< Padixaⱨlar 1 8 >

1 Xu qaƣda Sulayman Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪini «Dawut xǝⱨiri»din, yǝni Ziondin yɵtkǝp kelix üqün Israil aⱪsaⱪallirini, ⱪǝbilǝ bǝglirini wǝ Israil jǝmǝtlirining bǝglirini Yerusalemƣa ɵz yeniƣa yiƣilixⱪa qaⱪirdi.
شۇ چاغدا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى زىئوندىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنى، قەبىلە بەگلىرىنى ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ بەگلىرىنى يېرۇسالېمغا ئۆز يېنىغا يىغىلىشقا چاقىردى.
2 Buning üqün Israilning ⱨǝmmǝ adǝmliri Etanim eyida, yǝni yǝttinqi aydiki bekitilgǝn ⱨeytta Sulayman padixaⱨning ⱪexiƣa yiƣildi.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېتانىم ئېيىدا، يەنى يەتتىنچى ئايدىكى بېكىتىلگەن ھېيتتا سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا يىغىلدى.
3 Israilning ⱨǝmmǝ aⱪsaⱪalliri yetip kǝlgǝndǝ Lawiylar ǝⱨdǝ sanduⱪini kɵtürüp [mangdi].
ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى يېتىپ كەلگەندە لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ [ماڭدى].
4 Ular Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪini, jamaǝt qediri bilǝn uning iqidiki barliⱪ muⱪǝddǝs buyumlarni kɵtürüp elip qiⱪti. Kaⱨinlar bilǝn Lawiylar muxularni elip qiⱪti.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، جامائەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار مۇشۇلارنى ئېلىپ چىقتى.
5 Sulayman padixaⱨ wǝ uning aldiƣa yiƣilƣan barliⱪ Israil jamaiti ǝⱨdǝ sanduⱪining aldida mengip, kɵplikidin sanini elip bolmaydiƣan san-sanaⱪsiz ⱪoy bilǝn kalilarni ⱪurbanliⱪ ⱪilixatti.
سۇلايمان پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپلىكىدىن سانىنى ئېلىپ بولمايدىغان سان-ساناقسىز قوي بىلەن كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشاتتى.
6 Kaⱨinlar Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪini ɵz jayiƣa, ibadǝthanining iqki «kalamhana»siƣa, yǝni ǝng muⱪǝddǝs jayƣa elip kirip, kerublarning ⱪanatlirining astiƣa ⱪoydi.
كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «كالامخانا»سىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ، كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى.
7 Qünki kerublarning yeyilip turƣan ⱪaniti ǝⱨdǝ sanduⱪining orni üstidǝ bolƣaqⱪa, ǝⱨdǝ sanduⱪi bilǝn uni kɵtürüp turidiƣan baldaⱪlarni yepip turatti.
چۈنكى كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى.
8 Bu baldaⱪlar naⱨayiti uzun bolƣaqⱪa, kalamhanining aldidiki muⱪǝddǝs jayda turup, ǝⱨdǝ sanduⱪining yenidiki ikki baldaⱪning uqlirini kɵrgili bolatti, biraⱪ ɵyning sirtida ularni kɵrgili bolmaytti; bu baldaⱪlar taki bügüngǝ ⱪǝdǝr xu yǝrdǝ turmaⱪta.
بۇ بالداقلار ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، كالامخانىنىڭ ئالدىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىككى بالداقنىڭ ئۇچلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا.
9 Əⱨdǝ sanduⱪining iqidǝ Musa pǝyƣǝmbǝr Ⱨorǝb teƣida turƣanda iqigǝ salƣan ikki tax tahtidin baxⱪa ⱨeqnǝrsǝ yoⱪ idi (Israillar Misir zeminidin qiⱪⱪandin keyin Pǝrwǝrdigar ular bilǝn ⱨorǝbdǝ ǝⱨdǝ tüzgǝnidi).
ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى).
10 Wǝ xundaⱪ boldiki, kaⱨinlar muⱪǝddǝs jaydin qiⱪixiƣila, bir bulut Pǝrwǝrdigarning ibadǝthanisini ⱪapliwaldi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشىغىلا، بىر بۇلۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قاپلىۋالدى.
11 Kaⱨinlar bulut tüpǝylidin ɵz wǝzipilirini ɵtǝxkǝ ɵrǝ turalmaytti; qünki Pǝrwǝrdigarning julasi Pǝrwǝrdigarning ɵyini toldurƣanidi.
