< Padixaⱨlar 1 6 >

1 Israillar Misirdin qiⱪⱪandin keyinki tɵt yüz sǝksininqi yili, Sulaymanning Israilning üstidiki sǝltǝnitining tɵtinqi yilining ikkinqi eyida, yǝni Zif eyida u Pǝrwǝrdigarning ɵyini yasaxⱪa baxlidi.
ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى تۆت يۈز سەكسىنىنچى يىلى، سۇلايماننىڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا، يەنى زىف ئېيىدا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ياساشقا باشلىدى.
2 Sulayman padixaⱨ Pǝrwǝrdigarƣa yasiƣan ibadǝthanining uzunluⱪi atmix gǝz, kǝngliki yigirmǝ gǝz wǝ egizliki ottuz gǝz idi.
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ياسىغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز ئىدى.
3 Ibadǝthanidiki «muⱪǝddǝs jay»ning aldidiki aywanning uzunluⱪi ibadǝthanining kǝngliki bilǝn barawǝr bolup, yigirmǝ gǝz idi. Ibadǝthanining aldidiki aywanning kǝngliki on gǝz idi.
ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن باراۋەر بولۇپ، يىگىرمە گەز ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ كەڭلىكى ئون گەز ئىدى.
4 U ibadǝthaniƣa rojǝklik derizǝ-pǝnjirilǝrni ornatti.
ئۇ ئىبادەتخانىغا روجەكلىك دېرىزە-پەنجىرىلەرنى ئورناتتى.
5 Ibadǝthana temiƣa, yǝni muⱪǝddǝs jay wǝ «kalamhana»ning temiƣa yandax [üq ⱪǝwǝtlik] bir imarǝtni saldi wǝ uning iqigǝ ⱨujrilarni yasidi.
ئىبادەتخانا تېمىغا، يەنى مۇقەددەس جاي ۋە «كالامخانا»نىڭ تېمىغا يانداش [ئۈچ قەۋەتلىك] بىر ئىمارەتنى سالدى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە ھۇجرىلارنى ياسىدى.
6 [Taxⱪiriⱪi imarǝtning] tɵwǝnki ⱪǝwitining kǝngliki bǝx gǝz, ottura ⱪǝwitining kǝngliki altǝ gǝz, üqinqi ⱪǝwitining kǝngliki yǝttǝ gǝz idi. Qünki ibadǝthanining taxⱪi temida limlarni ornatⱪan tɵxüklǝr bolmasliⱪi üqün u tamƣa tǝkqǝ qiⱪirilƣanidi.
[تاشقىرىقى ئىمارەتنىڭ] تۆۋەنكى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى بەش گەز، ئوتتۇرا قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز، ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى يەتتە گەز ئىدى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى تېمىدا لىملارنى ئورناتقان تۆشۈكلەر بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇ تامغا تەكچە چىقىرىلغانىدى.
7 Ibadǝthana pütünlǝy tǝyyar ⱪilip elip kelingǝn taxlardin bina ⱪilinƣanidi. Xundaⱪ ⱪilƣanda, uni yasiƣan waⱪitta nǝ bolⱪa nǝ palta nǝ baxⱪa tɵmür ǝswablarning awazi u yǝrdǝ ⱨeq anglanmaytti.
ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي تەييار قىلىپ ئېلىپ كېلىنگەن تاشلاردىن بىنا قىلىنغانىدى. شۇنداق قىلغاندا، ئۇنى ياسىغان ۋاقىتتا نە بولقا نە پالتا نە باشقا تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئۇ يەردە ھېچ ئاڭلانمايتتى.
8 Tɵwǝnki ⱪǝwǝtning ⱨujrilirining kirix ixiki ibadǝthanining ong tǝripidǝ idi; bir aylanma pǝlǝmpǝy ottura ⱪǝwǝtkǝ andin ottura ⱪǝwǝttin üqinqi ⱪǝwǝtkǝ qiⱪatti.
تۆۋەنكى قەۋەتنىڭ ھۇجرىلىرىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى؛ بىر ئايلانما پەلەمپەي ئوتتۇرا قەۋەتكە ئاندىن ئوتتۇرا قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقاتتى.
