< Timotiyƣa 1 2 >

1 Mǝn ⱨǝmmidin awwal, [etiⱪadqilarƣa] pütkül insanlar üqün Hudadin tilǝklǝr tilixini, dua-tilawǝt ⱪilixini, baxⱪilar üqün murajiǝt ⱪilixini wǝ tǝxǝkkürlǝr eytixini,
مەن ھەممىدىن ئاۋۋال، [ئېتىقادچىلارغا] پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلىشىنى، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشىنى ۋە تەشەككۈرلەر ئېيتىشىنى،
2 bolupmu padixaⱨlar wǝ barliⱪ ǝmǝldarlar üqün dua-tilawǝt ⱪilixini jekilǝymǝn. Xundaⱪ ⱪilƣanda, biz toluⱪ ihlasmǝnlik wǝ salmaⱪliⱪ bilǝn tinq wǝ aman-esǝn ⱨayat kǝqürǝlǝymiz.
بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى جېكىلەيمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىز تولۇق ئىخلاسمەنلىك ۋە سالماقلىق بىلەن تىنچ ۋە ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز.
3 Bundaⱪ dua-tilawǝt ⱪilix güzǝl ixtur, Ⱪutⱪuzƣuqimiz Hudani hursǝn ⱪilidu.
بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش گۈزەل ئىشتۇر، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
4 Qünki U pütkül insanning ⱪutⱪuzuluxi wǝ ularning ⱨǝⱪiⱪǝtni tonup yetixini halaydu.
چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ.
5 Qünki birla Huda bardur, Huda bilǝn insanlar arisida bir kelixtürgüqimu bar, U bolsimu Ɵzi insan bolup kǝlgǝn Mǝsiⱨ Əysadur.
چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر.
6 U barliⱪ insanlarni ⱨɵr ⱪilix üqün Ɵzini ⱪurban ⱪilip bǝdǝl tɵlidi; xundaⱪ ⱪilip bekitilgǝn waⱪit-saitidǝ Hudaning nijatiƣa guwaⱨliⱪ berildi.
ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى.
7 Mǝn bu guwaⱨliⱪni yǝtküzüx üqün jakarqi wǝ rosul boluxⱪa tǝyinlinip (mening bu sɵzlirimning ⱨǝmmisi rast, mǝn yalƣan gǝp ⱪilmidim), yat ǝlliklǝrgǝ etiⱪad wǝ ⱨǝⱪiⱪǝt yolida ɵgǝtküqi bolup tiklǝndim.
مەن بۇ گۇۋاھلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە روسۇل بولۇشقا تەيىنلىنىپ (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم)، يات ئەللىكلەرگە ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت يولىدا ئۆگەتكۈچى بولۇپ تىكلەندىم.
8 Xunga, mǝn xuni halaymǝnki, ǝrlǝr ⱪǝyǝrdǝ bolsun, duaƣa jǝm bolƣanda ƣǝzǝpsiz wǝ dǝtalaxsiz ⱨalda, ⱨalal ǝmǝllik ⱪollirini kɵtürüp dua ⱪilsun.
شۇڭا، مەن شۇنى خالايمەنكى، ئەرلەر قەيەردە بولسۇن، دۇئاغا جەم بولغاندا غەزەپسىز ۋە دەتالاشسىز ھالدا، ھالال ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن.
9 Ohxax yolda ayallarmu muwapiⱪ kiyinip, ɵzlirini ar-nomus wǝ salmaⱪliⱪ bilǝn pǝrdaz ⱪilsun. Ularning ɵzlirini pǝrdazlax, qaqlirini alaⱨidǝ yasax wǝ altun, ünqǝ-mǝrwayit wǝ esil ⱪimmǝt kiyim-keqǝklǝr bilǝn ǝmǝs,
ئوخشاش يولدا ئاياللارمۇ مۇۋاپىق كىيىنىپ، ئۆزلىرىنى ئار-نومۇس ۋە سالماقلىق بىلەن پەرداز قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەردازلاش، چاچلىرىنى ئالاھىدە ياساش ۋە ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل قىممەت كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس،
10 bǝlki güzǝl ǝmǝlliri bilǝn pǝrdazlixini halaymǝn. Bu, Huda yolida tǝⱪwadar bolay degǝn ayallarƣa yarixidu.
بەلكى گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن پەردازلىشىنى خالايمەن. بۇ، خۇدا يولىدا تەقۋادار بولاي دېگەن ئاياللارغا يارىشىدۇ.
11 [Jamaǝt sorunlirida], ayallar tinq olturup, toluⱪ itaǝtmǝnlik bilǝn tǝlim alsun.
[جامائەت سورۇنلىرىدا]، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن.
12 Lekin ayallarning ǝrlǝrgǝ tǝlim berixi yaki ular üstidin ⱨɵküm sürüxigǝ yol ⱪoymaymǝn. Əksiqǝ, ular tinq bolsun.
لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ بولسۇن.
13 Qünki awwal Adǝm’ata, keyin Ⱨawa’ana yaritilƣan.
چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان.
14 Awwal aldinip azdurulƣanmu Adǝm’ata ǝmǝs, bǝlki [Ⱨawa’ana] idi. U tolimu aldanƣanliⱪidin ularning itaǝtsizlikigǝ qüxüp ⱪalƣanidi.
ئاۋۋال ئالدىنىپ ئازدۇرۇلغانمۇ ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى [ھاۋائانا] ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدانغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىگە چۈشۈپ قالغانىدى.
15 Lekin ayallar etiⱪadta, meⱨir-muⱨǝbbǝt wǝ pak-muⱪǝddǝsliktǝ salmaⱪliⱪ bilǝn turidiƣanla bolsa, ular tuƣutta saⱪ-salamǝt ⱪutulidu.
لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەت ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق-سالامەت قۇتۇلىدۇ.

< Timotiyƣa 1 2 >