< Samu'il 2 15 >

1 Bu ixlardin keyin Abxalom ɵzigǝ jǝng ⱨarwisi bilǝn atlarni tǝyyarlatti ⱨǝm ɵz aldida yügüridiƣan ǝllik ǝskǝrni bekitti.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئابشالوم ئۆزىگە جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئاتلارنى تەييارلاتتى ھەم ئۆز ئالدىدا يۈگۈرىدىغان ئەللىك ئەسكەرنى بېكىتتى.
2 Abxalom tang sǝⱨǝrdǝ ⱪopup, dǝrwaziƣa baridiƣan yolning yenida turatti. Ⱪaqan birsi dǝwayimni kǝssun dǝp, padixaⱨⱪa ǝrz tutⱪili kǝlsǝ, Abxalom uni qaⱪirip: Sǝn ⱪaysi xǝⱨǝrdin kǝlding, — dǝp soraytti. U kixi: Ⱪulung Israilning palanqi ⱪǝbilisidin kǝldi, desǝ,
ئابشالوم تاڭ سەھەردە قوپۇپ، دەرۋازىغا بارىدىغان يولنىڭ يېنىدا تۇراتتى. قاچان بىرسى دەۋايىمنى كەسسۇن دەپ، پادىشاھقا ئەرز تۇتقىلى كەلسە، ئابشالوم ئۇنى چاقىرىپ: سەن قايسى شەھەردىن كەلدىڭ، ــ دەپ سورايتتى. ئۇ كىشى: قۇلۇڭ ئىسرائىلنىڭ پالانچى قەبىلىسىدىن كەلدى، دېسە،
3 Abxalom uningƣa: Mana, dǝwayinglar durus wǝ ⱨǝⱪ ikǝn, lekin padixaⱨ tǝripidin ɵzigǝ wakalitǝn ǝrzingni anglaxⱪa ⱪoyulƣan adǝm yoⱪ, dǝytti.
ئابشالوم ئۇنىڭغا: مانا، دەۋايىڭلار دۇرۇس ۋە ھەق ئىكەن، لېكىن پادىشاھ تەرىپىدىن ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئەرزىڭنى ئاڭلاشقا قويۇلغان ئادەم يوق، دەيتتى.
4 Andin Abxalom yǝnǝ: Kaxki, mǝn zeminda soraⱪqi ⱪilinsam’idi, ⱨǝr kimning ǝrzi yaki dǝwayi bolup, mening ⱪeximƣa kǝlsǝ, uningƣa adalǝt kɵrsitǝttim! — dǝytti.
ئاندىن ئابشالوم يەنە: كاشكى، مەن زېمىندا سوراقچى قىلىنسامىدى، ھەر كىمنىڭ ئەرزى ياكى دەۋايى بولۇپ، مېنىڭ قېشىمغا كەلسە، ئۇنىڭغا ئادالەت كۆرسىتەتتىم! ــ دەيتتى.
5 Birkim uningƣa tǝzim ⱪilƣili aldiƣa barsa, Abxalom ⱪolini uzutup, uni tutup sɵyǝtti.
بىركىم ئۇنىڭغا تەزىم قىلغىلى ئالدىغا بارسا، ئابشالوم قولىنى ئۇزۇتۇپ، ئۇنى تۇتۇپ سۆيەتتى.
6 Abxalom xundaⱪ ⱪilip padixaⱨning ⱨɵküm qiⱪirixiƣa kǝlgǝn Israilning ⱨǝrbir adǝmlirining kɵngüllirini utuwalatti.
ئابشالوم شۇنداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا كەلگەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىر ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇتۇۋالاتتى.
7 Tɵt yil ɵtkǝndǝ, Abxalom padixaⱨⱪa: Mening Ⱨebronda Pǝrwǝrdigarƣa iqkǝn ⱪǝsimimni ada ⱪilixim üqün, xu yǝrgǝ berixⱪa ijazǝt bǝrsǝng;
تۆت يىل ئۆتكەندە، ئابشالوم پادىشاھقا: مېنىڭ ھېبروندا پەرۋەردىگارغا ئىچكەن قەسىمىمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن، شۇ يەرگە بېرىشقا ئىجازەت بەرسەڭ؛
8 qünki ⱪulung Suriyǝdiki Gǝxurda turƣinimda ⱪǝsǝm iqip: Əgǝr Pǝrwǝrdigar meni Yerusalemƣa ⱪaytursa, mǝn Pǝrwǝrdigarƣa ibadǝt ⱪilimǝn, dǝp eytⱪanidi, — dedi.