كاھىنلار بۇلۇت تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە ئۆرە تۇرالمايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى.
12 Bu pǝyttǝ Sulayman: — Pǝrwǝrdigar tum ⱪarangƣuluⱪ iqidǝ turimǝn, dǝp eytⱪanidi;
بۇ پەيتتە سۇلايمان: ــ پەرۋەردىگار تۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى؛
13 lekin, [i Pǝrwǝrdigar], mǝn dǝrwǝⱪǝ Sening üqün bir ⱨǝywǝtlik makan bolsun dǝp, Sǝn mǝnggü turidiƣan bir ɵyni yasidim, dedi.
لېكىن، [ئى پەرۋەردىگار]، مەن دەرۋەقە سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان بولسۇن دەپ، سەن مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر ئۆينى ياسىدىم، دېدى.
14 Andin padixaⱨ burulup barliⱪ Israil jamaitigǝ bǝht tilidi; Israilning barliⱪ jamaiti uning aldida turatti.
ئاندىن پادىشاھ بۇرۇلۇپ بارلىق ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
15 U mundaⱪ dedi: — «Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigarƣa tǝxǝkkür-mǝdⱨiyǝ bolƣay! U Ɵz aƣzi bilǝn atam Dawutⱪa wǝdǝ ⱪilƣanidi wǝ Ɵz ⱪoli bilǝn uni ǝmǝlgǝ axurdi. U Dawutⱪa yǝnǝ: —
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا ۋەدە قىلغانىدى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ داۋۇتقا يەنە: ــ
16 «Mǝn Ɵz hǝlⱪim Israilni Misir zeminidin elip qiⱪⱪan kündin buyan namim üqün bu yǝrdǝ bir ɵy salay dǝp Israilning ⱨǝrⱪaysi ⱪǝbililirining xǝⱨǝrliridin ⱨeqⱪaysisini tallimidim; biraⱪ hǝlⱪim bolƣan Israilƣa ⱨɵkümranliⱪ ⱪilsun dǝp Dawutni tallidim» degǝnidi.
«مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نامىم ئۈچۈن بۇ يەردە بىر ئۆي سالاي دەپ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم؛ بىراق خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ داۋۇتنى تاللىدىم» دېگەنىدى.
17 Əmdi atam Dawutning Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigarning namiƣa atap bir ɵy selix arzu-niyiti bar idi.
ئەمدى ئاتام داۋۇتنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىش ئارزۇ-نىيىتى بار ئىدى.
18 Biraⱪ Pǝrwǝrdigar atam Dawutⱪa: «Kɵnglüngdǝ Mening namimƣa bir ɵy yasaxⱪa ⱪilƣan niyiting yahxidur;
بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛
19 ǝmma xu ɵyni sǝn yasimaysǝn, bǝlki sening puxtungdin bolidiƣan oƣlung, u Mening namimƣa atap xu ɵyni salidu», degǝnidi.
ئەمما شۇ ئۆينى سەن ياسىمايسەن، بەلكى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن بولىدىغان ئوغلۇڭ، ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ شۇ ئۆينى سالىدۇ»، دېگەنىدى.
20 Mana ǝmdi Pǝrwǝrdigar Ɵz sɵzigǝ ǝmǝl ⱪildi. Mǝn Pǝrwǝrdigar wǝdǝ ⱪilƣinidǝk, atamning ornini besip, Israilning tǝhtigǝ olturdum; Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigarning namiƣa atap bu ɵyni saldim.
مانا ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلدى. مەن پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتامنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇردۇم؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئۆينى سالدىم.
21 Ɵydǝ ǝⱨdǝ sanduⱪi üqün bir jayni rastlidim; ǝⱨdǝ sanduⱪi iqidǝ Pǝrwǝrdigarning ata-bowilirimizni Misir zeminidin elip qiⱪⱪanda, ular bilǝn tüzgǝn ǝⱨdǝ [tahtiliri] bardur».
ئۆيدە ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر جاينى راستلىدىم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدە [تاختىلىرى] باردۇر».
