< Rosullarning paaliyǝtliri 26 >

1 Xuning bilǝn, Agrippa Pawlusⱪa: — Ɵzüngning gepingni ⱪilixingƣa ruhsǝt, — dedi. Pawlus ⱪolini sozup ɵzini aⱪlaxⱪa baxlidi:
شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: ــ ئۆزۈڭنىڭ گېپىڭنى قىلىشىڭغا رۇخسەت، ــ دېدى. پاۋلۇس قولىنى سوزۇپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى:
2 — I Agrippa han, bügün aldilirida Yǝⱨudiylar mening üstümdin xikayǝt ⱪilƣan pütün ixlar toƣruluⱪ jawab berix pursitigǝ nesip bolƣanliⱪim üqün, bolupmu ɵzlirining Yǝⱨudiylarning adǝtliri wǝ ularning arisidiki talax-tartixliridin hǝwǝrliri bolƣanliⱪi üqün ɵzümni bǝhtlik ⱨesablaymǝn! Xuning üqün degǝnlirimni sǝwrqanliⱪ bilǝn anglap beⱪixlirini ɵtünimǝn.
ــ ئى ئاگرىپپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلار توغرۇلۇق جاۋاب بېرىش پۇرسىتىگە نېسىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرىدىن خەۋەرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن! شۇنىڭ ئۈچۈن دېگەنلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بېقىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
3
4 Mening dǝslǝpki waⱪitlirimda, yǝni kiqikimdin tartip ɵz elimdǝ, Yerusalemda yürüx-turuxumning ⱪandaⱪ ikǝnliki Yǝⱨudiylarning ⱨǝmmisigǝ ayan.
مېنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا، يەنى كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆز ئېلىمدە، يېرۇسالېمدا يۈرۈش-تۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان.
5 Ular xu dǝslǝpki waⱪtimdin beri meni tonuƣaqⱪa (ǝgǝr halisaidi, xuningƣa guwaⱨliⱪ berǝtti), mening ibadǝt tüzümidiki ǝng tǝlǝpqan mǝzⱨǝpning xǝrtliri boyiqǝ yaxap, yǝni Pǝrisiy bolup ɵmrümni ɵtküzginimni bilidu.
ئۇلار شۇ دەسلەپكى ۋاقتىمدىن بېرى مېنى تونۇغاچقا (ئەگەر خالىسائىدى، شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرەتتى)، مېنىڭ ئىبادەت تۈزۈمىدىكى ئەڭ تەلەپچان مەزھەپنىڭ شەرتلىرى بويىچە ياشاپ، يەنى پەرىسىي بولۇپ ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزگىنىمنى بىلىدۇ.
6 Əmdi mǝn Huda ata-bowilirimizƣa ⱪilƣan wǝdigǝ baƣliƣan ümidim tüpǝylidin ⱨazir soraⱪ ⱪiliniwatimǝn.
ئەمدى مەن خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىگە باغلىغان ئۈمىدىم تۈپەيلىدىن ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىمەن.
7 Xu [wǝdining] nesiwisigǝ yetixni bizning pütkül on ikki ⱪǝbilimiz keqǝ-kündüz tohtawsiz Hudaƣa ibadǝt ⱪilip ümid ⱪilmaⱪta. I aliyliri, Yǝⱨudiylarning mening üstümdin ⱪilƣan xikayǝtliri dǝl xu ümidkǝ baƣliⱪtur!
شۇ [ۋەدىنىڭ] نېسىۋىسىگە يېتىشنى بىزنىڭ پۈتكۈل ئون ئىككى قەبىلىمىز كېچە-كۈندۈز توختاۋسىز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ ئۈمىد قىلماقتا. ئى ئالىيلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى دەل شۇ ئۈمىدكە باغلىقتۇر!
8 [Halayiⱪ], Huda ɵlgǝnlǝrni tirildürsǝ, nemǝ üqün ixinixkǝ bolmaydu, dǝp ⱪaraysilǝr?
