< Daniyal 11 >

1 Mǝn Medialiⱪ Darius padixaⱨ bolƣan birinqi yilidila, uni mustǝⱨkǝmlǝx ⱨǝm küqǝytix üqün ornumdin ⱪozƣalƣanidim.
مەن مېدىئالىق دارىئۇس پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلىدىلا، ئۇنى مۇستەھكەملەش ھەم كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن قوزغالغانىدىم.
2 Əmdi mǝn sanga ⱨǝⱪiⱪǝtni eytip berǝy: — Buningdin keyin Parsⱪa yǝnǝ üq padixaⱨ ⱨɵkümranliⱪⱪa qiⱪidu; keyin tɵtinqi padixaⱨ qiⱪip, baxⱪa padixaⱨlardinmu kɵptin kɵp mal-dunyani toplaydu; u mal-dunyaliridin ⱪudrǝt tepip, ⱨǝmmǝ yurtlarni Gretsiyǝgǝ jǝng ⱪilixⱪa ⱪozƣaydu.
ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ بېرەي: ــ بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ، باشقا پادىشاھلاردىنمۇ كۆپتىن كۆپ مال-دۇنيانى توپلايدۇ؛ ئۇ مال-دۇنيالىرىدىن قۇدرەت تېپىپ، ھەممە يۇرتلارنى گرېتسىيەگە جەڭ قىلىشقا قوزغايدۇ.
3 Uningdin keyin küqlük bir padixaⱨ mǝydanƣa qiⱪidu. U zor padixaⱨliⱪni idarǝ ⱪilip, nemini halisa xuni ⱪilidu.
ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ زور پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ.
4 Lekin u ⱨoⱪuⱪ yürgüzüwatⱪinida, padixaⱨliⱪi parqilinip asmanning tɵt xamal tǝripigǝ bɵlünüp ketidu. Uning tǝhtigǝ ǝwladliri warisliⱪ ⱪilalmaydu, keyinki padixaⱨliⱪ u ⱨɵküm sürgǝn waⱪtidikidǝk küqlük bolmaydu; qünki uning padixaⱨliⱪi aƣdurulup, baxⱪilarƣa tǝwǝ bolup ketidu.
لېكىن ئۇ ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقىنىدا، پادىشاھلىقى پارچىلىنىپ ئاسماننىڭ تۆت شامال تەرىپىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، كېيىنكى پادىشاھلىق ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتىدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، باشقىلارغا تەۋە بولۇپ كېتىدۇ.
5 Uningdiki sǝrdarlarning iqidin biri «jǝnubiy padixaⱨ» bolup küqiyidu; lekin yǝnǝ bir sǝrdar uningdinmu küqlük bolidu wǝ ɵzining tehimu qong padixaⱨliⱪini soraydu.
ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ؛ لېكىن يەنە بىر سەردار ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭ پادىشاھلىقىنى سورايدۇ.
6 Birnǝqqǝ yil ɵtkǝndin keyin, [jǝnubiy padixaⱨ ximaliy padixaⱨ] bilǝn ittipaⱪ tüzidu; jǝnubiy padixaⱨning ⱪizi xu ittipaⱪni mustǝⱨkǝmlǝx üqün ximaliy padixaⱨning yeniƣa baridu. Lekin keyin bu ⱪiz erixkǝn ⱨoⱪuⱪidin mǝⱨrum ⱪilinidu; ximaliy padixaⱨ ɵzimu ⱨoⱪuⱪini ⱪolida tutalmay, mǝzmut turalmaydu. Bu ⱪiz wǝ uni elip kǝlgǝnlǝr, uning balisi ⱨǝm xu waⱪitlarda uni ⱪolliƣuqilarning ⱨǝmmisigǝ satⱪunluⱪ ⱪilinidu.
بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، [جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ] بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ؛ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ قىزى شۇ ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شىمالىي پادىشاھنىڭ يېنىغا بارىدۇ. لېكىن كېيىن بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ شىمالىي پادىشاھ ئۆزىمۇ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتالماي، مەزمۇت تۇرالمايدۇ. بۇ قىز ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەنلەر، ئۇنىڭ بالىسى ھەم شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ.
