< Petrus 1 2 >

1 Xuning üqün silǝr barliⱪ rǝzillik, barliⱪ mǝkkarliⱪ, sahtipǝzlik, ⱨǝsǝthorluⱪ wǝ ⱨǝmmǝ tɵⱨmǝthorluⱪlarni taxlap,
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بارلىق رەزىللىك، بارلىق مەككارلىق، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ھەممە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاپ،
2 Rǝbning meⱨribanliⱪini tetip bilgǝnikǝnsilǝr, huddi yengi tuƣulƣan bowaⱪlardǝk bolup [Hudaning] sɵz-kalamidiki sap sütkǝ tǝxna bolunglar. Buning bilǝn, silǝr nijatning [kamalitigǝ] yetip ɵsisilǝr.
رەبنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگەنىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك بولۇپ [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈتكە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر نىجاتنىڭ [كامالىتىگە] يېتىپ ئۆسىسىلەر.
3
4 Əmdi silǝr Uningƣa, yǝni adǝmlǝr tǝripidin ǝrzimǝs dǝp taxlinip, lekin Huda tǝripidin tallanƣan wǝ ⱪǝdirlǝngǝn tirik tax Bolƣuqining yeniƣa kelip
ئەمدى سىلەر ئۇنىڭغا، يەنى ئادەملەر تەرىپىدىن ئەرزىمەس دەپ تاشلىنىپ، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە قەدىرلەنگەن تىرىك تاش بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ
5 silǝr ɵzünglarmu tirik taxlar süpitidǝ bir roⱨiy ibadǝthana ⱪilinixⱪa, Əysa Mǝsiⱨ arⱪiliⱪ Hudani hursǝn ⱪilidiƣan roⱨiy ⱪurbanliⱪlarni sunidiƣan muⱪǝddǝs kaⱨin ⱪataridikilǝr boluxⱪa ⱪuruluwatisilǝr;
سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ تىرىك تاشلار سۈپىتىدە بىر روھىي ئىبادەتخانا قىلىنىشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان مۇقەددەس كاھىن قاتارىدىكىلەر بولۇشقا قۇرۇلۇۋاتىسىلەر؛
6 Qünki muⱪǝddǝs yazmilarda mundaⱪ deyilgǝn: — «Mana, tallanƣan, ⱪǝdirlǝngǝn bürjǝk ul texini Zionƣa ⱪoydum. Uningƣa etiⱪad ⱪilƣuqi ⱨǝrkim ⱨǝrgiz yǝrgǝ ⱪarap ⱪalmaydu».
چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: ــ «مانا، تاللانغان، قەدىرلەنگەن بۈرجەك ئۇل تېشىنى زىئونغا قويدۇم. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەركىم ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ».
7 Əmdi etiⱪad ⱪilƣuqi bolƣan silǝrgǝ nisbǝtǝn [taxning] ⱪǝdiri bolidu. Lekin [Uningƣa] etiⱪad ⱪilmaydiƣanlarƣa nisbǝtǝn U [muⱪǝddǝs yazmilarda deyilginidǝk] boldi: — «Tamqilar ǝrzimǝs dǝp taxliwǝtkǝn bu tax, Burjǝk [ul] texi bolup tiklǝndi!», Wǝ: — «[Bu tax] kixilǝrgǝ putlikaxang tax, Adǝmni yiⱪitidiƣan ⱪoram tax bolidu». Qünki [muxundaⱪ kixilǝr] [Hudaning] sɵz-kalamiƣa itaǝt ⱪilmasliⱪi tüpǝylidin putlixip yiⱪilidu; ularning bundaⱪ boluxi aldin bekitilgǝndur.
ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن [تاشنىڭ] قەدىرى بولىدۇ. لېكىن [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك] بولدى: ــ «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك [ئۇل] تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: ــ «[بۇ تاش] كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». چۈنكى [مۇشۇنداق كىشىلەر] [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر.
8
9 Lekin silǝr bolsanglar [Huda] talliƣan bir jǝmǝt, xaⱨanǝ bir kaⱨinliⱪ, pak-muⱪǝddǝs bir ǝl, xundaⱪla Ɵzigǝ alaⱨidǝ has bolƣan bir hǝlⱪsilǝr; buning mǝⱪsiti, silǝrni ⱪarangƣuluⱪtin Ɵzining tilsimat yoruⱪluⱪiƣa qaⱪirƣuqining pǝzilǝtlirini namayan ⱪilixinglardin ibarǝt.
