< Samu'il 2 12 >

1 Pǝrwǝrdigar Natanni Dawutning ⱪexiƣa mangdurdi. U Dawutning ⱪexiƣa kelip uningƣa mundaⱪ dedi: «Bir xǝⱨǝrdǝ ikki adǝm bar bolup, birsi bay, yǝnǝ birsi kǝmbǝƣǝl idi.
پەرۋەردىگار ناتاننى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى. ئۇ داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، يەنە بىرسى كەمبەغەل ئىدى.
2 Bayning intayin tola ⱪoy wǝ kala padiliri bar idi.
باينىڭ ئىنتايىن تولا قوي ۋە كالا پادىلىرى بار ئىدى.
3 Lekin kǝmbǝƣǝlning ɵzi setiwelip baⱪⱪan kiqik bir saƣliⱪ ⱪozidin baxⱪa bir nǝrsisi yoⱪ idi. Ⱪoza kǝmbǝƣǝlning ɵyidǝ baliliri bilǝn tǝng ɵsüp qong boldi. Ⱪoza uning yeginidin yǝp, uning iqkinidin iqip, uning ⱪuqiⱪida uhlidi; uning nǝziridǝ u ɵz ⱪizidǝk idi.
لېكىن كەمبەغەلنىڭ ئۆزى سېتىۋېلىپ باققان كىچىك بىر ساغلىق قوزىدىن باشقا بىر نەرسىسى يوق ئىدى. قوزا كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە بالىلىرى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ چوڭ بولدى. قوزا ئۇنىڭ يېگىنىدىن يەپ، ئۇنىڭ ئىچكىنىدىن ئىچىپ، ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلىدى؛ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئۆز قىزىدەك ئىدى.
4 Bir küni bir yoluqi bayningkigǝ kǝldi. Əmma u ɵzigǝ kǝlgǝn meⱨman üqün ɵzining ⱪoy yaki kala padiliridin birini yegüzüxkǝ tǝyyarlaxⱪa kɵzi ⱪiymay, bǝlki kǝmbǝƣǝlning ⱪozisini tartiwelip soyup, kǝlgǝn meⱨman üqün tǝyyarlidi».
بىر كۈنى بىر يولۇچى باينىڭكىگە كەلدى. ئەمما ئۇ ئۆزىگە كەلگەن مېھمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قوي ياكى كالا پادىلىرىدىن بىرىنى يېگۈزۈشكە تەييارلاشقا كۆزى قىيماي، بەلكى كەمبەغەلنىڭ قوزىسىنى تارتىۋېلىپ سويۇپ، كەلگەن مېھمان ئۈچۈن تەييارلىدى».
5 Dawut buni anglap u kixigǝ ⱪattiⱪ ƣǝzǝplǝndi. U Natanƣa: Pǝrwǝrdigarning ⱨayati bilǝn [ⱪǝsǝm ⱪilimǝnki], xuni ⱪilƣan adǝm ɵlümgǝ layiⱪtur!
داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ ناتانغا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىمەنكى]، شۇنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە لايىقتۇر!
6 U ⱨeq rǝⱨimdilliⱪ kɵrsǝtmǝy bu ixni ⱪilƣini üqün ⱪoziƣa tɵt ⱨǝssǝ tɵlǝm tɵlisun — dedi.
ئۇ ھېچ رەھىمدىللىق كۆرسەتمەي بۇ ئىشنى قىلغىنى ئۈچۈن قوزىغا تۆت ھەسسە تۆلەم تۆلىسۇن ــ دېدى.
