< Timotiyƣa 2 1 >

1 Mǝsiⱨ Əysada wǝdǝ ⱪilinƣan ⱨayatni elip berix üqün, Hudaning iradisi bilǝn Əysa Mǝsiⱨning rosuli bolƣan mǝnki Pawlustin sɵyümlük balam Timotiyƣa salam: Huda’Atimizdin wǝ Rǝbbimiz Mǝsiⱨ Əysadin sanga meⱨir-xǝpⱪǝt, rǝⱨimdillik wǝ hatirjǝmlik bolƣay!
مەسىھ ئەيسادا ۋەدە قىلىنغان ھاياتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سۆيۈملۈك بالام تىموتىيغا سالام: خۇدائاتىمىزدىن ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!
2
3 Mǝn ata-bowilirimning izini besip sap wijdanim bilǝn hizmitini ⱪiliwatⱪan Hudaƣa tǝxǝkkür eytimǝn, qünki keqǝ-kündüz dualirimda seni tohtawsiz ǝslǝp turimǝn;
مەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىنى بېسىپ ساپ ۋىجدانىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، چۈنكى كېچە-كۈندۈز دۇئالىرىمدا سېنى توختاۋسىز ئەسلەپ تۇرىمەن؛
4 kɵz yaxliringni ǝsliginimdǝ, xadliⱪⱪa qɵmüxüm üqün sǝn bilǝn yǝnǝ didarlixixⱪa ⱪattiⱪ tǝlpünüp yürmǝktimǝn;
كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، شادلىققا چۆمۈشۈم ئۈچۈن سەن بىلەن يەنە دىدارلىشىشقا قاتتىق تەلپۈنۈپ يۈرمەكتىمەن؛
5 qünki seningdǝ bolƣan sahtiliⱪsiz etiⱪad esimdin qiⱪmaydu. Bu etiⱪad ǝng awwal momang Loista, andin anang Ewnikidǝ bar bolƣan, ǝmdi ⱨazir sǝndimu bar ikǝn dǝp hatirjǝmdurmǝn.
چۈنكى سېنىڭدە بولغان ساختىلىقسىز ئېتىقاد ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىستا، ئاندىن ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان، ئەمدى ھازىر سەندىمۇ بار ئىكەن دەپ خاتىرجەمدۇرمەن.
6 Xuning üqün mǝn xuni ⱪaytidin sanga ǝslitimǝnki, ⱪollirimni uqangƣa ⱪoyuxum bilǝn sǝndǝ bolƣan, [Huda] sanga tǝⱪdim ⱪilƣan iltipatni ⱪaytidin yalⱪunlitip jari ⱪilƣin.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى قايتىدىن ساڭا ئەسلىتىمەنكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويۇشۇم بىلەن سەندە بولغان، [خۇدا] ساڭا تەقدىم قىلغان ئىلتىپاتنى قايتىدىن يالقۇنلىتىپ جارى قىلغىن.
7 Qünki Huda bizgǝ ⱪorⱪunqaⱪliⱪning roⱨini ǝmǝs, bǝlki bizgǝ küq-ⱪudrǝtning, meⱨri-muⱨǝbbǝtning wǝ salmaⱪliⱪning Roⱨini tǝⱪdim ⱪildi.
چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى.
8 Xunga Rǝbbimiz ⱨǝⱪⱪidiki hǝwǝr-guwaⱨliⱪtin, yaki Uning mǝⱨbusi bolƣan mǝndin nomus ⱪilma. Əksiqǝ, Hudaning küq-ⱪudriti bilǝn hux hǝwǝrni jakarlax yolidiki harliⱪ-muxǝⱪⱪǝtni ɵz ⱨǝssǝng boyiqǝ ortaⱪ tartⱪin;
شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛
9 Huda bizni ɵz ǝmǝllirimizgǝ asasǝn ǝmǝs, bǝlki ɵz muddiasi wǝ meⱨir-xǝpⱪitigǝ asasǝn ⱪutⱪuzup, pak-muⱪǝddǝs qaⱪiriⱪi bilǝn qaⱪirdi; Uning bu meⱨir-xǝpⱪiti ⱨǝmmǝ dǝwr-zamanlardin ilgirila Mǝsiⱨ Əysada bizgǝ beƣixlanƣandur; (aiōnios g166)
خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛ (aiōnios g166)
10 lekin bu meⱨir-xǝpⱪǝt Ⱪutⱪuzƣuqimiz Əysa Mǝsiⱨning kelixi bilǝn ⱨazir ayan boldi; U ɵlümni bikar ⱪiliwetip, hux hǝwǝr arⱪiliⱪ ⱨayatliⱪ wǝ qirimasliⱪni yoruⱪluⱪta ayan ⱪildi.
