< Tarih-tǝzkirǝ 2 20 >

1 Keyinki waⱪitlarda xundaⱪ boldiki, Moabiylar, Ammoniylar wǝ Maoniylardin bǝziliri birlixip kelip Yǝⱨoxafatⱪa ⱨujum ⱪilixⱪa qiⱪti.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، موئابىيلار، ئاممونىيلار ۋە مائونىيلاردىن بەزىلىرى بىرلىشىپ كېلىپ يەھوشافاتقا ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى.
2 [Qaparmǝnlǝr] kelip Yǝⱨoxafatⱪa: — [Ɵlük] dengizning u ⱪetidin, yǝni Edomdin siligǝ ⱨujum ⱪilƣili zor bir ⱪoxun qiⱪip kǝldi; mana, ular Ⱨazazon-Tamarda, dedi (Ⱨazazon-Tamar yǝnǝ «Ən-Gǝdi» dǝpmu atilidu).
[چاپارمەنلەر] كېلىپ يەھوشافاتقا: ــ [ئۆلۈك] دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىن، يەنى ئېدومدىن سىلىگە ھۇجۇم قىلغىلى زور بىر قوشۇن چىقىپ كەلدى؛ مانا، ئۇلار ھازازون-تاماردا، دېدى (ھازازون-تامار يەنە «ئەن-گەدى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ).
3 Buni angliƣan Yǝⱨoxafat ⱪorⱪup, Pǝrwǝrdigarni izdǝxkǝ niyǝt baƣlap, pütün Yǝⱨuda tǝwǝsidǝ «roza tutuximiz kerǝk» dǝp jakarlidi.
بۇنى ئاڭلىغان يەھوشافات قورقۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە نىيەت باغلاپ، پۈتۈن يەھۇدا تەۋەسىدە «روزا تۇتۇشىمىز كېرەك» دەپ جاكارلىدى.
4 Yǝⱨudalar ǝmdi Pǝrwǝrdigardin yardǝm tiligili yiƣildi; hǝlⱪ Yǝⱨudaning ⱨǝrⱪaysi xǝⱨǝrliridin qiⱪip Pǝrwǝrdigardin yardǝm tilǝxkǝ kelixti.
يەھۇدالار ئەمدى پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىگىلى يىغىلدى؛ خەلق يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەشكە كېلىشتى.
5 Yǝⱨoxafat Yǝⱨuda wǝ Yerusalemdiki jamaǝt arisiƣa qiⱪip, Pǝrwǝrdigar ɵyining yengi ⱨoylisining aldida ɵrǝ turup
يەھوشافات يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكى جامائەت ئارىسىغا چىقىپ، پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ يېڭى ھويلىسىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ
6 mundaⱪ dua ⱪilip: — «I Pǝrwǝrdigar, ata-bowilirimizning Hudasi, Sǝn ǝrxtǝ turƣuqi Huda, barliⱪ ǝl-mǝmlikǝtlǝrning üstidin ⱨɵküm sürgüqi ǝmǝsmiding? Sening ⱪolung küq-ⱪudrǝtkǝ tolƣandur, ⱨeqkim Seni tosalmaydu.
مۇنداق دۇئا قىلىپ: ــ «ئى پەرۋەردىگار، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، سەن ئەرشتە تۇرغۇچى خۇدا، بارلىق ئەل-مەملىكەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى ئەمەسمىدىڭ؟ سېنىڭ قولۇڭ كۈچ-قۇدرەتكە تولغاندۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ.
7 I Hudayimiz, Sǝn bu zemindiki aⱨalini Ɵz hǝlⱪing Israillar aldidin ⱪoƣlap, uni Ɵz dostung Ibraⱨimning nǝsligǝ mǝnggülük miras ⱪilip bǝrgǝn ǝmǝsmiding?