7 Natan Dawutⱪa: Sǝn dǝl xu kixidursǝn! Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: «Mǝn seni Israilning üstidǝ padixaⱨ bolƣili mǝsiⱨ ⱪildim wǝ Saulning ⱪolidin ⱪutⱪuzdum;
ناتان داۋۇتقا: سەن دەل شۇ كىشىدۇرسەن! ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولغىلى مەسىھ قىلدىم ۋە سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم؛
8 Mǝn ƣojangning jǝmǝtini sanga berip, ƣojangning ayallirini ⱪuqiⱪingƣa yatⱪuzup, Israilning jǝmǝti bilǝn Yǝⱨudaning jǝmǝtini sanga bǝrdim. Əgǝr sǝn buni az kɵrgǝn bolsang, Mǝn sanga yǝnǝ ⱨǝssilǝp berǝttim;
مەن غوجاڭنىڭ جەمەتىنى ساڭا بېرىپ، غوجاڭنىڭ ئاياللىرىنى قۇچىقىڭغا ياتقۇزۇپ، ئىسرائىلنىڭ جەمەتى بىلەن يەھۇدانىڭ جەمەتىنى ساڭا بەردىم. ئەگەر سەن بۇنى ئاز كۆرگەن بولساڭ، مەن ساڭا يەنە ھەسسىلەپ بېرەتتىم؛
9 Nemixⱪa Pǝrwǝrdigarning sɵzini kɵzgǝ ilmay, uning nǝziridǝ rǝzil bolƣanni ⱪilding? Sǝn Ⱨittiy Uriyani ⱪiliq bilǝn ɵltürgüzüp, uning ayalini ɵzünggǝ ayal ⱪilding, sǝn uni Ammoniylarning ⱪiliqi bilǝn ⱪǝtl ⱪilding.
نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدىڭ؟ سەن ھىتتىي ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلدىڭ، سەن ئۇنى ئاممونىيلارنىڭ قىلىچى بىلەن قەتل قىلدىڭ.
10 Əmdi sǝn Meni kɵzgǝ ilmay, Ⱨittiy Uriyaning ayalini ɵzünggǝ ayal ⱪilƣining üqün, ⱪiliq sening ɵyüngdin ayrilmaydu».
ئەمدى سەن مېنى كۆزگە ئىلماي، ھىتتىي ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلغىنىڭ ئۈچۈن، قىلىچ سېنىڭ ئۆيۈڭدىن ئايرىلمايدۇ».
11 Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Mana ɵz ɵyüngdin sanga yamanliⱪ kǝltürüp, kɵzliringning aldida ayalliringni elip, sanga yeⱪin birsigǝ berimǝn, u bolsa küpkündüzdǝ ayalliring bilǝn yatidu.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا ئۆز ئۆيۈڭدىن ساڭا يامانلىق كەلتۈرۈپ، كۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئاياللىرىڭنى ئېلىپ، ساڭا يېقىن بىرسىگە بېرىمەن، ئۇ بولسا كۈپكۈندۈزدە ئاياللىرىڭ بىلەن ياتىدۇ.
12 Sǝn bolsang u ixni mǝhpiy ⱪilding, lekin Mǝn bu ixni pütkül Israilning aldida kündüzdǝ ⱪilimǝn» — dedi.
سەن بولساڭ ئۇ ئىشنى مەخپىي قىلدىڭ، لېكىن مەن بۇ ئىشنى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا كۈندۈزدە قىلىمەن» ــ دېدى.
13 Dawut Natanƣa: — Mǝn Pǝrwǝrdigarning aldida gunaⱨ ⱪildim — dedi. Natan Dawutⱪa: Pǝrwǝrdigar ⱨǝm gunaⱨingdin ɵtti; sǝn ɵlmǝysǝn.
داۋۇت ناتانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدىم ــ دېدى. ناتان داۋۇتقا: پەرۋەردىگار ھەم گۇناھىڭدىن ئۆتتى؛ سەن ئۆلمەيسەن.
14 Ⱨalbuki, bu ix bilǝn Pǝrwǝrdigarning düxmǝnlirigǝ kupurluⱪ ⱪilixⱪa pursǝt bǝrgining üqün, seningdin tuƣulƣan oƣul bala qoⱪum ɵlidu, — dedi.
ھالبۇكى، بۇ ئىش بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىگە كۇپۇرلۇق قىلىشقا پۇرسەت بەرگىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭدىن تۇغۇلغان ئوغۇل بالا چوقۇم ئۆلىدۇ ، ــ دېدى.
15 Xuning bilǝn Natan ɵz ɵyigǝ ⱪaytip kǝtti. Pǝrwǝrdigar Uriyaning ayalidin Dawutⱪa tuƣulƣan balini xundaⱪ urdiki, u ⱪattiⱪ kesǝl boldi.
شۇنىڭ بىلەن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن داۋۇتقا تۇغۇلغان بالىنى شۇنداق ئۇردىكى، ئۇ قاتتىق كېسەل بولدى.
16 Dawut bala ⱨǝⱪⱪidǝ Hudaƣa yelindi. U roza tutup, keqilǝrdǝ iqkirigǝ kirip yǝrdǝ düm yatatti.
داۋۇت بالا ھەققىدە خۇداغا يېلىندى. ئۇ روزا تۇتۇپ، كېچىلەردە ئىچكىرىگە كىرىپ يەردە دۈم ياتاتتى.
