< Samu'il 1 14 >

1 Bir küni Saulning oƣli Yonatan yaraƣ kɵtürgüqisigǝ: — Kǝlgin, udulimizdiki Filistiylǝrning ⱪarawullar ǝtritining yeniƣa qiⱪayli, dedi. Əmma u atisiƣa ⱨeqnemǝ demidi.
بىر كۈنى سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ كەلگىن، ئۇدۇلىمىزدىكى فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىنىڭ يېنىغا چىقايلى، دېدى. ئەمما ئۇ ئاتىسىغا ھېچنېمە دېمىدى.
2 Saul bolsa Gibeaⱨning qetidiki Migrondiki anar dǝrihining tegidǝ ⱪaldi. Uning ⱪexidiki hǝlⱪ altǝ yüzqǝ idi
سائۇل بولسا گىبېئاھنىڭ چېتىدىكى مىگروندىكى ئانار دەرىخىنىڭ تېگىدە قالدى. ئۇنىڭ قېشىدىكى خەلق ئالتە يۈزچە ئىدى
3 (u waⱪitta ǝfodni Ahitubning oƣli, Ihabodning akisi Ahiyaⱨ kiyǝtti; u Xiloⱨda turuwatⱪan, Pǝrwǝrdigarning kaⱨini idi. Ahitub Finiⱨasning oƣli, Finiⱨas Əlining oƣli idi). Hǝlⱪ bolsa Yonatanning kǝtkinlikini bilmigǝnidi.
(ئۇ ۋاقىتتا ئەفودنى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، ئىخابودنىڭ ئاكىسى ئاخىياھ كىيەتتى؛ ئۇ شىلوھدا تۇرۇۋاتقان، پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنى ئىدى. ئاخىتۇب فىنىھاسنىڭ ئوغلى، فىنىھاس ئەلىنىڭ ئوغلى ئىدى). خەلق بولسا يوناتاننىڭ كەتكىنلىكىنى بىلمىگەنىدى.
4 Yonatan Filistiylǝrning ⱪarawullar ǝtriti tǝrǝpkǝ ɵtmǝkqi bolƣan dawanning ikki tǝripidǝ tüwrüktǝk tik ⱪiya taxlar bar idi. Birining nami Bozǝz, yǝnǝ birining nami Sǝnǝⱨ idi.
يوناتان فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتى تەرەپكە ئۆتمەكچى بولغان داۋاننىڭ ئىككى تەرىپىدە تۈۋرۈكتەك تىك قىيا تاشلار بار ئىدى. بىرىنىڭ نامى بوزەز، يەنە بىرىنىڭ نامى سەنەھ ئىدى.
5 Bir ⱪiya tax ximaliy tǝripidǝ bolup, Mihmax bilǝn ⱪarixip turatti, yǝnǝ biri jǝbub tǝripidǝ Gebaning udulida idi.
بىر قىيا تاش شىمالىي تەرىپىدە بولۇپ، مىخماش بىلەن قارىشىپ تۇراتتى، يەنە بىرى جەبۇب تەرىپىدە گېبانىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى.
6 Yonatan yaraƣ kɵtürgüqisigǝ: — Kǝl, bu hǝtnisizlǝrning ⱪarawullar ǝtritigǝ qiⱪayli; Pǝrwǝrdigar biz üqün bir ix ⱪilsa ǝjǝb ǝmǝs, qünki Pǝrwǝrdigarning ⱪutⱪuzuxi üqün adǝmlǝrning kɵp yaki az boluxi ⱨeq tosalƣu bolmaydu, dedi.
يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ كەل، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىگە چىقايلى؛ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى ھېچ توسالغۇ بولمايدۇ، دېدى.
7 Uning yaraƣ kɵtürgüqisi uningƣa: — Kɵnglüngdǝ ⱨǝr nemǝ bolsa xuni ⱪilƣin; barƣin, mana, kɵnglüng nemini halisa mǝn sǝn bilǝn billimǝn, dedi.
ئۇنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭغا: ــ كۆڭلۈڭدە ھەر نېمە بولسا شۇنى قىلغىن؛ بارغىن، مانا، كۆڭلۈڭ نېمىنى خالىسا مەن سەن بىلەن بىللىمەن، دېدى.
