< Samu'il 1 11 >

1 Xu waⱪitta Ammoniy Naⱨax qiⱪip Yabǝx-Gileadni muⱨasirigǝ aldi. Yabǝxning ⱨǝmmǝ adǝmliri Naⱨaxⱪa: — Əgǝr biz bilǝn ǝⱨdǝ tüzsǝng, sanga boysunimiz, dedi.
شۇ ۋاقىتتا ئاممونىي ناھاش چىقىپ يابەش-گىلېئادنى مۇھاسىرىگە ئالدى. يابەشنىڭ ھەممە ئادەملىرى ناھاشقا: ــ ئەگەر بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭ، ساڭا بويسۇنىمىز، دېدى.
2 Lekin Ammoniy Naⱨax ularƣa: — Pütkül Israilƣa dǝxnǝm ⱪilix üqün ⱨǝr biringlarning ong kɵzini oyup andin silǝr bilǝn ǝⱨdǝ ⱪilay, dedi.
لېكىن ئاممونىي ناھاش ئۇلارغا: ــ پۈتكۈل ئىسرائىلغا دەشنەم قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇپ ئاندىن سىلەر بىلەن ئەھدە قىلاي، دېدى.
3 Yabǝxning aⱪsaⱪalliri uningƣa: — Bizgǝ yǝttǝ kün mɵⱨlǝt bǝrgin; biz Israilning pütkül yurtiƣa ǝlqilǝrni mangdurup andin keyin bizni ⱪutⱪuzidiƣan adǝm qiⱪmisa, ɵzimiz qiⱪip sanga tǝslim bolimiz, dedi.
يابەشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا: ــ بىزگە يەتتە كۈن مۆھلەت بەرگىن؛ بىز ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل يۇرتىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ ئاندىن كېيىن بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىسا، ئۆزىمىز چىقىپ ساڭا تەسلىم بولىمىز، دېدى.
4 Əmdi ǝlqilǝr Saulning xǝⱨiri Gibeaⱨƣa kelip muxu sɵzlǝrni hǝlⱪning ⱪuliⱪiƣa yǝtküzdi; ⱨǝmmǝ hǝlⱪ pǝryad kɵtürüp yiƣildi.
ئەمدى ئەلچىلەر سائۇلنىڭ شەھىرى گىبېئاھغا كېلىپ مۇشۇ سۆزلەرنى خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى؛ ھەممە خەلق پەرياد كۆتۈرۈپ يىغىلدى.
5 Wǝ mana, Saul etizliⱪidin qiⱪip kalilarni ⱨǝydǝp keliwatatti, u: — Hǝlⱪ nemǝ dǝp yiƣlaydu, dǝp soridi. Ular Yabǝxtin kǝlgǝn kixilǝrning sɵzlirini uningƣa dǝp bǝrdi.
ۋە مانا، سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ كالىلارنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ: ــ خەلق نېمە دەپ يىغلايدۇ، دەپ سورىدى. ئۇلار يابەشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى.
6 Saul bu sɵzlǝrni angliƣanda Hudaning Roⱨi uning üstigǝ kelip, uning ƣǝzipi ⱪattiⱪ ⱪozƣaldi.
سائۇل بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، ئۇنىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالدى.
7 U bir jüp uyni qepip parqilap, parqilirini ǝlqilǝrning ⱪoli arⱪiliⱪ pütkül Israil zeminiƣa tarⱪitip: — Ⱨǝr kim kelip Saul bilǝn Samuilƣa ǝgǝxmisǝ, ularning uylirimu muxuningƣa ohxax ⱪilinidu, dedi. Xuning bilǝn Pǝrwǝrdigarning ⱪorⱪunqi hǝlⱪning üstigǝ qüxti; xundaⱪ boldiki, ular ittipaⱪlixip bir adǝmdǝk jǝnggǝ qiⱪti.
ئۇ بىر جۈپ ئۇينى چېپىپ پارچىلاپ، پارچىلىرىنى ئەلچىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىغا تارقىتىپ: ــ ھەر كىم كېلىپ سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگەشمىسە، ئۇلارنىڭ ئۇيلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلىنىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئادەمدەك جەڭگە چىقتى.
8 Saul ularni Bezǝk [degǝn jayda] saniƣanda Israillar üq yüz ming, Yǝⱨudaning adǝmliri bolsa ottuz ming qiⱪti.
سائۇل ئۇلارنى بېزەك [دېگەن جايدا] سانىغاندا ئىسرائىللار ئۈچ يۈز مىڭ، يەھۇدانىڭ ئادەملىرى بولسا ئوتتۇز مىڭ چىقتى.