7 Ⱨalbuki, uning [ata jǝmǝt] tuƣⱪinidin biri ⱪoxunning ⱨoⱪuⱪini ⱪoliƣa elip [padixaⱨ bolup], ximaliy padixaⱨning ⱪorƣiniƣa besip kirip, ularƣa ⱪarxi ⱨujum ⱪilip qong ƣǝlibǝ ⱪilidu.
ھالبۇكى، ئۇنىڭ [ئاتا جەمەت] تۇغقىنىدىن بىرى قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ [پادىشاھ بولۇپ]، شىمالىي پادىشاھنىڭ قورغىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ چوڭ غەلىبە قىلىدۇ.
8 U ularning ilaⱨ-butliri, ⱪuyma mǝbudliri wǝ buthaniliridiki altun-kümüxtin yasalƣan jam-ⱪaqilarni Misirƣa elip ketidu. U birnǝqqǝ yil ximaliy padixaⱨtin ɵzini neri ⱪilidu.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى، قۇيما مەبۇدلىرى ۋە بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلارنى مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىرنەچچە يىل شىمالىي پادىشاھتىن ئۆزىنى نېرى قىلىدۇ.
9 Ximaliy padixaⱨ jǝnubiy padixaⱨning zeminiƣa besip kiridu, lekin ahiri ɵz yurtiƣa qekinidu.
شىمالىي پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ، لېكىن ئاخىرى ئۆز يۇرتىغا چېكىنىدۇ.
10 Ximaliy padixaⱨning xaⱨzadiliri ⱪozƣilip, zor ⱪoxun tǝxkillǝydu. Xaⱨzadilǝrdin biri kǝlkündǝk kelip jǝnubⱪa besip kiridu. Keyin u yǝnǝ jǝng ⱪilip, düxmǝn ⱪorƣiniƣiqimu besip kiridu.
شىمالىي پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى قوزغىلىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى كەلكۈندەك كېلىپ جەنۇبقا بېسىپ كىرىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قورغىنىغىچىمۇ بېسىپ كىرىدۇ.
11 Jǝnubiy padixaⱨ ⱪattiⱪ ƣǝzǝptǝ ⱪoxun tartip jǝnggǝ atlinip, ximaliy padixaⱨⱪa ⱨujum ⱪilidu. Ximaliy padixaⱨ zor bir ⱪoxunni jǝnggǝ salidu, lekin uning xu zor ⱪoxuni mǝƣlup bolup ǝsirgǝ elinidu.
جەنۇبىي پادىشاھ قاتتىق غەزەپتە قوشۇن تارتىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، شىمالىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ زور بىر قوشۇننى جەڭگە سالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ شۇ زور قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە ئېلىنىدۇ.
12 Xu zor ⱪoxunning ǝsirgǝ elinixi bilǝn jǝnubiy padixaⱨ intayin mǝƣrurlinidu. U tümǝnligǝn adǝmlǝrni yoⱪitidu, biraⱪ uning ƣǝlibisi uzun dawamlaxmaydu.
شۇ زور قوشۇننىڭ ئەسىرگە ئېلىنىشى بىلەن جەنۇبىي پادىشاھ ئىنتايىن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇ تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى يوقىتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ.
13 Qünki ximaliy padixaⱨ yurtiƣa ⱪaytip, burunⱪidinmu kɵp wǝ küqlük ⱪoxun tǝxkillǝydu. Bekitilgǝn yillar toxⱪandin keyin u zor ⱪudrǝtlik ⱪoxunni kɵp tǝminatlar bilǝn ⱪoxup baxlap kelidu.
چۈنكى شىمالىي پادىشاھ يۇرتىغا قايتىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ۋە كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەيدۇ. بېكىتىلگەن يىللار توشقاندىن كېيىن ئۇ زور قۇدرەتلىك قوشۇننى كۆپ تەمىناتلار بىلەن قوشۇپ باشلاپ كېلىدۇ.
