< Samu'il 1 25 >

1 Samuil ɵldi. Pütkül Israil yiƣilip uning üqün matǝm tutti; ular uni uning Ramaⱨdiki ɵyidǝ dǝpnǝ ⱪildi. Dawut bolsa ⱪopup Paran qɵligǝ bardi.
سامۇئىل ئۆلدى. پۈتكۈل ئىسرائىل يىغىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى؛ ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ راماھدىكى ئۆيىدە دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا قوپۇپ پاران چۆلىگە باردى.
2 Əmdi tirikqiliki Karmǝldǝ bolƣan, Maonda olturuⱪluⱪ bir adǝm bar idi. Bu kixi bǝk bay bolup üq ming ⱪoy, bir ming ɵqkisi bar idi. U ɵz ⱪoylirini Karmǝldǝ ⱪirⱪiwatatti.
ئەمدى تىرىكچىلىكى كارمەلدە بولغان، مائوندا ئولتۇرۇقلۇق بىر ئادەم بار ئىدى. بۇ كىشى بەك باي بولۇپ ئۈچ مىڭ قوي، بىر مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇ ئۆز قويلىرىنى كارمەلدە قىرقىۋاتاتتى.
3 U adǝmning ismi Nabal bolup, ayalining ismi Abigail idi; ayali ⱨǝm pǝm-parasǝtlik ⱨǝm ǝpt-turⱪi qirayliⱪ, lekin eri ⱪattiⱪ ⱪol wǝ rǝzil idi; u Kalǝbning ǝwladidin idi.
ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى نابال بولۇپ، ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىگائىل ئىدى؛ ئايالى ھەم پەم-پاراسەتلىك ھەم ئەپت-تۇرقى چىرايلىق، لېكىن ئېرى قاتتىق قول ۋە رەزىل ئىدى؛ ئۇ كالەبنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى.
4 Dawut qɵldǝ turup Nabalning ɵz ⱪoylirini ⱪirⱪiydiƣanliⱪini anglap
داۋۇت چۆلدە تۇرۇپ نابالنىڭ ئۆز قويلىرىنى قىرقىيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ
5 On yax yigitni u yǝrgǝ mangdurup ularƣa: — Silǝr Karmǝlgǝ qiⱪip Nabalning ⱪexiƣa berip, mǝndin uningƣa salam eytinglar.
ئون ياش يىگىتنى ئۇ يەرگە ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر كارمەلگە چىقىپ نابالنىڭ قېشىغا بېرىپ، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىڭلار.
6 Uningƣa: — «Yaxiƣaysǝn; sizgǝ tinq-amanliⱪ bolƣay, ɵyingizgǝ tinq-amanliⱪ bolƣay, ⱨǝmmǝ barliⱪingizƣa tinq-amanliⱪ bolƣay!
ئۇنىڭغا: ــ «ياشىغايسەن؛ سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ئۆيىڭىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ھەممە بارلىقىڭىزغا تىنچ-ئامانلىق بولغاي!
7 Mǝn ⱪirⱪiƣuqilarning sizdǝ ix baxliƣanliⱪini anglidim. Sizning padiqiliringiz biz tǝrǝplǝrdǝ turƣanda ularƣa ⱨeq zǝhmǝ yǝtküzmiduⱪ; biz Karmǝldǝ turƣan waⱪitta ularning ⱨeq tǝrsisi yitip kǝtmidi.
مەن قىرقىغۇچىلارنىڭ سىزدە ئىش باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سىزنىڭ پادىچىلىرىڭىز بىز تەرەپلەردە تۇرغاندا ئۇلارغا ھېچ زەخمە يەتكۈزمىدۇق؛ بىز كارمەلدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھېچ تەرسىسى يىتىپ كەتمىدى.
8 Ɵz yigitliringizdin sorisingiz ular sizgǝ dǝp beridu. Xunga biz ⱪutluⱪ bir künidǝ kǝlduⱪ, xunga yigitlirimiz nǝziringizdǝ iltipat tapsun; ɵz ⱪolingizƣa nemǝ qiⱪsa xuni kǝminiliringizgǝ wǝ oƣlingiz Dawutⱪa nemǝ qiⱪsa xuni bǝrgǝysiz», dǝnglar, — dedi.
