< Daniyal 3 >

1 Padixaⱨ Neboⱪadnǝsar altundin egizliki atmix gǝz, kǝngliki altǝ gǝz kelidiƣan bir ⱨǝykǝl yasap, Babil ɵlkisining Dura tüzlǝnglikigǝ ornatti.
پادىشاھ نېبوقادنەسار ئالتۇندىن ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئالتە گەز كېلىدىغان بىر ھەيكەل ياساپ، بابىل ئۆلكىسىنىڭ دۇرا تۈزلەڭلىكىگە ئورناتتى.
2 Padixaⱨ barliⱪ wǝzir, waliy, ⱨakim, mǝsliⱨǝtqi, hǝziniqi, sotqi, soraⱪqilarni xundaⱪla ⱨǝrⱪaysi ɵlkilǝrdiki baxⱪa ǝmǝldarlarning ⱨǝmmisini padixaⱨ Neboⱪadnǝsar ornatⱪan bu altun ⱨǝykǝlni ɵz ilaⱨiƣa atax murasimiƣa ⱪatnixixⱪa pǝrman qüxürdi.
پادىشاھ بارلىق ۋەزىر، ۋالىي، ھاكىم، مەسلىھەتچى، خەزىنىچى، سوتچى، سوراقچىلارنى شۇنداقلا ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھ نېبوقادنەسار ئورناتقان بۇ ئالتۇن ھەيكەلنى ئۆز ئىلاھىغا ئاتاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا پەرمان چۈشۈردى.
3 Xuning bilǝn wǝzirlǝr, waliylar, ⱨakimlar, mǝsliⱨǝtqilǝr, hǝziniqilǝr, sotqilar, soraⱪqilar, xundaⱪla ⱨǝrⱪaysi ɵlkilǝrdiki baxⱪa ǝmǝldarlarning ⱨǝmmisi atax murasimiƣa jǝm boldi. Ular ⱨǝykǝlning aldida turdi.
شۇنىڭ بىلەن ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، سوراقچىلار، شۇنداقلا ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئاتاش مۇراسىمىغا جەم بولدى. ئۇلار ھەيكەلنىڭ ئالدىدا تۇردى.
4 Jakarqi yuⱪiri awaz bilǝn: — Əy ⱨǝrⱪaysi ǝl-yurt, ⱨǝrⱪaysi taipilǝrdin kǝlgǝnlǝr, ⱨǝr hil tilda sɵzlixidiƣan ⱪowmlar,
جاكارچى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئەي ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەردىن كەلگەنلەر، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملار،
5 silǝr sunay, nǝy, ⱪalun, lira, ziltar, bulman wǝ baxⱪa ⱨǝrhil sazlarning awazini angliƣan ⱨaman, yǝrgǝ bax urup padixaⱨ Neboⱪadnǝsar ornatⱪan altun ⱨǝykǝlgǝ sǝjdǝ ⱪilinglar.
سىلەر سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يەرگە باش ئۇرۇپ پادىشاھ نېبوقادنەسار ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىڭلار.
6 Kimki bax urup sǝjdǝ ⱪilmisa, xuan dǝⱨxǝtlik yalⱪunlap turƣan humdanƣa taxlinidu, — dǝp jakarlidi.
كىمكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلمىسا، شۇئان دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىدۇ، ــ دەپ جاكارلىدى.
7 Xunga, sunay, nǝy, ⱪalun, lira, ziltar, bulman wǝ baxⱪa ⱨǝrhil sazlarning awazini angliƣan ⱨaman ⱨǝrⱪaysi ǝl-yurt, ⱨǝrⱪaysi taipilǝrdin kǝlgǝn, ⱨǝrhil tilda sɵzlixidiƣan ⱪowm yǝrgǝ bax urup Neboⱪadnǝsar ornatⱪan altun ⱨǝykǝlgǝ sǝjdǝ ⱪilixti.
شۇڭا، سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەردىن كەلگەن، ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋم يەرگە باش ئۇرۇپ نېبوقادنەسار ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىشتى.
8 U qaƣda, bǝzi kaldiylǝr aldiƣa qiⱪip Yǝⱨudiylar üstidin ǝrz ⱪildi.
ئۇ چاغدا، بەزى كالدىيلەر ئالدىغا چىقىپ يەھۇدىيلار ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.
9 Ular padixaⱨ Neboⱪadnǝsarƣa: — I aliyliri, mǝnggü yaxiƣayla!
ئۇلار پادىشاھ نېبوقادنەسارغا: ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا!
