< Yuⱨanna 3 1 >

1 Mǝnki aⱪsaⱪal ɵzüm ⱨǝⱪiⱪǝttǝ sɵygǝn sɵyümlük Gayusⱪa salam!
مەنكى ئاقساقال ئۆزۈم ھەقىقەتتە سۆيگەن سۆيۈملۈك گايۇسقا سالام!
2 I sɵyümkük [dostum], jening güllǝngǝndǝk, ⱨǝmmǝ ixliringning güllinixigǝ wǝ teningning salamǝt boluxiƣa tilǝkdaxmǝn.
ئى سۆيۈمكۈك [دوستۇم]، جېنىڭ گۈللەنگەندەك، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ گۈللىنىشىگە ۋە تېنىڭنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
3 Ⱪerindaxlar kelip, sǝndǝ bolƣan ⱨǝⱪiⱪǝt toƣruluⱪ guwaⱨliⱪ bǝrgǝndǝ, mǝn intayin bǝk huxallandim; qünki sǝn ⱨǝⱪiⱪǝttǝ dawamliⱪ mengiwatisǝn.
قېرىنداشلار كېلىپ، سەندە بولغان ھەقىقەت توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بەرگەندە، مەن ئىنتايىن بەك خۇشاللاندىم؛ چۈنكى سەن ھەقىقەتتە داۋاملىق مېڭىۋاتىسەن.
4 Manga nisbǝtǝn, ǝziz balilirimning ⱨǝⱪiⱪǝttǝ mengiwatⱪanliⱪini anglaxtinmu qong huxalliⱪ yoⱪtur.
ماڭا نىسبەتەن، ئەزىز بالىلىرىمنىڭ ھەقىقەتتە مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر.
5 Sɵyümlük [dostum], yeningƣa barƣan ⱪerindaxlarƣa (gǝrqǝ ular sanga natonux bolsimu) ⱪilƣanliringning ⱨǝmmisidǝ ihlasmǝnliking ispatlinidu.
سۆيۈملۈك [دوستۇم]، يېنىڭغا بارغان قېرىنداشلارغا (گەرچە ئۇلار ساڭا ناتونۇش بولسىمۇ) قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىدە ئىخلاسمەنلىكىڭ ئىسپاتلىنىدۇ.
6 Ular jamaǝt aldida sening bu meⱨir-muⱨǝbbiting toƣrisida guwaⱨliⱪ bǝrdi. Ularni yǝnǝ Hudaning yoliƣa layiⱪ sǝpirigǝ uzitip ⱪoysang, yahxi ⱪilƣan bolisǝn.
ئۇلار جامائەت ئالدىدا سېنىڭ بۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭ توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنى يەنە خۇدانىڭ يولىغا لايىق سەپىرىگە ئۇزىتىپ قويساڭ، ياخشى قىلغان بولىسەن.
7 Qünki ular [sǝpǝrdǝ] yat ǝllik [etiⱪadsizlardin] ⱨeq nemǝ almay, xu mubarǝk nam üqün yolƣa qiⱪti.
چۈنكى ئۇلار [سەپەردە] يات ئەللىك [ئېتىقادسىزلاردىن] ھېچ نېمە ئالماي، شۇ مۇبارەك نام ئۈچۈن يولغا چىقتى.
8 Xunga, ⱨǝⱪiⱪǝt bilǝn hizmǝtdax bolup tǝng ixligüqi bolux üqün biz xundaⱪlarni ⱪollap-ⱪuwwǝtliximizgǝ toƣra kelidu.
شۇڭا، ھەقىقەت بىلەن خىزمەتداش بولۇپ تەڭ ئىشلىگۈچى بولۇش ئۈچۈن بىز شۇنداقلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
9 Bu toƣruluⱪ jamaǝtkǝ mǝktüp yazdim. Lekin ularning arisida ɵzini qong tutup, jamaǝtkǝ bax bolux tǝmǝsidǝ bolƣan Diotrǝpǝs bizni ⱪobul ⱪilmaydu.
بۇ توغرۇلۇق جامائەتكە مەكتۈپ يازدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، جامائەتكە باش بولۇش تەمەسىدە بولغان دىئوترەپەس بىزنى قوبۇل قىلمايدۇ.
10 Xuning üqün mǝn barƣanda, uning ⱪilƣan ǝskiliklirini, yǝni uning bizning üstimizdin ⱪilƣan rǝzil sɵzliri bilǝn ƣǝywitini yüzigǝ salimǝn; u uningliⱪ bilǝnla tohtap ⱪalmaydu, yǝnǝ [sǝpǝrdiki] ⱪerindaxlarni ⱪobul ⱪilmayla ⱪalmay, ⱪobul ⱪilmaⱪqi bolƣanlarnimu tosidu wǝ ⱨǝtta ularni jamaǝttin ⱪoƣlap qiⱪiriwatidu.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن قىلغان رەزىل سۆزلىرى بىلەن غەيۋىتىنى يۈزىگە سالىمەن؛ ئۇ ئۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، يەنە [سەپەردىكى] قېرىنداشلارنى قوبۇل قىلمايلا قالماي، قوبۇل قىلماقچى بولغانلارنىمۇ توسىدۇ ۋە ھەتتا ئۇلارنى جامائەتتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ.
11 I sɵyümlük [dostum], yamanliⱪtin ǝmǝs, yahxiliⱪtin ülgǝ alƣin. Yahxiliⱪ ⱪilƣuqi Hudadindur. Yamanliⱪ ⱪilƣuqi Hudani ⱨeq kɵrmigǝndur.
ئى سۆيۈملۈك [دوستۇم]، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئالغىن. ياخشىلىق قىلغۇچى خۇدادىندۇر. يامانلىق قىلغۇچى خۇدانى ھېچ كۆرمىگەندۇر.
12 Demitriusni bolsa ⱨǝmmǝylǝn, ⱨǝtta Ⱨǝⱪiⱪǝtning ɵzi yahxi guwaⱨliⱪ berip tǝriplǝydu. Bizmu uningƣa guwaⱨliⱪ berimiz wǝ guwaⱨliⱪimizning ⱨǝⱪiⱪǝt ikǝnlikini sǝnmu bilisǝn.
دېمىترىئۇسنى بولسا ھەممەيلەن، ھەتتا ھەقىقەتنىڭ ئۆزى ياخشى گۇۋاھلىق بېرىپ تەرىپلەيدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز ۋە گۇۋاھلىقىمىزنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى سەنمۇ بىلىسەن.
13 Sanga yazidiƣan yǝnǝ kɵp sɵzlirim bar idi; lekin ⱪǝlǝm bilǝn siyaⱨni ixlǝtkǝndin kɵrǝ,
ساڭا يازىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن قەلەم بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە،
14 Sǝn bilǝn pat arida didar kɵrüxüxni arzu ⱪilimǝn; xu qaƣda dǝrⱪǝmdǝ sɵzliximiz. Sanga hatirjǝmlik yar bolƣay! Dostlardin sanga salam. Sǝnmu [u yǝrdiki] dostlarƣa isim-famililiri boyiqǝ mǝndin salam eytⱪaysǝn.
سەن بىلەن پات ئارىدا دىدار كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمەن؛ شۇ چاغدا دەرقەمدە سۆزلىشىمىز. ساڭا خاتىرجەملىك يار بولغاي! دوستلاردىن ساڭا سالام. سەنمۇ [ئۇ يەردىكى] دوستلارغا ئىسىم-فامىلىلىرى بويىچە مەندىن سالام ئېيتقايسەن.

< Yuⱨanna 3 1 >