ئۆز يىگىتلىرىڭىزدىن سورىسىڭىز ئۇلار سىزگە دەپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز قۇتلۇق بىر كۈنىدە كەلدۇق، شۇڭا يىگىتلىرىمىز نەزىرىڭىزدە ئىلتىپات تاپسۇن؛ ئۆز قولىڭىزغا نېمە چىقسا شۇنى كەمىنىلىرىڭىزگە ۋە ئوغلىڭىز داۋۇتقا نېمە چىقسا شۇنى بەرگەيسىز»، دەڭلار، ــ دېدى.
9 Dawutning yigitliri u yǝrgǝ berip bu gǝplǝrning ⱨǝmmisini Dawutning namida uningƣa eytip andin jim turup saⱪlidi.
داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى ئۇ يەرگە بېرىپ بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئاندىن جىم تۇرۇپ ساقلىدى.
10 Nabal Dawutning hizmǝtkarliriƣa jawab berip: — Dawut degǝn kim? Yǝssǝning oƣli degǝn kim? Bu künlǝrdǝ ɵz ƣojilirini taxlap ketiwatⱪan hizmǝtkarlar tola.
نابال داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت دېگەن كىم؟ يەسسەنىڭ ئوغلى دېگەن كىم؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز غوجىلىرىنى تاشلاپ كېتىۋاتقان خىزمەتكارلار تولا.
11 Mǝn ɵzümning yemǝk-iqmǝklirimni wǝ yung ⱪirⱪuƣuqilirimƣa soyƣan gɵxni kǝlgǝn jayi namǝlum bolƣan kixilǝrgǝ berǝmdim? — dedi.
مەن ئۆزۈمنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى ۋە يۇڭ قىرقۇغۇچىلىرىمغا سويغان گۆشنى كەلگەن جايى نامەلۇم بولغان كىشىلەرگە بېرەمدىم؟ ــ دېدى.
12 Dawutning yigitliri kǝlgǝn yoliƣa yenip kǝtti. Yenip kelip ular Dawutⱪa ⱨǝmmǝ gǝpni dǝp bǝrdi.
داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى كەلگەن يولىغا يېنىپ كەتتى. يېنىپ كېلىپ ئۇلار داۋۇتقا ھەممە گەپنى دەپ بەردى.
13 Dawut ɵz adǝmlirigǝ: — Ⱨǝr biringlar ɵz ⱪiliqinglarni esinglar, dedi. Xuning bilǝn ⱨǝrbiri ɵz ⱪiliqini [tasmisiƣa] asti, Dawutmu ɵz ⱪiliqini asti. Andin tɵt yüzqǝ adǝm Dawut bilǝn qiⱪti, wǝ ikki yüz kixi jabduⱪlar bilǝn ⱪaldi.
داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز قىلىچىڭلارنى ئېسىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىرى ئۆز قىلىچىنى [تاسمىسىغا] ئاستى، داۋۇتمۇ ئۆز قىلىچىنى ئاستى. ئاندىن تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن چىقتى، ۋە ئىككى يۈز كىشى جابدۇقلار بىلەن قالدى.
14 Əmma Nabalning hizmǝtkarliridin biri uning ayali Abigailƣa: — Dawut ǝlqilǝrni qɵldin ƣojimizƣa salam berixkǝ ǝwǝtkǝnikǝn; lekin u ularni tillap kayip kǝtti.
ئەمما نابالنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئايالى ئابىگائىلغا: ــ داۋۇت ئەلچىلەرنى چۆلدىن غوجىمىزغا سالام بېرىشكە ئەۋەتكەنىكەن؛ لېكىن ئۇ ئۇلارنى تىللاپ كايىپ كەتتى.
15 Bu adǝmlǝr bolsa, bizgǝ kɵp yahxiliⱪ ⱪilƣan. Biz dalada ularning yenida yürgǝn waⱪitlirimizda bizgǝ ⱨeq yamanliⱪ kǝlmidi, bizning ⱨeq nǝrsimizmu yitip kǝtmigǝnidi.
بۇ ئادەملەر بولسا، بىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلغان. بىز دالادا ئۇلارنىڭ يېنىدا يۈرگەن ۋاقىتلىرىمىزدا بىزگە ھېچ يامانلىق كەلمىدى، بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىزمۇ يىتىپ كەتمىگەنىدى.