9 Xundaⱪ ⱪilip [Sulayman] ibadǝthanini yasap püttürdi. Ibadǝthanining üstigǝ har-limlarni bekitip, uni kedir tahtaylar bilǝn ⱪaplidi.
شۇنداق قىلىپ [سۇلايمان] ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى. ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىگە خار-لىملارنى بېكىتىپ، ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلىدى.
10 U ibadǝthaniƣa yandax imarǝtning ⱪǝwǝtlirining egizlikini bǝx gǝzdin ⱪildi. Xu imarǝtning ⱪǝwǝtliri ibadǝthaniƣa kedir limliri arⱪiliⱪ tutuxuⱪluⱪ idi.
ئۇ ئىبادەتخانىغا يانداش ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى بەش گەزدىن قىلدى. شۇ ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرى ئىبادەتخانىغا كېدىر لىملىرى ئارقىلىق تۇتۇشۇقلۇق ئىدى.
11 Pǝrwǝrdigarning sɵzi Sulaymanƣa kelip mundaⱪ deyildiki: —
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سۇلايمانغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدىكى: ــ
12 «Sǝn Manga yasawatⱪan bu ibadǝthaniƣa kǝlsǝk, ǝgǝr sǝn bǝlgilimilirimdǝ mengip, ⱨɵkümlirimgǝ riayǝ ⱪilip, barliⱪ ǝmrlirimni tutup ularda mangsang, Mǝn atang Dawutⱪa sǝn toƣruluⱪ eytⱪan sɵzümgǝ ǝmǝl ⱪilimǝn;
«سەن ماڭا ياساۋاتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كەلسەك، ئەگەر سەن بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ھۆكۈملىرىمگە رىئايە قىلىپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلاردا ماڭساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا سەن توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزۈمگە ئەمەل قىلىمەن؛
13 Mǝn Israillarning arisida makan ⱪilip ɵz hǝlⱪim Israilni ǝsla taxlimaymǝn».
مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ئەسلا تاشلىمايمەن».
14 Sulayman ibadǝthanini yasap püttürdi.
سۇلايمان ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى.
15 Ibadǝthanining tamlirining iq tǝripini u kedir tahtayliri bilǝn yasap, ibadǝthanining tegidin tartip torusning limliriƣiqǝ yaƣaq bilǝn ⱪaplidi; wǝ arqa tahtayliri bilǝn ibadǝthaniƣa pol yatⱪuzdi.
ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ ئىچ تەرىپىنى ئۇ كېدىر تاختايلىرى بىلەن ياساپ، ئىبادەتخانىنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە ياغاچ بىلەن قاپلىدى؛ ۋە ئارچا تاختايلىرى بىلەن ئىبادەتخانىغا پول ياتقۇزدى.
16 U ibadǝthanining arⱪa temidin yigirmǝ gǝz ɵlqǝp ara tam yasap, iqkiriki hanini ⱨasil ⱪildi; u tegidin tartip torus limliriƣiqǝ kedir tahtayliri bilǝn ⱪaplidi. Bu ǝng iqkiriki hana bolup, yǝni «kalamhana», «ǝng muⱪǝddǝs jay» idi.
ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئارقا تېمىدىن يىگىرمە گەز ئۆلچەپ ئارا تام ياساپ، ئىچكىرىكى خانىنى ھاسىل قىلدى؛ ئۇ تېگىدىن تارتىپ تورۇس لىملىرىغىچە كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلىدى. بۇ ئەڭ ئىچكىرىكى خانا بولۇپ، يەنى «كالامخانا»، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئىدى.
17 Uning aldidiki ɵy, yǝni muⱪǝddǝs hanining uzunluⱪi ⱪiriⱪ gǝz idi.
ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۆي، يەنى مۇقەددەس خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز ئىدى.
18 Ibadǝthanining iqki tamliriƣa ⱪapaⱪ wǝ qeqǝkning nushiliri nǝⱪix ⱪilinƣanidi. Ibadǝthana pütünlǝy kedir tahtaylar bilǝn ⱪaplanƣanidi. Ⱨeq tax kɵrünmǝytti.
ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى تاملىرىغا قاپاق ۋە چېچەكنىڭ نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنغانىدى. ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلانغانىدى. ھېچ تاش كۆرۈنمەيتتى.
19 Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪini u yǝrdǝ ⱪoyux üqün, u ibadǝthanining iqkiridiki kalamhanini yasidi.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەردە قويۇش ئۈچۈن، ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىدىكى كالامخانىنى ياسىدى.
20 Kalamhanining uzunluⱪi yigirmǝ gǝz, toƣrisi yigirmǝ gǝz, egizliki yigirmǝ gǝz idi; u uni sap altundin ⱪaplidi, xundaⱪla uning aldidiki kedir yaƣaqliⱪ ⱪurbangaⱨnimu xundaⱪ ⱪaplidi.
كالامخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، توغرىسى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇندىن قاپلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغاچلىق قۇربانگاھنىمۇ شۇنداق قاپلىدى.
21 Sulayman ibadǝthanining iqini sap altun bilǝn ⱪaplidi; u iqki kalamhanining aldini altun zǝnjirlǝr bilǝn tosidi; kalamhanini altun bilǝn ⱪaplidi.
سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ ئىچكى كالامخانىنىڭ ئالدىنى ئالتۇن زەنجىرلەر بىلەن توسىدى؛ كالامخانىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
22 Xu tǝriⱪidǝ u pütkül ibadǝthanini, yǝni pütkül ibadǝthanining iqini altun bilǝn toluⱪ ⱪapliƣanidi. Kalamhaniƣa tǝǝlluⱪ bolƣan ⱪurbangaⱨnimu pütünlǝy altun bilǝn ⱪapliƣanidi.
شۇ تەرىقىدە ئۇ پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى، يەنى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ئالتۇن بىلەن تولۇق قاپلىغانىدى. كالامخانىغا تەئەللۇق بولغان قۇربانگاھنىمۇ پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىغانىدى.
23 Kalamhaniƣa u zǝytun yaƣiqidin ikki kerubning xǝklini yasidi. Ⱨǝrbirining egizliki on gǝz idi.
كالامخانىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئىككى كېرۇبنىڭ شەكلىنى ياسىدى. ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز ئىدى.
24 Bir kerubning bir ⱪanitining uzunluⱪi bǝx gǝz wǝ yǝnǝ bir ⱪanitining uzunluⱪi ⱨǝm bǝx gǝz bolup, bir ⱪanitining uqidin yǝnǝ bir ⱪanitining uqiƣiqǝ on gǝz idi.
بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز ۋە يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەم بەش گەز بولۇپ، بىر قانىتىنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇچىغىچە ئون گەز ئىدى.
25 Ikkinqi kerubning ikki ⱪaniti ⱪoxulup on gǝz idi. Ikki kerubning qong-kiqikliki wǝ xǝkli ohxax idi.
ئىككىنچى كېرۇبنىڭ ئىككى قانىتى قوشۇلۇپ ئون گەز ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى ئوخشاش ئىدى.
26 Bir kerubning egizliki on gǝz bolup, ikkinqi kerubningkimu ⱨǝm xundaⱪ idi.
بىر كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز بولۇپ، ئىككىنچى كېرۇبنىڭكىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى.
27 U kerublarni iqkiriki hanida ⱪoydi. Kerublarning ⱪanatliri yeyilip turatti. Birsining bir ⱪaniti bir tamƣa tegip, ikkinqisining ⱪaniti udulidiki tamƣa tegip turatti; ikkisining iqidiki ⱪanatliri hanining otturisida bir-birigǝ tegixip turatti.
ئۇ كېرۇبلارنى ئىچكىرىكى خانىدا قويدى. كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى يېيىلىپ تۇراتتى. بىرسىنىڭ بىر قانىتى بىر تامغا تېگىپ، ئىككىنچىسىنىڭ قانىتى ئۇدۇلىدىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى قاناتلىرى خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى.