ئى خۇدايىمىز، سەن بۇ زېمىندىكى ئاھالىنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىدىن قوغلاپ، ئۇنى ئۆز دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟
8 Ular xu yǝrdǝ turdi ⱨǝm xu yǝrdǝ Sening namingƣa atap bir muⱪǝddǝshana selip:
ئۇلار شۇ يەردە تۇردى ھەم شۇ يەردە سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ بىر مۇقەددەسخانا سېلىپ:
9 «Mubada beximizƣa birǝr balayi’apǝt kǝlsǝ, mǝyli u ⱪiliq, jaza, waba, aqarqiliⱪ bolsun, ⱪiyinqiliⱪta ⱪalƣan waⱪtimizda, muxu ɵy, yǝni Sening aldingda turup, Sanga murajiǝt ⱪilsaⱪ (qünki Sening naming muxu ɵydidur), Sǝn anglaysǝn wǝ ⱪutⱪuzisǝn» degǝnidi.
«مۇبادا بېشىمىزغا بىرەر بالايىئاپەت كەلسە، مەيلى ئۇ قىلىچ، جازا، ۋابا، ئاچارچىلىق بولسۇن، قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقتىمىزدا، مۇشۇ ئۆي، يەنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپ، ساڭا مۇراجىئەت قىلساق (چۈنكى سېنىڭ نامىڭ مۇشۇ ئۆيدىدۇر)، سەن ئاڭلايسەن ۋە قۇتقۇزىسەن» دېگەنىدى.
10 Əmdi mana, bu yǝrgǝ Ammoniylar, Moabiylar wǝ Seir teƣidikilǝr besip keliwatidu! Ilgiri Israillar Misir zeminidin qiⱪⱪan qaƣda Sǝn Israillarning ularƣa tajawuz ⱪilixiƣa yol ⱪoymiƣaniding; u qaƣda Israillar ularni yoⱪatmay u yǝrdin aylinip ɵtkǝn.
ئەمدى مانا، بۇ يەرگە ئاممونىيلار، موئابىيلار ۋە سېئىر تېغىدىكىلەر بېسىپ كېلىۋاتىدۇ! ئىلگىرى ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققان چاغدا سەن ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارغا تاجاۋۇز قىلىشىغا يول قويمىغانىدىڭ؛ ئۇ چاغدا ئىسرائىللار ئۇلارنى يوقاتماي ئۇ يەردىن ئايلىنىپ ئۆتكەن.
11 Əmdi ⱪara, ⱨazir ularning yahxiliⱪimizni ⱪandaⱪ yol bilǝn ⱪayturmaⱪqi boluwatⱪiniƣa! Ular bizni Sǝn bizgǝ miras ⱪilip bǝrgǝn bu zemindin ⱪoƣlap qiⱪarmaⱪqi boluwatidu.
ئەمدى قارا، ھازىر ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىمىزنى قانداق يول بىلەن قايتۇرماقچى بولۇۋاتقىنىغا! ئۇلار بىزنى سەن بىزگە مىراس قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ.
12 I Hudayimiz, Sǝn ularning üstidin ⱨɵküm qiⱪarmamsǝn? Qünki bizning bizgǝ ⱨujum ⱪilixⱪa keliwatⱪan bu zor ⱪoxun bilǝn ⱪarxilaxⱪudǝk küqimiz yoⱪ; nemǝ ⱪiliximiznimu bilmǝy ⱪalduⱪ; lekin bizning kɵzimiz Sanga tikilip turmaⱪta» — dedi.
ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ چۈنكى بىزنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا كېلىۋاتقان بۇ زور قوشۇن بىلەن قارشىلاشقۇدەك كۈچىمىز يوق؛ نېمە قىلىشىمىزنىمۇ بىلمەي قالدۇق؛ لېكىن بىزنىڭ كۆزىمىز ساڭا تىكىلىپ تۇرماقتا» ــ دېدى.
13 Bu qaƣda pütün Yǝⱨuda hǝlⱪi, ularning ⱪuqaⱪtiki baliliri, hotun bala-qaⱪilirining ⱨǝmmisi Pǝrwǝrdigarning aldida turatti.
