< Tarih-tǝzkirǝ 2 11 >

1 Rǝⱨoboam Yerusalemƣa kelip, Israil bilǝn jǝng ⱪilip padixaⱨliⱪni ɵzigǝ ⱪayturup ǝkilix üqün Yǝⱨuda bilǝn Binyamin jǝmǝtidin bir yüz sǝksǝn ming hillanƣan jǝnggiwar ǝskǝrni toplidi.
رەھوبوئام يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىپ پادىشاھلىقنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن يەھۇدا بىلەن بىنيامىن جەمەتىدىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ خىللانغان جەڭگىۋار ئەسكەرنى توپلىدى.
2 Lekin Hudaning sɵzi Hudaning adimi Xemayaƣa kelip: —
لېكىن خۇدانىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادىمى شېماياغا كېلىپ: ــ
3 «Yǝⱨudaning padixaⱨi, Sulaymanning oƣli Rǝⱨoboamƣa, Yǝⱨuda bilǝn Binyamindiki Israillarƣa sɵz ⱪilip: —
«يەھۇدانىڭ پادىشاھى، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامغا، يەھۇدا بىلەن بىنيامىندىكى ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ: ــ
4 «Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Ⱨujumƣa qiⱪmanglar, ⱪerindaxliringlar bilǝn jǝng ⱪilmanglar; ⱨǝrbiringlar ɵz ɵyünglarƣa ⱪaytip ketinglar; qünki bu ix Mǝndindur», degin» — deyildi. Wǝ ular Pǝrwǝrdigarning sɵzlirigǝ ⱪulaⱪ saldi, Yǝroboamƣa ⱨujum ⱪilixtin yandi.
«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھۇجۇمغا چىقماڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش مەندىندۇر»، دېگىن» ــ دېيىلدى. ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى، يەروبوئامغا ھۇجۇم قىلىشتىن ياندى.
5 Rǝⱨoboam Yerusalemda turatti, wǝ Yǝⱨudada ⱪorƣanliⱪ xǝⱨǝrlǝrni salƣuzƣanidi.
رەھوبوئام يېرۇسالېمدا تۇراتتى، ۋە يەھۇدادا قورغانلىق شەھەرلەرنى سالغۇزغانىدى.
6 U Bǝyt-Lǝⱨǝm, Etam, Tǝkoa,
ئۇ بەيت-لەھەم، ئېتام، تەكوئا،
7 Bǝyt-Zur, Sokoⱨ, Adullam,
بەيت-زۇر، سوكوھ، ئادۇللام،
8 Gat, Marǝxaⱨ, Zif,
گات، مارەشاھ، زىف،
9 Adorayim, Laⱪix, Azikaⱨ,
ئادورايىم، لاقىش، ئازىكاھ،
10 Zoraⱨ, Ayjalon, Ⱨebronni yasatti; bularning ⱨǝmmisi ⱪorƣanliⱪ xǝⱨǝrlǝr bolup, Yǝⱨuda wǝ Binyaminning zeminida idi.
زوراھ، ئايجالون، ھېبروننى ياساتتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى قورغانلىق شەھەرلەر بولۇپ، يەھۇدا ۋە بىنيامىننىڭ زېمىنىدا ئىدى.
11 U barliⱪ ⱪǝl’ǝ-ⱪorƣanlarni mustǝⱨkǝmlidi wǝ ularda sǝrdarlarni tǝyinlidi, zapas axliⱪ, may wǝ xarablarni tǝyyarlidi.
ئۇ بارلىق قەلئە-قورغانلارنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئۇلاردا سەردارلارنى تەيىنلىدى، زاپاس ئاشلىق، ماي ۋە شارابلارنى تەييارلىدى.
12 U yǝnǝ ⱨǝrⱪaysi xǝⱨǝrlǝrni kɵpligǝn ⱪalⱪan wǝ nǝyzilǝr bilǝn ⱪorallandurup, alamǝt mustǝⱨkǝmliwǝtti. Yǝⱨuda bilǝn Binyamin uning tǝripidǝ turatti.
ئۇ يەنە ھەرقايسى شەھەرلەرنى كۆپلىگەن قالقان ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئالامەت مۇستەھكەملىۋەتتى. يەھۇدا بىلەن بىنيامىن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى.
13 Pütkül Israilda turuwatⱪan kaⱨinlar bilǝn Lawiylar ⱪaysi yurtta bolmisun uning tǝripidǝ turatti.
پۈتكۈل ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار قايسى يۇرتتا بولمىسۇن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى.
14 Qünki Yǝroboam bilǝn uning oƣulliri Lawiylarni qǝtkǝ ⱪeⱪip, ularning Pǝrwǝrdigarning hizmitidǝ bolup kaⱨinliⱪ ɵtküzüxini qǝkligǝnliki üqün, ular ɵzlirining otlaⱪliri wǝ mal-mülkini taxlap Yǝⱨuda zeminƣa wǝ Yerusalemƣa kelixkǝnidi
چۈنكى يەروبوئام بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى لاۋىيلارنى چەتكە قېقىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ كاھىنلىق ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاپ يەھۇدا زېمىنغا ۋە يېرۇسالېمغا كېلىشكەنىدى
15 (qünki Yǝroboam «yuⱪiri jaylar»diki hizmǝt üqün «tekǝ ilaⱨliri» wǝ ɵzi yasiƣan mozay mǝbudlirining ⱪulluⱪida boluxⱪa ɵzi üqün kaⱨinlarni tǝyinligǝnidi).
