< Rosullarning paaliyǝtliri 27 >

1 Bizning Italiyǝgǝ dengiz yoli bilǝn beriximiz ⱪarar ⱪilinƣandin keyin, ǝmǝldarlar Pawlus bilǝn baxⱪa birnǝqqǝ mǝⱨbusni «Awƣustus ⱪismi»diki Yuliyus isimlik bir yüzbexiƣa tapxurdi.
بىزنىڭ ئىتالىيەگە دېڭىز يولى بىلەن بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا بىرنەچچە مەھبۇسنى «ئاۋغۇستۇس قىسمى»دىكى يۇلىيۇس ئىسىملىك بىر يۈزبېشىغا تاپشۇردى.
2 Biz Adramittiumning bir kemisigǝ qiⱪtuⱪ. Kemǝ Asiya ɵlkisining dengiz boyliridiki xǝⱨǝrlǝrgǝ baratti. Tesalonika xǝⱨiridin bolƣan Makedoniyǝlik, Aristarhus isimlik bir kixi biz bilǝn ⱨǝmsǝpǝr boldi.
بىز ئادرامىتتىئۇمنىڭ بىر كېمىسىگە چىقتۇق. كېمە ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە باراتتى. تېسالونىكا شەھىرىدىن بولغان ماكېدونىيەلىك، ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى.
3 Ətisi biz Zidon xǝⱨirigǝ yetip kǝlduⱪ. Yuliyus Pawlusⱪa kǝngqilik ⱪilip, xu yǝrdiki dost-buradǝrlirining yeniƣa berip ularning ƣǝmhorliⱪini ⱪobul ⱪilixiƣa ruhsǝt ⱪildi.
ئەتىسى بىز زىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ غەمخورلىقىنى قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.
4 Biz u yǝrdin yǝnǝ dengizƣa qiⱪtuⱪ. Xamallar ⱪerixⱪandǝk ⱪarxi tǝripimizdin qiⱪⱪanliⱪi üqün, Siprus arilining xamalƣa dalda tǝripi bilǝn mangduⱪ.
بىز ئۇ يەردىن يەنە دېڭىزغا چىقتۇق. شاماللار قېرىشقاندەك قارشى تەرىپىمىزدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق.
5 Kilikiyǝ wǝ Pamfiliyǝ ɵlkilirining udulidiki dengizdin ɵtüp, Likiyǝ ɵlkisidiki Mira xǝⱨirigǝ kǝlduⱪ.
كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق.
6 Xu yǝrdǝ yüzbexi Iskǝndǝriyǝ xǝⱨiridiki Italiyǝgǝ baridiƣan baxⱪa bir kemini tepip, bizni uningƣa qiⱪirip ⱪoydi.
شۇ يەردە يۈزبېشى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى ئىتالىيەگە بارىدىغان باشقا بىر كېمىنى تېپىپ، بىزنى ئۇنىڭغا چىقىرىپ قويدى.
7 Dengizda kɵp künlǝr naⱨayiti asta mengip, tǝsliktǝ Kinidos xǝⱨirining uduliƣa kǝlduⱪ. Xamal mingix yɵniliximizni tosuƣaqⱪa, Kret arilining xamaldin dalda tǝripi bilǝn mengip, Salmoniy [yerim arili]din ɵtüp,
دېڭىزدا كۆپ كۈنلەر ناھايىتى ئاستا مېڭىپ، تەسلىكتە كىنىدوس شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدۇق. شامال مىڭىش يۆنىلىشىمىزنى توسۇغاچقا، كرېت ئارىلىنىڭ شامالدىن دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي [يېرىم ئارىلى]دىن ئۆتۈپ،
8 dengizda tǝsliktǝ ilgirilǝp ⱪirƣaⱪni boylap, Laseya xǝⱨirigǝ yeⱪin bolƣan «Güzǝl aramgaⱨ» dǝp atilidiƣan bir yǝrgǝ kǝlduⱪ.
دېڭىزدا تەسلىكتە ئىلگىرىلەپ قىرغاقنى بويلاپ، لاسېيا شەھىرىگە يېقىن بولغان «گۈزەل ئارامگاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق.