چۈنكى قۇلۇڭ سۇرىيەدىكى گەشۇردا تۇرغىنىمدا قەسەم ئىچىپ: ئەگەر پەرۋەردىگار مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرسا، مەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىمەن، دەپ ئېيتقانىدى، ــ دېدى.
9 Padixaⱨ uningƣa: Tinq-aman berip kǝlgin, dewidi, u ⱪozƣilip Ⱨebronƣa kǝtti.
پادىشاھ ئۇنىڭغا: تىنچ-ئامان بېرىپ كەلگىن، دېۋىدى، ئۇ قوزغىلىپ ھېبرونغا كەتتى.
10 Lekin Abxalom Israilning ⱨǝmmǝ ⱪǝbililirigǝ mǝhpiy ǝlqilǝrni mangdurup: Burƣa awazini angliƣininglarda: «Abxalom Ⱨebronda padixaⱨ boldi!» dǝp elan ⱪilinglar, dedi.
لېكىن ئابشالوم ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىگە مەخپىي ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا: «ئابشالوم ھېبروندا پادىشاھ بولدى!» دەپ ئېلان قىلىڭلار، دېدى.
11 Əmdi ikki yüz adǝm tǝklip bilǝn Abxalom bilǝn birgǝ Yerusalemdin barƣanidi. Ular ⱨǝⱪiⱪiy ǝⱨwaldin bihǝwǝr bolƣaqⱪa, saddiliⱪ bilǝn barƣanidi.
ئەمدى ئىككى يۈز ئادەم تەكلىپ بىلەن ئابشالوم بىلەن بىرگە يېرۇسالېمدىن بارغانىدى. ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالدىن بىخەۋەر بولغاچقا، ساددىلىق بىلەن بارغانىدى.
12 Abxalom ⱪurbanliⱪ ɵtküzgǝndǝ, u adǝm ǝwǝtip Dawutning mǝsliⱨǝtqisi bolƣan Giloⱨluⱪ Aⱨitofǝlni ɵz xǝⱨiri Giloⱨdin elip kǝldi. Xuning bilǝn ⱪǝst barƣanseri küqǝydi, Abxalomƣa ǝgǝxkǝnlǝr barƣanseri kɵpüyüwatatti.
ئابشالوم قۇربانلىق ئۆتكۈزگەندە، ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان گىلوھلۇق ئاھىتوفەلنى ئۆز شەھىرى گىلوھدىن ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن قەست بارغانسېرى كۈچەيدى، ئابشالومغا ئەگەشكەنلەر بارغانسېرى كۆپۈيۈۋاتاتتى.
13 Dawutⱪa bir hǝwǝrqi kelip: Israilning adǝmlirining kɵngülliri Abxalomƣa mayil boldi, — dedi.
داۋۇتقا بىر خەۋەرچى كېلىپ: ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرى ئابشالومغا مايىل بولدى، ــ دېدى.
14 Xuning bilǝn Dawut Yerusalemda uning bilǝn bolƣan ⱨǝmmǝ ⱪul-hizmǝtkarliriƣa: Ⱪopup ⱪaqayli! Bolmisa, Abxalomdin ⱪutulalmaymiz. Ittik ketǝyli; bolmisa, u tuyuⱪsiz üstimizgǝ besip kelip, bizgǝ bala kǝltürüp xǝⱨǝr hǝlⱪini ⱪiliq bisi bilǝn uridu, dedi.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يېرۇسالېمدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە قۇل-خىزمەتكارلىرىغا: قوپۇپ قاچايلى! بولمىسا، ئابشالومدىن قۇتۇلالمايمىز. ئىتتىك كېتەيلى؛ بولمىسا، ئۇ تۇيۇقسىز ئۈستىمىزگە بېسىپ كېلىپ، بىزگە بالا كەلتۈرۈپ شەھەر خەلقىنى قىلىچ بىسى بىلەن ئۇرىدۇ، دېدى.
15 Padixaⱨning ⱪul-hizmǝtkarliri padixaⱨⱪa: Ƣojam padixaⱨ nemǝ bekitsǝ, xuni ⱪilimiz, dedi.
پادىشاھنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ نېمە بېكىتسە، شۇنى قىلىمىز، دېدى.