[خالايىق]، خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرسە، نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايسىلەر؟
9 Dǝrwǝⱪǝ, ɵzümmu ǝslidǝ Nasarǝtlik Əysaning namiƣa ⱪarxi nurƣun ixlarni ⱪilixim kerǝk dǝp ⱪayil idim
دەرۋەقە، ئۆزۈممۇ ئەسلىدە ناسارەتلىك ئەيسانىڭ نامىغا قارشى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دەپ قايىل ئىدىم
10 wǝ Yerusalemda ǝnǝ xundaⱪ ixlarni ⱪilƣanidim. Bax kaⱨinlardin ⱨoⱪuⱪ elip, ɵzüm Hudaning nurƣun muⱪǝddǝs bǝndilirini zindanƣa tutup bǝrgǝn, ular ɵlümgǝ ⱨɵküm ⱪilinƣandimu, ⱨɵkümgǝ awaz ⱪoxⱪanidim.
ۋە يېرۇسالېمدا ئەنە شۇنداق ئىشلارنى قىلغانىدىم. باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئېلىپ، ئۆزۈم خۇدانىڭ نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلىرىنى زىندانغا تۇتۇپ بەرگەن، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە ئاۋاز قوشقانىدىم.
11 Mǝn ⱨǝmmǝ sinagoglarda kɵp ⱪetim ularni izdǝp tepip jazalap, kupurluⱪ gǝp ⱪilixⱪa zorliƣanidim. Mǝn ularƣa tǝlwilǝrqǝ ɵq bolup, ⱨǝtta yaⱪa yurttiki xǝⱨǝrlǝrgǝ berip, ularƣa ziyankǝxlik ⱪilƣanidim.
مەن ھەممە سىناگوگلاردا كۆپ قېتىم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ جازالاپ، كۇپۇرلۇق گەپ قىلىشقا زورلىغانىدىم. مەن ئۇلارغا تەلۋىلەرچە ئۆچ بولۇپ، ھەتتا ياقا يۇرتتىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانىدىم.
12 Bu ixlarda bolup bax kaⱨinlar bǝrgǝn toluⱪ wǝkillik ⱨoⱪuⱪi bilǝn Dǝmǝxⱪ xǝⱨirigǝ ⱪarap sǝpǝr ⱪiliwatattim.
بۇ ئىشلاردا بولۇپ باش كاھىنلار بەرگەن تولۇق ۋەكىللىك ھوقۇقى بىلەن دەمەشق شەھىرىگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتاتتىم.
13 Qüx waⱪtida yolda ketiwetip, asmandin qüxkǝn, ⱪuyax nuridinmu küqlük bir nurning ǝtrapimni wǝ billǝ ketiwatⱪanlarni yorutuwǝtkǝnlikini kɵrdüm.
چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن، قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە بىللە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم.
14 Ⱨǝmmimiz yǝrgǝ yiⱪilƣan bolup mǝn ibraniy tilida eytilƣan: «Əy Saul, Saul! Manga nemixⱪa ziyankǝxlik ⱪilisǝn? Seni zihlaxlarƣa ⱪarxi tǝpmiking sǝn üqün tǝs kelidu!» degǝn bir awazni anglidim.
ھەممىمىز يەرگە يىقىلغان بولۇپ مەن ئىبرانىي تىلىدا ئېيتىلغان: «ئەي سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سېنى زىخلاشلارغا قارشى تەپمىكىڭ سەن ئۈچۈن تەس كېلىدۇ!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
15 Mǝn: — «I Rǝb, sǝn kimsǝn?» dǝp sorisam, Rǝb manga: «Mǝn sǝn ziyankǝxlik ⱪiliwatⱪan Əysadurmǝn!
مەن: ــ «ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا: «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن!
16 Əmdi ornungdin tur; qünki Mǝn seni sǝn kɵrgǝn ixlarƣa ⱨǝmdǝ Ɵzüm sanga ayan ⱪilinƣinimda kɵridiƣan ixlarƣa hǝziniqi ƣojidar wǝ guwaⱨliⱪ bǝrgüqi boluxⱪa tiklǝx üqün, sanga ayan boldum.
ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر؛ چۈنكى مەن سېنى سەن كۆرگەن ئىشلارغا ھەمدە ئۆزۈم ساڭا ئايان قىلىنغىنىمدا كۆرىدىغان ئىشلارغا خەزىنىچى غوجىدار ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇشقا تىكلەش ئۈچۈن، ساڭا ئايان بولدۇم.