بۇ چاغدا پۈتۈن يەھۇدا خەلقى، ئۇلارنىڭ قۇچاقتىكى بالىلىرى، خوتۇن بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
14 Wǝ xu pǝyttǝ Pǝrwǝrdigarning Roⱨi jamaǝtning otturisida turƣan Lawiylardin Asafning ǝwladi bolƣan Mattaniyaning qǝwrisi, Jǝiyǝlning ǝwrisi, Binayaning nǝwrisi, Zǝkǝriyaning oƣli Yaⱨaziyǝlgǝ qüxti;
ۋە شۇ پەيتتە پەرۋەردىگارنىڭ روھى جامائەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان لاۋىيلاردىن ئاسافنىڭ ئەۋلادى بولغان ماتتانىيانىڭ چەۋرىسى، جەئىيەلنىڭ ئەۋرىسى، بىنايانىڭ نەۋرىسى، زەكەرىيانىڭ ئوغلى ياھازىيەلگە چۈشتى؛
15 U: — I pütün Yǝⱨuda hǝlⱪi, silǝr Yerusalemda turuwatⱪanlar wǝ padixaⱨ Yǝⱨoxafat, ⱪulaⱪ selinglar! Pǝrwǝrdigar silǝrgǝ mundaⱪ dǝydu: — «Silǝr bu zor ⱪoxundin ⱪorⱪup kǝtmǝnglar wǝ alaⱪzadǝ bolup kǝtmǝnglar; qünki bu jǝng silǝrningki ǝmǝs, bǝlki Hudaning Ɵziningkidur.
ئۇ: ــ ئى پۈتۈن يەھۇدا خەلقى، سىلەر يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە پادىشاھ يەھوشافات، قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر بۇ زور قوشۇندىن قورقۇپ كەتمەڭلار ۋە ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ جەڭ سىلەرنىڭكى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىنىڭكىدۇر.
16 Ətǝ ularƣa ⱨujum ⱪilixⱪa qiⱪinglar; mana, ular Ziz dawanidin qiⱪip kelidu wǝ silǝr ularni Yǝruǝl qɵlining aldidiki jilƣa eƣizida uqritisilǝr.
ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار؛ مانا، ئۇلار زىز داۋانىدىن چىقىپ كېلىدۇ ۋە سىلەر ئۇلارنى يەرۇئەل چۆلىنىڭ ئالدىدىكى جىلغا ئېغىزىدا ئۇچرىتىسىلەر.
17 Silǝr bu dɵrǝm jǝngdǝ uruxuxunglarning ⱨajiti bolmaydu; pǝⱪǝt sǝpkǝ tizilip turunglar, silǝr bilǝn billǝ bolƣan Pǝrwǝrdigarning nijat-nusritini kɵrünglar! I Yǝⱨuda, i Yerusalemdikilǝr, ⱪorⱪmanglar, alaⱪzadimu bolup kǝtmǝnglar; ǝtǝ ularƣa ⱨujum ⱪilixⱪa qiⱪinglar, Pǝrwǝrdigar qoⱪum silǝr bilǝn billǝ bolidu!» — dedi.
سىلەر بۇ دۆرەم جەڭدە ئۇرۇشۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ؛ پەقەت سەپكە تىزىلىپ تۇرۇڭلار، سىلەر بىلەن بىللە بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نىجات-نۇسرىتىنى كۆرۈڭلار! ئى يەھۇدا، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، قورقماڭلار، ئالاقزادىمۇ بولۇپ كەتمەڭلار؛ ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار، پەرۋەردىگار چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ!» ــ دېدى.
18 Bu gǝpni anglap Yǝⱨoxafat bexini yǝrgǝ tǝgküzüp tizlandi wǝ barliⱪ Yǝⱨuda hǝlⱪi ⱨǝm Yerusalemdikilǝr Pǝrwǝrdigar aldida düm yiⱪilip Pǝrwǝrdigarƣa sǝjdǝ ⱪildi.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەھوشافات بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تىزلاندى ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى ھەم يېرۇسالېمدىكىلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا دۈم يىقىلىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.