16 Xuning bilǝn padixaⱨ pütün ailisidikilǝrni elip, qiⱪip kǝtti; ǝmma padixaⱨ kenizǝkliridin onni ordiƣa ⱪaraxⱪa ⱪoydi.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، چىقىپ كەتتى؛ ئەمما پادىشاھ كېنىزەكلىرىدىن ئوننى ئوردىغا قاراشقا قويدى.
17 Padixaⱨ qiⱪip kǝtkǝndǝ ⱨǝmmǝ hǝlⱪ uningƣa ǝgǝxti; ular Bǝyt-Mǝrⱨakta turup ⱪaldi.
پادىشاھ چىقىپ كەتكەندە ھەممە خەلق ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ ئۇلار بەيت-مەرھاكتا تۇرۇپ قالدى.
18 Ⱨǝmmǝ hizmǝtkarliri uning bilǝn billǝ [Kidron eⱪinidin] ɵtüwatatti; barliⱪ Kǝrǝtiylǝr, barliⱪ Pǝlǝtiylǝr, barliⱪ Gatliⱪlar, yǝni Gat xǝⱨiridin qiⱪip uningƣa ǝgǝxkǝn altǝ yüz adǝm padixaⱨning aldida mangatti.
ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە [كىدرون ئېقىنىدىن] ئۆتۈۋاتاتتى؛ بارلىق كەرەتىيلەر، بارلىق پەلەتىيلەر، بارلىق گاتلىقلار، يەنى گات شەھىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز ئادەم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى.
19 Padixaⱨ Gatliⱪ Ittayƣa: Sǝn nemixⱪa biz bilǝn barisǝn? Yenip berip padixaⱨning ⱪexida turƣin; qünki sǝn ɵz yurtungdin musapir bolup palanƣansǝn.
پادىشاھ گاتلىق ئىتتايغا: سەن نېمىشقا بىز بىلەن بارىسەن؟ يېنىپ بېرىپ پادىشاھنىڭ قېشىدا تۇرغىن؛ چۈنكى سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن مۇساپىر بولۇپ پالانغانسەن.
20 Sǝn pǝⱪǝt tünügünla kǝlding, mǝn bügün ⱪandaⱪsigǝ seni ɵzüm bilǝn billǝ sǝrsan ⱪilay? Mǝn bolsam, nǝgǝ baralisam, xu yǝrgǝ barimǝn. Ⱪerindaxliringni elip yenip kǝtkin; Hudaning rǝⱨim-xǝpⱪiti wǝ ⱨǝⱪiⱪiti sanga yar bolƣay! — dedi.
سەن پەقەت تۈنۈگۈنلا كەلدىڭ، مەن بۈگۈن قانداقسىگە سېنى ئۆزۈم بىلەن بىللە سەرسان قىلاي؟ مەن بولسام، نەگە بارالىسام، شۇ يەرگە بارىمەن. قېرىنداشلىرىڭنى ئېلىپ يېنىپ كەتكىن؛ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ساڭا يار بولغاي! ــ دېدى.
21 Lekin Ittay padixaⱨⱪa jawab berip: Pǝrwǝrdigarning ⱨayati bilǝn wǝ ƣojam padixaⱨning ⱨayati bilǝn ⱪǝsǝm ⱪilimǝnki, mǝyli ⱨayat yaki mamat bolsun, ƣojam padixaⱨ ⱪǝyǝrdǝ bolsa, ⱪulung xu yǝrdimu bolidu! — dedi.
لېكىن ئىتتاي پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە غوجام پادىشاھنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەيلى ھايات ياكى مامات بولسۇن، غوجام پادىشاھ قەيەردە بولسا، قۇلۇڭ شۇ يەردىمۇ بولىدۇ! ــ دېدى.
22 Dawut Ittayƣa: Əmdi sǝnmu berip [eⱪindin] ɵtkin, dedi. Xuning bilǝn Gatliⱪ Ittay ⱨǝmmǝ adǝmliri wǝ uning bilǝn mangƣan barliⱪ bala-qaⱪiliri ɵtüp kǝtti.
داۋۇت ئىتتايغا: ئەمدى سەنمۇ بېرىپ [ئېقىندىن] ئۆتكىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن گاتلىق ئىتتاي ھەممە ئادەملىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ماڭغان بارلىق بالا-چاقىلىرى ئۆتۈپ كەتتى.