14 U qaƣda nurƣun kixilǝr jǝnubiy padixaⱨⱪa ⱪarxi turup uningƣa ⱪarxi ⱪozƣilang kɵtüridu. [I Daniyal —] sening hǝlⱪing iqidiki zorawanlar muxu ƣayibanǝ alamǝttiki bexarǝtni ǝmǝlgǝ axurmaⱪqi bolup, yoƣanqiliⱪ ⱪilidu, lekin ular mǝƣlup bolidu.
ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبىي پادىشاھقا قارشى تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. [ئى دانىيال ــ ] سېنىڭ خەلقىڭ ئىچىدىكى زوراۋانلار مۇشۇ غايىبانە ئالامەتتىكى بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ، يوغانچىلىق قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ.
15 Ximaliy padixaⱨ potǝy selip mustǝⱨkǝm xǝⱨǝrni muⱨasirǝ ⱨujumi ⱪilip besiwalidu. Jǝnubdiki küqlǝr, ⱨǝtta ǝng hil ⱪoxunlarmu bǝrdaxliⱪ berǝlmǝydu, ularning ⱪarxiliⱪ ⱪilƣudǝk küqi ⱪalmaydu.
شىمالىي پادىشاھ پوتەي سېلىپ مۇستەھكەم شەھەرنى مۇھاسىرە ھۇجۇمى قىلىپ بېسىۋالىدۇ. جەنۇبدىكى كۈچلەر، ھەتتا ئەڭ خىل قوشۇنلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلغۇدەك كۈچى قالمايدۇ.
16 Ximaldiki tajawuzqi bolsa ɵzi haliƣanqǝ ix ⱪilidu, uningƣa ⱨeqkim ⱪarxiliⱪ ⱪilalmaydu. U «güzǝl zemin»ni ixƣal ⱪilidu; uning ⱪolida uni wǝyran ⱪilƣuqi küq bolidu.
شىمالدىكى تاجاۋۇزچى بولسا ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ «گۈزەل زېمىن»نى ئىشغال قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ.
17 [Ximaliy padixaⱨ] bǝl baƣlap padixaⱨliⱪidiki barliⱪ küqlǝrni sǝpǝrwǝr ⱪilip [Misirƣa] yol alidu; u [Misir] bilǝn ǝⱨdǝ tüzidu, ɵzi ǝⱨdidǝ turƣandǝk ⱪilidu. Biraⱪ [Misirning] ⱨakimiyitini aƣdrurux üqün u ayallirining bir ⱪizini [Misir] padixaⱨiƣa beridu. Lekin [ⱪizi] atisi tǝrǝptǝ turmaydu, uni ⱪollimaydu.
[شىمالىي پادىشاھ] بەل باغلاپ پادىشاھلىقىدىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ [مىسىرغا] يول ئالىدۇ؛ ئۇ [مىسىر] بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ. بىراق [مىسىرنىڭ] ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ئاياللىرىنىڭ بىر قىزىنى [مىسىر] پادىشاھىغا بېرىدۇ. لېكىن [قىزى] ئاتىسى تەرەپتە تۇرمايدۇ، ئۇنى قوللىمايدۇ.
18 Keyin u dengiz boyidiki yurtlarƣa ⱨujum ⱪilip, nurƣun adǝmlǝrni ǝsirgǝ alidu. Lekin yat bir sǝrdar uning kixilǝrni har ⱪilixlirini qǝklǝydu wǝ ǝksiqǝ, uning bu harlaxlirini ɵzigǝ yanduridu.
كېيىن ئۇ دېڭىز بويىدىكى يۇرتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. لېكىن يات بىر سەردار ئۇنىڭ كىشىلەرنى خار قىلىشلىرىنى چەكلەيدۇ ۋە ئەكسىچە، ئۇنىڭ بۇ خارلاشلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرىدۇ.
19 U ɵz yurtidiki ⱪorƣanlarƣa qekinip kelidu. Lekin ahirida u putlinip yoⱪilip ketidu.
ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا ئۇ پۇتلىنىپ يوقىلىپ كېتىدۇ.