22 Andin Sulayman Israilning barliⱪ jamaitigǝ yüzlinip, Pǝrwǝrdigarning ⱪurbangaⱨining aldida turup, ⱪollirini asmanƣa ⱪaritip kɵtürüp
ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قوللىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ
23 mundaⱪ dua ⱪildi: — «I Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar! Nǝ yuⱪiriⱪi asmanda nǝ tɵwǝnki yǝrdǝ sǝndǝk Huda yoⱪtur; aldingda pütün ⱪǝlbi bilǝn mangidiƣan ⱪulliring üqün ǝⱨdǝngdǝ turup ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbitingni kɵrsǝtküqisǝn.
مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە يۇقىرىقى ئاسماندا نە تۆۋەنكى يەردە سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكۈچىسەن.
24 Qünki Sǝn Ɵz ⱪulung atam Dawutⱪa bǝrgǝn wǝdidǝ turdung; Sǝn Ɵz aƣzing bilǝn eytⱪan sɵzünggǝ mana bügünkidǝk Ɵz ⱪolung bilǝn ǝmǝl ⱪilding.
چۈنكى سەن ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىدە تۇردۇڭ؛ سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېيتقان سۆزۈڭگە مانا بۈگۈنكىدەك ئۆز قولۇڭ بىلەن ئەمەل قىلدىڭ.
25 Əmdi ⱨazir, i Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar, Ɵz ⱪulung atam Dawutⱪa: — «Əgǝr sening ǝwladliring ɵz yolliriƣa sǝgǝk bolup sǝn Mening aldimda mangƣandǝk mangidiƣan bolsa, sanga ǝwladingdin Israilning tǝhtidǝ olturidiƣan bir zat kǝm bolmaydu» dǝp bǝrgǝn wǝdǝngdǝ turƣaysǝn.
ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا: ــ «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يوللىرىغا سەگەك بولۇپ سەن مېنىڭ ئالدىمدا ماڭغاندەك ماڭىدىغان بولسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ بەرگەن ۋەدەڭدە تۇرغايسەن.
26 Əmdi ⱨazir, i Israilning Hudasi, Sǝn ⱪulung Dawutⱪa eytⱪan sɵzliring ǝmǝlgǝ axurulƣay, dǝp ɵtünimǝn!
ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن قۇلۇڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي، دەپ ئۆتۈنىمەن!
27 Lekin Huda Ɵzi rastla yǝr yüzidǝ makan ⱪilamdu? Mana, asmanlar bilǝn asmanlarning asmini seni siƣduralmiƣan yǝrdǝ, mǝn yasiƣan bu ɵy ⱪandaⱪmu Sening makaning bolalisun?!
لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟!
28 Lekin i Pǝrwǝrdigar Hudayim, ⱪulungning duasi bilǝn iltijasiƣa ⱪulaⱪ selip, ⱪulungning bügün Sanga kɵtürgǝn nidasi wǝ tilikini angliƣaysǝn;
لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ بۈگۈن ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن؛
29 xuning bilǝn Ɵz kɵzliringni keqǝ-kündüz bu ɵygǝ, yǝni Sǝn: «Mening namim u yǝrdǝ ayan bolsun» dǝp eytⱪan jayƣa keqǝ-kündüz tikkǝysǝn; Ɵz ⱪulungning u jayƣa ⱪarap ⱪilƣan duasiƣa ⱪulaⱪ salƣaysǝn.
شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە-كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن: «مېنىڭ نامىم ئۇ يەردە ئايان بولسۇن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە-كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن.
30 ⱪulung wǝ hǝlⱪing Israil bu jayƣa ⱪarap dua ⱪilƣan qaƣda, ularning iltijisiƣa ⱪulaⱪ selip, Ɵz makaning ⱪilƣan asmanlardin turup angliƣaysǝn, angliƣiningda ularni kǝqürgǝysǝn.
قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجىسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.
31 Əgǝr birsi ɵz ⱪoxnisiƣa gunaⱨ ⱪilsa wǝ xundaⱪla ixning rast-yalƣanliⱪini bekitix üqün ⱪǝsǝm iqküzülsǝ, bu ⱪǝsǝm bu ɵydiki ⱪurbangaⱨingning aldiƣa kǝlsǝ,
ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا گۇناھ قىلسا ۋە شۇنداقلا ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە،
32 Sǝn ⱪǝsǝmni asmanda turup anglap, amal ⱪilip ɵz bǝndiliring otturisida ⱨɵküm qiⱪarƣaysǝn; gunaⱨi bar adǝmni gunaⱨⱪa tartip, ɵz yolini ɵz bexiƣa yandurup, gunaⱨsiz adǝmni aⱪlap, ɵz adilliⱪiƣa ⱪarap uningƣa ⱨǝⱪⱪini bǝrgǝysǝn.