10 Aliyliri sunay, nǝy, ⱪalun, lira, ziltar, bulman wǝ baxⱪa ⱨǝrhil sazlarning awazini angliƣan ⱨaman ⱨǝmmǝylǝn yǝrgǝ bax urup altun ⱨǝykǝlgǝ sǝjdǝ ⱪilsun,
ئالىيلىرى سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھەممەيلەن يەرگە باش ئۇرۇپ ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلسۇن،
11 xundaⱪla kimki yǝrgǝ bax urup sǝjdǝ ⱪilmisa, u dǝⱨxǝtlik yalⱪunlap turƣan humdanƣa taxlansun dǝp pǝrman ⱪilƣanidila.
شۇنداقلا كىمكى يەرگە باش ئۇرۇپ سەجدە قىلمىسا، ئۇ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلانسۇن دەپ پەرمان قىلغانىدىلا.
12 Sili Babil ɵlkisining mǝmuriy ixlirini baxⱪuruxⱪa tǝyinligǝn birnǝqqǝ Yǝⱨudiy, yǝni Xadrak, Mixak, Əbǝdnegolar bar; i aliyliri, bu adǝmlǝr siligǝ ⱨɵrmǝtsizlik ⱪiliwatidu. Ular padixaⱨning ilaⱨlirining ibaditidǝ bolmidi yaki padixaⱨ ornatⱪan altun ⱨǝykǝlgimu sǝjdǝ ⱪilmaydu, — dedi.
سىلى بابىل ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن بىرنەچچە يەھۇدىي، يەنى شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولار بار؛ ئى ئالىيلىرى، بۇ ئادەملەر سىلىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولمىدى ياكى پادىشاھ ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگىمۇ سەجدە قىلمايدۇ، ــ دېدى.
13 Xuni anglap padixaⱨ Neboⱪadnǝsar dǝrƣǝzǝp bolup, Xadrak, Mixak, Əbǝdnegolarni ɵz aldiƣa kǝltürüxni ǝmr ⱪildi. Xuning bilǝn ular bu üqǝylǝnni padixaⱨ aldiƣa ǝpkǝldi.
شۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ نېبوقادنەسار دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى ئۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشنى ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئۈچەيلەننى پادىشاھ ئالدىغا ئەپكەلدى.
14 Neboⱪadnǝsar ularƣa: — Xadrak, Mixak, Əbǝddnego, silǝr rasttin mening ilaⱨlirimning hizmitidǝ bolmidinglarmu ⱨǝm mǝn ornatⱪan altun ⱨǝykǝlgǝ sǝjdǝ ⱪilmidinglarmu?
نېبوقادنەسار ئۇلارغا: ــ شادراك، مىشاك، ئەبەددنېگو، سىلەر راستتىن مېنىڭ ئىلاھلىرىمنىڭ خىزمىتىدە بولمىدىڭلارمۇ ھەم مەن ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدىڭلارمۇ؟
15 Ⱨazir silǝr sunay, nǝy, ⱪalun, lira, ziltar, bulman wǝ baxⱪa ⱨǝrhil sazlarning awazini angliƣan ⱨaman, mǝn yasatⱪan ⱨǝykǝlgǝ sǝjdǝ ⱪilixⱪa tǝyyar tursanglar, yahxi. Lekin sǝjdǝ ⱪilmisanglar, silǝr dǝrⱨal dǝⱨxǝtlik yalⱪunlap turƣan humdanƣa taxlinisilǝr. Xu qaƣda ⱪandaⱪ ilaⱨ kelip silǝrni qanggilimdin ⱪutⱪuzuwalidikin, ⱪeni?! — dedi.
ھازىر سىلەر سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مەن ياساتقان ھەيكەلگە سەجدە قىلىشقا تەييار تۇرساڭلار، ياخشى. لېكىن سەجدە قىلمىساڭلار، سىلەر دەرھال دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قانداق ئىلاھ كېلىپ سىلەرنى چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزۇۋالىدىكىن، قېنى؟! ــ دېدى.
16 Xadrak, Mixak, Əbǝdnegolar padixaⱨⱪa jawabǝn: — I Neboⱪadnǝsar, bu ixta biz ɵzimizni aⱪliximiz ⱨajǝtsiz.
شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولار پادىشاھقا جاۋابەن: ــ ئى نېبوقادنەسار، بۇ ئىشتا بىز ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىز ھاجەتسىز.
17 Biz sǝjdǝ ⱪilip keliwatⱪan Hudayimiz bizni dǝⱨxǝtlik yalⱪunlap turƣan humdandin ⱪutⱪuzalaydu; i aliyliri, U qoⱪum ɵzlirining ilkidin bizni ⱪutⱪuzidu.
بىز سەجدە قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدايىمىز بىزنى دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداندىن قۇتقۇزالايدۇ؛ ئى ئالىيلىرى، ئۇ چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدىن بىزنى قۇتقۇزىدۇ.