9 Sǝpǝr bilǝn heli waⱪitlar ɵtüp, roza küni alliⱪaqan ɵtkǝn bolƣaqⱪa, dengizda sǝpǝr ⱪilix hǝtǝrlik idi. Xunga Pawlus kɵpqilikkǝ nǝsiⱨǝt ⱪilip:
سەپەر بىلەن خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ، روزا كۈنى ئاللىقاچان ئۆتكەن بولغاچقا، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا پاۋلۇس كۆپچىلىككە نەسىھەت قىلىپ:
10 — Buradǝrlǝr, bu sǝpǝrning balayi’apǝt wǝ eƣir ziyan bilǝn tügǝydiƣanliⱪini kɵrüwatimǝn; mal wǝ kemidin mǝⱨrum bolupla ⱪalmay, sǝpǝr ɵz jenimizƣimu zamin bolidu! — dǝp agaⱨlandurdi.
ــ بۇرادەرلەر، بۇ سەپەرنىڭ بالايىئاپەت ۋە ئېغىر زىيان بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن؛ مال ۋە كېمىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، سەپەر ئۆز جېنىمىزغىمۇ زامىن بولىدۇ! ــ دەپ ئاگاھلاندۇردى.
11 Biraⱪ yüzbexi bolsa Pawlusning sɵzigǝ ixǝnmǝy, kemǝ baxliⱪi bilǝn kemǝ igisining sɵzigǝ ixǝndi.
بىراق يۈزبېشى بولسا پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي، كېمە باشلىقى بىلەن كېمە ئىگىسىنىڭ سۆزىگە ئىشەندى.
12 Uning üstigǝ, bu portmu ⱪixlaxⱪa muwapiⱪ jay bolmiƣaqⱪa, kɵpqilik yǝnǝ dengizƣa qiⱪip, mumkinⱪǝdǝr Feniks xǝⱨirigǝ yetip berip, xu yǝrdǝ ⱪixlaxni ⱪuwwǝtlidi. Feniks bolsa Kret arilidiki bir dengiz porti bolup, bir tǝripi ƣǝrbiy jǝnubⱪa wǝ bir tǝripi ƣǝrbiy ximalƣa ⱪaraytti.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ پورتمۇ قىشلاشقا مۇۋاپىق جاي بولمىغاچقا، كۆپچىلىك يەنە دېڭىزغا چىقىپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. فېنىكس بولسا كرېت ئارىلىدىكى بىر دېڭىز پورتى بولۇپ، بىر تەرىپى غەربىي جەنۇبقا ۋە بىر تەرىپى غەربىي شىمالغا قارايتتى.
13 Jǝnubtin mǝyin xamal qiⱪiwatatti, kɵpqilik nixanimizƣa yetidiƣan bolduⱪ dǝp, lǝnggǝrni eliwetip, kemini Kret arilining ⱪirƣiⱪini boylap ⱨǝydǝp mangdi.
جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، كۆپچىلىك نىشانىمىزغا يېتىدىغان بولدۇق دەپ، لەڭگەرنى ئېلىۋېتىپ، كېمىنى كرېت ئارىلىنىڭ قىرغىقىنى بويلاپ ھەيدەپ ماڭدى.
14 Lekin uzun ɵtmǝy, araldin ⱪattiⱪ «xǝrⱪiy ximaldin kǝlgüqi» dǝp atilidiƣan ǝxǝddiy ⱪara boran qiⱪip kǝtti.
لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارالدىن قاتتىق «شەرقىي شىمالدىن كەلگۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەشەددىي قارا بوران چىقىپ كەتتى.
15 Kemǝ buranning ⱪamalliⱪida ⱪalƣaqⱪa, uni xamalƣa yüzlǝndürǝlmǝy, boranning mǝyliqǝ mengixiƣa ⱪoyup bǝrduⱪ.
كېمە بۇراننىڭ قاماللىقىدا قالغاچقا، ئۇنى شامالغا يۈزلەندۈرەلمەي، بوراننىڭ مەيلىچە مېڭىشىغا قويۇپ بەردۇق.
16 Klawda degǝn kiqik bir aralning xamalƣa dalda tǝripigǝ ɵtüwelip, ⱪolwaⱪni kemigǝ qiⱪiriwelip, aranla uni saⱪlap ⱪalaliduⱪ. Andin kemiqilǝr kemini arƣamqilar bilǝn sirtidin orap baƣliwaldi. Kemining Sirtis dǝp atalƣan dengiz astidiki tax-ⱪum dɵwilirigǝ ⱪeⱪilip petip ⱪelixidin ⱪorⱪup, tormuz lǝnggǝrlirini qüxürüp, kemini xamalning ⱨǝydixigǝ ⱪoyup bǝrdi.