16 Biz ularƣa yeⱪin jayda ⱪoy baⱪⱪan waⱪitta ular keqǝ-kündüz bizgǝ sepildǝk bolƣanidi.
بىز ئۇلارغا يېقىن جايدا قوي باققان ۋاقىتتا ئۇلار كېچە-كۈندۈز بىزگە سېپىلدەك بولغانىدى.
17 Əmdi bu ixtin hǝwǝrdar boldila, ⱪandaⱪ ⱪilix kerǝklikini oylixip baⱪⱪayla. Bolmisa, ƣojimizƣa wǝ pütkül ɵydikilirigǝ bir bala-ⱪaza kǝlmǝy ⱪalmaydu. U xunqǝ kaj bir adǝmki, ⱨeqkim uningƣa sɵz ⱪilixⱪa petinalmaydu, dedi.
ئەمدى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولدىلا، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ باققايلا. بولمىسا، غوجىمىزغا ۋە پۈتكۈل ئۆيدىكىلىرىگە بىر بالا-قازا كەلمەي قالمايدۇ. ئۇ شۇنچە كاج بىر ئادەمكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، دېدى.
18 Abigail dǝrⱨal ikki yüz nan, ikki tulum xarab, bǝx pixurulƣan ⱪoy, bǝx seaⱨ ⱪomaq, bir yüz kixmix poxkili, ikki yüz ǝnjür poxkili elip exǝklǝrgǝ artip
ئابىگائىل دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، بەش پىشۇرۇلغان قوي، بەش سېئاھ قوماچ، بىر يۈز كىشمىش پوشكىلى، ئىككى يۈز ئەنجۈر پوشكىلى ئېلىپ ئېشەكلەرگە ئارتىپ
19 ɵz yigitlirigǝ: — Mening aldimda beringlar; mana, mǝn kǝyninglardin baray, dedi. Lekin u ɵz eri Nabalƣa bu ixni demidi.
ئۆز يىگىتلىرىگە: ــ مېنىڭ ئالدىمدا بېرىڭلار؛ مانا، مەن كەينىڭلاردىن باراي، دېدى. لېكىن ئۇ ئۆز ئېرى نابالغا بۇ ئىشنى دېمىدى.
20 U ɵz exikigǝ minip taƣning etikidin qüxkǝndǝ, mana Dawut adǝmliri bilǝn uning uduliƣa qüxüp uning bilǝn uqraxti.
ئۇ ئۆز ئېشىكىگە مىنىپ تاغنىڭ ئېتىكىدىن چۈشكەندە، مانا داۋۇت ئادەملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى.
21 Dawut ǝslidǝ: — Mǝn bu kixining melini qɵldǝ bikardin bikar ⱪoƣdap, uning barliⱪidin ⱨeqnemini yittürgüzmigǝnidim; lekin u yahxiliⱪning ornida manga yamanliⱪ ⱪildi.
داۋۇت ئەسلىدە: ــ مەن بۇ كىشىنىڭ مېلىنى چۆلدە بىكاردىن بىكار قوغداپ، ئۇنىڭ بارلىقىدىن ھېچنېمىنى يىتتۈرگۈزمىگەنىدىم؛ لېكىن ئۇ ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا ماڭا يامانلىق قىلدى.
22 Uning adǝmliridin ǝtigiqǝ birǝr ǝrkǝkni ⱪaldurup ⱪoysam, Huda mǝn Dawutni uningdinmu artuⱪ jazaliƣay, degǝnidi.
ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن ئەتىگىچە بىرەر ئەركەكنى قالدۇرۇپ قويسام، خۇدا مەن داۋۇتنى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىغاي، دېگەنىدى.