18 Lekin bizni ⱪutⱪuzmiƣan tǝⱪdirdimu, aliylirigǝ mǝlum bolsunki, biz yǝnila ilaⱨlirining hizmitidǝ bolmaymiz wǝ sili ornatⱪan altun ⱨǝykǝlgǝ sǝjdǝ ⱪilmaymiz, — dedi.
لېكىن بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، ئالىيلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەنىلا ئىلاھلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولمايمىز ۋە سىلى ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، ــ دېدى.
19 Buni angliƣan ⱨaman padixaⱨ Neboⱪadnǝsarning tǝri buzulup, Xadrak, Mixak, Əbǝdnegolarƣa ⱪattiⱪ ƣǝzǝplǝndi. Xuning bilǝn adǝmlirigǝ humdanni adǝttikidin yǝttǝ ⱨǝssǝ ⱪattiⱪ ⱪizitixni buyrudi.
بۇنى ئاڭلىغان ھامان پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ تەرى بۇزۇلۇپ، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارغا قاتتىق غەزەپلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئادەملىرىگە خۇمداننى ئادەتتىكىدىن يەتتە ھەسسە قاتتىق قىزىتىشنى بۇيرۇدى.
20 U ⱪoxunidiki ǝng ⱪawul palwanlarƣa Xadrak, Mixak, Əbǝdnegolarni baƣlap, dǝⱨxǝtlik yalⱪunlap turƣan humdanƣa taxlaxni buyrudi.
ئۇ قوشۇنىدىكى ئەڭ قاۋۇل پالۋانلارغا شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى باغلاپ، دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاشنى بۇيرۇدى.
21 Xuning bilǝn ular tonliri, ixtanliri, sǝlliliri wǝ baxⱪa libas kiyimliri selinmiƣan ⱨalda baƣlinip dǝⱨxǝtlik yalⱪunlap turƣan humdanƣa taxlandi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تونلىرى، ئىشتانلىرى، سەللىلىرى ۋە باشقا لىباس كىيىملىرى سېلىنمىغان ھالدا باغلىنىپ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاندى.
22 Padixaⱨning ǝmrining ⱪattiⱪliⱪi bilǝn humdandiki ot intayin yalⱪunlap yenip turatti, xunglaxⱪa humdandin qiⱪiwatⱪan yalⱪun Xadrak, Mixak, Əbǝdnegolarni kɵtürgǝn ǝskǝrlǝrni kɵydürüp taxlidi.
پادىشاھنىڭ ئەمرىنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن خۇمداندىكى ئوت ئىنتايىن يالقۇنلاپ يېنىپ تۇراتتى، شۇڭلاشقا خۇمداندىن چىقىۋاتقان يالقۇن شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.
23 Xundaⱪ ⱪilip Xadrak, Mixak, Əbǝdnego üqǝylǝn baƣlaⱪliⱪ ⱨalda dǝⱨxǝtlik yalⱪunlap turƣan humdanƣa qüxüp kǝtti.
شۇنداق قىلىپ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەن باغلاقلىق ھالدا دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا چۈشۈپ كەتتى.
24 Andin Neboⱪadnǝsar qɵqügǝn ⱨalda ornidin qaqrap turup, mǝsliⱨǝtqi wǝzirliridin: — Biz baƣlap ot iqigǝ taxliƣinimiz üq adǝm ǝmǝsmu? — dǝp soridi. — Ular jawabǝn «Xundaⱪ, i aliyliri! — dedi.
ئاندىن نېبوقادنەسار چۆچۈگەن ھالدا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىدىن: ــ بىز باغلاپ ئوت ئىچىگە تاشلىغىنىمىز ئۈچ ئادەم ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئۇلار جاۋابەن «شۇنداق، ئى ئالىيلىرى! ــ دېدى.
25 Padixaⱨ jawabǝn: — Mana, mǝn tɵt adǝmning baƣlaⱪsiz ⱨalda ot iqidǝ ǝrkin mengip yürüwatⱪinini kɵrüwatimǝnƣu, ular ⱪilqǝ kɵygǝndǝk ǝmǝs; ⱨǝmdǝ tɵtinqi kixi ilaⱨlarning oƣlidǝk turidu! — dedi.
پادىشاھ جاۋابەن: ــ مانا، مەن تۆت ئادەمنىڭ باغلاقسىز ھالدا ئوت ئىچىدە ئەركىن مېڭىپ يۈرۈۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىمەنغۇ، ئۇلار قىلچە كۆيگەندەك ئەمەس؛ ھەمدە تۆتىنچى كىشى ئىلاھلارنىڭ ئوغلىدەك تۇرىدۇ! ــ دېدى.