8 Yonatan: — Mana, biz u adǝmlǝr tǝrǝpkǝ qiⱪip ɵzimizni ularƣa kɵrsitǝyli;
يوناتان: ــ مانا، بىز ئۇ ئادەملەر تەرەپكە چىقىپ ئۆزىمىزنى ئۇلارغا كۆرسىتەيلى؛
9 ǝgǝr ular bizgǝ: — Biz silǝrning ⱪexinglarƣa barƣuqǝ turup turunglar, desǝ ularning ⱪexiƣa qiⱪmay ɵz jayimizda turup turayli;
ئەگەر ئۇلار بىزگە: ــ بىز سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارغۇچە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، دېسە ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقماي ئۆز جايىمىزدا تۇرۇپ تۇرايلى؛
10 lekin ular: — Bizning ⱪeximizƣa qiⱪinglar, desǝ, qiⱪayli. Qünki xundaⱪ bolsa Pǝrwǝrdigar ularni ⱪolimizƣa beriptu, dǝp bilimiz; muxundaⱪ ix bizgǝ bir bexarǝt bolidu, dedi.
لېكىن ئۇلار: ــ بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقىڭلار، دېسە، چىقايلى. چۈنكى شۇنداق بولسا پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولىمىزغا بېرىپتۇ، دەپ بىلىمىز؛ مۇشۇنداق ئىش بىزگە بىر بېشارەت بولىدۇ، دېدى.
11 Ikkiylǝn ɵzini Filistiylǝrning ⱪarawullar ǝtritigǝ kɵrsǝtti. Filistiylǝr: — Mana, Ibraniylar ɵzini yoxurƣan azgallardin qiⱪiwatidu, dedi.
ئىككىيلەن ئۆزىنى فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىگە كۆرسەتتى. فىلىستىيلەر: ــ مانا، ئىبرانىيلار ئۆزىنى يوشۇرغان ئازگاللاردىن چىقىۋاتىدۇ، دېدى.
12 Ətrǝttikilǝr Yonatan bilǝn yaraƣ kɵtürgüqisigǝ: — Bizgǝ qiⱪinglar, biz silǝrgǝ bir nǝrsini kɵrsitip ⱪoyimiz, dedi. Yonatan yaraƣ kɵtürgüqisigǝ: — Manga ǝgixip qiⱪⱪin; qünki Pǝrwǝrdigar ularni Israilning ⱪoliƣa bǝrdi, dedi.
ئەترەتتىكىلەر يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ بىزگە چىقىڭلار، بىز سىلەرگە بىر نەرسىنى كۆرسىتىپ قويىمىز، دېدى. يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ ماڭا ئەگىشىپ چىققىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا بەردى، دېدى.
13 Yonatan ⱪol-putliri bilǝn ɵmülǝp qiⱪti, yaraƣ kɵtürgüqisi kǝynidin uningƣa ǝgǝxti. Filistiylǝr Yonatanning aldida yiⱪilixti; yaraƣ kɵtürgüqisi kǝynidin kelip ularni ⱪǝtl ⱪildi.
يوناتان قول-پۇتلىرى بىلەن ئۆمۈلەپ چىقتى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسى كەينىدىن ئۇنىڭغا ئەگەشتى. فىلىستىيلەر يوناتاننىڭ ئالدىدا يىقىلىشتى؛ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى كەينىدىن كېلىپ ئۇلارنى قەتل قىلدى.
14 Xu tunji ⱨujumda Yonatan bilǝn yaraƣ kɵtürgüqisi tǝhminǝn yerim ⱪoxluⱪ yǝrdǝ ɵltürgǝnlǝr yigirmidǝk adǝm idi.
شۇ تۇنجى ھۇجۇمدا يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى تەخمىنەن يېرىم قوشلۇق يەردە ئۆلتۈرگەنلەر يىگىرمىدەك ئادەم ئىدى.
15 Andin lǝxkǝrgaⱨdikikǝrni, dalada turuwatⱪanlarni, barliⱪ ǝtrǝtlǝrdikilǝrni wǝ bulang-talang ⱪilƣuqilarni titrǝk basti. Ular ⱨǝm titrǝp ⱪorⱪti, yǝrmu tǝwrinip kǝtti; qünki bu qong ⱪorⱪunq Huda tǝripidin kǝlgǝnidi.