لېكىن سىلەر بولساڭلار [خۇدا] تاللىغان بىر جەمەت، شاھانە بىر كاھىنلىق، پاك-مۇقەددەس بىر ئەل، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە خاس بولغان بىر خەلقسىلەر؛ بۇنىڭ مەقسىتى، سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ تىلسىمات يورۇقلۇقىغا چاقىرغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىشىڭلاردىن ئىبارەت.
10 Burun silǝr bir hǝlⱪ ⱨesablanmayttinglar, lekin ⱨazir Hudaning hǝlⱪisilǝr; burun [Hudaning] rǝⱨim-xǝpⱪitigǝ erixmigǝnidinglar, lekin ⱨazir erixtinglar.
بۇرۇن سىلەر بىر خەلق ھېسابلانمايتتىڭلار، لېكىن ھازىر خۇدانىڭ خەلقىسىلەر؛ بۇرۇن [خۇدانىڭ] رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ھازىر ئېرىشتىڭلار.
11 I sɵyümlüklirim, silǝr bu dunyaƣa musapir wǝ meⱨmandursilǝr, silǝrdin ɵtünümǝnki, roⱨ-ⱪǝlbinglar bilǝn ⱪarxilixidiƣan ǝtliringlardiki nǝps-xǝⱨwǝtlǝrdin ɵzünglarni yiraⱪ tutunglar.
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا مۇساپىر ۋە مېھماندۇرسىلەر، سىلەردىن ئۆتۈنۈمەنكى، روھ-قەلبىڭلار بىلەن قارشىلىشىدىغان ئەتلىرىڭلاردىكى نەپس-شەھۋەتلەردىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار.
12 Yürüx-turuxunglar etiⱪadsizlar arisida esil-pǝzilǝtlik bolsun. Muxundaⱪ ⱪilƣanda, gǝrqǝ ular silǝrgǝ yamanliⱪ ⱪilƣuqilar dǝp tɵⱨmǝt ⱪilsimu, dǝl tɵⱨmǝt ⱪilƣan ixlarda silǝrning yahxi ǝmǝlliringlarƣa ⱪarap, [Hudaning] ularni [oyƣitip] yoⱪlaydiƣan künidǝ uni uluƣlixi mumkin.
يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلار ئېتىقادسىزلار ئارىسىدا ئېسىل-پەزىلەتلىك بولسۇن. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرگە يامانلىق قىلغۇچىلار دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، دەل تۆھمەت قىلغان ئىشلاردا سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ، [خۇدانىڭ] ئۇلارنى [ئويغىتىپ] يوقلايدىغان كۈنىدە ئۇنى ئۇلۇغلىشى مۇمكىن.
13 Xunga Rǝbning ⱨɵrmitidǝ insanlar arisidiki ⱨǝrbir ⱨakimiyǝtning tüzümigǝ, mǝyli ǝng yuⱪiri mǝnsǝptiki padixaⱨⱪa bolsun yaki u tǝyinligǝn ⱨoⱪuⱪdarlarƣa bolsun boysununglar. Qünki bu ⱨoⱪuⱪdarlar [padixaⱨ] tǝripidin yaman ix ⱪilƣuqilarni jazaƣa tartix, yahxi ix ⱪilƣuqilarni ⱨɵrmǝtkǝ sazawǝr ⱪilix üqün tǝyinlǝngǝndur.
شۇڭا رەبنىڭ ھۆرمىتىدە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەربىر ھاكىمىيەتنىڭ تۈزۈمىگە، مەيلى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپتىكى پادىشاھقا بولسۇن ياكى ئۇ تەيىنلىگەن ھوقۇقدارلارغا بولسۇن بويسۇنۇڭلار. چۈنكى بۇ ھوقۇقدارلار [پادىشاھ] تەرىپىدىن يامان ئىش قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىش، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەندۇر.
15 Qünki Hudaning iradisi xundaⱪki, yahxi ǝmǝlliringlar bilǝn nadan adǝmlǝrning orunsiz xikayǝtlirini tuwaⱪlaxtur.
چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداقكى، ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىلەن نادان ئادەملەرنىڭ ئورۇنسىز شىكايەتلىرىنى تۇۋاقلاشتۇر.