17 Mǝn seni ɵz hǝlⱪingning ⱨǝm ǝllǝrning ⱪolidin ⱪutⱪuzimǝn — qünki mǝn seni yat ǝlliklǝrning kɵzlirini eqip, ularning ⱪarangƣuluⱪtin yoruⱪluⱪⱪa, Xǝytanning ilkidin Hudaƣa baƣlinixⱪa buruluxi üqün ularning arisiƣa ǝwǝtimǝn. Xuning bilǝn ular gunaⱨlirining kǝqürümigǝ, xundaⱪla Manga etiⱪad ⱪilix arⱪiliⱪ pak-muⱪǝddǝs ⱪilinƣanlarning arisida mirasⱪa muyǝssǝr bolidu» — dedi.
مەن سېنى ئۆز خەلقىڭنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن ــ چۈنكى مەن سېنى يات ئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇداغا باغلىنىشقا بۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈمىگە، شۇنداقلا ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا مىراسقا مۇيەسسەر بولىدۇ» ــ دېدى.
19 Xunga, i Agrippa aliyliri, mǝn ǝrxtin kǝlgǝn bu ƣayibanǝ kɵrünüxkǝ itaǝtsizlik ⱪilmidim.
شۇڭا، ئى ئاگرىپپا ئالىيلىرى، مەن ئەرشتىن كەلگەن بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشكە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم.
20 Bǝlki aldi bilǝn Dǝmǝxⱪ hǝlⱪigǝ, andin Yerusalem xǝⱨiridikilǝrgǝ, pütün Yǝⱨudiyǝ ɵlkisidikilǝrgǝ ⱨǝmdǝ yat ǝlliklǝrgimu, «Towa ⱪilip, Hudaƣa baƣlininglar, xundaⱪla towa ⱪilixⱪa uyƣun ǝmǝllǝrni kɵrsitinglar» dǝp jakarlap hǝwǝr yǝtküzüp kǝldim.
بەلكى ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، ئاندىن يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەرگە، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەرگە ھەمدە يات ئەللىكلەرگىمۇ، «توۋا قىلىپ، خۇداغا باغلىنىڭلار، شۇنداقلا توۋا قىلىشقا ئۇيغۇن ئەمەللەرنى كۆرسىتىڭلار» دەپ جاكارلاپ خەۋەر يەتكۈزۈپ كەلدىم.
21 Bu ixlar tüpǝylidin Yǝⱨudiylar meni ibadǝthana ⱨoylisida tutup, muxtlap ɵltürüwǝtmǝkqi boluxti.
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى.
22 Lekin bügüngiqǝ Hudaning yardǝm-mǝditigǝ muyǝssǝr bolup mǝn qing turuwatimǝn, tɵwǝndikilǝr bolsun yuⱪiridikilǝr bolsun ⱨǝmmǝylǝngǝ guwaⱨliⱪ berip kǝldim. Guwaⱨliⱪim dǝl pǝyƣǝmbǝrlǝr ⱨǝm Musa ɵzi bexarǝt ⱪilip eytⱪanliridin baxⱪa nǝrsǝ ǝmǝs —
لېكىن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ياردەم-مەدىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ مەن چىڭ تۇرۇۋاتىمەن، تۆۋەندىكىلەر بولسۇن يۇقىرىدىكىلەر بولسۇن ھەممەيلەنگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدىم. گۇۋاھلىقىم دەل پەيغەمبەرلەر ھەم مۇسا ئۆزى بېشارەت قىلىپ ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ــ
23 demǝk, Mǝsiⱨ jǝzmǝn azab-oⱪubǝt qekip, tunji bolup ɵlümdin tirilgüqi bolup [Yǝⱨudiy] hǝlⱪigǝ ⱨǝm pütkül ǝllǝrgimu yoruⱪluⱪ jakarlaydu.
دېمەك، مەسىھ جەزمەن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، تۇنجى بولۇپ ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى بولۇپ [يەھۇدىي] خەلقىگە ھەم پۈتكۈل ئەللەرگىمۇ يورۇقلۇق جاكارلايدۇ.
