< Rosullarning paaliyǝtliri 9 >

1 Əmma [xu qaƣlar] Saul ⱨǝr nǝpisidǝ Rǝbning muhlisliriƣa tehiqǝ izqil ⱪirƣinqiliⱪ tǝⱨditliri seliwatⱪan pǝyt idi. U Bax kaⱨinning aldiƣa berip,
ئەمما [شۇ چاغلار] سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇ باش كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ،
2 Dǝmǝxⱪ xǝⱨiridiki sinagoglarƣa tǝwsiyǝ heti yezip berixni soridi. Xundaⱪ bolƣanda, u Dǝmǝxⱪtǝ [Mǝsiⱨ] yolidikilǝrdin birǝrsini, mǝyli ǝr bolsun, ayal bolsun tepiwalsila, baƣlap tutⱪun ⱪilip, Yerusalemƣa elip kelixkǝ ruhsǝt bolatti.
دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە [مەسىھ] يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى، مەيلى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى.
3 Saul yolƣa qiⱪip, Dǝmǝxⱪ xǝⱨirigǝ yeⱪinlaxⱪanda, tuyuⱪsiz asmandin küqlük bir nur qüxüp, uning ǝtrapini yorutuwǝtti.
سائۇل يولغا چىقىپ، دەمەشق شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى.
4 U yǝrgǝ yiⱪildi wǝ ɵzigǝ: — Saul, Saul! Manga nemixⱪa ziyankǝxlik ⱪilisǝn? — degǝn bir awazni anglidi.
ئۇ يەرگە يىقىلدى ۋە ئۆزىگە: ــ سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ ــ دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى.
5 — I Rǝb, sǝn kimsǝn? — dǝp soridi u. Awaz: — Mǝn sǝn ziyankǝxlik ⱪiliwatⱪan Əysadurmǝn.
ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئاۋاز: ــ مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن.
6 Ornungdin tur, xǝⱨǝrgǝ kir, nemǝ ⱪilixing kerǝkliki sanga eytip berilidu» — dedi.
ئورنۇڭدىن تۇر، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكى ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ» ــ دېدى.
7 Uning bilǝn billǝ mangƣan adǝmlǝr awazni anglisimu, ⱨeqkimni kɵrǝlmigǝqkǝ, xu yǝrdǝ ün qiⱪiralmay turupla ⱪaldi.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئادەملەر ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، ھېچكىمنى كۆرەلمىگەچكە، شۇ يەردە ئۈن چىقىرالماي تۇرۇپلا قالدى.
8 Saul yǝrdin turup, kɵzlirini eqip ⱪaridi, lekin ⱨeq nǝrsini kɵrǝlmidi. Ⱨǝmraⱨliri uni ⱪolidin yetilǝp Dǝmǝxⱪⱪǝ elip kirdi.
سائۇل يەردىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى.
9 U üq küngiqǝ kɵzi kɵrmǝs bolup nǝ yemidi nǝ iqmidi.
ئۇ ئۈچ كۈنگىچە كۆزى كۆرمەس بولۇپ نە يېمىدى نە ئىچمىدى.
10 Dǝmǝxⱪtǝ Ananiyas isimlik mǝlum bir muhlis bar idi. Rǝb uningƣa bir ƣayibanǝ kɵrünüxtǝ kɵrünüp uni: — Ananiyas! — dǝp qaⱪirdi. — Mana mǝn, i Rǝb, — dǝp jawab bǝrdi u.
دەمەشقتە ئانانىياس ئىسىملىك مەلۇم بىر مۇخلىس بار ئىدى. رەب ئۇنىڭغا بىر غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرۈنۈپ ئۇنى: ــ ئانانىياس! ــ دەپ چاقىردى. ــ مانا مەن، ئى رەب، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
11 Rǝb uningƣa: — Sǝn dǝrⱨal «Tüz» dǝp atalƣan koqiƣa berip, Yǝⱨudaning ɵyidin Tarsusluⱪ Saul isimlik birini sorap tap; qünki mana, u dua-tilawǝt ⱪiliwatidu.
رەب ئۇنىڭغا: ــ سەن دەرھال «تۈز» دەپ ئاتالغان كوچىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى سوراپ تاپ؛ چۈنكى مانا، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ.
12 U dua ⱪiliwatⱪinida, ƣayibanǝ kɵrünüxtǝ Ananiyas isimlik bir kixining kelip, kɵzini kɵridiƣan ⱪilix üqün üstigǝ ⱪolini tǝgküzgǝnlikini kɵrdi, — dedi.
ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ، كۆزىنى كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزگەنلىكىنى كۆردى، ــ دېدى.
13 Ananiyas: — I Rǝb, mǝn bu adǝmning hǝwirini nurƣun kixilǝrdin anglidim, u Yerusalemdiki muⱪǝddǝs bǝndiliringgǝ xunqǝ kɵp ziyan-zǝhmǝt yǝtküzgǝn!
ئانانىياس: ــ ئى رەب، مەن بۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلىدىم، ئۇ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭگە شۇنچە كۆپ زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن!
14 Ⱨazir u muxu yǝrdǝ namingƣa nida ⱪilƣanlarning ⱨǝmmisini tutup baƣlax üqün bax kaⱨinlardin ⱨoⱪuⱪ aptu — dedi.
ھازىر ئۇ مۇشۇ يەردە نامىڭغا نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ باغلاش ئۈچۈن باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ ــ دېدى.
15 Lekin Rǝb uningƣa: — Bariwǝr! Qünki u namimni ǝllǝrning wǝ ularning padixaⱨlirining ⱨǝm Israillarning aldida ayan ⱪilix üqün ɵzümgǝ alaⱨidǝ talliƣan bir ǝswabtur.
لېكىن رەب ئۇنىڭغا: ــ بارىۋەر! چۈنكى ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئالاھىدە تاللىغان بىر ئەسۋابتۇر.
16 Qünki mǝn uningƣa namim üqün ⱪanqilik azab-oⱪubǝtlǝrni tartixining muⱪǝrrǝr ikǝnlikini ayan ⱪilimǝn, — dedi.
چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى.
17 Buning bilǝn Ananiyas berip, xu ɵygǝ kirdi; u ⱪollirini Saulning üstigǝ tǝgküzüp uningƣa: — Ⱪerindax Saul, Rǝb, yǝni bu yǝrgǝ keliwatⱪan yolungda sanga kɵrüngǝn Əysa, kɵzliringni kɵrǝlǝydiƣan bolsun dǝp wǝ sening Muⱪǝddǝs Roⱨⱪa tolduruluxung üqün meni xǝhsǝn ɵzi ǝwǝtti, — dewidi,
بۇنىڭ بىلەن ئانانىياس بېرىپ، شۇ ئۆيگە كىردى؛ ئۇ قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ قېرىنداش سائۇل، رەب، يەنى بۇ يەرگە كېلىۋاتقان يولۇڭدا ساڭا كۆرۈنگەن ئەيسا، كۆزلىرىڭنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن دەپ ۋە سېنىڭ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇشۇڭ ئۈچۈن مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، ــ دېۋىدى،
18 Saulning kɵzliridin huddi beliⱪ ⱪasiriⱪidǝk bolƣan bir nǝrsilǝr qüxüp, kɵzliri eqilip kɵrǝlǝydiƣan boldi. U ornidin turup, qɵmüldürüxni ⱪobul ⱪildi.
سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
19 U ƣizalanƣandin keyin, ⱪuwwǝtlinip maƣdurƣa kirdi.
ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، قۇۋۋەتلىنىپ ماغدۇرغا كىردى.
20 [Saul] Dǝmǝxⱪtiki muhlislarning yenida birnǝqqǝ kün turdi wǝ waⱪitni ɵtküzmǝy sinagoglarƣa kirip, «U kixi Hudaning Oƣlidur» dǝp Əysani jakarlaxⱪa baxlidi.
[سائۇل] دەمەشقتىكى مۇخلىسلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي سىناگوگلارغا كىرىپ، «ئۇ كىشى خۇدانىڭ ئوغلىدۇر» دەپ ئەيسانى جاكارلاشقا باشلىدى.
21 Uni angliƣanlar sɵzliridin intayin ⱨǝyran boluxup: — Bu adǝm Yerusalemda bu namƣa nida ⱪilƣuqilarni ⱪattiⱪ wǝyran ⱪilƣan ⱨeliⱪi adǝm ǝmǝsmu? Bu yǝrgimu muxundaⱪlarni baƣlap bax kaⱨinlarƣa tutup berix mǝⱪsitidǝ kǝlgǝnmidu? — deyixti.
ئۇنى ئاڭلىغانلار سۆزلىرىدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا بۇ نامغا نىدا قىلغۇچىلارنى قاتتىق ۋەيران قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ مۇشۇنداقلارنى باغلاپ باش كاھىنلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
22 Lekin Saulning ⱪayil ⱪilix küqi barƣanseri exip, Əysaning Mǝsiⱨ ikǝnlikini ispatlap Dǝmǝxⱪtiki Yǝⱨudiylarni parakǝndiqilikkǝ qɵmdürdi.