23 Ⱨǝmmǝ hǝlⱪ ɵtüwatⱪanda, pütkül xu yurttikilǝr ⱪattiⱪ awaz bilǝn yiƣlidi. Padixaⱨ ɵzimu Kidron eⱪinidin ɵtkǝndǝ, barliⱪ hǝlⱪ qɵllük tǝripigǝ ⱪarap yol aldi.
ھەممە خەلق ئۆتۈۋاتقاندا، پۈتكۈل شۇ يۇرتتىكىلەر قاتتىق ئاۋاز بىلەن يىغلىدى. پادىشاھ ئۆزىمۇ كىدرون ئېقىنىدىن ئۆتكەندە، بارلىق خەلق چۆللۈك تەرىپىگە قاراپ يول ئالدى.
24 Wǝ mana, Zadok bilǝn Lawiylarmu Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini kɵtürüp billǝ kǝldi; ular Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini yǝrdǝ ⱪoydi. Barliⱪ hǝlⱪ xǝⱨǝrdin qiⱪip ɵtküqǝ Abiyatar bolsa, ⱪurbanliⱪlarni sunup turatti.
ۋە مانا، زادوك بىلەن لاۋىيلارمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ بىللە كەلدى؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەردە قويدى. بارلىق خەلق شەھەردىن چىقىپ ئۆتكۈچە ئابىياتار بولسا، قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ تۇراتتى.
25 Padixaⱨ Zadokⱪa: Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini xǝⱨǝrgǝ yandurup elip kirgin. Mǝn ǝgǝr Pǝrwǝrdigarning kɵzliridǝ iltipat tapsam, U qoⱪum meni yandurup kelidu wǝ U manga ǝⱨdǝ sanduⱪini wǝ Ɵz makanini yǝnǝ kɵrgüzidu;
پادىشاھ زادوكقا: خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شەھەرگە ياندۇرۇپ ئېلىپ كىرگىن. مەن ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ كۆزلىرىدە ئىلتىپات تاپسام، ئۇ چوقۇم مېنى ياندۇرۇپ كېلىدۇ ۋە ئۇ ماڭا ئەھدە ساندۇقىنى ۋە ئۆز ماكانىنى يەنە كۆرگۈزىدۇ؛
26 lekin U mening toƣramda: Sǝndin hursǝnlikim yoⱪ, desǝ, mana mǝn; U meni ⱪandaⱪ ⱪilixni layiⱪ kɵrsǝ, xundaⱪ ⱪilsun, — dedi.
لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا: سەندىن خۇرسەنلىكىم يوق، دېسە، مانا مەن؛ ئۇ مېنى قانداق قىلىشنى لايىق كۆرسە، شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى.
27 Padixaⱨ kaⱨin Zadokⱪa: Sǝn aldin kɵrgüqi ǝmǝsmu? Sǝn wǝ ɵz oƣlung Ahimaaz wǝ Abiyatarning oƣli Yonatan, yǝni ikkinglarning ikki oƣlunglar sanga ⱨǝmraⱨ bolup tinq-aman xǝⱨǝrgǝ ⱪaytⱪin.
پادىشاھ كاھىن زادوكقا: سەن ئالدىن كۆرگۈچى ئەمەسمۇ؟ سەن ۋە ئۆز ئوغلۇڭ ئاخىمائاز ۋە ئابىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان، يەنى ئىككىڭلارنىڭ ئىككى ئوغلۇڭلار ساڭا ھەمراھ بولۇپ تىنچ-ئامان شەھەرگە قايتقىن.
28 Mana, mǝn silǝrdin hǝwǝr kǝlgüqǝ qɵldiki ɵtkǝllǝrdǝ kütüp turay, — dedi.
مانا، مەن سىلەردىن خەۋەر كەلگۈچە چۆلدىكى ئۆتكەللەردە كۈتۈپ تۇراي، ــ دېدى.
29 Xuning bilǝn Zadok bilǝn Abiyatar Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini Yerusalemƣa ⱪayturup berip, u yǝrdǝ ⱪaldi.
شۇنىڭ بىلەن زادوك بىلەن ئابىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇ يەردە قالدى.
30 Lekin Dawut Zǝytun teƣiƣa qiⱪⱪanda, bexini yepip yalang ayaƣ bolup yiƣlawatatti; uning bilǝn bolƣan ⱨǝmmǝ hǝlⱪning ⱨǝrbiri bexini yepip yiƣlap qiⱪiwatatti.