23 Abigail Dawutni kɵrüp, aldirap exǝktin qüxüp, Dawutning aldida yiⱪilip yüzini yǝrgǝ yeⱪip tǝzim ⱪildi;
ئابىگائىل داۋۇتنى كۆرۈپ، ئالدىراپ ئېشەكتىن چۈشۈپ، داۋۇتنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ تەزىم قىلدى؛
24 uning putliriƣa esilip mundaⱪ dedi: — «I ƣojam, bu ⱪǝbiⱨlik manga ⱨesablansun; ǝmdi xuni ɵtünimǝnki, dedǝklirining siligǝ sɵz ⱪilixiƣa ijazǝt ⱪilip, dediklirining sɵzigǝ ⱪulaⱪ salƣayla: —
ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى غوجام، بۇ قەبىھلىك ماڭا ھېسابلانسۇن؛ ئەمدى شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سىلىگە سۆز قىلىشىغا ئىجازەت قىلىپ، دېدىكلىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا: ــ
25 ɵtünimǝnki, ƣojam bu rǝzil adǝm Nabalƣa pisǝnt ⱪilmiƣayla; qünki uning mijǝzi huddi ismiƣa ohxaxtur; uning ismi «kaj», dǝrwǝⱪǝ uningda kajliⱪ tolimu eƣirdur. Lekin mǝn dedǝkliri bolsa ƣojam ǝwǝtkǝn yigitlǝrni kɵrmidim.
ئۆتۈنىمەنكى، غوجام بۇ رەزىل ئادەم نابالغا پىسەنت قىلمىغايلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزى خۇددى ئىسمىغا ئوخشاشتۇر؛ ئۇنىڭ ئىسمى «كاج»، دەرۋەقە ئۇنىڭدا كاجلىق تولىمۇ ئېغىردۇر. لېكىن مەن دېدەكلىرى بولسا غوجام ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمىدىم.
26 Əmdi i ƣojam, Pǝrwǝrdigarning ⱨayati bilǝn wǝ sening jening bilǝn ⱪǝsǝm iqimǝnki, Pǝrwǝrdigar silini ɵz ⱪolliri bilǝn ⱪan tɵküp intiⱪam elixtin saⱪlidi. Əmdi düxmǝnlirimu, sili ƣojamƣa yamanliⱪ ⱪilmaⱪqi bolƣanlarmu Nabalƣa ohxax bolsun.
ئەمدى ئى غوجام، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، پەرۋەردىگار سىلىنى ئۆز قوللىرى بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن ساقلىدى. ئەمدى دۈشمەنلىرىمۇ، سىلى غوجامغا يامانلىق قىلماقچى بولغانلارمۇ نابالغا ئوخشاش بولسۇن.
27 Əmdi dedǝkliri ƣojamƣa elip kǝlgǝn bu sowƣat bolsa ƣojamƣa ǝgǝxkǝn yigitlǝrgǝ tǝⱪsim ⱪilinsun.
ئەمدى دېدەكلىرى غوجامغا ئېلىپ كەلگەن بۇ سوۋغات بولسا غوجامغا ئەگەشكەن يىگىتلەرگە تەقسىم قىلىنسۇن.
28 Silidin ɵtünimǝnki, dedǝklirining sǝwǝnlikini kǝqürgǝyla; qünki sili, i ƣojam Pǝrwǝrdigarning jǝnglirini ⱪilip kǝlgǝnliri üqün, barliⱪ künliridǝ silidǝ yamanliⱪ tepilmiƣini üqün Pǝrwǝrdigar jǝzmǝn jǝmǝtlirini mǝzmut ⱪilidu.
سىلىدىن ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرگەيلا؛ چۈنكى سىلى، ئى غوجام پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىنى قىلىپ كەلگەنلىرى ئۈچۈن، بارلىق كۈنلىرىدە سىلىدە يامانلىق تېپىلمىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار جەزمەن جەمەتلىرىنى مەزمۇت قىلىدۇ.
29 Birsi ⱪopup silini ⱪoƣlap janlirini izdisǝ, sili ƣojamning jeni Pǝrwǝrdigar Hudalirining ⱪexidiki tiriklǝr haltisi iqidǝ orilip saⱪlinidu, lekin düxmǝnlirining janlirini bolsa, u salƣuƣa selip qɵrüp taxlaydu.
بىرسى قوپۇپ سىلىنى قوغلاپ جانلىرىنى ئىزدىسە، سىلى غوجامنىڭ جېنى پەرۋەردىگار خۇدالىرىنىڭ قېشىدىكى تىرىكلەر خالتىسى ئىچىدە ئورىلىپ ساقلىنىدۇ، لېكىن دۈشمەنلىرىنىڭ جانلىرىنى بولسا، ئۇ سالغۇغا سېلىپ چۆرۈپ تاشلايدۇ.
