< Padixaⱨlar 2 9 >

1 Elixa pǝyƣǝmbǝr pǝyƣǝmbǝrlǝrning xagirtliridin birini qaⱪirip, uningƣa: — «Belingni baƣlap bu may ⱪaqisini ⱪolungƣa elip, Gileadtiki Ramotⱪa barƣin.
ئېلىشا پەيغەمبەر پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ «بېلىڭنى باغلاپ بۇ ماي قاچىسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، گىلېئادتىكى راموتقا بارغىن.
2 U yǝrgǝ barƣanda Nimxining nǝwrisi, Yǝⱨoxafatning oƣli Yǝⱨuni tepip, ɵyigǝ kirip, uni ɵz buradǝrliri arisidin ornidin turƣuzup, iqkiriki ɵygǝ baxlap kir.
ئۇ يەرگە بارغاندا نىمشىنىڭ نەۋرىسى، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھۇنى تېپىپ، ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنى ئۆز بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە باشلاپ كىر.
3 Andin ⱪaqidiki mayni bexiƣa ⱪuyup: Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mǝn seni Israilƣa padixaⱨ boluxⱪa mǝsiⱨ ⱪildim, degin; xuni dǝp bolupla ixikni eqip, ⱪeqip qiⱪⱪin, ⱨayal bolma» — dedi.
ئاندىن قاچىدىكى ماينى بېشىغا قۇيۇپ: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم، دېگىن؛ شۇنى دەپ بولۇپلا ئىشىكنى ئېچىپ، قېچىپ چىققىن، ھايال بولما» ــ دېدى.
4 Xuning bilǝn xu yax pǝyƣǝmbǝr yigit Gileadtiki Ramotⱪa bardi.
شۇنىڭ بىلەن شۇ ياش پەيغەمبەر يىگىت گىلېئادتىكى راموتقا باردى.
5 U yǝrgǝ kǝlgǝndǝ, mana, ⱪoxunning sǝrdarliri u yǝrdǝ olturatti. U: — I sǝrdar, sanga bir sɵzüm bar, dedi. Yǝⱨu: — Ⱪaysimizƣa? — dǝp soridi. U: — Sanga, i sǝrdar, dedi.
ئۇ يەرگە كەلگەندە، مانا، قوشۇننىڭ سەردارلىرى ئۇ يەردە ئولتۇراتتى. ئۇ: ــ ئى سەردار، ساڭا بىر سۆزۈم بار، دېدى. يەھۇ: ــ قايسىمىزغا؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ساڭا، ئى سەردار، دېدى.
6 U ⱪopup ɵygǝ kirdi. Yigit bexiƣa mayni ⱪuyup uningƣa mundaⱪ dedi: Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mǝn seni Pǝrwǝrdigarning hǝlⱪigǝ, yǝni Israilƣa padixaⱨ boluxⱪa mǝsiⱨ ⱪildim.
ئۇ قوپۇپ ئۆيگە كىردى. يىگىت بېشىغا ماينى قۇيۇپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىگە، يەنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم.
7 Sǝn ɵz ƣojang Aⱨabning jǝmǝtini yoⱪitisǝn; qünki ɵz ⱪullirim pǝyƣǝmbǝrlǝrning ⱪeni üqün wǝ Pǝrwǝrdigarning ⱨǝmmǝ ⱪullirining ⱪeni üqün Yizǝbǝldin intiⱪam alay.
سەن ئۆز غوجاڭ ئاھابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن؛ چۈنكى ئۆز قۇللىرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنى ئۈچۈن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە قۇللىرىنىڭ قېنى ئۈچۈن يىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالاي.
8 Aⱨabning pütkül jǝmǝti yoⱪilidu; Aⱨabning jǝmǝtidin Israildiki ⱨǝmmǝ ǝrkǝklǝrni ⱨǝtta ajiz yaki meyip bolsun ⱨǝmmisini ⱨalak ⱪilimǝn.
ئاھابنىڭ پۈتكۈل جەمەتى يوقىلىدۇ؛ ئاھابنىڭ جەمەتىدىن ئىسرائىلدىكى ھەممە ئەركەكلەرنى ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن.
9 Mǝn Aⱨabning jǝmǝtini Nibatning oƣli Yǝroboamning jǝmǝtidǝk wǝ Ahiyaⱨning oƣli Baaxaning jǝmǝtidǝk yoⱪ ⱪilimǝn.
مەن ئاھابنىڭ جەمەتىنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتىدەك ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىدەك يوق قىلىمەن.
