< Tarih-tǝzkirǝ 2 3 >

1 Sulayman Yerusalemda Pǝrwǝrdigar atisi Dawutⱪa ayan bolƣan Moriya teƣida, yǝni Yǝbusiy Ornanning haminida, Dawut tǝyyar ⱪilip ⱪoyƣan yǝrdǝ, Pǝrwǝrdigarning ɵyini selix ixini baxlidi.
سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگار ئاتىسى داۋۇتقا ئايان بولغان مورىيا تېغىدا، يەنى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىدا، داۋۇت تەييار قىلىپ قويغان يەردە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىش ئىشىنى باشلىدى.
2 Sulaymanning sǝltǝnitining tɵtinqi yili, ikkinqi ayning ikkinqi küni u ⱪuruluxni baxlidi.
سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇ قۇرۇلۇشنى باشلىدى.
3 Sulayman salƣan Hudaning ɵyining uli mundaⱪ: — uzunluⱪi (ⱪǝdimki zamanda ⱪollanƣan ɵlqǝm boyiqǝ) atmix gǝz, kǝngliki yigirmǝ gǝz idi.
سۇلايمان سالغان خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى مۇنداق: ــ ئۇزۇنلۇقى (قەدىمكى زاماندا قوللانغان ئۆلچەم بويىچە) ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى.
4 Ɵyning aldidiki aywanning uzunluⱪi yigirmǝ gǝz bolup, ɵyning kǝnglikigǝ toƣra kelǝtti; egizliki yigirmǝ gǝz idi; u iqini sap altun bilǝn ⱪaplatti.
ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ، ئۆينىڭ كەڭلىكىگە توغرا كېلەتتى؛ ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى.
5 U ɵyning qong zelining tamlirini arqa-ⱪariƣay tahtayliri bilǝn ⱪaplatti, andin keyin sap altun ⱪaplatti wǝ üstigǝ horma dǝrihining xǝkli bilǝn zǝnjir nǝⱪixlirini oydurdi.
ئۇ ئۆينىڭ چوڭ زېلىنىڭ تاملىرىنى ئارچا-قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلاتتى، ئاندىن كېيىن ساپ ئالتۇن قاپلاتتى ۋە ئۈستىگە خورما دەرىخىنىڭ شەكلى بىلەن زەنجىر نەقىشلىرىنى ئويدۇردى.
6 U ɵyni alamǝt qirayliⱪ ⱪilip tamlirini yǝnǝ esil tax-yaⱪutlar bilǝn zinnǝtlǝtti. U ixlǝtkǝn altunlar pütünlǝy parwayim altuni idi.
ئۇ ئۆينى ئالامەت چىرايلىق قىلىپ تاملىرىنى يەنە ئېسىل تاش-ياقۇتلار بىلەن زىننەتلەتتى. ئۇ ئىشلەتكەن ئالتۇنلار پۈتۈنلەي پارۋايىم ئالتۇنى ئىدى.
7 U pütün ɵyni, ɵyning limliri, ixik bosuƣa-kexǝkliri, barliⱪ tamliri wǝ ixiklirini altun bilǝn ⱪaplidi; u tamƣa kerublarning nǝⱪixlirini oydurdi.
ئۇ پۈتۈن ئۆينى، ئۆينىڭ لىملىرى، ئىشىك بوسۇغا-كېشەكلىرى، بارلىق تاملىرى ۋە ئىشىكلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ تامغا كېرۇبلارنىڭ نەقىشلىرىنى ئويدۇردى.
8 Sulayman yǝnǝ ǝng muⱪǝddǝs jayni yasatti; uning uzunluⱪi yigirmǝ gǝz bolup (ɵyning kǝngliki bilǝn tǝng idi), kǝnglikimu yigirmǝ gǝz idi; u uning iqini pütünlǝy sap altun bilǝn ⱪaplatti; altun jǝmiy bolup altǝ yüz talalnt idi.
سۇلايمان يەنە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ياساتتى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ (ئۆينىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ ئىدى)، كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىچىنى پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى؛ ئالتۇن جەمئىي بولۇپ ئالتە يۈز تالالنت ئىدى.
9 Altun miⱪning eƣirliⱪi jǝmiy ǝllik xǝkǝl boldi. Balihanilirining iqimu altun bilǝn ⱪaplandi.
ئالتۇن مىقنىڭ ئېغىرلىقى جەمئىي ئەللىك شەكەل بولدى. بالىخانىلىرىنىڭ ئىچىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاندى.