19 Koⱨat ǝwladi wǝ Koraⱨ ǝwladi iqidiki Lawiylardin bolƣanlar orunliridin turuxup intayin küqlük awaz bilǝn Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigarni mǝdⱨiyilǝxti.
كوھات ئەۋلادى ۋە كوراھ ئەۋلادى ئىچىدىكى لاۋىيلاردىن بولغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئىنتايىن كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەشتى.
20 Pütün hǝlⱪ ǝtisi ⱪaⱪ sǝⱨǝrdǝ turup Tǝkoa qɵligǝ ⱪarap atlandi; ular atlinip ketiwatⱪanda, Yǝⱨoxafat ornidin turup ularƣa: — I Yǝⱨuda hǝlⱪi, i Yerusalemdikilǝr, gepimgǝ ⱪulaⱪ selinglar! Hudayinglar Pǝrwǝrdigarƣa tayininglar, qoⱪum mǝzmut turƣuzulisilǝr; Uning pǝyƣǝmbǝrlirigǝ ixininglar, yolunglar qoⱪum rawan bolidu! — dedi.
پۈتۈن خەلق ئەتىسى قاق سەھەردە تۇرۇپ تەكوئا چۆلىگە قاراپ ئاتلاندى؛ ئۇلار ئاتلىنىپ كېتىۋاتقاندا، يەھوشافات ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا: ــ ئى يەھۇدا خەلقى، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار، چوقۇم مەزمۇت تۇرغۇزۇلىسىلەر؛ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، يولۇڭلار چوقۇم راۋان بولىدۇ! ــ دېدى.
21 Andin u hǝlⱪ bilǝn obdan mǝsliⱨǝtlixip, Pǝrwǝrdigarning muⱪǝddǝs bǝⱨǝywǝtlikini mǝdⱨiyilǝp, Uningƣa atap ƣǝzǝl-küy eytidiƣanlarni: «Silǝr Pǝrwǝrdigarƣa rǝⱨmǝt-tǝxǝkkür eytinglar, qünki Uning ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbiti mǝnggülüktur!» dǝp oⱪuxⱪa tǝyinlǝp, ⱪoxunning aldida mangdurdi.
ئاندىن ئۇ خەلق بىلەن ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بەھەيۋەتلىكىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ غەزەل-كۈي ئېيتىدىغانلارنى: «سىلەر پەرۋەردىگارغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» دەپ ئوقۇشقا تەيىنلەپ، قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى.
22 Ular tǝntǝnǝ ⱪilip ⱨǝmdusana oⱪuxi bilǝn, Pǝrwǝrdigar Yǝⱨuda hǝlⱪigǝ ⱨujum ⱪilixⱪa qiⱪⱪan Ammoniylar, Moabiylar wǝ Seir teƣidikilǝrgǝ pistirma ⱪoxunni ǝwǝtip, ularni tarmar ⱪildurdi.
ئۇلار تەنتەنە قىلىپ ھەمدۇسانا ئوقۇشى بىلەن، پەرۋەردىگار يەھۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا چىققان ئاممونىيلار، موئابىيلار ۋە سېئىر تېغىدىكىلەرگە پىستىرما قوشۇننى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدۇردى.
23 Xuning bilǝn Ammoniylar bilǝn Moabiylar Seir teƣidikilǝrgǝ ⱨujum ⱪilixⱪa ɵtti, ularni birini ⱪoymay ⱪiriwǝtti; ular Seir teƣidikilǝrni ⱪirip tügǝtkǝndin keyin yǝnǝ ɵzliri bir-birini ⱪirƣin ⱪilixⱪa qüxkǝnidi.
شۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلار سېئىر تېغىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتتى، ئۇلارنى بىرىنى قويماي قىرىۋەتتى؛ ئۇلار سېئىر تېغىدىكىلەرنى قىرىپ تۈگەتكەندىن كېيىن يەنە ئۆزلىرى بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقا چۈشكەنىدى.