ئاندىن لەشكەرگاھدىكىكەرنى، دالادا تۇرۇۋاتقانلارنى، بارلىق ئەترەتلەردىكىلەرنى ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلارنى تىترەك باستى. ئۇلار ھەم تىترەپ قورقتى، يەرمۇ تەۋرىنىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ چوڭ قورقۇنچ خۇدا تەرىپىدىن كەلگەنىدى.
16 Əmdi Binyamin zeminidiki Gibeaⱨda turuwatⱪan paylaⱪqilar kɵrdiki, mana, lǝxkǝr topliri tarmar bolup uyan-buyan yügürüxüp kǝtti.
ئەمدى بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھدا تۇرۇۋاتقان پايلاقچىلار كۆردىكى، مانا، لەشكەر توپلىرى تارمار بولۇپ ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشۈپ كەتتى.
17 Saul ⱪexidiki hǝlⱪⱪǝ: Adǝmlirimizni sanap kimning bu yǝrdin kǝtkǝnlikini eniⱪlanglar, dedi. Ular saniwidi, mana, Yonatan bilǝn yaraƣ kɵtürgüqisi yoⱪ qiⱪti.
سائۇل قېشىدىكى خەلققە: ئادەملىرىمىزنى ساناپ كىمنىڭ بۇ يەردىن كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاڭلار، دېدى. ئۇلار سانىۋىدى، مانا، يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يوق چىقتى.
18 Saul Ahiyaⱨⱪa: — Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini elip kǝlgin, dedi. Qünki u waⱪitta Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪi Israilning arisida idi.
سائۇل ئاخىياھقا: ــ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا ئىدى.
19 Saul kaⱨinƣa sɵz ⱪiliwatⱪanda Filistiylǝrning lǝxkǝrgaⱨida bolƣan ƣǝlwǝ barƣanseri küqiyip kǝtti. Saul kaⱨinƣa: — Ⱪolungni yiƣⱪin, dedi.
سائۇل كاھىنغا سۆز قىلىۋاتقاندا فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدا بولغان غەلۋە بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. سائۇل كاھىنغا: ــ قولۇڭنى يىغقىن، دېدى.
20 Andin Saul wǝ uning bilǝn bolƣan ⱨǝmmǝ hǝlⱪ yiƣilip jǝnggǝ qiⱪti; wǝ mana, Filistiylǝrning ⱨǝrbiri ɵz sǝpdixiƣa ⱪarxi ⱪiliq kɵtürüp zor parakǝndilik boldi.
ئاندىن سائۇل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلق يىغىلىپ جەڭگە چىقتى؛ ۋە مانا، فىلىستىيلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز سەپدىشىغا قارشى قىلىچ كۆتۈرۈپ زور پاراكەندىلىك بولدى.
21 U waⱪittin ilgiri Filistiylǝrning arisida bolƣan, ular bilǝn billǝ lǝxkǝrgaⱨning ǝtrapiƣa qiⱪⱪan Ibraniylar bar idi; ularmu Saul wǝ Yonatan bilǝn billǝ bolƣan Israillarƣa ⱪoxuldi.
ئۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى فىلىستىيلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان، ئۇلار بىلەن بىللە لەشكەرگاھنىڭ ئەتراپىغا چىققان ئىبرانىيلار بار ئىدى؛ ئۇلارمۇ سائۇل ۋە يوناتان بىلەن بىللە بولغان ئىسرائىللارغا قوشۇلدى.
22 Xuningdǝk Əfraim taƣlirida ɵzini yoxurƣan Israillar Filistiylǝrning ⱪaqⱪinini angliƣanda soⱪuxⱪa qiⱪip ularni ⱪoƣlidi.
شۇنىڭدەك ئەفرائىم تاغلىرىدا ئۆزىنى يوشۇرغان ئىسرائىللار فىلىستىيلەرنىڭ قاچقىنىنى ئاڭلىغاندا سوقۇشقا چىقىپ ئۇلارنى قوغلىدى.
23 Xuning bilǝn Pǝrwǝrdigar u küni Israilƣa nusrǝt bǝrdi. Soⱪux Bǝyt-Awǝnning u tǝripigǝ ɵtti.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى ئىسرائىلغا نۇسرەت بەردى. سوقۇش بەيت-ئاۋەننىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتتى.