17 Uning jǝmǝtining aⱪsaⱪalliri ⱪopup uning ⱪexiƣa berip, uni yǝrdin ⱪopurmaⱪqi boldi; lekin u unimidi wǝ ular bilǝn tamaⱪ yeyixni rǝt ⱪildi.
ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ئاقساقاللىرى قوپۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى يەردىن قوپۇرماقچى بولدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىمىدى ۋە ئۇلار بىلەن تاماق يېيىشنى رەت قىلدى.
18 Yǝttinqi küni bala ɵldi. Dawutning hizmǝtkarliri bala ɵldi, degǝn hǝwǝrni uningƣa berixtin ⱪorⱪup: «Bala tirik waⱪitida padixaⱨ bizning sɵzlirimizgǝ ⱪulaⱪ salmidi, ǝmdi biz ⱪandaⱪmu uningƣa bala ɵldi, dǝp hǝwǝr berimiz? U ɵzini zǝhimlǝndürüxi mumkin!» — deyixti.
يەتتىنچى كۈنى بالا ئۆلدى. داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى بالا ئۆلدى، دېگەن خەۋەرنى ئۇنىڭغا بېرىشتىن قورقۇپ: «بالا تىرىك ۋاقىتىدا پادىشاھ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە قۇلاق سالمىدى، ئەمدى بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا بالا ئۆلدى، دەپ خەۋەر بېرىمىز؟ ئۇ ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن!» ــ دېيىشتى.
19 Lekin Dawut hizmǝtkarlirining piqirlaxⱪinini kɵrüp, balining ɵlginini uⱪti. Xunga Dawut hizmǝtkarliridin: Bala ɵldimu? dǝp soridi. Ular: Ɵldi, — dǝp jawab bǝrdi.
لېكىن داۋۇت خىزمەتكارلىرىنىڭ پىچىرلاشقىنىنى كۆرۈپ، بالىنىڭ ئۆلگىنىنى ئۇقتى. شۇڭا داۋۇت خىزمەتكارلىرىدىن: بالا ئۆلدىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: ئۆلدى، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
20 Xuning bilǝn Dawut yǝrdin ⱪopup, yuyunup, [huxbuy] may bilǝn mǝsiⱨlinip, kiyimlirini yǝnggüxlǝp, Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ kirip ibadǝt ⱪildi; andin ɵz ɵyigǝ ⱪaytip ɵzigǝ tamaⱪ ǝkǝltürüp yedi.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يەردىن قوپۇپ، يۇيۇنۇپ، [خۇشبۇي] ماي بىلەن مەسىھلىنىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئىبادەت قىلدى؛ ئاندىن ئۆز ئۆيىگە قايتىپ ئۆزىگە تاماق ئەكەلتۈرۈپ يېدى.
21 Hizmǝtkarliri uningƣa: Silining bu nemǝ ⱪilƣanliri? Bala tirik qaƣda roza tutup yiƣlidila, lekin bala ɵlgǝndin keyin ⱪopup tamaⱪ yedila, — dedi.
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: سىلىنىڭ بۇ نېمە قىلغانلىرى؟ بالا تىرىك چاغدا روزا تۇتۇپ يىغلىدىلا، لېكىن بالا ئۆلگەندىن كېيىن قوپۇپ تاماق يېدىلا، ــ دېدى.
22 U: Mǝn: «Kim bilsun, Pǝrwǝrdigar manga xapaǝt kɵrsitip, balini tirik ⱪaldurarmikin» dǝp oylap, bala tirik waⱪitta roza tutup yiƣlidim.
ئۇ: مەن: «كىم بىلسۇن، پەرۋەردىگار ماڭا شاپائەت كۆرسىتىپ، بالىنى تىرىك قالدۇرارمىكىن» دەپ ئويلاپ، بالا تىرىك ۋاقىتتا روزا تۇتۇپ يىغلىدىم.