26 Xuning bilǝn Neboⱪadnǝsar dǝⱨxǝtlik yalⱪunlap turƣan humdanning aƣziƣa yeⱪin kelip: — Xadrak, Mixak, Əbǝdnego! Ⱨǝmmidin Aliy Ilaⱨning ⱪulliri, qiⱪinglar, mayaⱪⱪa kelinglar! — dǝp towlidi. Xuning bilǝn Xadrak, Mixak wǝ Əbǝdnego ottin qiⱪti.
شۇنىڭ بىلەن نېبوقادنەسار دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداننىڭ ئاغزىغا يېقىن كېلىپ: ــ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو! ھەممىدىن ئالىي ئىلاھنىڭ قۇللىرى، چىقىڭلار، ماياققا كېلىڭلار! ــ دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو ئوتتىن چىقتى.
27 Barliⱪ wǝzirlǝr, waliylar, ⱨakimlar wǝ padixaⱨning mǝsliⱨǝtqi wǝzirliri yiƣilip kelixip bu üqǝylǝngǝ tikilixip ⱪaraxti; ularning ⱪilqǝ kɵygǝn yeri yoⱪ idi, qaq-saⱪallirimu kɵymigǝn, kiyim-keqǝklirimu xu peti idi, üsti-bexidimu is-tütünning puriⱪi yoⱪ idi.
بارلىق ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرى يىغىلىپ كېلىشىپ بۇ ئۈچەيلەنگە تىكىلىشىپ قاراشتى؛ ئۇلارنىڭ قىلچە كۆيگەن يېرى يوق ئىدى، چاچ-ساقاللىرىمۇ كۆيمىگەن، كىيىم-كېچەكلىرىمۇ شۇ پېتى ئىدى، ئۈستى-بېشىدىمۇ ئىس-تۈتۈننىڭ پۇرىقى يوق ئىدى.
28 Neboⱪadnǝsar mundaⱪ dedi: — Xadrak, Mixak, Əbǝdnegolarning Hudasiƣa xükür-sanalar bolƣay! U Ɵz pǝrixtisini ǝwǝtip, Ɵzigǝ tayanƣan ⱪullirini ⱪutⱪuziwaldi. Ular ɵzlirining ilaⱨidin baxⱪa ⱨeqⱪandaⱪ ilaⱨⱪa hizmǝt ⱪilmasliⱪ üqün wǝ yaki bax urup sǝjdǝ ⱪilmasliⱪ üqün, pǝⱪǝt ɵz Hudayimizningla ibaditidǝ bolimiz dǝp padixaⱨning pǝrmaniƣa hilapliⱪ ⱪilip ⱨayatini tǝwǝkkul ⱪildi.
نېبوقادنەسار مۇنداق دېدى: ــ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا شۈكۈر-سانالار بولغاي! ئۇ ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە تايانغان قۇللىرىنى قۇتقۇزىۋالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا خىزمەت قىلماسلىق ئۈچۈن ۋە ياكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلماسلىق ئۈچۈن، پەقەت ئۆز خۇدايىمىزنىڭلا ئىبادىتىدە بولىمىز دەپ پادىشاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاياتىنى تەۋەككۇل قىلدى.
29 Əmdi mǝn xundaⱪ pǝrman qüxürimǝnki: Ⱪaysi ǝl-yurt bolsun, ⱪaysi taipilǝrdin kǝlgǝn bolsun, ⱪaysi tilda sɵzlixidiƣanlar bolsun, Xadrak, Mixak, Əbǝdnegolarning Hudasiƣa ⱪara qaplaydikǝn, pütün teni ⱪiyma-qiyma ⱪilinsun, ɵyliri ⱨajǝthaniƣa aylandurulsun! Qünki bundaⱪ ⱪutⱪuzalaydiƣan baxⱪa ilaⱨ yoⱪ.
ئەمدى مەن شۇنداق پەرمان چۈشۈرىمەنكى: قايسى ئەل-يۇرت بولسۇن، قايسى تائىپىلەردىن كەلگەن بولسۇن، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا قارا چاپلايدىكەن، پۈتۈن تېنى قىيما-چىيما قىلىنسۇن، ئۆيلىرى ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇلسۇن! چۈنكى بۇنداق قۇتقۇزالايدىغان باشقا ئىلاھ يوق.
30 Xuning bilǝn padixaⱨ Xadrak, Mixak, Əbǝdnego üqǝylǝnni ɵstürüp, Babil ɵlkisidǝ yuⱪiri mǝnsǝpkǝ tǝyinlidi.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەننى ئۆستۈرۈپ، بابىل ئۆلكىسىدە يۇقىرى مەنسەپكە تەيىنلىدى.

< Daniyal 3 >