< Padixaⱨlar 2 23 >

1 Padixaⱨ adǝmlǝrni ǝwǝtip, Yǝⱨuda bilǝn Yerusalemning ⱨǝmmǝ aⱪsaⱪallirini ɵz ⱪexiƣa qaⱪirtip kǝldi.
پادىشاھ ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى ئۆز قېشىغا چاقىرتىپ كەلدى.
2 Padixaⱨ Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ qiⱪti; barliⱪ Yǝⱨudadiki ǝr kixilǝr wǝ Yerusalemda turuwatⱪanlarning ⱨǝmmisi, kaⱨinlar bilǝn pǝyƣǝmbǝrlǝr, yǝni barliⱪ hǝlⱪ, ǝng kiqikidin tartip qongiƣiqǝ ⱨǝmmisi uning bilǝn billǝ qiⱪti. Andin u Pǝrwǝrdigarning ɵyidǝ tepilƣan ǝⱨdǝ kitabining ⱨǝmmǝ sɵzlirini ularƣa oⱪup bǝrdi.
پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى؛ بارلىق يەھۇدادىكى ئەر كىشىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، كاھىنلار بىلەن پەيغەمبەرلەر، يەنى بارلىق خەلق، ئەڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تېپىلغان ئەھدە كىتابىنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى.
3 Padixaⱨ tüwrükning yenida turup Pǝrwǝrdigarning aldida: — Pǝrwǝrdigarƣa ǝgixip pütün ⱪǝlbim wǝ pütkül jenim bilǝn Uning ǝmrlirini, ⱨɵküm-guwaⱨliⱪliri wǝ bǝlgilimilirini tutup, uxbu kitabta pütülgǝn ǝⱨdigǝ ǝmǝl ⱪilimǝn dǝp ǝⱨdigǝ ɵzini baƣlidi. Xuning bilǝn hǝlⱪning ⱨǝmmisimu ǝⱨdǝ aldida turup uningƣa ɵzini baƣlidi.
پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتكۈل جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ئەھدىگە ئۆزىنى باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلىدى.
4 Andin keyin padixaⱨ bax kaⱨin Ⱨilⱪiya bilǝn orun basar kaⱨinlarƣa wǝ ⱨǝm dǝrwaziwǝnlǝrgǝ: — Baalƣa, Axǝraⱨ butiƣa wǝ asmanning barliⱪ ⱪoxuniƣa atap yasalƣan barliⱪ ǝswab-üskünilǝrni Pǝrwǝrdigarning ɵyidin qiⱪiriwetinglar, dǝp ǝmr ⱪildi; u bularni Yerusalemning sirtida, Kidron etizliⱪida kɵydürdi wǝ küllirini Bǝyt-Əlgǝ elip bardi.
ئاندىن كېيىن پادىشاھ باش كاھىن ھىلقىيا بىلەن ئورۇن باسار كاھىنلارغا ۋە ھەم دەرۋازىۋەنلەرگە: ــ بائالغا، ئاشەراھ بۇتىغا ۋە ئاسماننىڭ بارلىق قوشۇنىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، دەپ ئەمر قىلدى؛ ئۇ بۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا، كىدرون ئېتىزلىقىدا كۆيدۈردى ۋە كۈللىرىنى بەيت-ئەلگە ئېلىپ باردى.
5 U Yǝⱨuda padixaⱨlirining Yǝⱨuda xǝⱨǝrliridiki «yuⱪiri jaylar»da ⱨǝmdǝ Yerusalemning ǝtrapliridiki «yuⱪiri jaylar»da huxbuy yanduruxⱪa tikligǝn but kaⱨinlirini, xuningdǝk Baalƣa, ⱪuyaxⱪa, ayƣa, yultuz türkümlirigǝ ⱨǝmdǝ asmanning barliⱪ ⱪoxuniƣa huxbuy yaⱪⱪuqilarni ixtin ⱨǝydiwǝtti.
ئۇ يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار»دا ھەمدە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار»دا خۇشبۇي ياندۇرۇشقا تىكلىگەن بۇت كاھىنلىرىنى، شۇنىڭدەك بائالغا، قۇياشقا، ئايغا، يۇلتۇز تۈركۈملىرىگە ھەمدە ئاسماننىڭ بارلىق قوشۇنىغا خۇشبۇي ياققۇچىلارنى ئىشتىن ھەيدىۋەتتى.