سەن قەسەمنى ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئۆز بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھقا تارتىپ، ئۆز يولىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرۇپ، گۇناھسىز ئادەمنى ئاقلاپ، ئۆز ئادىللىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەققىنى بەرگەيسەن.
33 Ɵz hǝlⱪing Israil Sening aldingda gunaⱨ ⱪilƣini üqün düxmǝndin yengilsǝ, Sanga ⱪaytip bu ɵydǝ turup, namingni etirap ⱪilip, Sanga dua bilǝn iltija ⱪilsa,
ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىل سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن دۈشمەندىن يېڭىلسە، ساڭا قايتىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ، نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسا،
34 Sǝn asmanda anglap, Ɵz hǝlⱪing Israilning gunaⱨini kǝqürüp, ularni Sǝn ata-bowiliriƣa tǝⱪdim ⱪilƣan zeminƣa ⱪayturup kǝlgǝysǝn.
سەن ئاسماندا ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن.
35 Ular Sanga gunaⱨ ⱪilƣini üqün asman etilip yamƣur yaƣmaydiƣan ⱪiliwetilgǝn bolsa, lekin ular bu jayƣa ⱪarap Sanga dua ⱪilip namingni etirap ⱪilip, Sening ularni ⱪiyinqiliⱪⱪa salƣining tüpǝylidin ɵz gunaⱨidin yenip towa ⱪilsa,
ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا،
36 Sǝn asmanda turup ⱪulaⱪ selip, ⱪulliringning wǝ hǝlⱪing Israilning gunaⱨini kǝqürgǝysǝn; qünki Sǝn ularƣa mengix kerǝk bolƣan yahxi yolni ɵgitisǝn wǝ Ɵz hǝlⱪinggǝ miras ⱪilip bǝrgǝn zeminning üstigǝ yamƣur yaƣdurisǝn!
سەن ئاسماندا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارغا مېڭىش كېرەك بولغان ياخشى يولنى ئۆگىتىسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرىسەن!
37 Əgǝr zeminda aqarqiliⱪ ya waba bolsa, ya ziraǝtlǝr Dan almisa ya ⱨal qüxsǝ ya uni qekǝtkilǝr yaki qekǝtkǝ liqinkiliri besiwalsa, ya düxmǝnlǝr ularning zemindiki xǝⱨǝrlirining ⱪowuⱪliriƣa ⱨujum ⱪilip ⱪorxiwalsa, ya ⱨǝrⱪandaⱪ apǝt ya kesǝllik bolsa,
ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا،
38 Sening hǝlⱪing bolƣan Israildiki ⱨǝrⱪandaⱪ kixi ɵz kɵnglidiki wabani bilip, ulardin ⱨǝrⱪaysi kixi ⱪollirini bu ɵygǝ sunup, ⱨǝrⱪandaⱪ dua yaki iltija ⱪilƣan bolsa,
سېنىڭ خەلقىڭ بولغان ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق كىشى ئۆز كۆڭلىدىكى ۋابانى بىلىپ، ئۇلاردىن ھەرقايسى كىشى قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، ھەرقانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلغان بولسا،
39 ǝmdi Sǝn turuwatⱪan makaning asmanda turup anglap, kǝqürüm ⱪilƣaysǝn; Sǝn ⱨǝrbir adǝmning ⱪǝlbini bilgǝqkǝ, amal ⱪilip ɵzining yollirini ɵzigǝ yandurƣaysǝn (qünki Sǝnla, yalƣuz Sǝnla ⱨǝmmǝ insan balilirining ⱪǝlblirini bilgüqidursǝn);
ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن؛ سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، يالغۇز سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛
40 xundaⱪ ⱪilip, ular Sǝn ata-bowilirimizƣa tǝⱪdim ⱪilƣan zeminda olturup ɵmrining ⱨǝmmǝ künliridǝ sǝndin ⱪorⱪidiƣan bolidu.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقىدىغان بولىدۇ.