24 Lekin Israilning adǝmliri u küni zor besim astida ⱪaldi. Qünki Saul ularƣa ⱪǝsǝm iqküzüp: — Mǝn düxmǝnlirimdin intiⱪam almiƣuqǝ kǝq boluxtin ilgiri taam yegǝn kixigǝ lǝnǝt bolsun, dǝp eytⱪanidi. Xuning üqün hǝlⱪtin ⱨeqkim taam yemidi.
لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇ كۈنى زور بېسىم ئاستىدا قالدى. چۈنكى سائۇل ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالمىغۇچە كەچ بولۇشتىن ئىلگىرى تائام يېگەن كىشىگە لەنەت بولسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقتىن ھېچكىم تائام يېمىدى.
25 Əmma barliⱪ zemindiki ⱪoxun bir ormanliⱪⱪa kirgǝndǝ yǝr yüzidǝ ⱨǝsǝl bar idi.
ئەمما بارلىق زېمىندىكى قوشۇن بىر ئورمانلىققا كىرگەندە يەر يۈزىدە ھەسەل بار ئىدى.
26 Hǝlⱪ ormanliⱪⱪa kirgǝndǝ, mana bu ⱨǝsǝl eⱪip turatti; lekin ⱨeqkim ⱪolini aƣziƣa kɵtürmidi, qünki hǝlⱪ ⱪǝsǝmdin ⱪorⱪatti.
خەلق ئورمانلىققا كىرگەندە، مانا بۇ ھەسەل ئېقىپ تۇراتتى؛ لېكىن ھېچكىم قولىنى ئاغزىغا كۆتۈرمىدى، چۈنكى خەلق قەسەمدىن قورقاتتى.
27 Lekin Yonatan atisining hǝlⱪⱪǝ ⱪǝsǝm iqküzgǝnlikini anglimiƣanidi. Xunga u ⱪolidiki ⱨasini sunup uqini ⱨǝsǝl kɵnikigǝ tiⱪip ⱪoli bilǝn aƣziƣa saldi. Xundaⱪ ⱪilip kɵzliri nurlandi.
لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلققە قەسەم ئىچكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانىدى. شۇڭا ئۇ قولىدىكى ھاسىنى سۇنۇپ ئۇچىنى ھەسەل كۆنىكىگە تىقىپ قولى بىلەن ئاغزىغا سالدى. شۇنداق قىلىپ كۆزلىرى نۇرلاندى.
28 Əmma hǝlⱪtin biri: Sening atang hǝlⱪⱪǝ qing ⱪǝsǝm iqküzüp: — Bügün taam yegǝn kixigǝ lǝnǝt bolsun! dǝp eytⱪanidi. Xuning üqün hǝlⱪ ⱨalsizlinip kǝtti, dedi.
ئەمما خەلقتىن بىرى: سېنىڭ ئاتاڭ خەلققە چىڭ قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ بۈگۈن تائام يېگەن كىشىگە لەنەت بولسۇن! دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ھالسىزلىنىپ كەتتى، دېدى.
29 Yonatan: — Mening atam zeminƣa azar bǝrdi; ⱪaranglar, bu ⱨǝsǝldin kiqikkinǝ tetixim bilǝnla kɵzlirimning xunqǝ nurlanƣinini kɵrmidinglarmu?
يوناتان: ــ مېنىڭ ئاتام زېمىنغا ئازار بەردى؛ قاراڭلار، بۇ ھەسەلدىن كىچىككىنە تېتىشىم بىلەنلا كۆزلىرىمنىڭ شۇنچە نۇرلانغىنىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
30 Hǝlⱪ bügün düxmǝnlǝrdin tartiwalƣan oljidin haliƣinini yegǝn bolsa Filistiylǝrning arisidiki ⱪirƣinqiliⱪ tehimu zor bolmasmidi? — dedi.
خەلق بۈگۈن دۈشمەنلەردىن تارتىۋالغان ئولجىدىن خالىغىنىنى يېگەن بولسا فىلىستىيلەرنىڭ ئارىسىدىكى قىرغىنچىلىق تېخىمۇ زور بولماسمىدى؟ ــ دېدى.