(چۈنكى يەروبوئام «يۇقىرى جايلار»دىكى خىزمەت ئۈچۈن «تېكە ئىلاھلىرى» ۋە ئۆزى ياسىغان موزاي مەبۇدلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا ئۆزى ئۈچۈن كاھىنلارنى تەيىنلىگەنىدى).
16 Wǝ bu [Lawiylarƣa] ǝgixip, Israilning ⱨǝmmǝ ⱪǝbililiridin kɵnglidǝ Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigarni seƣinip-izdǝxkǝ iradǝ tikligǝnlǝr ata-bowilirining Hudasi bolƣan Pǝrwǝrdigarƣa ⱪurbanliⱪ ⱪilix üqün Yerusalemƣa kelixti.
ۋە بۇ [لاۋىيلارغا] ئەگىشىپ، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن كۆڭلىدە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ-ئىزدەشكە ئىرادە تىكلىگەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كېلىشتى.
17 Xundaⱪ ⱪilip ular Yǝⱨuda padixaⱨliⱪining küqini axurup, Sulaymanning oƣli Rǝⱨoboamni üq yil küqlǝndürdi; qünki [Yǝⱨudadikilǝr] üq yil Dawutning wǝ Sulaymanning yolida mangƣanidi.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەھۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامنى ئۈچ يىل كۈچلەندۈردى؛ چۈنكى [يەھۇدادىكىلەر] ئۈچ يىل داۋۇتنىڭ ۋە سۇلايماننىڭ يولىدا ماڭغانىدى.
18 Rǝⱨoboam Maⱨalatni ǝmrigǝ aldi. Maⱨalat Dawutning oƣli Yǝrimotning ⱪizi; uning anisi Yǝssǝning oƣli Eliabning ⱪizi Abiⱨayil idi.
رەھوبوئام ماھالاتنى ئەمرىگە ئالدى. ماھالات داۋۇتنىڭ ئوغلى يەرىموتنىڭ قىزى؛ ئۇنىڭ ئانىسى يەسسەنىڭ ئوغلى ئېلىئابنىڭ قىزى ئابىھايىل ئىدى.
19 Maⱨalattin Rǝⱨoboamƣa Yǝux, Xemariya wǝ Zaⱨam degǝn oƣullar tɵrǝldi.
ماھالاتتىن رەھوبوئامغا يەئۇش، شېمارىيا ۋە زاھام دېگەن ئوغۇللار تۆرەلدى.
20 Keyinki waⱪitlarda Rǝⱨoboam yǝnǝ Abxalomning [nǝwrǝ] ⱪizi Maakaⱨni ǝmrigǝ aldi; u uningƣa Abiya, Attay, Ziza wǝ Xelomitlarni tuƣup bǝrdi.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا رەھوبوئام يەنە ئابشالومنىڭ [نەۋرە] قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شېلومىتلارنى تۇغۇپ بەردى.
21 Rǝⱨoboam Abxalomning [nǝwrǝ] ⱪizi Maakaⱨni ǝmrigǝ alƣan barliⱪ ayalliri wǝ kenizǝkliridin bǝkrǝk sɵyǝtti; qünki u jǝmiy on sǝkkiz ayal wǝ atmix kenizǝkni ǝmrigǝ alƣan; u jǝmiy yigirmǝ sǝkkiz oƣul, atmix ⱪiz pǝrzǝnt kɵrgǝn.
رەھوبوئام ئابشالومنىڭ [نەۋرە] قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالغان بارلىق ئاياللىرى ۋە كېنىزەكلىرىدىن بەكرەك سۆيەتتى؛ چۈنكى ئۇ جەمئىي ئون سەككىز ئايال ۋە ئاتمىش كېنىزەكنى ئەمرىگە ئالغان؛ ئۇ جەمئىي يىگىرمە سەككىز ئوغۇل، ئاتمىش قىز پەرزەنت كۆرگەن.
22 Rǝⱨoboam Maakaⱨdin bolƣan oƣli Abiyani ⱪerindaxliri iqidǝ ⱨǝmmidin qong xaⱨzadǝ ⱪilip tiklidi, qünki u uni padixaⱨliⱪⱪa waris ⱪilmaⱪqi idi.
رەھوبوئام مائاكاھدىن بولغان ئوغلى ئابىيانى قېرىنداشلىرى ئىچىدە ھەممىدىن چوڭ شاھزادە قىلىپ تىكلىدى، چۈنكى ئۇ ئۇنى پادىشاھلىققا ۋارىس قىلماقچى ئىدى.
23 Rǝⱨoboam aⱪilanilik bilǝn ix kɵrüp, oƣullirini Yǝⱨudaning barliⱪ zeminliri wǝ Binyaminning barliⱪ zeminliridiki barliⱪ ⱪorƣanliⱪ xǝⱨǝrlǝrgǝ orunlaxturup, ularni naⱨayiti kɵp zapas ozuⱪ-tülük bilǝn tǝminlidi; u yǝnǝ ularƣa nurƣun hotun elip bǝrdi.
رەھوبوئام ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئوغۇللىرىنى يەھۇدانىڭ بارلىق زېمىنلىرى ۋە بىنيامىننىڭ بارلىق زېمىنلىرىدىكى بارلىق قورغانلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ناھايىتى كۆپ زاپاس ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىدى؛ ئۇ يەنە ئۇلارغا نۇرغۇن خوتۇن ئېلىپ بەردى.

< Tarih-tǝzkirǝ 2 11 >