24 Pawlus bu ixlarni eytip ɵzini xundaⱪ aⱪlax jawabini bǝrgǝndǝ, Festus yuⱪiri awaz bilǝn uningƣa: — Pawlus, sarang bolupsǝn! Bilimingning kɵpliki ǝⱪlingni azduruptu! — dedi.
پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆزىنى شۇنداق ئاقلاش جاۋابىنى بەرگەندە، فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: ــ پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! بىلىمىڭنىڭ كۆپلىكى ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! ــ دېدى.
25 Lekin Pawlus: — Sarang ǝmǝsmǝn, i Festus janabliri, mǝn bǝlki ⱨǝⱪiⱪǝtkǝ uyƣun ⱨǝm salmiⱪi bar sɵzlǝrni jar ⱪilimǝn.
لېكىن پاۋلۇس: ــ ساراڭ ئەمەسمەن، ئى فېستۇس جانابلىرى، مەن بەلكى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ھەم سالمىقى بار سۆزلەرنى جار قىلىمەن.
26 Qünki [Agrippa] aliylirining bu ixlardin hǝwiri bar. Mǝn uningƣa yürǝklik bilǝn oquⱪ sɵzlǝwatimǝn, qünki bu ixlarning ⱨeqⱪaysisining uningdin yoxurun ǝmǝslikigǝ ixinimǝn. Qünki bu ix bulung-puqⱪaⱪlarda ⱪilinƣan ǝmǝs!
چۈنكى [ئاگرىپپا] ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار. مەن ئۇنىڭغا يۈرەكلىك بىلەن ئوچۇق سۆزلەۋاتىمەن، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ ئىش بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قىلىنغان ئەمەس!
27 — Əy Agrippa aliyliri, ɵzliri pǝyƣǝmbǝrlǝrning eytⱪanliriƣa ixinǝmdila? Mǝn ixinidiƣanliⱪlirini bilimǝn! — dedi.
ــ ئەي ئاگرىپپا ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ مەن ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن! ــ دېدى.
28 Agrippa Pawlusⱪa: — Sǝn meni muxunqilik ⱪisⱪiƣina waⱪitta hristian boluxⱪa ⱪayil ⱪilmaⱪqimusǝn? — dedi.
ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: ــ سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا خرىستىئان بولۇشقا قايىل قىلماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى.
29 Pawlus: — Mǝyli ⱪisⱪa waⱪit iqidǝ yaki uzun waⱪitta bolsun, pǝⱪǝt ɵzlirining ǝmǝs, bǝlki bügün sɵzümni angliƣuqilarning ⱨǝmmisi manga ohxax bolƣay (pǝⱪǝt mǝndiki zǝnjirlǝr silǝrdǝ bolmisun!) dǝp Hudadin tilǝymǝn, — dedi.
پاۋلۇس: ــ مەيلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياكى ئۇزۇن ۋاقىتتا بولسۇن، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى بۈگۈن سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش بولغاي (پەقەت مەندىكى زەنجىرلەر سىلەردە بولمىسۇن!) دەپ خۇدادىن تىلەيمەن، ــ دېدى.
30 Xuning bilǝn [Agrippa] han, xundaⱪla waliy, Bǝrniki wǝ ular bilǝn billǝ olturƣanlar orunliridin turup,
شۇنىڭ بىلەن [ئاگرىپپا] خان، شۇنداقلا ۋالىي، بەرنىكى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ،
31 [zaldin] qiⱪip, bir-birigǝ: — Bu kixining ɵlümgǝ yaki türmigǝ solaxⱪa tegixlik ⱨeqbir jinayiti yoⱪ ikǝn! — deyixti.
[زالدىن] چىقىپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ياكى تۈرمىگە سولاشقا تېگىشلىك ھېچبىر جىنايىتى يوق ئىكەن! ــ دېيىشتى.
32 Agrippa Festusⱪa: — Bu adǝm Ⱪǝysǝrgǝ murajiǝt ⱪilmiƣan bolsa, ⱪoyup berilsǝ bolidikǝntuⱪ! — dedi.
ئاگرىپپا فېستۇسقا: ــ بۇ ئادەم قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلمىغان بولسا، قويۇپ بېرىلسە بولىدىكەنتۇق! ــ دېدى.

< Rosullarning paaliyǝtliri 26 >