6 U Pǝrwǝrdigarning ɵyidin Axǝraⱨ butni elip qiⱪip Yerusalemning sirtiƣa elip berip, Kidron jilƣisiƣa apirip xu yǝrdǝ kɵydürüp kukum-talⱪan ⱪilip ezip, topisini addiy puⱪralarning ⱪǝbriliri üstigǝ qeqiwǝtti.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ئاشەراھ بۇتنى ئېلىپ چىقىپ يېرۇسالېمنىڭ سىرتىغا ئېلىپ بېرىپ، كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ شۇ يەردە كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ ئېزىپ، توپىسىنى ئاددىي پۇقرالارنىڭ قەبرىلىرى ئۈستىگە چېچىۋەتتى.
7 Andin u Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ jaylaxⱪan bǝqqiwazlarning turalƣulirini qeⱪip ƣulatti; bu ɵylǝrdǝ yǝnǝ ayallar Axǝraⱨ butⱪa qedir toⱪuytti.
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە جايلاشقان بەچچىۋازلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى چېقىپ غۇلاتتى؛ بۇ ئۆيلەردە يەنە ئاياللار ئاشەراھ بۇتقا چېدىر توقۇيتتى.
8 U Yǝⱨuda xǝⱨǝrliridin barliⱪ kaⱨinlarni qaⱪirtip, ɵzigǝ yiƣdi. Andin u Gǝbadin tartip Bǝǝr-Xebaƣiqǝ kaⱨinlar huxbuy yaⱪidiƣan «yuⱪiri jaylar»ni buzup bulƣiwǝtti; u «dǝrwazilardiki yuⱪiri jaylar»ni qeⱪip buzdi; bular «Xǝⱨǝr baxliⱪi Yǝxuaning ⱪuwiⱪi»ning yenida, yǝni xǝⱨǝr ⱪuwiⱪiƣa kirix yolining sol tǝripidǝ idi
ئۇ يەھۇدا شەھەرلىرىدىن بارلىق كاھىنلارنى چاقىرتىپ، ئۆزىگە يىغدى. ئاندىن ئۇ گەبادىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە كاھىنلار خۇشبۇي ياقىدىغان «يۇقىرى جايلار»نى بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى؛ ئۇ «دەرۋازىلاردىكى يۇقىرى جايلار»نى چېقىپ بۇزدى؛ بۇلار «شەھەر باشلىقى يەشۇئانىڭ قۇۋىقى»نىڭ يېنىدا، يەنى شەھەر قۇۋىقىغا كىرىش يولىنىڭ سول تەرىپىدە ئىدى
9 (ǝmdi «yuⱪiri jaylar»diki kaⱨinlarning Yerusalemda Pǝrwǝrdigarning ⱪurbangaⱨiƣa qiⱪixi qǝklǝngǝnidi; lekin ular dawamliⱪ ɵz ⱪerindaxliri bilǝn birgǝ pitir nanlardin yeyixigǝ muyǝssǝr idi).
(ئەمدى «يۇقىرى جايلار»دىكى كاھىنلارنىڭ يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا چىقىشى چەكلەنگەنىدى؛ لېكىن ئۇلار داۋاملىق ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە پىتىر نانلاردىن يېيىشىگە مۇيەسسەر ئىدى).
10 Yosiya ⱨeqkim ɵz oƣli yaki ⱪizini Molǝkkǝ atap ottin ɵtküzmisun dǝp, Ⱨinnomning oƣlining jilƣisidiki Tofǝtnimu buzup bulƣiwǝtti.
يوسىيا ھېچكىم ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى مولەككە ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزمىسۇن دەپ، ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىمۇ بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى.
11 Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ kiridiƣan yolning eƣizida Yǝⱨuda padixaⱨliri ⱪuyaxⱪa tǝⱪdim ⱪilip ⱪoyƣan atlarni xu yǝrdin yɵtkǝp, «ⱪuyax ⱨarwiliri»ni otta kɵydürdi (ular [ibadǝthanining] ⱨoyliliriƣa jaylaxⱪan, Natan-Mǝlǝk degǝn aƣwatning ɵyining yenida turatti).