9 Ular kǝlgǝn ǝlqilǝrgǝ: — Gileadtiki Yabǝxning adǝmlirigǝ xundaⱪ eytinglarki, ǝtǝ kün qüx bolƣanda nijat silǝrgǝ kelidu, dedi. Əlqilǝr berip xuni Gileadtiki Yabǝxliⱪlarƣa yǝtküzdi; ular intayin huxal boluxti.
ئۇلار كەلگەن ئەلچىلەرگە: ــ گىلېئادتىكى يابەشنىڭ ئادەملىرىگە شۇنداق ئېيتىڭلاركى، ئەتە كۈن چۈش بولغاندا نىجات سىلەرگە كېلىدۇ، دېدى. ئەلچىلەر بېرىپ شۇنى گىلېئادتىكى يابەشلىقلارغا يەتكۈزدى؛ ئۇلار ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى.
10 Xuning bilǝn Yabǝxtikilǝr: — Ətǝ biz ⱪexinglarƣa qiⱪip [tǝslim bolimiz], silǝr bizni ⱪandaⱪ ⱪilixⱪa layiⱪ kɵrsǝnglar, xundaⱪ ⱪilinglar, dedi.
شۇنىڭ بىلەن يابەشتىكىلەر: ــ ئەتە بىز قېشىڭلارغا چىقىپ [تەسلىم بولىمىز]، سىلەر بىزنى قانداق قىلىشقا لايىق كۆرسەڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، دېدى.
11 Ətisi xundaⱪ boldiki, Saul hǝlⱪni üq bɵlǝk ⱪildi; ular keqǝ tɵtinqi jesǝktǝ lǝxkǝrgaⱨƣa kirip Ammoniylarni kün qüx bolƣuqǝ urup ⱪirdi. Tirik ⱪalƣanlar bolsa xundaⱪ parakǝndǝ boldiki, ulardin ikki adǝmmu bir yǝrgǝ kelǝlmidi.
ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، سائۇل خەلقنى ئۈچ بۆلەك قىلدى؛ ئۇلار كېچە تۆتىنچى جېسەكتە لەشكەرگاھغا كىرىپ ئاممونىيلارنى كۈن چۈش بولغۇچە ئۇرۇپ قىردى. تىرىك قالغانلار بولسا شۇنداق پاراكەندە بولدىكى، ئۇلاردىن ئىككى ئادەممۇ بىر يەرگە كېلەلمىدى.
12 Hǝlⱪ ǝmdi Samuilƣa: — Bizning üstimizgǝ Saul padixaⱨ bolmisun dǝp eytⱪanlar kimlǝr? Bu kixilǝrni kǝltürüp, ularni ɵltürǝyli, dedi.
خەلق ئەمدى سامۇئىلغا: ــ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە سائۇل پادىشاھ بولمىسۇن دەپ ئېيتقانلار كىملەر؟ بۇ كىشىلەرنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرەيلى، دېدى.
13 Lekin Saul: — Bügün ⱨeqkim ɵltürülmisun. Qünki bügün Pǝrwǝrdigar Israilƣa nusrǝt bǝrdi, dedi.
لېكىن سائۇل: ــ بۈگۈن ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمىسۇن. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا نۇسرەت بەردى، دېدى.
14 Samuil hǝlⱪⱪǝ: — Ⱪeni, Gileadⱪa berip u yǝrdǝ padixaⱨliⱪni yengibaxtin tiklǝyli, dǝp eytti.
سامۇئىل خەلققە: ــ قېنى، گىلېئادقا بېرىپ ئۇ يەردە پادىشاھلىقنى يېڭىباشتىن تىكلەيلى، دەپ ئېيتتى.
15 Xuni dewidi, ⱨǝmmǝ hǝlⱪ Gileadⱪa berip Gileadta Pǝrwǝrdigarning aldida Saulni padixaⱨ ⱪildi; ular u yǝrdǝ Pǝrwǝrdigarning aldida inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪlirini kǝltürdi. Saul ⱨǝm xuningdǝk barliⱪ Israil xu yǝrdǝ zor huxalliⱪⱪa qɵmdi.
شۇنى دېۋىدى، ھەممە خەلق گىلېئادقا بېرىپ گىلېئادتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سائۇلنى پادىشاھ قىلدى؛ ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈردى. سائۇل ھەم شۇنىڭدەك بارلىق ئىسرائىل شۇ يەردە زور خۇشاللىققا چۆمدى.

< Samu'il 1 11 >