24 Yǝⱨudalar qɵldiki kɵzǝtgaⱨⱪa kelip xu zor ⱪoxun tǝrǝpkǝ ⱪarisa, mana ⱪeqip ⱪutulƣan birmu adǝm yoⱪ bolup, ⱨǝmmǝ yǝrni ɵlük ⱪaplap kǝtkǝnidi.
يەھۇدالار چۆلدىكى كۆزەتگاھقا كېلىپ شۇ زور قوشۇن تەرەپكە قارىسا، مانا قېچىپ قۇتۇلغان بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ، ھەممە يەرنى ئۆلۈك قاپلاپ كەتكەنىدى.
25 Yǝⱨoxafat ɵzining adǝmliri bilǝn düxmǝndin olja bulang-talang ⱪilixⱪa kǝlgǝndǝ, ular ɵlüklǝr bilǝn billǝ nurƣun mal-mülük wǝ kɵp ⱪimmǝtlik buyumlarni tapti. Ular salduruwalƣanlirining toliliⱪidin elip kitǝlmǝy ⱪaldi; olja xunqǝ kɵp bolƣaqⱪa, uni yiƣiwelixⱪa üq kün kǝtti.
يەھوشافات ئۆزىنىڭ ئادەملىرى بىلەن دۈشمەندىن ئولجا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا كەلگەندە، ئۇلار ئۆلۈكلەر بىلەن بىللە نۇرغۇن مال-مۈلۈك ۋە كۆپ قىممەتلىك بۇيۇملارنى تاپتى. ئۇلار سالدۇرۇۋالغانلىرىنىڭ تولىلىقىدىن ئېلىپ كىتەلمەي قالدى؛ ئولجا شۇنچە كۆپ بولغاچقا، ئۇنى يىغىۋېلىشقا ئۈچ كۈن كەتتى.
26 Ular tɵtinqi küni Bǝrakaⱨ jilƣisiƣa yiƣilip, Pǝrwǝrdigarƣa ⱨǝmdusana oⱪup mubarǝklidi; xunga u yǝr taki bügüngǝ ⱪǝdǝr «Bǝrakaⱨ jilƣisi» dǝp atilip kǝlmǝktǝ.
ئۇلار تۆتىنچى كۈنى بەراكاھ جىلغىسىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇبارەكلىدى؛ شۇڭا ئۇ يەر تاكى بۈگۈنگە قەدەر «بەراكاھ جىلغىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
27 Andin barliⱪ Yǝⱨudadikilǝr wǝ Yerusalemdikilǝr Yǝⱨoxafatning baxlamqiliⱪida huxal-huram bolup Yerusalemƣa ⱪaytti; qünki Pǝrwǝrdigar ularni düxmǝnliri üstidin ƣalib ⱪilip huxalliⱪⱪa qɵmdürgǝnidi.
ئاندىن بارلىق يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر يەھوشافاتنىڭ باشلامچىلىقىدا خۇشال-خۇرام بولۇپ يېرۇسالېمغا قايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىپ خۇشاللىققا چۆمدۈرگەنىدى.
28 Ular Yerusalemƣa tǝmbur, qiltar wǝ kanaylar qelip kelip, Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ kirdi.
ئۇلار يېرۇسالېمغا تەمبۇر، چىلتار ۋە كانايلار چېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى.
29 Barliⱪ ǝl-mǝmlikǝtlǝr Pǝrwǝrdigarning Israilning düxmǝnlirigǝ ⱪarxi qiⱪip jǝng ⱪilƣanliⱪini angliƣanda, Hudaning wǝⱨimisi ularning üstigǝ basti.
بارلىق ئەل-مەملىكەتلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى چىقىپ جەڭ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىمىسى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستى.