20 Keyin uning orniƣa yǝnǝ bir padixaⱨ tǝhtkǝ olturidu; u padixaⱨliⱪning ǝng xan-xǝrǝplik jayiƣa bir zalim alwangbegini ǝwǝtidu. Lekin u uzun ɵtmǝyla, malimanqiliⱪmu bolmay, jǝngmu bolmay ɵltürülidu».
كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر پادىشاھ تەختكە ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايىغا بىر زالىم ئالۋاڭبېگىنى ئەۋەتىدۇ. لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مالىمانچىلىقمۇ بولماي، جەڭمۇ بولماي ئۆلتۈرۈلىدۇ».
21 — «Xuningdin keyin pǝs bir adǝm uning orniƣa qiⱪip ximaliy padixaⱨliⱪni alidu; ǝmma padixaⱨliⱪning ⱨɵrmǝt-xɵⱨriti uningƣa ⱨeq tǝwǝ bolmaydu, dǝp ⱪarilidu; lekin u hǝlⱪning asayixliⱪ pǝytidin paydilinip, yalaⱪqiliⱪ wasitiliri bilǝn ⱨakimiyǝtni tartiwalidu.
ــ «شۇنىڭدىن كېيىن پەس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ شىمالىي پادىشاھلىقنى ئالىدۇ؛ ئەمما پادىشاھلىقنىڭ ھۆرمەت-شۆھرىتى ئۇنىڭغا ھېچ تەۋە بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ؛ لېكىن ئۇ خەلقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، يالاقچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ.
22 Zeminiƣa kǝlkündǝk besip kirgǝn küqlǝrni u ⱨǝm kǝlkündǝk ⱨujum ⱪilip yoⱪitidu, xuningdǝk u ⱨǝttaki «[Hudaning] ǝⱨdisidǝ bekitilgǝn ǝmir»nimu yoⱪitidu.
زېمىنىغا كەلكۈندەك بېسىپ كىرگەن كۈچلەرنى ئۇ ھەم كەلكۈندەك ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتاكى «[خۇدانىڭ] ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر»نىمۇ يوقىتىدۇ.
23 Xǝrtnamǝ tüzüx arⱪiliⱪ u baxⱪa yurtlarni aldaydu; adǝmliri kiqik bir ⱪoxun bolsimu, lekin uning küqi awup-awup, ⱪudrǝt tapidu.
شەرتنامە تۈزۈش ئارقىلىق ئۇ باشقا يۇرتلارنى ئالدايدۇ؛ ئادەملىرى كىچىك بىر قوشۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچى ئاۋۇپ-ئاۋۇپ، قۇدرەت تاپىدۇ.
24 U halayiⱪning asayixliⱪ pǝytidin paydilinip, ǝng bay ɵlkilǝrgǝ tajawuz ⱪilip kirip, atiliri yaki atilirining atiliri zadi ⱪilip baⱪmiƣan ixlarni ⱪilidu, yǝni u oljini, ƣǝnimǝtlǝrni wǝ nurƣun bayliⱪlarni ⱪol astidikilirigǝ ülǝxtürüp beridu; mǝlum bir mǝzgilgiqǝ ⱪorƣanlarƣimu ⱨujum ⱪilix ⱪǝstidǝ bolidu.
ئۇ خالايىقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ باي ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاتىلىرى ياكى ئاتىلىرىنىڭ ئاتىلىرى زادى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، يەنى ئۇ ئولجىنى، غەنىمەتلەرنى ۋە نۇرغۇن بايلىقلارنى قول ئاستىدىكىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ مەلۇم بىر مەزگىلگىچە قورغانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولىدۇ.
25 U ɵz küqini ixⱪa selip qong ƣǝyrǝt bilǝn ⱪozƣilip, zor ⱪoxunni baxlap, jǝnubiy padixaⱨⱪa ⱨujum ⱪilidu. Jǝnubiy padixaⱨmu naⱨayiti zor ⱪudrǝtlik bir ⱪoxun bilǝn jǝnggǝ atlinidu. Lekin jǝnubiy padixaⱨ hainlarning yoxurun suyiⱪǝstigǝ uqrap, muwǝppǝⱪiyǝt ⱪazinalmaydu.
