝkkǝllǝrning pǝrmani bilǝn, yǝni muⱪǝddǝs pǝrixtilǝrning ⱪarar buyruⱪi bilǝn bǝlgilǝngǝndur».
دۇنيادىكى جان ئىگىلىرى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان كىشى (مەيلى ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ئادەم بولسىمۇ)گە بېرىدىغانلىقىنى بىلسۇن دەپ، بۇ ھۆكۈم قارىغۇچى مۇئەككەللەرنىڭ پەرمانى بىلەن، يەنى مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ قارار بۇيرۇقى بىلەن بەلگىلەنگەندۇر».
18 — Mǝn padixaⱨ Neboƣadnǝsar mana xundaⱪ qɵxni kɵrdum. Əy Bǝltǝxasar, qüxümgǝ tǝbir bǝrgǝysǝn. Padixaⱨliⱪimdiki danixmǝnlǝr iqidǝ mǝn üqün buningƣa tǝbir berǝlǝydiƣan birmu adǝm qiⱪmidi. Lekin sǝn tǝbir berǝlǝysǝn, qünki ǝng muⱪǝddǝs ilaⱨlarning roⱨi sǝndǝ ikǝn.
ــ مەن پادىشاھ نېبوغادنەسار مانا شۇنداق چۆشنى كۆردۇم. ئەي بەلتەشاسار، چۈشۈمگە تەبىر بەرگەيسەن. پادىشاھلىقىمدىكى دانىشمەنلەر ئىچىدە مەن ئۈچۈن بۇنىڭغا تەبىر بېرەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. لېكىن سەن تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى ئەڭ مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەن.
19 Xuning bilǝn Bǝltǝxasar dǝpmu atalƣan Daniyal bir ⱨaza ⱨǝyranliⱪta alaⱪzadǝ boldi wǝ qüx toƣrisida oylap tolimu biaram boldi. Padixaⱨ: — Əy Bǝltǝxasar, bu qüx wǝ uning tǝbiri seni alaⱪzadǝ ⱪilmisun, — dedi. Bǝltǝxasar jawabǝn: — I aliyliri, bu qüx silidin nǝprǝtlǝngǝnlǝrgǝ bolsun, uning tǝbiri ɵzlirigǝ ǝmǝs, düxmǝnlirigǝ qüxkǝy!
شۇنىڭ بىلەن بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتالغان دانىيال بىر ھازا ھەيرانلىقتا ئالاقزادە بولدى ۋە چۈش توغرىسىدا ئويلاپ تولىمۇ بىئارام بولدى. پادىشاھ: ــ ئەي بەلتەشاسار، بۇ چۈش ۋە ئۇنىڭ تەبىرى سېنى ئالاقزادە قىلمىسۇن، ــ دېدى. بەلتەشاسار جاۋابەن: ــ ئى ئالىيلىرى، بۇ چۈش سىلىدىن نەپرەتلەنگەنلەرگە بولسۇن، ئۇنىڭ تەبىرى ئۆزلىرىگە ئەمەس، دۈشمەنلىرىگە چۈشكەي!
20 Barƣanseri ɵsüp mǝzmut bolƣan, egizliki asmanƣa taⱪixidiƣan, pütkül dunyaƣa kɵrünidiƣan, yopurmaⱪliri qirayliⱪ, mewisi intayin mol bolƣan, pütkül dunyaƣa yǝtküdǝk ozuⱪ bolidiƣan, sayisida yawayi ⱨaywanlar turidiƣan, xahlirida uqar ⱪuxlar makan ⱪilidiƣan dǝrǝh bolsa, yǝni sǝn kɵrgǝn dǝrǝh — dǝl ɵzliridur, i aliyliri! — Qünki sili qong wǝ mǝzmut ɵstila; silining ⱨǝywǝtliri exip pǝlǝkkǝ yǝtti; ⱨɵkümranliⱪliri yǝr yüzining qǝtlirigǝ yetip bardi.