لېكىن داۋۇت زەيتۇن تېغىغا چىققاندا، بېشىنى يېپىپ يالاڭ ئاياغ بولۇپ يىغلاۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلقنىڭ ھەربىرى بېشىنى يېپىپ يىغلاپ چىقىۋاتاتتى.
31 Birsi kelip Dawutⱪa: Aⱨitofǝlmu Abxalomning ⱪǝstigǝ ⱪatnaxⱪanlar iqidǝ ikǝn, dedi. Xuning bilǝn Dawut dua ⱪilip: I Pǝrwǝrdigar, Aⱨitofǝlning mǝsliⱨǝtini ǝhmǝⱪanilikkǝ aylandurƣaysǝn, dedi.
بىرسى كېلىپ داۋۇتقا: ئاھىتوفەلمۇ ئابشالومنىڭ قەستىگە قاتناشقانلار ئىچىدە ئىكەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت دۇئا قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار، ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى ئەخمەقانىلىككە ئايلاندۇرغايسەن، دېدى.
32 Dawut taƣning qoⱪⱪisiƣa, yǝni adǝttǝ u mǝhsus Hudaƣa ibadǝt ⱪilidiƣan jayƣa yǝtkǝndǝ, Arkiliⱪ Ⱨuxay toni yirtiⱪ, bexiƣa topa-qang qeqilƣan ⱨalda uning aldiƣa kǝldi.
داۋۇت تاغنىڭ چوققىسىغا، يەنى ئادەتتە ئۇ مەخسۇس خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جايغا يەتكەندە، ئاركىلىق ھۇشاي تونى يىرتىق، بېشىغا توپا-چاڭ چېچىلغان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
33 Dawut uningƣa: Mening bilǝn barsang, manga yük bolup ⱪalisǝn;
داۋۇت ئۇنىڭغا: مېنىڭ بىلەن بارساڭ، ماڭا يۈك بولۇپ قالىسەن؛
34 lekin xǝⱨǝrgǝ ⱪaytip berip Abxalomƣa: I padixaⱨ, mǝn bügüngǝ ⱪǝdǝr atangning ⱪul-hizmǝtkari bolƣandǝk, ǝmdi sening ⱪul-hizmǝtkaring bolay, disǝng, sǝn mǝn üqün Aⱨitofǝlning mǝsliⱨǝtini bikar ⱪiliwetǝlǝysǝn.
لېكىن شەھەرگە قايتىپ بېرىپ ئابشالومغا: ئى پادىشاھ، مەن بۈگۈنگە قەدەر ئاتاڭنىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغاندەك، ئەمدى سېنىڭ قۇل-خىزمەتكارىڭ بولاي، دىسەڭ، سەن مەن ئۈچۈن ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى بىكار قىلىۋېتەلەيسەن.
35 Mana Zadok wǝ Abiyatar degǝn kaⱨinlarmu xu yǝrdǝ sǝn bilǝn billǝ bolidu ǝmǝsmu? Padixaⱨning ordisidin nemǝ anglisang, Zadok bilǝn Abiyatar kaⱨinlarƣa eytⱪin.
مانا زادوك ۋە ئابىياتار دېگەن كاھىنلارمۇ شۇ يەردە سەن بىلەن بىللە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن نېمە ئاڭلىساڭ، زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا ئېيتقىن.
36 mana, ularning ikki oƣli, yǝni Zadokning oƣli Ahimaaz bilǝn Abiyatarning oƣli Yonatanmu xu yǝrdǝ ularning yenida turidu. Ⱨǝrnemǝ anglisang, ular arⱪiliⱪ manga hǝwǝr yǝtküzgin — dedi.
مانا، ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى يوناتانمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. ھەرنېمە ئاڭلىساڭ، ئۇلار ئارقىلىق ماڭا خەۋەر يەتكۈزگىن ــ دېدى.
37 Xuning bilǝn Dawutning dosti Ⱨuxay xǝⱨǝrgǝ bardi; Abxalommu dǝl xu qaƣda Yerusalemƣa kirdi.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ دوستى ھۇشاي شەھەرگە باردى؛ ئابشالوممۇ دەل شۇ چاغدا يېرۇسالېمغا كىردى.

< Samu'il 2 15 >