31 Axu küni ular Mikmaxtin tartip Filistiylǝrni ⱪoƣlap Ayjalonƣiqǝ urup ⱪirixti; hǝlⱪ tola ⱨerip kǝtkǝnidi.
ئاشۇ كۈنى ئۇلار مىكماشتىن تارتىپ فىلىستىيلەرنى قوغلاپ ئايجالونغىچە ئۇرۇپ قىرىشتى؛ خەلق تولا ھېرىپ كەتكەنىدى.
32 Xuning bilǝn hǝlⱪ olja üstigǝ etilip berip, ⱪoy, kala wǝ mozaylarni tutup xu yǝrdila soydi. Andin hǝlⱪ gɵxni ⱪanni adaliwǝtmǝyla yedi.
شۇنىڭ بىلەن خەلق ئولجا ئۈستىگە ئېتىلىپ بېرىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى تۇتۇپ شۇ يەردىلا سويدى. ئاندىن خەلق گۆشنى قاننى ئادالىۋەتمەيلا يېدى.
33 Saulƣa hǝwǝr kelip: Mana, hǝlⱪ ⱪanni adaliwǝtmǝyla gɵxni yǝp Pǝrwǝrdigarƣa gunaⱨ ⱪiliwatidu, dǝp eytildi. U: Silǝr Pǝrwǝrdigarƣa asiyliⱪ ⱪildinglar! Əmdi bu yǝrgǝ yenimƣa qong bir taxni domilitip kelinglar, dedi.
سائۇلغا خەۋەر كېلىپ: مانا، خەلق قاننى ئادالىۋەتمەيلا گۆشنى يەپ پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئېيتىلدى. ئۇ: سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار! ئەمدى بۇ يەرگە يېنىمغا چوڭ بىر تاشنى دومىلىتىپ كېلىڭلار، دېدى.
34 Saul yǝnǝ: Silǝr hǝlⱪning arisiƣa qiⱪip ularƣa: Ⱨǝrbiri ɵz kalisini, ɵz ⱪoyini ⱪeximƣa elip kelip bu yǝrdǝ soyup yesun; lekin gɵxni ⱪanni adaliwǝtmǝy yǝp, Pǝrwǝrdigarƣa gunaⱨ ⱪilmanglar, dǝnglar, dedi. Bu keqǝ hǝlⱪning ⱨǝmmisi ⱨǝrbiri ɵz kalisini elip kelip u yǝrdǝ soydi.
سائۇل يەنە: سىلەر خەلقنىڭ ئارىسىغا چىقىپ ئۇلارغا: ھەربىرى ئۆز كالىسىنى، ئۆز قويىنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ بۇ يەردە سويۇپ يېسۇن؛ لېكىن گۆشنى قاننى ئادالىۋەتمەي يەپ، پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلماڭلار، دەڭلار، دېدى. بۇ كېچە خەلقنىڭ ھەممىسى ھەربىرى ئۆز كالىسىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇ يەردە سويدى.
35 Saul bolsa Pǝrwǝrdigarƣa bir ⱪurbangaⱨ yasidi. Bu uning Pǝrwǝrdigarƣa yasiƣan tunji ⱪurbangaⱨi idi.
سائۇل بولسا پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىدى. بۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا ياسىغان تۇنجى قۇربانگاھى ئىدى.
36 Saul: — Bu keqidǝ Filistiylǝrning peyigǝ qüxüp, ǝtǝ tang atⱪuqǝ ularni talap ⱨeq birini tirik ⱪoymayli, dedi. Hǝlⱪ: — Nemǝ sanga yahxi kɵrünsǝ xuni ⱪilƣin, dǝp jawab bǝrdi. Lekin kaⱨin sɵz ⱪilip: — Pǝrwǝrdigarning yeniƣa kirip [yolyoruⱪ sorap] qiⱪayli, dedi.
سائۇل: ــ بۇ كېچىدە فىلىستىيلەرنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە ئۇلارنى تالاپ ھېچ بىرىنى تىرىك قويمايلى، دېدى. خەلق: ــ نېمە ساڭا ياخشى كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن كاھىن سۆز قىلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا كىرىپ [يوليورۇق سوراپ] چىقايلى، دېدى.
37 Saul Hudadin: — Ya Filistiylǝrning kǝynidin qüxüymu? Sǝn ularni Israilning ⱪoliƣa tapxuramsǝn? — dǝp soridi. Lekin u küni U uningƣa ⱨeq jawab bǝrmidi.