كلاۋدا دېگەن كىچىك بىر ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىپ، ئارانلا ئۇنى ساقلاپ قالالىدۇق. ئاندىن كېمىچىلەر كېمىنى ئارغامچىلار بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ سىرتىس دەپ ئاتالغان دېڭىز ئاستىدىكى تاش-قۇم دۆۋىلىرىگە قېقىلىپ پېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، تورمۇز لەڭگەرلىرىنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى شامالنىڭ ھەيدىشىگە قويۇپ بەردى.
18 Boran üstimizgǝ xiddǝtlik soⱪⱪaqⱪa, ǝtisi malni dengizƣa taxlaxⱪa baxlidi.
بوران ئۈستىمىزگە شىددەتلىك سوققاچقا، ئەتىسى مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى.
19 Üqinqi künidǝ ular ɵz ⱪolliri bilǝn kemidiki ⱪoral-jabduⱪlirini dengizƣa taxliwǝtti.
ئۈچىنچى كۈنىدە ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن كېمىدىكى قورال-جابدۇقلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.
20 Kɵp künlǝrgiqǝ ya kün ya yultuzlar kɵrünmǝy, boran-qapⱪun yǝnila xiddǝtlik üstimizgǝ tohtimay soⱪuwǝrgǝqkǝ, ahirda ⱪutulup ⱪelix ümidimizmu yoⱪⱪa qiⱪⱪanidi.
كۆپ كۈنلەرگىچە يا كۈن يا يۇلتۇزلار كۆرۈنمەي، بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك ئۈستىمىزگە توختىماي سوقۇۋەرگەچكە، ئاخىردا قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزمۇ يوققا چىققانىدى.
21 Kemidikilǝr birnǝrsǝ yemiginigǝ kɵp künlǝr bolƣandin keyin, Pawlus ularning arisida turup: — Buradǝrlǝr, silǝr baldurla mening gepimgǝ ⱪulaⱪ selip Krettin dengizƣa qiⱪmasliⱪinglar kerǝk idi. Xundaⱪ ⱪilƣan bolsanglar bu balayi’apǝt wǝ ziyan-zǝhmǝtlǝrgǝ uqrimiƣan bolattinglar.
كېمىدىكىلەر بىرنەرسە يېمىگىنىگە كۆپ كۈنلەر بولغاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: ــ بۇرادەرلەر، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سېلىپ كرېتتىن دېڭىزغا چىقماسلىقىڭلار كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭلار بۇ بالايىئاپەت ۋە زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتىڭلار.
22 Lekin ǝmdi silǝrni ƣǝyrǝtlik boluxⱪa dǝwǝt ⱪilimǝn. Qünki aranglarda ⱨeqⱪaysinglar jenidin ayrilƣini yoⱪ, pǝⱪǝt kemidinla mǝⱨrum ⱪalisilǝr.
لېكىن ئەمدى سىلەرنى غەيرەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. چۈنكى ئاراڭلاردا ھېچقايسىڭلار جېنىدىن ئايرىلغىنى يوق، پەقەت كېمىدىنلا مەھرۇم قالىسىلەر.
23 Qünki mǝn tǝwǝ bolƣan wǝ ibadǝt-hizmitini ⱪilip kǝlgǝn Hudaning bir pǝrixtisi tünügün keqǝ yenimƣa kelip
چۈنكى مەن تەۋە بولغان ۋە ئىبادەت-خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۈنۈگۈن كېچە يېنىمغا كېلىپ
24 manga: «Pawlus, ⱪorⱪma! Sǝn Ⱪǝysǝrning aldiƣa berip turuxung kerǝk; wǝ mana, Huda xapaǝt ⱪilip sǝn bilǝn billǝ sǝpǝr ⱪilƣanlarning ⱨǝmmisining jenini tiliginingni sanga ijabǝt ⱪildi!» dedi.
ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن قەيسەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك؛ ۋە مانا، خۇدا شاپائەت قىلىپ سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى تىلىگىنىڭنى ساڭا ئىجابەت قىلدى!» دېدى.