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان يولنىڭ ئېغىزىدا يەھۇدا پادىشاھلىرى قۇياشقا تەقدىم قىلىپ قويغان ئاتلارنى شۇ يەردىن يۆتكەپ، «قۇياش ھارۋىلىرى»نى ئوتتا كۆيدۈردى (ئۇلار [ئىبادەتخانىنىڭ] ھويلىلىرىغا جايلاشقان، ناتان-مەلەك دېگەن ئاغۋاتنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇراتتى).
12 Padixaⱨ yǝnǝ Yǝⱨuda padixaⱨliri Aⱨazning balihanisining ɵgzisidǝ saldurƣan ⱪurbangaⱨlarni wǝ Manassǝⱨ Pǝrwǝrdigarning ɵyining ikki ⱨoylisiƣa yasatⱪan ⱪurbangaⱨlarni qeⱪip kukum-talⱪan ⱪiliwǝtti; u ularning topisini u yǝrdin elip, Kidron jilƣisiƣa qeqiwǝtti.
پادىشاھ يەنە يەھۇدا پادىشاھلىرى ئاھازنىڭ بالىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سالدۇرغان قۇربانگاھلارنى ۋە ماناسسەھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىغا ياساتقان قۇربانگاھلارنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ توپىسىنى ئۇ يەردىن ئېلىپ، كىدرون جىلغىسىغا چېچىۋەتتى.
13 Israilning padixaⱨi Sulayman Yerusalemning mǝxriⱪ tǝripigǝ wǝ «Ⱨalak teƣi»ning jǝnubiƣa Zidoniylarning yirginqlik buti Axtarot, Moabiylarning yirginqlik buti Kemox wǝ Ammonlarning yirginqlik buti Milkomƣa atap yasatⱪan «yuⱪiri jaylar»nimu padixaⱨ buzup bulƣiwǝtti.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مەشرىق تەرىپىگە ۋە «ھالاك تېغى»نىڭ جەنۇبىغا زىدونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى ئاشتاروت، موئابىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى كېموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى مىلكومغا ئاتاپ ياساتقان «يۇقىرى جايلار»نىمۇ پادىشاھ بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى.
14 U but tüwrüklǝrni parqilap, Axǝraⱨ butlirini kesip yiⱪitip, ular turƣan yǝrlǝrni adǝm sɵngǝkliri bilǝn toldurdi.
ئۇ بۇت تۈۋرۈكلەرنى پارچىلاپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىپ يىقىتىپ، ئۇلار تۇرغان يەرلەرنى ئادەم سۆڭەكلىرى بىلەن تولدۇردى.
15 U yǝnǝ Israilni gunaⱨⱪa putlaxturƣan, Nibatning oƣli Yǝroboam Bǝyt-Əldǝ saldurƣan ⱪurbangaⱨ bilǝn «yuⱪiri jay»ni, ularni buzup qaⱪti, andin keyin «yuⱪiri jay»ni kɵydürüp kukum-talⱪan ⱪiliwǝtti, Axǝraⱨ butinimu kɵydürüwǝtti.
ئۇ يەنە ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام بەيت-ئەلدە سالدۇرغان قۇربانگاھ بىلەن «يۇقىرى جاي»نى، ئۇلارنى بۇزۇپ چاقتى، ئاندىن كېيىن «يۇقىرى جاي»نى كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، ئاشەراھ بۇتىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى.
16 Yosiya burulup ⱪarap, taƣdiki ⱪǝbrilǝrni kɵrüp, adǝm ǝwǝtip ⱪǝbrilǝrdiki sɵngǝklǝrni kolap qiⱪirip, ⱪurbangaⱨ üstidǝ kɵydürdi, xu yol bilǝn uni bulƣiwǝtti. Bu ixlar Pǝrwǝrdigarning kalamini yǝtküzüp, dǝl ularni aldin’ala bexarǝt ⱪilip jakarliƣan Hudaning adimining sɵzining ǝmǝlgǝ axuruluxi idi.
يوسىيا بۇرۇلۇپ قاراپ، تاغدىكى قەبرىلەرنى كۆرۈپ، ئادەم ئەۋەتىپ قەبرىلەردىكى سۆڭەكلەرنى كولاپ چىقىرىپ، قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى، شۇ يول بىلەن ئۇنى بۇلغىۋەتتى. بۇ ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزۈپ، دەل ئۇلارنى ئالدىنئالا بېشارەت قىلىپ جاكارلىغان خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى.