بارغانسېرى ئۆسۈپ مەزمۇت بولغان، ئېگىزلىكى ئاسمانغا تاقىشىدىغان، پۈتكۈل دۇنياغا كۆرۈنىدىغان، يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول بولغان، پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بولىدىغان، سايىسىدا ياۋايى ھايۋانلار تۇرىدىغان، شاخلىرىدا ئۇچار قۇشلار ماكان قىلىدىغان دەرەخ بولسا، يەنى سەن كۆرگەن دەرەخ ــ دەل ئۆزلىرىدۇر، ئى ئالىيلىرى! ــ چۈنكى سىلى چوڭ ۋە مەزمۇت ئۆستىلا؛ سىلىنىڭ ھەيۋەتلىرى ئېشىپ پەلەككە يەتتى؛ ھۆكۈمرانلىقلىرى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگە يېتىپ باردى.
22 — Qünki sili qong wǝ mǝzmut ɵstila; silining ⱨǝywǝtliri exip pǝlǝkkǝ yǝtti; ⱨɵkümranliⱪliri yǝr yüzining qǝtlirigǝ yetip bardi.
ــ چۈنكى سىلى چوڭ ۋە مەزمۇت ئۆستىلا؛ سىلىنىڭ ھەيۋەتلىرى ئېشىپ پەلەككە يەتتى؛ھۆكۈمرانلىقلىرى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگە يېتىپ باردى.
23 Aliyliri ⱪarap turƣan waⱪitlirida asmandin bir ⱪariƣuqi, yǝni bir muⱪǝddǝs pǝrixtǝ qüxüp: «Bu dǝrǝhni kesip, harab ⱪilinglar. Halbuki, yǝrdǝ kɵtükinila yiltizi bilǝn ⱪaldururp, mis wǝ tɵmür bilǝn qǝmbǝrlǝp, yumran ot-qɵplǝr bilǝn billǝ dalada ⱪaldurunglar. U asmandiki xǝbnǝmdin qiliⱪ-qiliⱪ ⱨɵl bolup tursun. «Yǝttǝ waⱪit» bexidin ɵtkiqǝ uning nesiwisi ot-qɵp yǝydiƣan yawayi ⱨaywanlar bilǝn billǝ bolsun, — dǝptu.
ئالىيلىرى قاراپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئاسماندىن بىر قارىغۇچى، يەنى بىر مۇقەددەس پەرىشتە چۈشۈپ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، خاراب قىلىڭلار. ھالبۇكى، يەردە كۆتۈكىنىلا يىلتىزى بىلەن قالدۇرۇرپ، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. «يەتتە ۋاقىت» بېشىدىن ئۆتكىچە ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن، ــ دەپتۇ.
24 — I aliyliri, qüxlirining mǝnisi mana xu — Bular bolsa Ⱨǝmmidin Aliy Bolƣuqining pǝrmani bilǝn hojam padixaⱨning bexiƣa qüxidiƣan ixlar —
ــ ئى ئالىيلىرى، چۈشلىرىنىڭ مەنىسى مانا شۇ ــ بۇلار بولسا ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرمانى بىلەن خوجام پادىشاھنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار ــ
25 Ɵzliri kixilǝr arisidin ⱨǝydiwetilip, yawayi ⱨaywanlar bilǝn billǝ yaxaydila, kalilardǝk ot-qɵp bilǝn ozuⱪlandurulidila, dalada asmandiki xǝbnǝmdin qiliⱪ-qiliⱪ ⱨɵl bolup turidila. Taki sili Ⱨǝmmidin Aliy Bolƣuqining pütkül insan padixaⱨliⱪini idarǝ ⱪilidiƣanliⱪini wǝ Uning ⱨoⱪuⱪini Ɵzi talliƣan ⱨǝrⱪandaⱪ kixigǝ beridiƣanliⱪini bilip yǝtküqǝ, yǝttǝ waⱪit baxliridin ɵtidu.
ئۆزلىرى كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ياشايدىلا، كالىلاردەك ئوت-چۆپ بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدىلا، دالادا ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرىدىلا. تاكى سىلى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە، يەتتە ۋاقىت باشلىرىدىن ئۆتىدۇ.
26 «Dǝrǝhning kɵtikini yiltizi bilǝn yǝrdǝ ⱪaldurunglar» dǝp buyrulƣanikǝn, ɵzliri ǝrxlǝrning ⱨǝmmini idarǝ ⱪilidiƣannliⱪini bilip yǝtkǝndin keyin padixaⱨliⱪliri ɵzlirigǝ ⱪayturulidu.