سائۇل خۇدادىن: ــ يا فىلىستىيلەرنىڭ كەينىدىن چۈشۈيمۇ؟ سەن ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇ كۈنى ئۇ ئۇنىڭغا ھېچ جاۋاب بەرمىدى.
38 Saul: — I hǝlⱪning ⱨǝmmǝ qongliri, bu yǝrgǝ qiⱪinglar. Bügün kim gunaⱨ ⱪilƣanliⱪini eniⱪlap beⱪinglar.
سائۇل: ــ ئى خەلقنىڭ ھەممە چوڭلىرى، بۇ يەرگە چىقىڭلار. بۈگۈن كىم گۇناھ قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار.
39 Qünki Israilƣa nusrǝt bǝrgǝn Pǝrwǝrdigarning ⱨayati bilǝn ⱪǝsǝm ⱪilimǝnki, bu gunaⱨ ⱨǝtta oƣlum Yonatanda tepilsimu u jǝzmǝn ɵltürülsun, dedi. Lekin pütkül hǝlⱪtin ⱨeqkim uningƣa jawab bǝrmidi.
چۈنكى ئىسرائىلغا نۇسرەت بەرگەن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ گۇناھ ھەتتا ئوغلۇم يوناتاندا تېپىلسىمۇ ئۇ جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن، دېدى. لېكىن پۈتكۈل خەلقتىن ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى.
40 Andin u pütkül Israilƣa: — Silǝr bir tǝrǝptǝ turunglar, mǝn oƣlum Yonatan yǝnǝ bir tǝrǝptǝ turayli, dedi. Hǝlⱪ uningƣa: — Nemǝ sanga yahxi kɵrünsǝ, xuni ⱪilƣin, dedi.
ئاندىن ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىلغا: ــ سىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇڭلار، مەن ئوغلۇم يوناتان يەنە بىر تەرەپتە تۇرايلى، دېدى. خەلق ئۇنىڭغا: ــ نېمە ساڭا ياخشى كۆرۈنسە، شۇنى قىلغىن، دېدى.
41 Saul Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigarƣa: — Bu qǝk bilǝn ǝyni ǝⱨwalni axkara ⱪilƣaysǝn, dedi. Qǝk bolsa Saul bilǝn Yonatanni kɵrsǝtti, hǝlⱪ ⱪutuldi.
سائۇل ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا: ــ بۇ چەك بىلەن ئەينى ئەھۋالنى ئاشكارا قىلغايسەن، دېدى. چەك بولسا سائۇل بىلەن يوناتاننى كۆرسەتتى، خەلق قۇتۇلدى.
42 Saul: — Mening bilǝn oƣlum Yonatanning otturisiƣa qǝk taxlanglar, dedi. Xundaⱪ ⱪiliwidi, qǝk Yonatanƣa qiⱪti.
سائۇل: ــ مېنىڭ بىلەن ئوغلۇم يوناتاننىڭ ئوتتۇرىسىغا چەك تاشلاڭلار، دېدى. شۇنداق قىلىۋىدى، چەك يوناتانغا چىقتى.
43 Saul Yonatanƣa: — Ⱪilƣiningni manga eytⱪin, dedi. Yonatan uningƣa: — Ⱪolumdiki ⱨasa bilǝn kiqikkinǝ ⱨǝsǝl elip tetip baⱪtim wǝ mana, xuning üqün mǝn ɵlümgǝ mǝⱨkum boldum! — dǝp jawab bǝrdi.
سائۇل يوناتانغا: ــ قىلغىنىڭنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى. يوناتان ئۇنىڭغا: ــ قولۇمدىكى ھاسا بىلەن كىچىككىنە ھەسەل ئېلىپ تېتىپ باقتىم ۋە مانا، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدۇم! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
44 Saul: — Sǝn qoⱪum ɵlüxüng kerǝk, i Yonatan; undaⱪ ⱪilmisam, Huda manga sening bexingƣa qüxkǝndinmu artuⱪ qüxürsun! — dedi.
سائۇل: ــ سەن چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، ئى يوناتان؛ ئۇنداق قىلمىسام، خۇدا ماڭا سېنىڭ بېشىڭغا چۈشكەندىنمۇ ئارتۇق چۈشۈرسۇن! ــ دېدى.