23 Lekin ǝmdi u ɵlgǝndin keyin nemixⱪa roza tutay? Mǝn uni yandurup alalaymǝnmu? Mǝn uning yeniƣa barimǝn, lekin u yenimƣa yenip kelǝlmǝydu, — dedi
لېكىن ئەمدى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن نېمىشقا روزا تۇتاي؟ مەن ئۇنى ياندۇرۇپ ئالالايمەنمۇ؟ مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ يېنىمغا يېنىپ كېلەلمەيدۇ، ــ دېدى
24 Dawut ayali Bat-Xebaƣa tǝsǝlli bǝrdi. U uning ⱪexiƣa kirip uning bilǝn yatti; u bir oƣul tuƣiwidi, Dawut uni Sulayman dǝp atidi. Pǝrwǝrdigar uni sɵydi,
داۋۇت ئايالى بات-شېباغا تەسەللى بەردى. ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتتى؛ ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىۋىدى، داۋۇت ئۇنى سۇلايمان دەپ ئاتىدى. پەرۋەردىگار ئۇنى سۆيدى،
25 wǝ Natan pǝyƣǝmbǝr arⱪiliⱪ wǝⱨiy yǝtküzüp, uningƣa Pǝrwǝrdigar üqün «Yǝdidiya» dǝp isim ⱪoydi.
ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار ئۈچۈن «يەدىدىيا» دەپ ئىسىم قويدى.
26 Yoab Ammoniylarning xaⱨanǝ paytǝhti Rabbaⱨⱪa ⱨujum ⱪilip uni aldi.
يوئاب ئاممونىيلارنىڭ شاھانە پايتەختى رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالدى.
27 Andin Yoab hǝwǝrqilǝrni Dawutning ⱪexiƣa mangdurup: Mǝn Rabbaⱨⱪa ⱨujum ⱪilip, xǝⱨǝrning su bar ⱪismini aldim.
ئاندىن يوئاب خەۋەرچىلەرنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۇپ: مەن رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ سۇ بار قىسمىنى ئالدىم.
28 Ⱨazir sǝn ⱪalƣan ǝskǝrlǝrni yiƣip, xǝⱨǝrni ⱪamal ⱪilip, uni ixƣal ⱪilƣin; bolmisa mǝn xǝⱨǝrni alsam, mening ismim bilǝn atilixi mumkin — dedi.
ھازىر سەن قالغان ئەسكەرلەرنى يىغىپ، شەھەرنى قامال قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلغىن؛ بولمىسا مەن شەھەرنى ئالسام، مېنىڭ ئىسمىم بىلەن ئاتىلىشى مۇمكىن ــ دېدى.
29 Xunga Dawut ⱨǝmmǝ hǝlⱪni jǝm ⱪilip, Rabbaⱨⱪa ⱨujum ⱪilip uni aldi.
شۇڭا داۋۇت ھەممە خەلقنى جەم قىلىپ، رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالدى.
30 U ularning padixaⱨining tajini uning bexidin aldi. Uning üstidiki altunning eƣirliƣi bir talant idi, wǝ uning kɵzidǝ bir gɵⱨǝr bar idi. Kixilǝr bu tajni Dawutning bexiƣa kiygüzdi, Dawut bolsa u xǝⱨǝrdin nurƣun olja aldi.
ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ تاجىنى ئۇنىڭ بېشىدىن ئالدى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇننىڭ ئېغىرلىغى بىر تالانت ئىدى، ۋە ئۇنىڭ كۆزىدە بىر گۆھەر بار ئىدى. كىشىلەر بۇ تاجنى داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيگۈزدى، داۋۇت بولسا ئۇ شەھەردىن نۇرغۇن ئولجا ئالدى.
31 Əmma u yǝrdiki hǝlⱪni xǝⱨǝrdin qiⱪirip ularni ⱨǝrǝ, haman tepidiƣan tirnilar wǝ tɵmür paltilar bilǝn ixlǝtti yaki humdanda ⱪattiⱪ ǝmgǝkkǝ saldi; Dawut Ammoniylarning ⱨǝmmǝ xǝⱨǝrliridǝ xundaⱪ ⱪildi; andin Dawut barliⱪ hǝlⱪ bilǝn Yerusalemƣa yenip kǝldi.
ئەمما ئۇ يەردىكى خەلقنى شەھەردىن چىقىرىپ ئۇلارنى ھەرە، خامان تېپىدىغان تىرنىلار ۋە تۆمۈر پالتىلار بىلەن ئىشلەتتى ياكى خۇمداندا قاتتىق ئەمگەككە سالدى؛ داۋۇت ئاممونىيلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە شۇنداق قىلدى؛ ئاندىن داۋۇت بارلىق خەلق بىلەن يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى.

< Samu'il 2 12 >