«دەرەخنىڭ كۆتىكىنى يىلتىزى بىلەن يەردە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇلغانىكەن، ئۆزلىرى ئەرشلەرنىڭ ھەممىنى ئىدارە قىلىدىغاننلىقىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن پادىشاھلىقلىرى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ.
27 Xunga i aliyliri, mening nǝsiⱨitim siligǝ layiⱪ kɵrülgǝy, gunaⱨliridin ⱪol üzgǝyla, ixta ⱨǝⱪⱪaniy bolƣayla, ⱪǝbiⱨlikliridin tohtap kǝmbǝƣǝllǝrgǝ rǝⱨimdillik ⱪilƣayla. Xundaⱪ ⱪilƣandila bǝlkim dawamliⱪ güllǝp yaxnimamdila?
شۇڭا ئى ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھىتىم سىلىگە لايىق كۆرۈلگەي، گۇناھلىرىدىن قول ئۈزگەيلا، ئىشتا ھەققانىي بولغايلا، قەبىھلىكلىرىدىن توختاپ كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىك قىلغايلا. شۇنداق قىلغاندىلا بەلكىم داۋاملىق گۈللەپ ياشنىمامدىلا؟
28 Bu ixlarning ⱨǝmmisi padixaⱨ Neboⱪadnǝsarning bexiƣa qüxti.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ بېشىغا چۈشتى.
29 On ikki aydin keyin, u Babildiki padixaⱨliⱪ ordisining ɵgzisidǝ sǝylǝ ⱪiliwetip:
ئون ئىككى ئايدىن كېيىن، ئۇ بابىلدىكى پادىشاھلىق ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سەيلە قىلىۋېتىپ:
30 — Ⱪaranglar, mǝn ɵz izzitim wǝ xan-xɵⱨritim namayan ⱪilinsun dǝp, xaⱨanǝ ordamning jaylixixi üqün zor küqüm bilǝn yasiƣan ⱨǝywǝtlik Babil xǝⱨiri muxu ǝmǝsmu? — dedi.
ــ قاراڭلار، مەن ئۆز ئىززىتىم ۋە شان-شۆھرىتىم نامايان قىلىنسۇن دەپ، شاھانە ئوردامنىڭ جايلىشىشى ئۈچۈن زور كۈچۈم بىلەن ياسىغان ھەيۋەتلىك بابىل شەھىرى مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
31 Uning sɵzi aƣzidin tehi üzülmǝyla, asmandin bir awaz qüxüp: — Əy padixaⱨ Neboⱪadnǝsar, bu sɵz sanga kǝldi: Padixaⱨliⱪ sǝndin elindi.
ئۇنىڭ سۆزى ئاغزىدىن تېخى ئۈزۈلمەيلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز چۈشۈپ: ــ ئەي پادىشاھ نېبوقادنەسار، بۇ سۆز ساڭا كەلدى: پادىشاھلىق سەندىن ئېلىندى.
32 Sǝn kixilǝr arisidin ⱨǝydiwetilip, yawayi ⱨaywanlar bilǝn billǝ makan ⱪilisǝn wǝ kalilardǝk ot-qɵp yǝysǝn; sǝn Ⱨǝmmidin Aliy Bolƣuqining insan padixaⱨliⱪini idarǝ ⱪilidiƣanliⱪini wǝ Uning ⱨoⱪuⱪini Ɵzi talliƣan ⱨǝrⱪandaⱪ kixigǝ tutⱪuzidiƣanliⱪini bilip yǝtküqǝ yǝttǝ waⱪit bexingdin ɵtüp ketidu — deyildi.
سەن كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ماكان قىلىسەن ۋە كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەيسەن؛ سەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە تۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە يەتتە ۋاقىت بېشىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ــ دېيىلدى.