25 Xuning üqün ǝy ǝpǝndilǝr, ƣǝyrǝtlik bolunglar; qünki Hudaƣa ixinimǝnki, manga ⱪandaⱪ eytilƣan bolsa xundaⱪ ǝmǝlgǝ axurulidu.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئەپەندىلەر، غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى خۇداغا ئىشىنىمەنكى، ماڭا قانداق ئېيتىلغان بولسا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
26 Biraⱪ biz mǝlum aralning ⱪirƣiⱪiƣa urulup ketiximiz muⱪǝrrǝr bolidu.
بىراق بىز مەلۇم ئارالنىڭ قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ.
27 Sǝpirimizning on tɵtinqi küni keqisi, kemǝ Adriatik dengizida lǝylǝp yürüwatⱪan bolup, tün nispidǝ, kemiqilǝr ⱪuruⱪluⱪⱪa yeⱪinlap ⱪeliptuⱪ, dǝp oylidi.
سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى، كېمە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، تۈن نىسپىدە، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قېلىپتۇق، دەپ ئويلىدى.
28 Ular qongⱪurluⱪni ɵlqǝx arƣamqisini dengizƣa qüxürüp, suning qongⱪurluⱪini ɵlqǝp kɵrgǝnidi, yigirmǝ ƣulaq qiⱪti. Sǝl aldiƣa mengip yǝnǝ ɵlqiwidi, on bǝx ƣulaq qiⱪti.
ئۇلار چوڭقۇرلۇقنى ئۆلچەش ئارغامچىسىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، يىگىرمە غۇلاچ چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، ئون بەش غۇلاچ چىقتى.
29 Ular kemining hada taxlarƣa urulup ketixidin ⱪorⱪup, kemining kǝynidin tɵt lǝnggǝrni taxliwetip, tang etixni tǝlmürüp kütüp turdi.
ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەرنى تاشلىۋېتىپ، تاڭ ئېتىشنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ تۇردى.
30 Lekin kemiqilǝr kemidin ⱪaqmaⱪqi bolup kemining bexidinmu lǝnggǝrni elip taxliwetǝyli dǝp baⱨanǝ kɵrsitip, ⱪolwaⱪni dengizƣa qüxürdi.
لېكىن كېمىچىلەر كېمىدىن قاچماقچى بولۇپ كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەرنى ئېلىپ تاشلىۋېتەيلى دەپ باھانە كۆرسىتىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى.
31 Pawlus yüzbexi wǝ lǝxkǝrlǝrgǝ: — Bu [kemiqilǝr] kemidǝ ⱪalmisa, silǝr ⱪutulalmaysilǝr! — dedi.
پاۋلۇس يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەرگە: ــ بۇ [كېمىچىلەر] كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! ــ دېدى.
32 Buning bilǝn lǝxkǝrlǝr kemidiki ⱪolwaⱪning arƣamqilirini kesip, uni lǝylitip ⱪoydi.
بۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى لەيلىتىپ قويدى.
33 Tang atay degǝndǝ, Pawlus ⱨǝmmǝylǝnni bir’az ƣizaliniwelixⱪa dǝwǝt ⱪildi. U: — Silǝrning dǝkkǝ-dükkǝ iqidǝ ⱨeqnemǝ yemǝy turƣininglarƣa on tɵt kün boldi.
تاڭ ئاتاي دېگەندە، پاۋلۇس ھەممەيلەننى بىرئاز غىزالىنىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ: ــ سىلەرنىڭ دەككە-دۈككە ئىچىدە ھېچنېمە يېمەي تۇرغىنىڭلارغا ئون تۆت كۈن بولدى.
34 Əmdi bir’az ƣizalinixinglarni ɵtünimǝn. Qünki ⱨayat ⱪelixinglar üqün muxundaⱪ ⱪilixⱪa toƣra kelidu; qünki ⱨeqⱪaysinglarning bexidiki bir tal moymu ziyanƣa uqrimaydu! — dedi.
ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. چۈنكى ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ چۈنكى ھېچقايسىڭلارنىڭ بېشىدىكى بىر تال مويمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! ــ دېدى.
35 Bu sɵzni ⱪilip bolup, u ⱪoliƣa bir parqǝ nanni elip, kɵpqilikning aldida Hudaƣa tǝxǝkkür eytip oxtup yedi.
بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ يېدى.