30 Əmdi Pǝrwǝrdigar sili ƣojam toƣrisida eytⱪan barliⱪ yahxi wǝdilirigǝ ǝmǝl ⱪilip, silini Israilƣa bax ⱪilƣanda xundaⱪ boliduki,
ئەمدى پەرۋەردىگار سىلى غوجام توغرىسىدا ئېيتقان بارلىق ياخشى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، سىلىنى ئىسرائىلغا باش قىلغاندا شۇنداق بولىدۇكى،
31 sili ƣojamning naⱨǝⱪ ⱪan tɵkmigǝnlikliri yaki ɵz intiⱪamlirini almiƣanliⱪliri üqün kɵngüllirigǝ putlikaxang yaki dǝrd bolmaydu. Wǝ Pǝrwǝrdigar ƣojamƣa nusrǝt bǝrginidǝ sili ɵz dedǝklirini yad ⱪilƣayla».
سىلى غوجامنىڭ ناھەق قان تۆكمىگەنلىكلىرى ياكى ئۆز ئىنتىقاملىرىنى ئالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كۆڭۈللىرىگە پۇتلىكاشاڭ ياكى دەرد بولمايدۇ. ۋە پەرۋەردىگار غوجامغا نۇسرەت بەرگىنىدە سىلى ئۆز دېدەكلىرىنى ياد قىلغايلا».
32 Dawut Abigailƣa: — Seni bügün mening bilǝn uqrixixⱪa ǝwǝtkǝn Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigarƣa tǝxǝkkür-mǝdⱨiyǝ ⱪayturulƣay!
داۋۇت ئابىگائىلغا: ــ سېنى بۈگۈن مېنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئەۋەتكەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي!
33 Əmdi ǝⱪil-parasitinggǝ barikalla, sangimu barikalla! Qünki sǝn bügün meni ɵz ⱪolum bilǝn ⱪan tɵküp intiⱪam elixtin tostung.
ئەمدى ئەقىل-پاراسىتىڭگە بارىكاللا، ساڭىمۇ بارىكاللا! چۈنكى سەن بۈگۈن مېنى ئۆز قولۇم بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن توستۇڭ.
34 Lekin meni sanga ziyan-zǝhmǝt yǝtküzüxtin saⱪliƣan Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigarning ⱨayati bilǝn ⱪǝsǝm ⱪilimǝnki, sǝn mening aldimƣa tezlinip kǝlmigǝn bolsang, Nabalning adǝmliridin ⱨeq ǝrkǝk ǝtigiqǝ tirik ⱪalmas idi, dedi.
لېكىن مېنى ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىغان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن مېنىڭ ئالدىمغا تېزلىنىپ كەلمىگەن بولساڭ، نابالنىڭ ئادەملىرىدىن ھېچ ئەركەك ئەتىگىچە تىرىك قالماس ئىدى، دېدى.
35 Andin Dawut uning ɵzigǝ kǝltürgǝn nǝrsilirini ⱪolidin tapxurup elip uningƣa: — Tinq-aman ɵyünggǝ barƣin, mana sɵzliringgǝ ⱪulaⱪ selip, kɵnglüngni ⱪobul ⱪildim, dedi.
ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنى قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭغا: ــ تىنچ-ئامان ئۆيۈڭگە بارغىن، مانا سۆزلىرىڭگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭلۈڭنى قوبۇل قىلدىم، دېدى.
36 Abigail Nabalning ⱪexiƣa kǝldi; mana, u ɵyidǝ xaⱨanǝ ziyapǝttǝk bir ziyapǝt ɵtküzüwatatti. Nabal kɵnglidǝ huxal idi wǝ intayin mǝst bolup kǝtkǝnidi. Xunga Abigail ǝtisi tang atⱪuqǝ uningƣa ⱨeq nemǝ demidi.
ئابىگائىل نابالنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مانا، ئۇ ئۆيىدە شاھانە زىياپەتتەك بىر زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. نابال كۆڭلىدە خۇشال ئىدى ۋە ئىنتايىن مەست بولۇپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئابىگائىل ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچ نېمە دېمىدى.