لېكىن سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ، ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى.
23 Kɵp künlǝrdin keyin, Yǝⱨudiylar Saulni yoⱪatmaⱪⱪa ⱪǝst ⱪilmaⱪqi boldi.
كۆپ كۈنلەردىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلنى يوقاتماققا قەست قىلماقچى بولدى.
24 Lekin Saul ularning suyiⱪǝstidin hǝwǝr tapti; uni tutup ɵltürüx üqün ular keqǝ-kündüz xǝⱨǝrning ⱪowuⱪlirida paylap yürdi.
لېكىن سائۇل ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن خەۋەر تاپتى؛ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىدا پايلاپ يۈردى.
25 Lekin muhlislar bir küni keqidǝ uni qong sewǝtkǝ olturƣuzup, sepil [kamaridin] qüxürdi.
لېكىن مۇخلىسلار بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل [كامارىدىن] چۈشۈردى.
26 Saul Yerusalemƣa yetip berip, u yǝrdiki muhlislarƣa ⱪoxulmaⱪqi boldi, lekin ularning ⱨǝmmisi uning muhlis ikǝnlikigǝ ixǝnmǝy, uningdin ⱪorⱪti.
سائۇل يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇخلىسلارغا قوشۇلماقچى بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇخلىس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى.
27 Biraⱪ Barnabas uni elip berip, rosullar bilǝn kɵrüxtürdi. U ularƣa Saulning Dǝmǝxⱪning yolida Rǝbni ⱪandaⱪ kɵrgǝnlikini, Rǝbningmu uningƣa gǝp ⱪilƣanliⱪini qüxǝndürdi wǝ uning Dǝmǝxⱪtǝ Əysaning namida ⱪandaⱪ jür’ǝtlik bilǝn sɵz-kalam yǝtküzgǝnlikini uⱪturdi.
بىراق بارناباس ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، روسۇللار بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇ ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشقنىڭ يولىدا رەبنى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەبنىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭ دەمەشقتە ئەيسانىڭ نامىدا قانداق جۈرئەتلىك بىلەن سۆز-كالام يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
28 Buning bilǝn, Saul Yerusalemda rosullar bilǝn billǝ oquⱪ-axkarǝ yürüp, yürǝklik ⱨalda Rǝbning namida sɵz-kalam yǝtküzǝtti.
بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ، يۈرەكلىك ھالدا رەبنىڭ نامىدا سۆز-كالام يەتكۈزەتتى.
29 U yǝnǝ grekqǝ sɵzlixidiƣan Yǝⱨudiylar bilǝnmu sɵzlixip munazirilixǝtti; nǝtijisi, ular uningƣa ⱪǝst ⱪilmaⱪqi boldi.
ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ مۇنازىرىلىشەتتى؛ نەتىجىسى، ئۇلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولدى.
30 Ⱪerindaxlar bu ixtin hǝwǝr tepip, uni Ⱪǝysǝriyǝ xǝⱨirigǝ elip berip, andin u yǝrdin Tarsus degǝn xǝⱨǝrgǝ yolƣa saldi.
قېرىنداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى.
31 U qaƣda, pütkül Yǝⱨudiyǝ, Galiliyǝ wǝ Samariyǝdiki jamaǝtlǝr [bir mǝzgil] tinqliⱪⱪa erixip, [etiⱪadta] ⱪuruldi; Rǝbning ⱪorⱪunqida mengip, Muⱪǝddǝs Roⱨning riƣbǝt-tǝsǝllisi bilǝn ularning sanlirimu barƣanseri kɵpǝymǝktǝ idi.
ئۇ چاغدا، پۈتكۈل يەھۇدىيە، گالىلىيە ۋە سامارىيەدىكى جامائەتلەر [بىر مەزگىل] تىنچلىققا ئېرىشىپ، [ئېتىقادتا] قۇرۇلدى؛ رەبنىڭ قورقۇنچىدا مېڭىپ، مۇقەددەس روھنىڭ رىغبەت-تەسەللىسى بىلەن ئۇلارنىڭ سانلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى.
32 Xu waⱪitlarda xundaⱪ boldiki, Petrus ⱨǝrⱪaysi jaylarni arilap yürgǝndǝ, Lidda xǝⱨiridiki muⱪǝddǝs bǝndilǝrnimu yoⱪlaxⱪa qüxti.
شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، پېترۇس ھەرقايسى جايلارنى ئارىلاپ يۈرگەندە، لىددا شەھىرىدىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىمۇ يوقلاشقا چۈشتى.