41 Ɵz hǝlⱪing Israildin bolmiƣan, Sening uluƣ naming tüpǝylidin yiraⱪ-yiraⱪlardin kǝlgǝn musapir bolsa
ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدىن بولمىغان، سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ تۈپەيلىدىن يىراق-يىراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر بولسا
42 (qünki ular Sening uluƣ naming, ⱪudrǝtlik ⱪolung wǝ sozƣan biliking toƣrisida angliylaydu), — undaⱪ birsi kelip bu ɵy tǝrǝpkǝ ⱪarap dua ⱪilsa,
(چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ ۋە سوزغان بىلىكىڭ توغرىسىدا ئاڭلىيلايدۇ)، ــ ئۇنداق بىرسى كېلىپ بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلسا،
43 Sǝn turuwatⱪan makaning bolƣan asmanlarda uningƣa ⱪulaⱪ selip, u musapir Sanga nida ⱪilip tiliginining ⱨǝmmisigǝ muwapiⱪ ⱪilƣaysǝn; xuning bilǝn yǝr yüzidiki barliⱪ ǝllǝr namingni tonup yetip, Ɵz hǝlⱪing Israildǝk Sǝndin ⱪorⱪidiƣan bolup, mǝn yasiƣan bu ɵyning Sening naming bilǝn atalƣinini bilidu.
سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇ مۇساپىر ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر نامىڭنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك سەندىن قورقىدىغان بولۇپ، مەن ياسىغان بۇ ئۆينىڭ سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنىنى بىلىدۇ.
44 Əgǝr Sening hǝlⱪing Sening tapxuruⱪung bilǝn düxmini bilǝn jǝng ⱪilixⱪa qiⱪⱪanda, Sǝn talliƣan bu xǝⱨǝrgǝ, xundaⱪla mǝn namingƣa atap yasiƣan bu ɵy tǝrǝpkǝ ⱪarap Sǝn Pǝrwǝrdigarƣa dua ⱪilsa,
ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ سېنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ بىلەن دۈشمىنى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىققاندا، سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە، شۇنداقلا مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ سەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلسا،
45 Sǝn asmanlarda turup ularning duasi bilǝn iltijasiƣa ⱪulaⱪ selip, ularni nusrǝtkǝ erixtürgǝysǝn.
سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن.
46 Əgǝr ular sanga gunaⱨ sadir ⱪilƣan bolsa (qünki gunaⱨ ⱪilmaydiƣan ⱨeqkixi yoⱪtur) Sǝn ularƣa ƣǝzǝplinip, ularni düxmǝnlirining ⱪoliƣa tapxurƣan bolsang, bular ularni yiraⱪ-yeⱪinƣa, ɵzlirining zeminiƣa sürgün ⱪilip elip barƣan bolsa,
ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق-يېقىنغا، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا،
47 lekin ular sürgün ⱪilinƣan yurtta ǝs-ⱨoxini tepip towa ⱪilip, ɵzi sürgün bolƣan yurtta Sanga: — Biz gunaⱨ ⱪilip, ⱪǝbiⱨlikkǝ berilip Sǝndin yüz ɵrüp kǝttuⱪ, dǝp yelinsa,
لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس-ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا: ــ بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا،
48 — ǝgǝr ularni sürgün ⱪilƣan düxmǝnlirining zeminida pütün ⱪǝlbi wǝ pütün jenidin Sening tǝripinggǝ yenip, Sǝn ularning ata-bowiliriƣa tǝⱪdim ⱪilƣan zeminƣa, Sǝn talliƣan xǝⱨǝr tǝrǝpkǝ wǝ mǝn namingƣa atap yasiƣan bu ɵy tǝrǝpkǝ yüzini ⱪilip, Sanga ⱪarap dua ⱪilsa,
ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغان دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ، ساڭا قاراپ دۇئا قىلسا،
49 Sǝn turuwatⱪan makaning bolƣan asmanlarda turup ularning duasi wǝ iltijasini anglap ular üqün ⱨɵküm qiⱪirip,
سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجاسىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ،
50 Ɵz hǝlⱪingning Sanga sadir ⱪilƣan gunaⱨini, Sanga ɵtküzgǝn ⱨǝmmǝ itaǝtsizliklirini kǝqürüm ⱪilƣaysǝn wǝ ularni sürgün ⱪilƣanlarning aldida ularƣa rǝⱨim tapⱪuzƣaysǝnki, xular ularƣa rǝⱨim ⱪilsun
ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى، ساڭا ئۆتكۈزگەن ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا رەھىم تاپقۇزغايسەنكى، شۇلار ئۇلارغا رەھىم قىلسۇن
51 (qünki ular Ɵzüng Misirdin, yǝni tɵmür tawlax peqidin qiⱪarƣan Ɵz hǝlⱪing wǝ Ɵz mirasingdur);
(چۈنكى ئۇلار ئۆزۈڭ مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش پېچىدىن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ ۋە ئۆز مىراسىڭدۇر)؛
52 Sening kɵzliring Ɵz ⱪulungning iltijasiƣa wǝ Ɵz hǝlⱪingning iltijasiƣa oquⱪ bolƣay, ular ⱨǝr ixta sanga nida ⱪilip tiliginidǝ ularƣa ⱪulaⱪ salƣaysǝn;
سېنىڭ كۆزلىرىڭ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ئوچۇق بولغاي، ئۇلار ھەر ئىشتا ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىدە ئۇلارغا قۇلاق سالغايسەن؛
53 qünki Sǝn ata-bowilirimizni Misirdin qiⱪarƣiningda Ɵz ⱪulung Musa arⱪiliⱪ eytⱪiningdǝk, Sǝn hǝlⱪingni Ɵzünggǝ has mirasing bolsun dǝp, yǝr yüzidiki ⱨǝmmǝ ǝllǝr arisidin ularni ayrim elip talliding, i Rǝb Pǝrwǝrdigar!».