28 U kerublarni altun bilǝn ⱪaplidi.
ئۇ كېرۇبلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
29 U ibadǝthanining tamlirining pütkül iq qɵrsini, yǝni iqkiriki hanining wǝ ⱨǝm taxⱪiriⱪi hanining qɵrisini kerub bilǝn horma dǝrǝhlirining xǝkilliri wǝ qeqǝk nushiliri bilǝn nǝⱪix ⱪildi.
ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ پۈتكۈل ئىچ چۆرسىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭ چۆرىسىنى كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى بىلەن نەقىش قىلدى.
30 Ibadǝthanining polini, yǝni iqkiriki hanining ⱨǝm taxⱪiriⱪi haniningkini altun bilǝn ⱪaplidi.
ئىبادەتخانىنىڭ پولىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭكىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
31 Kalamhanining kirix eƣiziƣa u zǝytun yaƣiqidin etilgǝn ⱪox ixiklǝrni yasidi. Ixiklǝrning kexǝkliri wǝ bexi ɵyning toƣrisining bǝxtin bir ⱪismi idi.
كالامخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەن قوش ئىشىكلەرنى ياسىدى. ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى ۋە بېشى ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئىدى.
32 Bu ⱪox ixiklǝr zǝytun yaƣiqidin etilgǝnidi; u ixiklǝrning üstigǝ kerublar, horma dǝrǝhliri wǝ qeqǝk nushiliri nǝⱪix ⱪilinip zinnǝtlǝngǝnidi; u ixiklǝrni, jümlidin kerub bilǝn horma dǝrǝhlirining nǝⱪixlirini altun bilǝn ⱪaplidi.
بۇ قوش ئىشىكلەر زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنىپ زىننەتلەنگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنى، جۈملىدىن كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ نەقىشلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
33 Ibadǝthanining taxⱪi hanisining ixikining kexǝklirini zǝytun yaƣiqidin yasidi; ular ɵyning toƣrisining tɵttin bir ⱪismi idi;
ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى خانىسىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشەكلىرىنى زەيتۇن ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇلار ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئىدى؛
34 ⱪox ⱪanatliⱪ ixik bolsa arqa yaƣiqidin yasaldi. Bir ⱪaniti yeyilip ⱪatlinatti, ikkinqi ⱪanitimu yeyilip ⱪatlinatti.
قوش قاناتلىق ئىشىك بولسا ئارچا ياغىچىدىن ياسالدى. بىر قانىتى يېيىلىپ قاتلىناتتى، ئىككىنچى قانىتىمۇ يېيىلىپ قاتلىناتتى.
35 U ularning üstigǝ kerublar, horma dǝrǝhliri wǝ qeqǝk nushilirini nǝⱪix ⱪildi; andin ularning üstigǝ, jümlidin nǝⱪixlǝr üstigǝ altun ⱪaplidi.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرىنى نەقىش قىلدى؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، جۈملىدىن نەقىشلەر ئۈستىگە ئالتۇن قاپلىدى.
36 Iqkiriki ⱨoylining temini bolsa u üq ⱪǝwǝt yonulƣan tax bilǝn bir ⱪǝwǝt kedir yaƣiqidin yasidi.
ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ تېمىنى بولسا ئۇ ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش بىلەن بىر قەۋەت كېدىر ياغىچىدىن ياسىدى.
37 [Sulaymanning sǝltǝnitining] tɵtinqi yilining Zif eyida Pǝrwǝrdigarning ibadǝthanisining uli selindi.
[سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ] تۆتىنچى يىلىنىڭ زىف ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇلى سېلىندى.
38 Wǝ on birinqi yilining Bul eyida, yǝni sǝkkizinqi ayda ibadǝthanining ⱨeqyeri ⱪaldurulmay, layiⱨǝ boyiqǝ pütünlǝy tamam boldi. Xundaⱪ ⱪilip uning ɵyni yasixiƣa yǝttǝ yil kǝtti.
ۋە ئون بىرىنچى يىلىنىڭ بۇل ئېيىدا، يەنى سەككىزىنچى ئايدا ئىبادەتخانىنىڭ ھېچيېرى قالدۇرۇلماي، لايىھە بويىچە پۈتۈنلەي تامام بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆينى ياسىشىغا يەتتە يىل كەتتى.

< Padixaⱨlar 1 6 >