36 Xuning bilǝn ⱨǝmmǝylǝn ƣǝyrǝtlinip ƣizalinixⱪa baxlidi
شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ غىزالىنىشقا باشلىدى
37 (kemidǝ biz jǝmiy ikki yüz yǝtmix altǝ kixi iduⱪ).
(كېمىدە بىز جەمئىي ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە كىشى ئىدۇق).
38 Ⱨǝmmǝylǝn ⱪorsaⱪlirini toⱪliƣandin keyin, kemini yeniklitix üqün, kemidiki buƣdaylarnimu dengizƣa taxliwǝtti.
ھەممەيلەن قورساقلىرىنى توقلىغاندىن كېيىن، كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.
39 Tang atⱪanda, kemiqilǝr ⱪuruⱪluⱪning nǝ ikǝnlikini tonumidi. Lekin uningdiki bir ⱪumluⱪ ⱪoltuⱪni bayⱪap, kemini bir amal ⱪilip xu yǝrdǝ uruldurup ⱪuruⱪluⱪⱪa qiⱪarmaⱪqi boldi.
تاڭ ئاتقاندا، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنىڭ نە ئىكەنلىكىنى تونۇمىدى. لېكىن ئۇنىڭدىكى بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە ئۇرۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارماقچى بولدى.
40 Ular aldi bilǝn lǝnggǝrlǝrni boxiwetip, ularni dengizƣa taxliwǝtti. Xuning bilǝn bir waⱪitta, kemining ikki yɵnilix paliⱪining baƣlirini boxitip, ularni qüxürüwǝtti. Andin kemining bexidiki yǝlkǝnni xamalƣa qiⱪirip, kemini ⱪumluⱪning ⱪirƣiⱪiƣa ⱪaritip mangdurdi.
ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنى بوشىۋېتىپ، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنىڭ ئىككى يۆنىلىش پالىقىنىڭ باغلىرىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى شامالغا چىقىرىپ، كېمىنى قۇملۇقنىڭ قىرغىقىغا قارىتىپ ماڭدۇردى.
41 Əmdi ikki eⱪim bir-birigǝ uqraxⱪan yǝrgǝ kirip ⱪelip, ular kemini ⱪiraⱪⱪa soⱪturuwaldi; kemining bexi dengiz tegigǝ urulup petip, midirlimay ⱪaldi, lekin kemining arⱪa tǝripi dolⱪunlarning zǝrbisi bilǝn quwulup ketixkǝ baxlidi.
ئەمدى ئىككى ئېقىم بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرگە كىرىپ قېلىپ، ئۇلار كېمىنى قىراققا سوقتۇرۇۋالدى؛ كېمىنىڭ بېشى دېڭىز تېگىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ، مىدىرلىماي قالدى، لېكىن كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى.
42 Lǝxkǝrlǝr mǝⱨbuslarning suƣa sǝkrǝp ⱪeqip ketixining aldini elix üqün, ⱨǝmmisini ɵltürüwǝtmǝkqi boldi.
لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى.
43 Lekin yüzbexi Pawlusni ⱪutⱪuzuxni haliƣan bolup, lǝxkǝrlǝrning bundaⱪ ⱪilixiƣa yol ⱪoymidi. U aldi bilǝn su üzüxni bilidiƣanlarning suƣa qüxüp ⱪirƣaⱪⱪa qiⱪixini,
لېكىن يۈزبېشى پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان بولۇپ، لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ قىرغاققا چىقىشىنى،
44 ⱪalƣanlarning bǝzilirini tahtaylarƣa, bǝzilirini kemining quwulup kǝtkǝn parqiliriƣa esilip, ⱪirƣaⱪⱪa qiⱪixini buyrudi. Xundaⱪ boldiki, ⱨǝmmǝylǝn ⱪutulup saⱪ-salamǝt ⱪuruⱪluⱪⱪa qiⱪti.
قالغانلارنىڭ بەزىلىرىنى تاختايلارغا، بەزىلىرىنى كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن پارچىلىرىغا ئېسىلىپ، قىرغاققا چىقىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق بولدىكى، ھەممەيلەن قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قۇرۇقلۇققا چىقتى.

< Rosullarning paaliyǝtliri 27 >