10 Itlar Yizǝbǝlni Yizrǝǝldiki xu parqǝ yǝrdǝ yǝydu. Ⱨeqkim uni dǝpnǝ ⱪilmaydu». Xuni dǝp bolupla yigit ixikni eqip ⱪeqip kǝtti.
ئىتلار يىزەبەلنى يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە يەيدۇ. ھېچكىم ئۇنى دەپنە قىلمايدۇ». شۇنى دەپ بولۇپلا يىگىت ئىشىكنى ئېچىپ قېچىپ كەتتى.
11 Yǝⱨu ɵz ƣojisining hizmǝtkarlirining ⱪexiƣa yenip qiⱪⱪanda, ular uningdin: — Ⱨǝmmǝ ix tinqliⱪmu? Bu tǝlwǝ seni nemǝ ix bilǝn izdǝp kǝptu? — dǝp soridi. U ularƣa: Silǝr xu kixi wǝ uning sǝpsǝtǝlirini bilisilǝr, — dedi.
يەھۇ ئۆز غوجىسىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قېشىغا يېنىپ چىققاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ بۇ تەلۋە سېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدەپ كەپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: سىلەر شۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ سەپسەتەلىرىنى بىلىسىلەر، ــ دېدى.
12 Ular: Yalƣan eytma! Bizgǝ dǝp bǝrginǝ! dewidi, u: — U manga mundaⱪ-mundaⱪ dǝp, Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Seni Israilning üstidǝ padixaⱨ boluxⱪa mǝsiⱨ ⱪildim» dǝp eytti — dedi.
ئۇلار: يالغان ئېيتما! بىزگە دەپ بەرگىنە! دېۋىدى، ئۇ: ــ ئۇ ماڭا مۇنداق-مۇنداق دەپ، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم» دەپ ئېيتتى ــ دېدى.
13 Xuning bilǝn ularning ⱨǝmmisi tonlirini selip, pǝlǝmpǝydǝ yeyip uningƣa payandaz ⱪildi. Ular kanay qelip: «Yǝⱨu padixaⱨ boldi!» dǝp jakarlaxti.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونلىرىنى سېلىپ، پەلەمپەيدە يېيىپ ئۇنىڭغا پايانداز قىلدى. ئۇلار كاناي چېلىپ: «يەھۇ پادىشاھ بولدى!» دەپ جاكارلاشتى.
14 Xuning bilǝn Nimxining nǝwrisi, Yǝⱨoxafatning oƣli Yǝⱨu Yoramni ⱪǝstlimǝkqi boldi. U waⱪitta Yoram bilǝn barliⱪ Israillar Gileadtiki Ramotta turup, u jayni Suriyǝning padixaⱨi Ⱨazaǝlning ⱨujumidin muⱨapizǝt ⱪiliwatatti.
شۇنىڭ بىلەن نىمشىنىڭ نەۋرىسى، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھۇ يورامنى قەستلىمەكچى بولدى. ئۇ ۋاقىتتا يورام بىلەن بارلىق ئىسرائىللار گىلېئادتىكى راموتتا تۇرۇپ، ئۇ جاينى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇھاپىزەت قىلىۋاتاتتى.
15 Əmdi Yoram padixaⱨ Suriyǝning padixaⱨi Ⱨazaǝl bilǝn soⱪuxⱪanda Suriylǝrdin yegǝn zǝhmidin saⱪiyix üqün Yizrǝǝlgǝ yenip kǝlgǝnidi. Yǝⱨu bolsa [ɵzigǝ ǝgǝxkǝnlǝrgǝ]: Silǝrgǝ layiⱪ kɵrünsǝ, Yizrǝǝlgǝ berip hǝwǝr bǝrgüdǝk ⱨeqkimni xǝⱨǝrdin ⱪaqurmanglar, degǝnidi.
ئەمدى يورام پادىشاھ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشقاندا سۇرىيلەردىن يېگەن زەخمىدىن ساقىيىش ئۈچۈن يىزرەئەلگە يېنىپ كەلگەنىدى. يەھۇ بولسا [ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە]: سىلەرگە لايىق كۆرۈنسە، يىزرەئەلگە بېرىپ خەۋەر بەرگۈدەك ھېچكىمنى شەھەردىن قاچۇرماڭلار، دېگەنىدى.
16 Yǝⱨu bir jǝng ⱨarwisini ⱨǝydǝp Yizrǝǝlgǝ bardi, qünki Yoram u yǝrdǝ kesǝl bilǝn yatⱪanidi (Yǝⱨudaning padixaⱨi Aⱨaziya Yoramni yoⱪliƣili qüxüp kǝlgǝnidi).