10 Əng muⱪǝddǝs jay iqidǝ u ikki kerubning ⱨǝykilini yasap, ularni pütünlǝy altun bilǝn ⱪaplidi.
ئەڭ مۇقەددەس جاي ئىچىدە ئۇ ئىككى كېرۇبنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
11 Ikki kerubning ⱪanitining uzunluⱪi jǝmiy yigirmǝ gǝz idi; bir kerubning bir ⱪanitining uzunluⱪi bǝx gǝz bolup, ɵyning temiƣa tegip turatti; ikkinqi tǝrǝptiki ⱪanitining uzunluⱪimu bǝx gǝz bolup, ikkinqi bir kerubning ⱪanitiƣa yetǝtti.
ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز ئىدى؛ بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز بولۇپ، ئۆينىڭ تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئىككىنچى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى.
12 Yǝnǝ bir kerubning ⱪanitining uzunluⱪimu bǝx gǝz bolup, umu ɵy temiƣa tegip turatti; ikkinqi bir ⱪanitining uzunluⱪimu bǝx gǝz bolup, aldinⱪi bir kerubning ⱪanitiƣa yetǝtti.
يەنە بىر كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئۇمۇ ئۆي تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئالدىنقى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى.
13 Bu ikki kerubning ⱪanatliri yeyilƣan ⱨalda bolup, uzunluⱪi jǝmiy yigirmǝ gǝz kelǝtti; ikkila kerub ɵrǝ turƣuzulƣan bolup, yüzliri ɵyning iqigǝ ⱪaraytti.
بۇ ئىككى كېرۇبنىڭ قاناتلىرى يېيىلغان ھالدا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز كېلەتتى؛ ئىككىلا كېرۇب ئۆرە تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، يۈزلىرى ئۆينىڭ ئىچىگە قارايتتى.
14 Sulayman yǝnǝ kɵk rǝnglik, sɵsün rǝnglik, toⱪ ⱪizil wǝ aⱪ rǝnglik yip toⱪulmiliridin wǝ nǝpis kanaptin [ɵyning iqidiki] pǝrdisini yasatti, uning üstigǝ kerublarni kǝxtǝ ⱪilip toⱪutti.
سۇلايمان يەنە كۆك رەڭلىك، سۆسۈن رەڭلىك، توق قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك يىپ توقۇلمىلىرىدىن ۋە نەپىس كاناپتىن [ئۆينىڭ ئىچىدىكى] پەردىسىنى ياساتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلارنى كەشتە قىلىپ توقۇتتى.
15 Ɵyning aldiƣa yǝnǝ egizliki ottuz bǝx gǝz kelidiƣan ikki tüwrük yasap ⱪoydurdi; ⱨǝr tüwrükning bexining egizliki bǝx gǝz kelǝtti.
ئۆينىڭ ئالدىغا يەنە ئېگىزلىكى ئوتتۇز بەش گەز كېلىدىغان ئىككى تۈۋرۈك ياساپ قويدۇردى؛ ھەر تۈۋرۈكنىڭ بېشىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلەتتى.
16 U yǝnǝ (iqki kalamhanidikidǝk) marjansiman zǝnjir yasitip, tüwrük baxliri üstigǝ ornatti; u yüz danǝ anar yasitip ularni zǝnjirlǝrgǝ ornatti.
ئۇ يەنە (ئىچكى كالامخانىدىكىدەك) مارجانسىمان زەنجىر ياسىتىپ، تۈۋرۈك باشلىرى ئۈستىگە ئورناتتى؛ ئۇ يۈز دانە ئانار ياسىتىپ ئۇلارنى زەنجىرلەرگە ئورناتتى.
17 U bu ikki tüwrükni ɵyning aldiƣa, birsini ong tǝripidǝ, birsini sol tǝripidǝ turƣuzdi; u ong tǝrǝptikisini Yaⱪin, sol tǝrǝptikisini Boaz dǝp atidi.
ئۇ بۇ ئىككى تۈۋرۈكنى ئۆينىڭ ئالدىغا، بىرسىنى ئوڭ تەرىپىدە، بىرسىنى سول تەرىپىدە تۇرغۇزدى؛ ئۇ ئوڭ تەرەپتىكىسىنى ياقىن، سول تەرەپتىكىسىنى بوئاز دەپ ئاتىدى.

< Tarih-tǝzkirǝ 2 3 >