17 Andin Yosiya: Kɵz aldimdiki bu ⱪǝbrǝ texi kimning? — dǝp soridi. Xǝⱨǝrdikilǝr uningƣa: Bu Yǝⱨudadin kǝlgǝn, silining Bǝyt-Əldiki ⱪurbangaⱨni buzƣan muxu ixlirini bexarǝt ⱪilƣan Hudaning adimining ⱪǝbrisi ikǝn, dedi.
ئاندىن يوسىيا: كۆز ئالدىمدىكى بۇ قەبرە تېشى كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. شەھەردىكىلەر ئۇنىڭغا: بۇ يەھۇدادىن كەلگەن، سىلىنىڭ بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھنى بۇزغان مۇشۇ ئىشلىرىنى بېشارەت قىلغان خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قەبرىسى ئىكەن، دېدى.
18 Yosiya: — Uni ⱪoyunglar, ⱨeqkim uning sɵngǝklirini midirlatmisun, dǝp buyrudi. Xuning bilǝn ular uning sɵngǝkliri bilǝn Samariyǝdin kǝlgǝn pǝyƣǝmbǝrning sɵngǝklirigǝ ⱨeqkimni tǝgküzmidi.
يوسىيا: ــ ئۇنى قويۇڭلار، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى مىدىرلاتمىسۇن، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن سامارىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ سۆڭەكلىرىگە ھېچكىمنى تەگكۈزمىدى.
19 Andin Yosiya Israilning padixaⱨliri Pǝrwǝrdigarning ƣǝzipini ⱪozƣiƣan, Samariyǝning xǝⱨǝrliridǝ yasatⱪan «yuⱪiri jaylar»diki barliⱪ ɵylǝrni qaⱪti; u ularni Bǝyt-Əldǝ ⱪilƣandǝk ⱪilip, yoⱪatti.
ئاندىن يوسىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ياساتقان «يۇقىرى جايلار»دىكى بارلىق ئۆيلەرنى چاقتى؛ ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئەلدە قىلغاندەك قىلىپ، يوقاتتى.
20 U u yǝrlǝrdiki «yuⱪiri jaylar»ƣa has bolƣan ⱨǝmmǝ kaⱨinlarni ⱪurbangaⱨning üstidǝ ɵltürüp, ⱪurbanliⱪ ⱪildi, andin ularning üstigǝ adǝm sɵngǝklirini kɵydürdi; u ahirda Yerusalemƣa yenip bardi.
ئۇ ئۇ يەرلەردىكى «يۇقىرى جايلار»غا خاس بولغان ھەممە كاھىنلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ، قۇربانلىق قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئادەم سۆڭەكلىرىنى كۆيدۈردى؛ ئۇ ئاخىردا يېرۇسالېمغا يېنىپ باردى.
21 Padixaⱨ barliⱪ hǝlⱪⱪǝ yarliⱪ qüxürüp: — Bu ǝⱨdǝ kitabida pütülgǝndǝk, Hudayinglar Pǝrwǝrdigarƣa «ɵtüp ketix ⱨeyti»ni ɵtküzünglar, dǝp buyrudi.
پادىشاھ بارلىق خەلققە يارلىق چۈشۈرۈپ: ــ بۇ ئەھدە كىتابىدا پۈتۈلگەندەك، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار، دەپ بۇيرۇدى.
22 «Batur ⱨakimlar» Israilning üstidin ⱨɵküm sürgǝn künlǝrdin tartip, nǝ Israil padixaⱨlirining waⱪitlirida nǝ Yǝⱨuda padixaⱨlirining waⱪitlirida undaⱪ bir «ɵtüp ketix ⱨeyti» ɵtküzülüp baⱪmiƣanidi;
«باتۇر ھاكىملار» ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردىن تارتىپ، نە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىدا نە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىدا ئۇنداق بىر «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى؛
23 Yosiya padixaⱨning sǝltǝnitining on sǝkkizinqi yilida, Pǝrwǝrdigarƣa atap bu «ɵtüp ketix ⱨeyti» Yerusalemda ɵtküzüldi.
يوسىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈلدى.