يەھۇ بىر جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ يىزرەئەلگە باردى، چۈنكى يورام ئۇ يەردە كېسەل بىلەن ياتقانىدى (يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا يورامنى يوقلىغىلى چۈشۈپ كەلگەنىدى).
17 Əmdi kɵzǝtqi Yizrǝǝlning munarida turup, Yǝⱨu ⱪatarliⱪ bir top adǝmlǝrni kɵrdi. U: «Bir top adǝmlǝrni kɵrdum» dedi. Yoram: Bir atliⱪ kixini ularning aldiƣa ǝwǝtinglar, u ulardin: — Ⱨǝmmǝ ix tinqliⱪmu? — dǝp sorisun, dedi.
ئەمدى كۆزەتچى يىزرەئەلنىڭ مۇنارىدا تۇرۇپ، يەھۇ قاتارلىق بىر توپ ئادەملەرنى كۆردى. ئۇ: «بىر توپ ئادەملەرنى كۆردۇم» دېدى. يورام: بىر ئاتلىق كىشىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىڭلار، ئۇ ئۇلاردىن: ــ ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىسۇن، دېدى.
18 Xuning bilǝn atliⱪ bir kixi ularning aldiƣa berip: — Padixaⱨ, ⱨǝmmǝ ix tinqliⱪmu, dǝp soridi, dedi. Yǝⱨu: — Tinqliⱪmu, ǝmǝsmu, buning bilǝn nemǝ karing? Burulup mening kǝynimdin mang, — dedi. Kɵzǝtqi [padixaⱨⱪa] hǝwǝr berip: — Hǝwǝrqi ularning ⱪexiƣa bardi, lekin ⱪaytip kǝlmidi» — dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئاتلىق بىر كىشى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ پادىشاھ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ، دەپ سورىدى، دېدى. يەھۇ: ــ تىنچلىقمۇ، ئەمەسمۇ، بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟ بۇرۇلۇپ مېنىڭ كەينىمدىن ماڭ، ــ دېدى. كۆزەتچى [پادىشاھقا] خەۋەر بېرىپ: ــ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى» ــ دېدى.
19 Xuning bilǝn u yǝnǝ bir atliⱪ kixini mangdurdi. U ularning aldiƣa berip: — Padixaⱨ, ⱨǝmmǝ ix tinqliⱪmu, dǝp soridi, dedi. Yǝⱨu: — Tinqliⱪmu, ǝmǝsmu, buning bilǝn nemǝ karing? Burulup mening kǝynimdin mang, dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر ئاتلىق كىشىنى ماڭدۇردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ پادىشاھ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ، دەپ سورىدى، دېدى. يەھۇ: ــ تىنچلىقمۇ، ئەمەسمۇ، بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟ بۇرۇلۇپ مېنىڭ كەينىمدىن ماڭ، دېدى.
20 Kɵzǝtqi [padixaⱨⱪa] hǝwǝr berip: — Hǝwǝrqi ularning ⱪexiƣa bardi, lekin ⱪaytip kǝlmidi. Əmdi ularning ⱨarwa ⱨǝydixi Nimxining oƣli Yǝⱨuning ⱨǝydixidǝk ikǝn, qünki u tǝlwilǝrqǝ ⱨǝydǝydu, dedi.
كۆزەتچى [پادىشاھقا] خەۋەر بېرىپ: ــ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھارۋا ھەيدىشى نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇنىڭ ھەيدىشىدەك ئىكەن، چۈنكى ئۇ تەلۋىلەرچە ھەيدەيدۇ، دېدى.
21 Yoram: — Ⱨarwini ⱪetinglar, dǝp buyruwidi, uning jǝng ⱨarwisini ⱪetip tǝyyarlidi. Andin Israilning padixaⱨi Yoram bilǝn Yǝⱨudaning padixaⱨi Aⱨaziya, ⱨǝrbiri ɵz jǝng ⱨarwisiƣa olturup, Yǝⱨuning aldiƣa berixⱪa qiⱪti; ular uning bilǝn Yizrǝǝllik Nabotning etizliⱪida uqraxti.
يورام: ــ ھارۋىنى قېتىڭلار، دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى قېتىپ تەييارلىدى. ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يورام بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا، ھەربىرى ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، يەھۇنىڭ ئالدىغا بېرىشقا چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇچراشتى.