30 Xuning bilǝn Yǝⱨoxafatning padixaⱨliⱪi tinq-asayixliⱪta boldi; uning Hudasi uning tɵt ǝtrapini tinq ⱪilƣanidi.
شۇنىڭ بىلەن يەھوشافاتنىڭ پادىشاھلىقى تىنچ-ئاسايىشلىقتا بولدى؛ ئۇنىڭ خۇداسى ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى تىنچ قىلغانىدى.
31 Xundaⱪ ⱪilip Yǝⱨoxafat Yǝⱨuda üstigǝ ⱨɵküm sürdi. U tǝhtkǝ qiⱪⱪan qaƣda ottuz bǝx yaxta idi; u Yerusalemda yigirmǝ bǝx yil sǝltǝnǝt ⱪildi. Uning anisining ismi Azubaⱨ bolup, u Xilⱨining ⱪizi idi.
شۇنداق قىلىپ يەھوشافات يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا ئوتتۇز بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئازۇباھ بولۇپ، ئۇ شىلھىنىڭ قىزى ئىدى.
32 Yǝⱨoxafat ⱪaymay atisi Asaning yolida mengip, Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ durus bolƣanni ⱪildi.
يەھوشافات قايماي ئاتىسى ئاسانىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى.
33 Pǝⱪǝt «yuⱪiri jaylar»la yoⱪitilmiƣanidi; hǝlⱪ tehiqǝ kɵngüllirini ata-bowilirining Hudasiƣa mayil ⱪilmiƣanidi.
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىغانىدى؛ خەلق تېخىچە كۆڭۈللىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىغا مايىل قىلمىغانىدى.
34 Yǝⱨoxafatning ⱪalƣan ixliri bolsa, mana baxtin ahiriƣiqǝ «Yǝⱨuda wǝ Israil padixaⱨlirining tarihnamisi»ƣa kirgüzülgǝn «Ⱨananining oƣli Yǝⱨuning bayan sɵzliri»dǝ pütülgǝndur.
يەھوشافاتنىڭ قالغان ئىشلىرى بولسا، مانا باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»غا كىرگۈزۈلگەن «ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇنىڭ بايان سۆزلىرى»دە پۈتۈلگەندۇر.
35 Bu ixlardin keyin Yǝⱨuda padixaⱨi Yǝⱨoxafat tola rǝzil ixlarni ⱪilƣan Israil padixaⱨi Aⱨaziya bilǝn ittipaⱪ tüzdi.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافات تولا رەزىل ئىشلارنى قىلغان ئىسرائىل پادىشاھى ئاھازىيا بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى.
36 Yǝⱨoxafat Tarxixⱪa baridiƣan kemilǝrni yasaxⱪa uning bilǝn xiriklǝxti; xu kemilǝrni ular Əzion-Gǝbǝrdǝ yasatti.
يەھوشافات تارشىشقا بارىدىغان كېمىلەرنى ياساشقا ئۇنىڭ بىلەن شىرىكلەشتى؛ شۇ كېمىلەرنى ئۇلار ئەزىئون-گەبەردە ياساتتى.
37 U qaƣda Marǝxaⱨliⱪ Dodawaⱨuning oƣli Əliezǝr Yǝⱨoxafatni ǝyiblǝp uningƣa bexarǝt berip: — Aⱨaziya bilǝn ittipaⱪ tüzgining üqün Pǝrwǝrdigar sening yasiƣanliringni buzuwetidu» dedi. Dǝrwǝⱪǝ, keyinki waⱪitlarda u kemilǝr buzƣunqiliⱪⱪa uqrap Tarxixⱪa mangalmidi.
ئۇ چاغدا مارەشاھلىق دوداۋاھۇنىڭ ئوغلى ئەلىئېزەر يەھوشافاتنى ئەيىبلەپ ئۇنىڭغا بېشارەت بېرىپ: ــ ئاھازىيا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنى بۇزۇۋېتىدۇ» دېدى. دەرۋەقە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ كېمىلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ تارشىشقا ماڭالمىدى.

< Tarih-tǝzkirǝ 2 20 >