33 Bu sɵz Neboⱪadnǝsarda xuan ǝmǝlgǝ axti. U kixilǝr arisidin ⱨǝydiwetilip, kalilardǝk ot-qɵp yǝp, teni xǝbnǝmdin qiliⱪ-qiliⱪ ⱨɵl bolup kǝtti. Uning qaqliri bürkütning pǝyliridǝk, tirnaⱪliri ⱪuxning tirnaⱪliridǝk ɵsüp kǝtti.
بۇ سۆز نېبوقادنەساردا شۇئان ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەپ، تېنى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى قۇشنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۆسۈپ كەتتى.
34 Əmdi xu künlǝr toxⱪanda, mǝn Neboⱪadnǝsar asmanƣa kɵz tikip ⱪariwidim, ǝⱪil-ⱨoxum ǝsligǝ kǝldi. Mǝn Ⱨǝmmidin Aliy Bolƣuqiƣa ⱨǝmdusana eytip, Mǝnggü Ⱨayat Turƣuqini mǝdⱨiyilǝp, ⱨɵrmǝt ǝylidim. Uning ⱨakimliⱪi mǝnggülük ⱨakimliⱪtur; Uning padixaⱨliⱪi ǝwladtin-ǝwladⱪidur.
ئەمدى شۇ كۈنلەر توشقاندا، مەن نېبوقادنەسار ئاسمانغا كۆز تىكىپ قارىۋىدىم، ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى. مەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، مەڭگۈ ھايات تۇرغۇچىنى مەدھىيىلەپ، ھۆرمەت ئەيلىدىم. ئۇنىڭ ھاكىملىقى مەڭگۈلۈك ھاكىملىقتۇر؛ ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىدۇر.
35 Uning aldida yǝr yüzidiki barliⱪ insanlar ⱨeqnemǝ ⱨesablanmaydu; Ərxtiki ⱪoxunlar wǝ zemindiki insanlar arisida U nemǝ ⱪilixni halisa xuni ⱪilidu; Uning ⱪolini kim tosalisun yaki Uningdin «Nemǝ ⱪilisǝn?» dǝp soraxⱪa jür’ǝt ⱪilalisun?
ئۇنىڭ ئالدىدا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئەرشتىكى قوشۇنلار ۋە زېمىندىكى ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىنى كىم توسالىسۇن ياكى ئۇنىڭدىن «نېمە قىلىسەن؟» دەپ سوراشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟
36 Xuanla ǝⱪil-ⱨoxum ǝsligǝ kǝldi; padixaⱨliⱪimning xan-xǝripi, izzitim, padixaⱨliⱪ ⱨǝywǝmmu ǝsligǝ kǝltürüldi. Mǝsliⱨǝtqi wǝzirlirim wǝ ǝmir-esilzadilirim meni izdǝp kǝldi. Padixaⱨliⱪim mustǝⱨlǝmlǝndi; burunⱪidinmu zor ⱨǝywigǝ yengibaxtin igǝ boldum.
شۇئانلا ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى؛ پادىشاھلىقىمنىڭ شان-شەرىپى، ئىززىتىم، پادىشاھلىق ھەيۋەممۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىم ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلىرىم مېنى ئىزدەپ كەلدى. پادىشاھلىقىم مۇستەھلەملەندى؛ بۇرۇنقىدىنمۇ زور ھەيۋىگە يېڭىباشتىن ئىگە بولدۇم.
37 Əmdi mǝnki Neboⱪadnǝsar ǝrxtiki Padixaⱨⱪa ⱨǝmdusana oⱪuymǝn, Uni tehimu uluƣlaymǝn wǝ Uni izzǝtlǝymǝn: — Uning ⱪilƣanliri ⱨǝⱪtur, Uning yolliri toƣridur; Uning tǝkǝbburluⱪ yolida mangƣanlarning ⱨǝywisini qüxürüx ⱪudriti bardur!».
ئەمدى مەنكى نېبوقادنەسار ئەرشتىكى پادىشاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن، ئۇنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايمەن ۋە ئۇنى ئىززەتلەيمەن: ــ ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەقتۇر، ئۇنىڭ يوللىرى توغرىدۇر؛ ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇق يولىدا ماڭغانلارنىڭ ھەيۋىسىنى چۈشۈرۈش قۇدرىتى باردۇر!».

< Daniyal 4 >