چۈنكى سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن چىقارغىنىڭدا ئۆز قۇلۇڭ مۇسا ئارقىلىق ئېيتقىنىڭدەك، سەن خەلقىڭنى ئۆزۈڭگە خاس مىراسىڭ بولسۇن دەپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدىن ئۇلارنى ئايرىم ئېلىپ تاللىدىڭ، ئى رەب پەرۋەردىگار!».
54 Sulayman Pǝrwǝrdigarƣa xu barliⱪ dua wǝ iltijalirini ⱪilip bolƣanda, ⱪollirini asmanƣa ⱪarap kɵtürüp Pǝrwǝrdigarning ⱪurbangaⱨining aldida tizlinip turƣan yǝrdin ⱪopup,
سۇلايمان پەرۋەردىگارغا شۇ بارلىق دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىنى قىلىپ بولغاندا، قوللىرىنى ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان يەردىن قوپۇپ،
55 ɵrǝ turup Israilning barliⱪ jamaitigǝ yuⱪiri awazda bǝht tilǝp mundaⱪ dedi: —
ئۆرە تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۇقىرى ئاۋازدا بەخت تىلەپ مۇنداق دېدى: ــ
56 «Uning barliⱪ wǝdǝ ⱪilƣini boyiqǝ Ɵz hǝlⱪi Israilƣa aram bǝrgǝn Pǝrwǝrdigar mubarǝktur! U Ɵz ⱪuli Musaning wasitisi bilǝn ⱪilƣan ⱨǝmmǝ meⱨribanǝ wǝdilǝrning ⱨeqbiri yǝrdǝ ⱪalmidi!
«ئۇنىڭ بارلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر! ئۇ ئۆز قۇلى مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ھەممە مېھرىبانە ۋەدىلەرنىڭ ھېچبىرى يەردە قالمىدى!
57 Pǝrwǝrdigar Hudayimiz ata-bowilirimiz bilǝn bolƣandǝk biz bilǝn billǝ bolƣay; U nǝ bizdin waz kǝqmisun nǝ bizni taxlimisun;
پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن بولغاندەك بىز بىلەن بىللە بولغاي؛ ئۇ نە بىزدىن ۋاز كەچمىسۇن نە بىزنى تاشلىمىسۇن؛
58 buning bilǝn U ⱪǝlbimizni Uning yollirida mengixⱪa, Ɵzi ata-bowilirimizƣa buyruƣan ǝmrlǝr, bǝlgilimilǝr wǝ ⱨɵkümlǝrni tutuxⱪa Ɵzigǝ mayil ⱪilƣay;
بۇنىڭ بىلەن ئۇ قەلبىمىزنى ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۆزى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنى تۇتۇشقا ئۆزىگە مايىل قىلغاي؛
59 mening Pǝrwǝrdigarning aldida iltija ⱪilƣan bu sɵzlirim keqǝ-kündüz Pǝrwǝrdigar Hudayimizning yenida tursun; xuning bilǝn Ɵz ⱪulung üqün toƣra ⱨɵküm ⱪilip, hǝlⱪing Israil üqün toƣra ⱨɵküm ⱪilip, ⱨǝr kündiki dǝrdigǝ yǝtkǝysǝn;
مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىلتىجا قىلغان بۇ سۆزلىرىم كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىدا تۇرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، خەلقىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ھەر كۈندىكى دەردىگە يەتكەيسەن؛
60 xuning bilǝn yǝr yüzidiki ⱨǝmmǝ ǝllǝr Pǝrwǝrdigar Ɵzi Hudadur, Uningdin baxⱪisi ⱨeqⱪaysisi yoⱪtur dǝp bilgǝy,
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر پەرۋەردىگار ئۆزى خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ھېچقايسىسى يوقتۇر دەپ بىلگەي،
61 xundaⱪla bügün ⱪilƣininglarƣa ohxax Uning bǝlgilimiliridǝ mengixⱪa wǝ ǝmrlirini tutuxⱪa ⱪǝlbinglar Pǝrwǝrdigar Hudayimizƣa mukǝmmǝl bolƣay!».