45 Lekin hǝlⱪ Saulƣa: — Israilda bu uluƣ nusrǝtni ⱪazanƣan Yonatan ɵltürülǝmdu? Bundaⱪ ix bizdin neri bolƣay! Pǝrwǝrdigarning ⱨayati bilǝn ⱪǝsǝm ⱪilimizki, uning bexidin bir tal qaq yǝrgǝ qüxmǝydu; qünki bügünki ixni u Hudaning yardimi bilǝn ǝmǝlgǝ axurdi, dedi. Xundaⱪ ⱪilip hǝlⱪ Yonatanni ɵlümdin halas ⱪildi.
لېكىن خەلق سائۇلغا: ــ ئىسرائىلدا بۇ ئۇلۇغ نۇسرەتنى قازانغان يوناتان ئۆلتۈرۈلەمدۇ؟ بۇنداق ئىش بىزدىن نېرى بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بېشىدىن بىر تال چاچ يەرگە چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى بۈگۈنكى ئىشنى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى، دېدى. شۇنداق قىلىپ خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن خالاس قىلدى.
46 Andin Saul Filistiylǝrni ⱪoƣlaxtin tohtidi; Filistiylǝrmu ɵz jayiƣa ⱪaytip kǝtti.
ئاندىن سائۇل فىلىستىيلەرنى قوغلاشتىن توختىدى؛ فىلىستىيلەرمۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى.
47 Xundaⱪ ⱪilip Saul Israilning sǝltǝnitini ɵzining ⱪildi; andin u qɵrisidiki düxmǝnlirigǝ, yǝni Moablar, Ammoniylar, Edomiylar, Zobaⱨdiki padixaⱨlar wǝ Filistiylǝrgǝ ⱨujum ⱪildi. U ⱪaysi tǝrǝpkǝ yüzlǝnsǝ ƣalip kelǝtti.
شۇنداق قىلىپ سائۇل ئىسرائىلنىڭ سەلتەنىتىنى ئۆزىنىڭ قىلدى؛ ئاندىن ئۇ چۆرىسىدىكى دۈشمەنلىرىگە، يەنى موئابلار، ئاممونىيلار، ئېدومىيلار، زوباھدىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇ قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە غالىپ كېلەتتى.
48 U zor jasarǝt kɵrsitip Amalǝklǝrni urup Israilni bulang-talang ⱪilƣuqilardin ⱪutⱪuzdi.
ئۇ زور جاسارەت كۆرسىتىپ ئامالەكلەرنى ئۇرۇپ ئىسرائىلنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزدى.
49 Saulning oƣulliri Yonatan, Yixwi wǝ Malⱪi-Xua idi; uning ikki ⱪizining ismi bolsa — qongining Merab, kiqikining Miⱪal idi.
سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، يىشۋى ۋە مالقى-شۇئا ئىدى؛ ئۇنىڭ ئىككى قىزىنىڭ ئىسمى بولسا ــ چوڭىنىڭ مېراب، كىچىكىنىڭ مىقال ئىدى.
50 Saulning ayalining ismi Aⱨinoam bolup, u Ahimaazning ⱪizi idi. Saulning ⱪoxunining sǝrdari Abnǝr idi; u Saulning taƣisi Nǝrning oƣli idi.
سائۇلنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئاھىنوئام بولۇپ، ئۇ ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى ئابنەر ئىدى؛ ئۇ سائۇلنىڭ تاغىسى نەرنىڭ ئوغلى ئىدى.
51 Saulning atisi Kix wǝ Abnǝrning atisi Nǝr bolsa, ikkisi Abiǝlning oƣulliri idi.
سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش ۋە ئابنەرنىڭ ئاتىسى نەر بولسا، ئىككىسى ئابىئەلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
52 Saul pütkül ɵmridǝ Filistiylǝr bilǝn ⱪattiⱪ jǝngdǝ bolup turdi. Saul ɵzi ⱨǝrⱪaqan batur ya palwanlarni kɵrsǝ, uni ɵz hizmitigǝ salatti.
سائۇل پۈتكۈل ئۆمرىدە فىلىستىيلەر بىلەن قاتتىق جەڭدە بولۇپ تۇردى. سائۇل ئۆزى ھەرقاچان باتۇر يا پالۋانلارنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.

< Samu'il 1 14 >