24 Xuningdǝk Yosiya Yǝⱨuda yurtida wǝ Yerusalemda pǝyda bolƣan jinkǝxlǝr wǝ palqilarni, tǝrafim mǝbudliri, ⱨǝrⱪandaⱪ butlar wǝ barliⱪ baxⱪa lǝnǝtlik nǝrsilǝrni zemindin yoⱪatti. Uning xundaⱪ ⱪilixining mǝⱪsiti, Ⱨilⱪiya kaⱨin Pǝrwǝrdigarning ɵyidin tapⱪan kitabta hatirilǝngǝn Tǝwrattiki sɵzlǝrgǝ ǝmǝl ⱪilixtin ibarǝt idi.
شۇنىڭدەك يوسىيا يەھۇدا يۇرتىدا ۋە يېرۇسالېمدا پەيدا بولغان جىنكەشلەر ۋە پالچىلارنى، تەرافىم مەبۇدلىرى، ھەرقانداق بۇتلار ۋە بارلىق باشقا لەنەتلىك نەرسىلەرنى زېمىندىن يوقاتتى. ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ مەقسىتى، ھىلقىيا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن تاپقان كىتابتا خاتىرىلەنگەن تەۋراتتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
25 Uningdǝk Musaƣa qüxürülgǝn ⱪanunƣa intilip pütün ⱪǝlbi, pütün jeni wǝ pütün küqi bilǝn Pǝrwǝrdigarƣa ⱪaytip, ɵzini beƣixliƣan bir padixaⱨ uningdin ilgiri bolmiƣanidi wǝ uningdin keyinmu uningƣa ohxax birsi bolup baⱪmidi.
ئۇنىڭدەك مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇنغا ئىنتىلىپ پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر پادىشاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولمىغانىدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرسى بولۇپ باقمىدى.
26 Lekin Pǝrwǝrdigarning aqqiⱪi Manassǝⱨning Ɵzini rǝnjitkǝn barliⱪ rǝzillikliri tüpǝylidin Yǝⱨudaƣa tutaxⱪandin keyin, Ɵzining xiddǝtlik ƣǝzipidin yanmidi.
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقى ماناسسەھنىڭ ئۆزىنى رەنجىتكەن بارلىق رەزىللىكلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇداغا تۇتاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىددەتلىك غەزىپىدىن يانمىدى.
27 Pǝrwǝrdigar: — Israilni taxliƣandǝk Yǝⱨudanimu Ɵz kɵzümdin neri ⱪilimǝn wǝ Ɵzüm talliƣan bu xǝⱨǝr Yerusalemni wǝ Mǝn: — «Mening namim xu yǝrdǝ bolidu» degǝn xu ibadǝthanini tǝrk ⱪilimǝn, dedi.
پەرۋەردىگار: ــ ئىسرائىلنى تاشلىغاندەك يەھۇدانىمۇ ئۆز كۆزۈمدىن نېرى قىلىمەن ۋە ئۆزۈم تاللىغان بۇ شەھەر يېرۇسالېمنى ۋە مەن: ــ «مېنىڭ نامىم شۇ يەردە بولىدۇ» دېگەن شۇ ئىبادەتخانىنى تەرك قىلىمەن، دېدى.
28 Yosiyaning baxⱪa ǝmǝlliri ⱨǝm ⱪilƣanlirining ⱨǝmmisi «Yǝⱨuda padixaⱨlirining tarih-tǝzkiriliri» degǝn kitabta pütülgǝn ǝmǝsmidi?
يوسىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
29 Uning künliridǝ Misirning padixaⱨi Pirǝwn-Nǝko Asuriyǝning padixaⱨiƣa ⱨujum ⱪilƣili Əfrat dǝryasiƣa bardi. U qaƣda Yosiya padixaⱨ Pirǝwn bilǝn soⱪuxuxⱪa qiⱪti; lekin Pirǝwn uni kɵrüp Mǝgiddoda uni ɵltürdi.
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن-نەكو ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلغىلى ئەفرات دەرياسىغا باردى. ئۇ چاغدا يوسىيا پادىشاھ پىرەۋن بىلەن سوقۇشۇشقا چىقتى؛ لېكىن پىرەۋن ئۇنى كۆرۈپ مەگىددودا ئۇنى ئۆلتۈردى.