33 U yǝrdǝ u Əneyas isimlik bir adǝmni uqratti. Bu adǝm palǝq bolup, orun tutup yatⱪili sǝkkiz yil bolƣanikǝn.
ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن.
34 Petrus uningƣa: — Əneyas, Əysa, yǝni Mǝsiⱨ bolƣuqi seni saⱪaytidu. Ornungdin turup, palisingni yiƣixtur! — dedi. U dǝrⱨal ornidin turdi.
پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئەنېياس، ئەيسا، يەنى مەسىھ بولغۇچى سېنى ساقايتىدۇ. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پالىسىڭنى يىغىشتۇر! ــ دېدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى.
35 [Əneyasni] kɵrgǝn Lidda xǝⱨiridiki wǝ Xaron rayonidikilǝrning ⱨǝmmisi towa ⱪilip Rǝbgǝ baƣlandi.
[ئەنېياسنى] كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى.
36 Yoppa xǝⱨiridǝ bolsa Tabita isimlik bir ayal muhlis bar idi (uning ismi grekqidǝ «Dorkas» idi). U ⱨǝrdaim yahxi ǝmǝllǝr wǝ hǝyr-sahawǝtlik ixlarƣa berilǝtti.
يوپپا شەھىرىدە بولسا تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال مۇخلىس بار ئىدى (ئۇنىڭ ئىسمى گرېكچىدە «دوركاس» ئىدى). ئۇ ھەردائىم ياخشى ئەمەللەر ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارغا بېرىلەتتى.
37 Xu künlǝrdǝ xundaⱪ boldiki, u kesǝl bolup, ɵlüp kǝtti. Kixilǝr jǝsǝtni yuyup, üstünki ⱪǝwǝttiki bir ɵygǝ yatⱪuzup ⱪoydi.
شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى.
38 Yoppa xǝⱨiri Lidda xǝⱨirigǝ yeⱪin bolƣaqⱪa, Yoppadiki muhlislar Petrusning Liddada ikǝnlikini anglap, uning aldiƣa ikki adǝm ǝwǝtti. Ular: «Ⱨayal bolmay yenimizƣa kǝlsǝng!» — dǝp yelindi.
يوپپا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن بولغاچقا، يوپپادىكى مۇخلىسلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار: «ھايال بولماي يېنىمىزغا كەلسەڭ!» ــ دەپ يېلىندى.
39 Petrus ornidin turup ular bilǝn billǝ Yoppaƣa bardi. Yoppaƣa yetip kelixi bilǝn ular uni üstünki ⱪǝwǝttiki ɵygǝ baxlap qiⱪti. Barliⱪ tul ayallar Petrusning ǝtrapiƣa olixip, yiƣa-zar ⱪilixip uningƣa Dorkasning ular bilǝn billǝ bolƣan waⱪtida ɵzlirigǝ tikip bǝrgǝn kɵnglǝk-kiyimlirini kɵrsitixti.
پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىللە يوپپاغا باردى. يوپپاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقتى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشىپ ئۇنىڭغا دوركاسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كۆڭلەك-كىيىملىرىنى كۆرسىتىشتى.
40 Lekin Petrus ⱨǝmmǝylǝnni qiⱪiriwetip, tizlinip olturup dua ⱪildi. Andin u jǝsǝtkǝ ⱪarap: — Tabita, ornungdin tur! — dedi. Tabita kɵzini eqip, Petrusni kɵrüp, ornida olturdi.
لېكىن پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇ جەسەتكە قاراپ: ــ تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! ــ دېدى. تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، ئورنىدا ئولتۇردى.
41 Petrus uningƣa ⱪolini uzitip uni yɵlǝp turƣuzdi wǝ muⱪǝddǝs bǝndilǝr bilǝn tul ayallarni qaⱪirip, Dorkasni ularƣa tirik tapxurup bǝrdi.
پېترۇس ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن تۇل ئاياللارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى.
42 Bu hǝwǝr pütkül Yoppaƣa tarⱪilip, nurƣun kixilǝr Rǝbgǝ etiⱪad ⱪildi.
بۇ خەۋەر پۈتكۈل يوپپاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەبگە ئېتىقاد قىلدى.
43 Xundaⱪ boldiki, Petrus Yoppada Simon isimlik bir kɵnqining ɵyidǝ uzun künlǝr turdi.
شۇنداق بولدىكى، پېترۇس يوپپادا سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە ئۇزۇن كۈنلەر تۇردى.

< Rosullarning paaliyǝtliri 9 >