22 Yoram Yǝⱨuni kɵrgǝndǝ, «I Yǝⱨu, ⱨǝmmǝ ix tinqliⱪmu? dǝp soridi. U: — Anang Yizǝbǝlning ⱪilƣan buzuⱪqiliⱪliri wǝ jadugǝrliki xunqǝ jiⱪ tursa, ⱪandaⱪmu tinqliⱪ bolidu?! — dedi.
يورام يەھۇنى كۆرگەندە، «ئى يەھۇ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئاناڭ يىزەبەلنىڭ قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرى ۋە جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچلىق بولىدۇ؟! ــ دېدى.
23 Xuning bilǝn Yoram ⱨarwini yandurup Aⱨaziyaƣa: «I Aⱨaziya, asiyliⱪ!» dǝp warⱪirap bǝdǝr ⱪaqti.
شۇنىڭ بىلەن يورام ھارۋىنى ياندۇرۇپ ئاھازىياغا: «ئى ئاھازىيا، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ بەدەر قاچتى.
24 Yǝⱨu oⱪyasini ⱪoliƣa elip, oⱪ selip Yoramning [kǝyni tǝripidin] uning ikki mürisining ariliⱪidin atti. Ya oⱪi uning yürikidin texip qiⱪti wǝ u ɵz ⱨarwisiƣa yiⱪilip qüxti.
يەھۇ ئوقياسىنى قولىغا ئېلىپ، ئوق سېلىپ يورامنىڭ [كەينى تەرىپىدىن] ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىلىقىدىن ئاتتى. يا ئوقى ئۇنىڭ يۈرىكىدىن تېشىپ چىقتى ۋە ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلىپ چۈشتى.
25 Yǝⱨu ɵz yenidiki ǝmǝldari Bidkarƣa: Uni elip Yizrǝǝllik Nabotning etizliⱪiƣa taxliƣin. Yadingda bolsunki, mǝn bilǝn sǝn uning atisi Aⱨabning kǝynidin billǝ mangƣanda, Pǝrwǝrdigar uning toƣrisida mundaⱪ bir ⱨɵküm-wǝⱨiyni eytⱪan: —
يەھۇ ئۆز يېنىدىكى ئەمەلدارى بىدكارغا: ئۇنى ئېلىپ يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىغا تاشلىغىن. يادىڭدا بولسۇنكى، مەن بىلەن سەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئاھابنىڭ كەينىدىن بىللە ماڭغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇنداق بىر ھۆكۈم-ۋەھىينى ئېيتقان: ــ
26 «Mǝn tünügün Nabotning ⱪeni bilǝn uning oƣullirining ⱪenini kɵrdüm, dǝydu Pǝrwǝrdigar: Mana bu [ⱪan ⱪǝrzini] dǝl bu etizliⱪta sanga yandurimǝn, dǝydu Pǝrwǝrdigar». Əmdi Pǝrwǝrdigarning xu sɵzi boyiqǝ, uni elip xu yǝrgǝ taxliƣin, — dedi.
«مەن تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆردۈم، دەيدۇ پەرۋەردىگار: مانا بۇ [قان قەرزىنى] دەل بۇ ئېتىزلىقتا ساڭا ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار». ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ شۇ سۆزى بويىچە، ئۇنى ئېلىپ شۇ يەرگە تاشلىغىن، ــ دېدى.
27 Yǝⱨudaning padixaⱨi Aⱨaziya buni kɵrgǝndǝ «Baƣdiki rawaⱪ yoli» bilǝn ⱪaqti. Lekin Yǝⱨu uning kǝynidin ⱪoƣlap: «Uni etinglar!» dǝp buyruwidi, ular uni Ibleamning yenida, Gur egizlikigǝ qiⱪⱪan yolda atti. U Mǝgiddoƣiqǝ ⱪeqip u yǝrdǝ ɵldi.
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا بۇنى كۆرگەندە «باغدىكى راۋاق يولى» بىلەن قاچتى. لېكىن يەھۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ: «ئۇنى ئېتىڭلار!» دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلار ئۇنى ئىبلېئامنىڭ يېنىدا، گۇر ئېگىزلىكىگە چىققان يولدا ئاتتى. ئۇ مەگىددوغىچە قېچىپ ئۇ يەردە ئۆلدى.
28 Xuning bilǝn uning hizmǝtkarliri uning jǝsitini jǝng ⱨarwisiƣa selip, Yerusalemƣa elip berip, «Dawutning xǝⱨiri»dǝ ata-bowilirining yeniƣa ɵz ⱪǝbrisidǝ dǝpnǝ ⱪildi
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى جەڭ ھارۋىسىغا سېلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىپ، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلدى
29 (Aⱨabning oƣli Yoramning sǝltǝnitining on birinqi yilida Aⱨaziya Yǝⱨudaƣa padixaⱨ bolƣanidi).
(ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بىرىنچى يىلىدا ئاھازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغانىدى).
30 Yǝⱨu ǝmdi Yizrǝǝlgǝ kǝldi, Yizǝbǝl xuni anglap kɵzlirigǝ sürmǝ sürüp, qaqlirini tarap, derizidin ⱪarap turatti.
يەھۇ ئەمدى يىزرەئەلگە كەلدى، يىزەبەل شۇنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چاچلىرىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇراتتى.
31 Yǝⱨu dǝrwazidin kirgǝndǝ u uningƣa: I Zimri, ɵz ƣojangning ⱪatili, ⱨǝmmǝ ix tinqliⱪmu? — dǝp soridi.
يەھۇ دەرۋازىدىن كىرگەندە ئۇ ئۇنىڭغا: ئى زىمرى، ئۆز غوجاڭنىڭ قاتىلى، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
32 Yǝⱨu bexini kɵtürüp, derizigǝ ⱪarap turup: — Mǝn tǝrǝptǝ turidiƣan kim bar? dǝp soriwidi, ikki-üq aƣwat derizidin uningƣa ⱪaridi.
يەھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ تۇرۇپ: ــ مەن تەرەپتە تۇرىدىغان كىم بار؟ دەپ سورىۋىدى، ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى.
33 U: Xu ayalni tɵwǝngǝ taxlanglar, deyixigila, ular uni tɵwǝngǝ taxlidi. Xuning bilǝn uning ⱪeni ⱨǝm tamƣa ⱨǝm atlarƣa qeqildi. U uni atliriƣa dǝssitip üstidin ɵtüp kǝtti.
ئۇ: شۇ ئايالنى تۆۋەنگە تاشلاڭلار، دېيىشىگىلا، ئۇلار ئۇنى تۆۋەنگە تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قېنى ھەم تامغا ھەم ئاتلارغا چېچىلدى. ئۇ ئۇنى ئاتلىرىغا دەسسىتىپ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى.
34 Andin u ɵygǝ kirip yǝp-iqkǝndin keyin: Bu lǝniti ayalning jǝsitini tǝkxürüp, uni dǝpnǝ ⱪilinglar. Qünki nemila bolmisun u padixaⱨning mǝlikisidur, dedi.
ئاندىن ئۇ ئۆيگە كىرىپ يەپ-ئىچكەندىن كېيىن: بۇ لەنىتى ئايالنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى دەپنە قىلىڭلار. چۈنكى نېمىلا بولمىسۇن ئۇ پادىشاھنىڭ مەلىكىسىدۇر، دېدى.
35 Lekin ular uni dǝpnǝ ⱪiliwetǝyli dǝp beriwidi, uning bax sɵngiki, ayaƣliri wǝ ⱪolining alⱪinidin baxⱪa ⱨeq yerini tapalmidi.
لېكىن ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلىۋېتەيلى دەپ بېرىۋىدى، ئۇنىڭ باش سۆڭىكى، ئاياغلىرى ۋە قولىنىڭ ئالقىنىدىن باشقا ھېچ يېرىنى تاپالمىدى.
36 Ular yenip kelip bu hǝwǝrni uningƣa degǝndǝ u: — Bu ix Pǝrwǝrdigar Ɵz ⱪuli Tixbiliⱪ Iliyas arⱪiliⱪ eytⱪan munu sɵzining ǝmǝlgǝ axuruluxidur: — «Itlar Yizrǝǝldiki xu parqǝ yǝrdǝ Yizǝbǝlning gɵxini yǝydu.
ئۇلار يېنىپ كېلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا دېگەندە ئۇ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى تىشبىلىق ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان مۇنۇ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر: ــ «ئىتلار يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە يىزەبەلنىڭ گۆشىنى يەيدۇ.
37 Yizǝbǝlning ɵlüki sirtta, Yizrǝǝldiki xu parqǝ yǝrdǝ ⱪiƣdǝk yeyilip ketidu wǝ xuning bilǝn ⱨeqkim: «U Yizǝbǝl ikǝn» deyǝlmǝydu» — dedi.
يىزەبەلنىڭ ئۆلۈكى سىرتتا، يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە قىغدەك يېيىلىپ كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم: «ئۇ يىزەبەل ئىكەن» دېيەلمەيدۇ» ــ دېدى.

< Padixaⱨlar 2 9 >