37 Lekin ǝtisi Nabal mǝstliktin yexilgǝndǝ ayali uningƣa bolƣan wǝⱪǝlǝrni dǝp beriwidi, uning yüriki ɵlgǝndǝk bolup, ɵzi taxtǝk bolup ⱪaldi.
لېكىن ئەتىسى نابال مەستلىكتىن يېشىلگەندە ئايالى ئۇنىڭغا بولغان ۋەقەلەرنى دەپ بېرىۋىدى، ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆلگەندەك بولۇپ، ئۆزى تاشتەك بولۇپ قالدى.
38 Wǝ xundaⱪ boldiki, tǝhminǝn on kündin keyin Nabalni Pǝrwǝrdigar urdi wǝ u ɵldi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن نابالنى پەرۋەردىگار ئۇردى ۋە ئۇ ئۆلدى.
39 Dawut Nabalning ɵlginini anglap: — Pǝrwǝrdigar mubarǝktur. Qünki U mǝn Nabaldin tartⱪan ⱨaⱪarǝt üqün dǝwayimni sorap Ɵz ⱪulini yamanliⱪtin saⱪlidi; ǝksiqǝ Pǝrwǝrdigar Nabalning yamanliⱪini ɵz bexiƣa yandurdi, dedi. Andin Abigailni ɵz ǝmrimgǝ alay dǝp, uningƣa sɵz ⱪilƣili ǝlqi mangdurdi.
داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ: ــ پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر. چۈنكى ئۇ مەن نابالدىن تارتقان ھاقارەت ئۈچۈن دەۋايىمنى سوراپ ئۆز قۇلىنى يامانلىقتىن ساقلىدى؛ ئەكسىچە پەرۋەردىگار نابالنىڭ يامانلىقىنى ئۆز بېشىغا ياندۇردى، دېدى. ئاندىن ئابىگائىلنى ئۆز ئەمرىمگە ئالاي دەپ، ئۇنىڭغا سۆز قىلغىلى ئەلچى ماڭدۇردى.
40 Dawutning hizmǝtkarliri Karmǝlgǝ Abigailning ⱪexiƣa kelip uningƣa: — Seni ǝmrimgǝ alay dǝp Dawut sanga sɵz ⱪilƣili bizni ǝwǝtti, dedi.
داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى كارمەلگە ئابىگائىلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئەمرىمگە ئالاي دەپ داۋۇت ساڭا سۆز قىلغىلى بىزنى ئەۋەتتى، دېدى.
41 Abigail bolsa ⱪopup yüzini yǝrgǝ tǝgküdǝk tǝzim ⱪilip: — Mana, dediking ƣojamning hizmǝtkarlirining putlirini yuyuxⱪa ⱪul bolsun, dedi.
ئابىگائىل بولسا قوپۇپ يۈزىنى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: ــ مانا، دېدىكىڭ غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا قۇل بولسۇن، دېدى.
42 Andin Abigail xu ⱨaman ɵzigǝ ⱨǝmraⱨ bolƣan bǝx qɵrisi bilǝn exǝkkǝ minip Dawutning ǝlqilirining kǝynidin berip, uning ayali boldi.
ئاندىن ئابىگائىل شۇ ھامان ئۆزىگە ھەمراھ بولغان بەش چۆرىسى بىلەن ئېشەككە مىنىپ داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ ئايالى بولدى.
43 Dawut Yizrǝǝllik Aⱨinoamni ⱨǝm hotunluⱪⱪa alƣanidi. Xuning bilǝn bu ikkisi uningƣa hotun boldi.
داۋۇت يىزرەئەللىك ئاھىنوئامنى ھەم خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا خوتۇن بولدى.
44 Lekin Saul Dawutⱪa hotun ⱪilip bǝrgǝn ⱪizi Miⱪalni Gallimdiki Laixning oƣli Faltiƣa hotunluⱪⱪa bǝrgǝnidi.
لېكىن سائۇل داۋۇتقا خوتۇن قىلىپ بەرگەن قىزى مىقالنى گاللىمدىكى لائىشنىڭ ئوغلى فالتىغا خوتۇنلۇققا بەرگەنىدى.

< Samu'il 1 25 >