لېكىن بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ھازىر ئايان بولدى؛ ئۇ ئۆلۈمنى بىكار قىلىۋېتىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ھاياتلىق ۋە چىرىماسلىقنى يورۇقلۇقتا ئايان قىلدى.
11 Mǝn bolsam ǝllǝrgǝ bu hux hǝwǝrning jakarqisi, rosuli wǝ tǝlim bǝrgüqisi bolup tǝyinlǝngǝn.
مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
12 Mǝn xu sǝwǝbtin ⱨazirⱪi bu harliⱪ-muxǝⱪⱪǝtlǝrni tartmaⱪtimǝn. Lekin buningdin nomus ⱪilmaymǝn; qünki mǝn kimgǝ etiⱪad ⱪilƣanliⱪimni bilimǝn ⱨǝmdǝ Uning manga tapxurƣan amanitini xu küngiqǝ saⱪliyalaydiƣanliⱪiƣa ⱪadir ikǝnlikigǝ ixǝndürüldum.
مەن شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى بۇ خارلىق-مۇشەققەتلەرنى تارتماقتىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن؛ چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم.
13 Mǝndin angliƣan saƣlam tǝlim sɵzlirining nǝmunilik bir üzündisini saⱪlap, Mǝsiⱨ Əysada bolƣan muⱨǝbbǝt wǝ etiⱪad bilǝn qing tutⱪin;
مەندىن ئاڭلىغان ساغلام تەلىم سۆزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك بىر ئۈزۈندىسىنى ساقلاپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد بىلەن چىڭ تۇتقىن؛
14 bizdǝ makanlaxⱪan Muⱪǝddǝs Roⱨⱪa tayinip sanga tapxurulƣan xu güzǝl amanǝtni saⱪla.
بىزدە ماكانلاشقان مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ساڭا تاپشۇرۇلغان شۇ گۈزەل ئامانەتنى ساقلا.
15 Sǝn bilginingdǝk, Asiya ɵlkisidiki [etiⱪadqilarning] ⱨǝmmisi [degüdǝk] mǝndin yüz ɵridi. Ularning arisida Figelus wǝ Hermogenesmu bar.
سەن بىلگىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى [ئېتىقادچىلارنىڭ] ھەممىسى [دېگۈدەك] مەندىن يۈز ئۆرىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېلۇس ۋە خېرموگېنېسمۇ بار.
16 Rǝb Onesiforning ailisidikilirigǝ rǝⱨim-xǝpⱪǝt kɵrsǝtkǝy. Qünki u mening mǝⱨbus bolƣanliⱪimdin ⱨeq nomus ⱪilmay kɵp ⱪetim meni yoⱪlap sɵyündürdi.
رەب ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەي. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن ھېچ نومۇس قىلماي كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ سۆيۈندۈردى.
17 U Rim xǝⱨirigǝ kǝlginidǝ meni tapⱪuqǝ kɵp izdǝp awarǝ boluptu.
ئۇ رىم شەھىرىگە كەلگىنىدە مېنى تاپقۇچە كۆپ ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپتۇ.
18 Rǝb xu künidǝ uni Ɵzidin rǝⱨim-xǝpⱪǝtkǝ muyǝssǝr ⱪilƣay; uning Əfǝsus xǝⱨiridǝ manga kɵrsǝtkǝn hizmǝtlirining ⱪanqilik ikǝnlikini obdan bilisǝn.
رەب شۇ كۈنىدە ئۇنى ئۆزىدىن رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر قىلغاي؛ ئۇنىڭ ئەفەسۇس شەھىرىدە ماڭا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن.

< Timotiyƣa 2 1 >