16 Silǝr ǝrkin-azad bolƣininglar bilǝn, bu ǝrkinlikinglarni yamanliⱪ ⱪilixning baⱨanisi ⱪiliwalmanglar, bǝlki Hudaning ⱪuli süpitidǝ bolup,
سىلەر ئەركىن-ئازاد بولغىنىڭلار بىلەن، بۇ ئەركىنلىكىڭلارنى يامانلىق قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماڭلار، بەلكى خۇدانىڭ قۇلى سۈپىتىدە بولۇپ،
17 Barliⱪ insanlarni ⱨɵrmǝtlǝnglar, [etiⱪadqi] ⱪerindaxliringlarƣa meⱨir-muⱨǝbbǝt kɵrsitinglar, Hudadin ⱪorⱪunglar, padixaⱨni ⱨɵrmǝtlǝnglar.
بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، [ئېتىقادچى] قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار.
18 Ⱪullar, hojayinliringlarƣa toluⱪ ⱪorⱪunq bilǝn boysununglar — yalƣuz meⱨriban wǝ hux peil hojayinlarƣila ǝmǝs, bǝlki terikkǝk hojayinlarƣimu boysununglar.
قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارغا تولۇق قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇڭلار ــ يالغۇز مېھرىبان ۋە خۇش پېئىل خوجايىنلارغىلا ئەمەس، بەلكى تېرىككەك خوجايىنلارغىمۇ بويسۇنۇڭلار.
19 Qünki ǝgǝr birsi Huda aldida pak wijdanliⱪ bolux üqün naⱨǝⱪ azab-oⱪubǝt qǝksǝ ⱨǝmdǝ bularƣa sǝwr-taⱪǝt ⱪilsa, bu Hudani hursǝn ⱪilidu.
چۈنكى ئەگەر بىرسى خۇدا ئالدىدا پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈن ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە بۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلسا، بۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
20 Qünki ǝgǝr silǝr gunaⱨ ɵtküzüp, tegixlik urulƣininglarda, uningƣa bǝrdaxliⱪ bǝrsǝnglar, buning mahtanƣudǝk nemisi bar! Lekin yahxi ixlarni ⱪilip azab-oⱪubǝt qǝksǝnglar ⱨǝmdǝ uningƣa bǝrdaxliⱪ bǝrsǝnglar, u Hudani hursǝn ⱪilidu.
چۈنكى ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، تېگىشلىك ئۇرۇلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نېمىسى بار! لېكىن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
21 Qünki silǝr dǝl xuningƣa qaⱪirildinglar. Qünki Mǝsiⱨmu silǝr üqün azab-oⱪubǝt qekip, silǝrni Ɵzining izidin mangsun dǝp, silǝrgǝ ülgǝ ⱪaldurdi;
چۈنكى سىلەر دەل شۇنىڭغا چاقىرىلدىڭلار. چۈنكى مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى؛
22 «U gunaⱨ sadir ⱪilip baⱪmiƣan, Uning aƣzidin ⱨeqⱪandaⱪ aldamqiliⱪ-yalƣanqiliⱪmu tepilmas».
«ئۇ گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق ئالدامچىلىق-يالغانچىلىقمۇ تېپىلماس».
23 U ⱨaⱪarǝtlǝnginidǝ, til ⱪayturmaytti. Azab-oⱪubǝt qǝkkǝndǝ, U ⱨeq tǝⱨdit salmaytti; ǝksiqǝ, Ɵzini adil ⱨɵküm qiⱪarƣuqining ⱪolliriƣa tapxuratti.
ئۇ ھاقارەتلەنگىنىدە، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ئۇ ھېچ تەھدىت سالمايتتى؛ ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇراتتى.
24 U Ɵzi bizning gunaⱨⱪa nisbǝtǝn ɵlüp, ⱨǝⱪⱪaniyliⱪⱪa nisbǝtǝn yaxiximiz üqün yaƣaq tüwrüktǝ gunaⱨlirimizni zimmisigǝ aldi; silǝr Uning yariliri bilǝn xipa taptinglar.
ئۇ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈپ، ھەققانىيلىققا نىسبەتەن ياشىشىمىز ئۈچۈن ياغاچ تۈۋرۈكتە گۇناھلىرىمىزنى زىممىسىگە ئالدى؛ سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.
25 Qünki burun silǝr ⱪoylardǝk yoldin ezip kǝtkǝnsilǝr, lekin ⱨazir jeninglarning padiqisi ⱨǝm yetǝkqisining yeniƣa ⱪaytip kǝldinglar.
چۈنكى بۇرۇن سىلەر قويلاردەك يولدىن ئېزىپ كەتكەنسىلەر، لېكىن ھازىر جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم يېتەكچىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار.

< Petrus 1 2 >