ئۇ ئۆز كۈچىنى ئىشقا سېلىپ چوڭ غەيرەت بىلەن قوزغىلىپ، زور قوشۇننى باشلاپ، جەنۇبىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇبىي پادىشاھمۇ ناھايىتى زور قۇدرەتلىك بىر قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن جەنۇبىي پادىشاھ خائىنلارنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستىگە ئۇچراپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.
26 Qünki uning nazu-nemǝtlirini yegǝnlǝr uni yiⱪitidu. Uning ⱪoxuni ⱨǝmmǝ yǝrgǝ tarⱪilidu; nurƣunliri ɵltürülidu.
چۈنكى ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر ئۇنى يىقىتىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنى ھەممە يەرگە تارقىلىدۇ؛ نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ.
27 Keyin, bu ikki padixaⱨ bir-birini ⱪǝstlixip, yaman niyǝt bilǝn bir dastihanda tamaⱪ yeyixip, bir-birigǝ yalƣan gǝp ⱪilixidu; lekin bu ixlar ⱨeqkimgǝ payda yǝtküzmǝydu, qünki bu ixlarning ahiri pǝⱪǝt bǝlgilǝngǝn waⱪittila bolidu.
كېيىن، بۇ ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىنى قەستلىشىپ، يامان نىيەت بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشىپ، بىر-بىرىگە يالغان گەپ قىلىشىدۇ؛ لېكىن بۇ ئىشلار ھېچكىمگە پايدا يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ.
28 [Ximaliy padixaⱨ] nurƣun mal-mülüklǝrni elip ɵz yurtiƣa ⱪaytidu. U kɵnglidǝ Hudaning hǝlⱪi bilǝn tüzgǝn muⱪǝddǝs ǝⱨdigǝ ⱪarxi turidu; xuning bilǝn u ǝⱨdigǝ ⱪarxi ⱨǝrikǝtlǝrni ⱪilip, andin ɵz yurtiƣa ⱪaytidu.
[شىمالىي پادىشاھ] نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.
29 Bǝlgilǝngǝn waⱪitta ximaliy padixaⱨ yǝnila jǝnubⱪa tajawuz ⱪilidu; lekin bu ⱪetimⱪi ǝⱨwal ilgirikigǝ wǝ yǝnǝ kelip ǝng ahirⱪi ⱪetimⱪisidiki bilǝnmu ohximaydu.
بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شىمالىي پادىشاھ يەنىلا جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىدۇ؛ لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ.
30 Qünki Kittim arilidin qiⱪⱪan kemilǝr ⱨujum ⱪilip kelidu. Xunga u dǝrd-ǝlǝm bilǝn qekinidu wǝ [Hudaning] Ɵz hǝlⱪi bilǝn tüzgǝn muⱪǝddǝs ǝⱨdisigǝ ⱪarap intayin ƣǝzǝplinidu, uningƣa ⱪarxi haliƣinini ⱪilidu; xundaⱪla qekinip yanƣanda muⱪǝddǝs ǝⱨdigǝ asiyliⱪ ⱪilƣuqilarni ǝtiwarlaydu.
چۈنكى كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرد-ئەلەم بىلەن چېكىنىدۇ ۋە [خۇدانىڭ] ئۆز خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىسىگە قاراپ ئىنتايىن غەزەپلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ شۇنداقلا چېكىنىپ يانغاندا مۇقەددەس ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەتىۋارلايدۇ.
31 Uning tǝripidǝ turƣan birnǝqqǝ küqlǝr ⱪorƣan bolƣan muⱪǝddǝs ibadǝthanini bulƣaydu, «kündilik ⱪurbanliⱪ»ni ǝmǝldin ⱪalduridu wǝ «wǝyran ⱪilƣuqi yirginqlik nomussizliⱪ»ni uning orniƣa ⱪoyidu.
ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرغان بىرنەچچە كۈچلەر قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدۇ، «كۈندىلىك قۇربانلىق»نى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نى ئۇنىڭ ئورنىغا قويىدۇ.
32 U muⱪǝddǝs ǝⱨdigǝ hainliⱪ ⱪilƣuqilarni huxamǝt-ⱨiyligǝrlik bilǝn qiriklǝxtüridu; lekin ɵz Hudasini dost tutⱪuqi hǝlⱪ bolsa ⱪǝysǝrlik bilǝn ⱨǝrikǝt ⱪilidu.
ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە خائىنلىق قىلغۇچىلارنى خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن چىرىكلەشتۈرىدۇ؛ لېكىن ئۆز خۇداسىنى دوست تۇتقۇچى خەلق بولسا قەيسەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ.
33 Hǝlⱪ iqidiki aⱪillar nurƣun ⱪerindaxliriƣa tǝlim yǝtküzidu; lekin birnǝqqǝ künlǝr ularning bǝziliri ⱪiliqta yiⱪilidu, otta kɵydürülüp ɵltürülidu, zindanƣa qüxidu yaki bulang-talangƣa uqraydu.
خەلق ئىچىدىكى ئاقىللار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا تەلىم يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن بىرنەچچە كۈنلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىچتا يىقىلىدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، زىندانغا چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ.
34 Yiⱪilƣan waⱪitlirida, Hudaning hǝlⱪi azƣinǝ yardǝmgǝ igǝ bolidu. Əmma nurƣun kixlǝr ularning ⱪatiriƣa huxamǝt-ⱨiyligǝrlik bilǝn soⱪunup kiridu.
يىقىلغان ۋاقىتلىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۇلارنىڭ قاتىرىغا خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىدۇ.
35 Bǝzi aⱪillar yiⱪilidu. Lekin ularning yiⱪilixi ɵzlirining sinilixi, tawlinix-tazilinixi, ⱪiyamǝt künigiqǝ paklinixi üqündur. Qünki ahirǝt Huda bǝlgiligǝn waⱪittila kelidu.
بەزى ئاقىللار يىقىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ يىقىلىشى ئۆزلىرىنىڭ سىنىلىشى، تاۋلىنىش-تازىلىنىشى، قىيامەت كۈنىگىچە پاكلىنىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ.
36 Ximaliy padixaⱨ ɵz mǝyliqǝ ⱪiliweridu; u tǝkǝbburlixip, ɵzini ⱨǝrⱪandaⱪ ilaⱨlardinmu uluƣlap üstün ⱪoyup, ⱨǝtta ⱨǝmmǝ Ilaⱨlarning Ilaⱨi Bolƣuqiƣa ajayib kupurluⱪ sɵz ⱪilidu; taki Hudaning ƣǝzipi toluⱪ tɵkülgǝn künigiqǝ u dawamliⱪ zor ronaⱪ tapidu. Qünki Hudaning bekitkini ǝmǝlgǝ axmay ⱪalmaydu.
شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ.
37 Bu padixaⱨ ata-bowiliri qoⱪunƣan ilaⱨlarƣimu pisǝnt ⱪilmaydu, ayallarƣimu ⱨeqⱪandaⱪ ⱨǝwǝs ⱪilmaydu. Əmǝliyǝttǝ u ⱨǝrⱪandaⱪ ilaⱨni ⱨɵrmǝtlimǝydu, qünki u ɵzini ⱨǝrⱪandaⱪ ilaⱨtin uluƣ dǝp ⱪaraydu.
بۇ پادىشاھ ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان ئىلاھلارغىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ، ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەرقانداق ئىلاھنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ.
38 Bularning ornida u «küqlǝr ilaⱨi»ni ⱨɵrmǝtlǝydu; uning ata-bowilirimu ǝzǝldin qoⱪunmiƣan bu ilaⱨni bolsa u altun, kümüx, yaⱪut wǝ baxⱪa ⱪimmǝtlik sowƣatlarni tǝⱪdim ⱪilip ⱨɵrmǝtlǝydu.
بۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇ «كۈچلەر ئىلاھى»نى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئەزەلدىن چوقۇنمىغان بۇ ئىلاھنى بولسا ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ.
39 U ǝng mustǝⱨkǝm ⱪorƣanlarni xundaⱪ bir ƣǝyriy ilaⱨⱪa tayinip igilǝydu. Kimki uning ⱨɵkümranliⱪiƣa beⱪinsa, u xularƣa xǝrǝplik mǝnsǝp beridu, ularni kɵpqilikni baxⱪuridiƣan ⱪilidu wǝ in’am süpitidǝ yǝr-zeminni tǝⱪsim ⱪilip beridu.
ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى شۇنداق بىر غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنسا، ئۇ شۇلارغا شەرەپلىك مەنسەپ بېرىدۇ، ئۇلارنى كۆپچىلىكنى باشقۇرىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىنئام سۈپىتىدە يەر-زېمىننى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.
40 Ahir zaman kǝlgǝndǝ, jǝnubiy padixaⱨ ǝskǝr qiⱪirip uningƣa ⱨujum ⱪilidu. Ximaliy padixaⱨ jǝng ⱨarwiliri, atliⱪ ǝskǝrlǝr wǝ nurƣun kemilǝr bilǝn ⱪuyundǝk uningƣa ⱪayturma zǝrbǝ beridu. U barliⱪ yurtlarƣa tajawuz ⱪilip, kǝlkündǝk texip kǝng yǝr-zeminlarni basidu.
ئاخىر زامان كەلگەندە، جەنۇبىي پادىشاھ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن كېمىلەر بىلەن قۇيۇندەك ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇ بارلىق يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، كەلكۈندەك تېشىپ كەڭ يەر-زېمىنلارنى باسىدۇ.
41 U ⱨǝtta «güzǝl zemin»ƣa besip kiridu; nurƣun ǝllǝr azdurulup yiⱪitilidu. Lekin bular, yǝni Edomlar, Moablar wǝ Ammonlarning qongliri uning ⱪolidin ⱪutulup ⱪalidu.
ئۇ ھەتتا «گۈزەل زېمىن»غا بېسىپ كىرىدۇ؛ نۇرغۇن ئەللەر ئازدۇرۇلۇپ يىقىتىلىدۇ. لېكىن بۇلار، يەنى ئېدوملار، موئابلار ۋە ئاممونلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
42 Ximaliy padixaⱨ barliⱪ dɵlǝtlǝrgǝ ⱪolini sozidu, Misir zeminimu ⱪeqip ⱪutulalmaydu.
شىمالىي پادىشاھ بارلىق دۆلەتلەرگە قولىنى سوزىدۇ، مىسىر زېمىنىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
43 U Misirning altun-kümüx bayliⱪliri wǝ baxⱪa ⱪimmǝt baⱨaliⱪ buyumlirini talan-taraj ⱪilidu. Liwiyǝliklǝr wǝ Efiopiyiliklǝr uningƣa boysunup ǝgixidu.
ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بايلىقلىرى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيەلىكلەر ۋە ئېفىئوپىيىلىكلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئەگىشىدۇ.
44 Keyin xǝrⱪ wǝ ximaldin kǝlgǝn xǝpilǝr uni alaⱪzadǝ ⱪilidu. U tehimu dǝrƣǝzǝp bolup nurƣun kixini ⱪirƣinqiliⱪ ⱪilip ɵltürimǝn dǝp jǝng ⱪozƣaydu
كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن شەپىلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولۇپ نۇرغۇن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمەن دەپ جەڭ قوزغايدۇ
45 Wǝ dengizlarning otturisida, kɵrkǝm muⱪǝddǝs taƣ tǝripigǝ orda qedirlirini tikidu. Lekin uning ǝjili xu yǝrdǝ toxidu wǝ ⱨeqkim uni ⱪutⱪuzmaydu».
ۋە دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، كۆركەم مۇقەددەس تاغ تەرىپىگە ئوردا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئەجىلى شۇ يەردە توشىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ».

< Daniyal 11 >