شۇنداقلا بۈگۈن قىلغىنىڭلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە مېڭىشقا ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا قەلبىڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا مۇكەممەل بولغاي!».
62 Wǝ padixaⱨ pütün Israil bilǝn billǝ Pǝrwǝrdigarning aldida ⱪurbanliⱪlarni ⱪildi.
ۋە پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىل بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى قىلدى.
63 Sulayman Pǝrwǝrdigarƣa inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪi süpitidǝ yigirmǝ ikki ming kala wǝ bir yüz yigirmǝ ming ⱪoy ⱪurbanliⱪ ⱪildi. Padixaⱨ bilǝn barliⱪ Israillar xundaⱪ ⱪilip Pǝrwǝrdigarning ɵyini uningƣa beƣixlidi.
سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە يىگىرمە ئىككى مىڭ كالا ۋە بىر يۈز يىگىرمە مىڭ قوي قۇربانلىق قىلدى. پادىشاھ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭغا بېغىشلىدى.
64 Xu küni padixaⱨ Pǝrwǝrdigarning ɵyining aldidiki ⱨoylisining otturisini ayrip muⱪǝddǝs ⱪilip, u yǝrdǝ kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪlar, axliⱪ ⱨǝdiyǝliri wǝ inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪilirining yaƣlirini sundi; qünki Pǝrwǝrdigarning aldida turƣan mis ⱪurbangaⱨ kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪlar, axliⱪ ⱨǝdiyǝliri wǝ inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪilirining yaƣlirini ⱪobul ⱪilixⱪa kiqik kǝldi.
شۇ كۈنى پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ مۇقەددەس قىلىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى سۇندى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مىس قۇربانگاھ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى قوبۇل قىلىشقا كىچىك كەلدى.
65 Xuning bilǝn u waⱪitta Sulayman wǝ uning bilǝn bolƣan pütün Israil, yǝni Hamat rayoniƣa kirix eƣizidin tartip Misir eⱪiniƣiqǝ ⱨǝmmǝ yǝrlǝrdin kǝlgǝn zor bir jamaǝt Pǝrwǝrdigar Hudayimizning aldida yǝttǝ kün wǝ yǝnǝ yǝttǝ kün, jǝmiy on tɵt küngiqilik ⱨeyt ɵtküzdi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتتا سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئىسرائىل، يەنى خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ مىسىر ئېقىنىغىچە ھەممە يەرلەردىن كەلگەن زور بىر جامائەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا يەتتە كۈن ۋە يەنە يەتتە كۈن، جەمئىي ئون تۆت كۈنگىچىلىك ھېيت ئۆتكۈزدى.
66 Sǝkkizinqi künidǝ u hǝlⱪni ⱪayturdi; ular padixaⱨning bǝhtini tilidi; andin ular Pǝrwǝrdigarning Ɵz ⱪuli Dawutⱪa wǝ hǝlⱪi Israilƣa ⱪilƣan yahxiliⱪliri üqün ⱪǝlbidǝ xad-huram bolup ɵz ɵy-qedirlirigǝ ⱪaytip kǝtti.
سەككىزىنچى كۈنىدە ئۇ خەلقنى قايتۇردى؛ ئۇلار پادىشاھنىڭ بەختىنى تىلىدى؛ ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى داۋۇتقا ۋە خەلقى ئىسرائىلغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن قەلبىدە شاد-خۇرام بولۇپ ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىگە قايتىپ كەتتى.

< Padixaⱨlar 1 8 >