30 Hizmǝtkarliri uning ɵlükini jǝng ⱨarwisiƣa selip Mǝgiddodin Yerusalemƣa elip kelip, uni ɵz ⱪǝbrisidǝ dǝpnǝ ⱪildi. Yurt hǝlⱪi Yosiyaning oƣli Yǝⱨoaⱨazni mǝsiⱨ ⱪilip, atisining ornida padixaⱨ ⱪildi.
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى جەڭ ھارۋىسىغا سېلىپ مەگىددودىن يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. يۇرت خەلقى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى مەسىھ قىلىپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى.
31 Yǝⱨoaⱨaz padixaⱨ bolƣanda yigirmǝ üq yaxta bolup, üq ay Yerusalemda sǝltǝnǝt ⱪildi. Uning anisining ismi Ⱨamutal idi; u Libnaⱨliⱪ Yǝrǝmiyaning ⱪizi idi.
يەھوئاھاز پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئۈچ ياشتا بولۇپ، ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ھامۇتال ئىدى؛ ئۇ لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى.
32 Yǝⱨoaⱨaz bowiliri barliⱪ ⱪilƣanliridǝk, Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ rǝzil bolƣanni ⱪildi.
يەھوئاھاز بوۋىلىرى بارلىق قىلغانلىرىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
33 Əmdi Pirǝwn-Nǝko uning Yerusalemda sǝltǝnǝt ⱪilmasliⱪi üqün, uni Hamat yurtidiki Riblaⱨda solap ⱪoydi wǝ [Yǝⱨuda] zeminiƣa yüz talant kümüx bilǝn bir talant altun seliⱪ qüxürdi.
ئەمدى پىرەۋن-نەكو ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى خامات يۇرتىدىكى رىبلاھدا سولاپ قويدى ۋە [يەھۇدا] زېمىنىغا يۈز تالانت كۈمۈش بىلەن بىر تالانت ئالتۇن سېلىق چۈشۈردى.
34 Andin Pirǝwn-Nǝko Yosiyaning oƣli Eliakimni atisining ornida padixaⱨ ⱪilip, ismini Yǝⱨoakimƣa ɵzgǝrtti. U Yǝⱨoaⱨazni ɵzi bilǝn Misirƣa elip kǝtti; Yǝⱨoaⱨaz Misirƣa kelip xu yǝrdǝ ɵldi.
ئاندىن پىرەۋن-نەكو يوسىيانىڭ ئوغلى ئېلىئاكىمنى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھوئاھازنى ئۆزى بىلەن مىسىرغا ئېلىپ كەتتى؛ يەھوئاھاز مىسىرغا كېلىپ شۇ يەردە ئۆلدى.
35 Yǝⱨoakim kümüx bilǝn altunni Pirǝwngǝ bǝrdi; lekin Pirǝwnning xu buyruⱪini ijra ⱪilip pulni tapxurux üqün yurtⱪa ⱨǝrbir adǝmning qamiƣa ⱪarap baj-alwan ⱪoyƣanidi; altun wǝ kümüxni u yurtning hǝlⱪidin, ⱨǝrbirigǝ salƣan ɵlqǝm boyiqǝ Pirǝwn-Nǝkoƣa berixkǝ yiƣⱪanidi.
يەھوئاكىم كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى پىرەۋنگە بەردى؛ لېكىن پىرەۋننىڭ شۇ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ پۇلنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن يۇرتقا ھەربىر ئادەمنىڭ چامىغا قاراپ باج-ئالۋان قويغانىدى؛ ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى ئۇ يۇرتنىڭ خەلقىدىن، ھەربىرىگە سالغان ئۆلچەم بويىچە پىرەۋن-نەكوغا بېرىشكە يىغقانىدى.
36 Yǝⱨoakim padixaⱨ bolƣanda yigirmǝ bǝx yaxta bolup, on bir yil Yerusalemda sǝltǝnǝt ⱪildi. Uning anisining ismi Zibidaⱨ idi; u Rumaⱨliⱪ Pǝdayaning ⱪizi idi.
يەھوئاكىم پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبىداھ ئىدى؛ ئۇ رۇماھلىق پەدئايانىڭ قىزى ئىدى.
37 Yǝⱨoakim bowiliri barliⱪ ⱪilƣanliridǝk Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ rǝzil bolƣanni ⱪilatti.
يەھوئاكىم بوۋىلىرى بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى.

< Padixaⱨlar 2 23 >