< Yuⱨanna 1 5 >

1 Əysaning Mǝsiⱨ ikǝnlikigǝ ixǝngǝn ⱨǝrbir kixi Hudadin tuƣulƣan bolidu; wǝ tuƣdurƣuqi [Atini] sɵyidiƣan ⱨǝrbir kixi Uningdin tuƣulƣuqinimu sɵyidu.
ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھەربىر كىشى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ؛ ۋە تۇغدۇرغۇچى [ئاتىنى] سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ.
2 Biz ɵzimizning Hudaning balilirini sɵyidiƣanliⱪimizni xuningdin bilimizki, Hudani sɵyüp, Uning ǝmrlirigǝ ǝmǝl ⱪiliximizdindur.
بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرىنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر.
3 Hudani sɵyüx Uning ǝmrlirigǝ ǝmǝl ⱪilix demǝktur; wǝ Uning ǝmrliridǝ turmaⱪ eƣir ix ǝmǝstur.
خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر؛ ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە تۇرماق ئېغىر ئىش ئەمەستۇر.
4 Qünki Hudadin tuƣulƣanlarning ⱨǝmmisi bu dunya üstidin ƣǝlibǝ ⱪilidu; wǝ dunyaning üstidin ƣǝlibǝ ⱪilƣuqi küq — dǝl bizning etiⱪadimizdur.
چۈنكى خۇدادىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ ۋە دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى كۈچ ــ دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر.
5 Bu dunyaning üstidin ƣǝlibǝ ⱪilƣuqi zadi kimlǝr? Pǝⱪǝt Əysani Hudaning Oƣli dǝp etiⱪad ⱪilƣuqilar ǝmǝsmu?
بۇ دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى زادى كىملەر؟ پەقەت ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئەمەسمۇ؟
6 U bolsa su wǝ ⱪan arⱪiliⱪ kǝlgǝn zat, yǝni Əysa Mǝsiⱨdur; Uning kelixi pǝⱪǝt su bilǝnla ǝmǝs, bǝlki ⱪan bilǝnmu idi. Wǝ bu ixlarƣa guwaⱨliⱪ bǝrgüqi bolsa Roⱨtur, qünki Roⱨ Ɵzi ⱨǝⱪiⱪǝttur.
ئۇ بولسا سۇ ۋە قان ئارقىلىق كەلگەن زات، يەنى ئەيسا مەسىھدۇر؛ ئۇنىڭ كېلىشى پەقەت سۇ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قان بىلەنمۇ ئىدى. ۋە بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولسا روھتۇر، چۈنكى روھ ئۆزى ھەقىقەتتۇر.
7 Qünki Uning toƣruluⱪ üq guwaⱨliⱪ bǝrgüqi bar: —
چۈنكى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار: ــ
8 bular Roⱨ, su wǝ ⱪandin ibarǝttur. Bu üqining [guwaⱨliⱪi] birdur.
بۇلار روھ، سۇ ۋە قاندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ [گۇۋاھلىقى] بىردۇر.
9 Əgǝr biz insanlarning guwaⱨliⱪini ⱪobul ⱪilsaⱪ, Hudaning guwaⱨliⱪi bularningkidin üstündur. Huda Ɵz Oƣli toƣrisida xundaⱪ guwaⱨliⱪ bǝrgǝn —
ئەگەر بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلساق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى بۇلارنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن ــ
10 (Hudaning Oƣliƣa etiⱪad ⱪilƣan kixining iqidǝ xu guwaⱨliⱪ bardur; biraⱪ Hudaƣa ixǝnmigǝn kixi Uni yalƣanqi ⱪilƣan bolidu, qünki U Hudaning Ɵz Oƣlini tǝstiⱪliƣan guwaⱨliⱪiƣa ixǝnmigǝn)
(خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشىنىڭ ئىچىدە شۇ گۇۋاھلىق باردۇر؛ بىراق خۇداغا ئىشەنمىگەن كىشى ئۇنى يالغانچى قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئۆز ئوغلىنى تەستىقلىغان گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن)
11 guwaⱨliⱪ dǝl xudurki, Huda bizgǝ mǝnggülük ⱨayatni ata ⱪildi wǝ bu ⱨayatliⱪ Uning Oƣlididur. (aiōnios g166)
گۇۋاھلىق دەل شۇدۇركى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى ۋە بۇ ھاياتلىق ئۇنىڭ ئوغلىدىدۇر. (aiōnios g166)
12 Xunga Oƣulƣa igǝ bolƣan kixi ⱨayatliⱪⱪa igǝ bolƣan bolidu; Hudaning Oƣliƣa igǝ bolmiƣan kixi ⱨayatliⱪⱪa igǝ bolmiƣan bolidu.
شۇڭا ئوغۇلغا ئىگە بولغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ؛ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئىگە بولمىغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولمىغان بولىدۇ.
13 Mǝn bularni Hudaning Oƣlining namiƣa etiⱪad ⱪilƣan silǝrgǝ silǝrning mǝnggülük ⱨayatⱪa igǝ bolƣanliⱪinglarni bilixinglar üqün yazdim. (aiōnios g166)
مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن يازدىم. (aiōnios g166)
14 Wǝ bizning Uningƣa bolƣan toluⱪ ixǝnq-hatirjǝmlikimiz xundaⱪki, Uning iradisigǝ muwapiⱪ ⱨǝrⱪandaⱪ bir ixni tilisǝk, U bizni anglaydu.
ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تولۇق ئىشەنچ-خاتىرجەملىكىمىز شۇنداقكى، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ھەرقانداق بىر ئىشنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ.
15 Uni ⱨǝrnemǝ tiliginimizni anglaydu dǝp bilgǝnikǝnmiz, duayimizda Uningdin tiliginimizgǝ erixtuⱪ, dǝp bilimiz.
ئۇنى ھەرنېمە تىلىگىنىمىزنى ئاڭلايدۇ دەپ بىلگەنىكەنمىز، دۇئايىمىزدا ئۇنىڭدىن تىلىگىنىمىزگە ئېرىشتۇق، دەپ بىلىمىز.
16 Birsi ⱪerindixining ɵlümgǝ mǝⱨkum ⱪilmaydiƣan bir gunaⱨ sadir ⱪilƣanliⱪini kɵrsǝ, uning üqün dua ⱪilsun; wǝ Huda ɵlümgǝ mǝⱨkum ⱪilmaydiƣan gunaⱨ sadir ⱪilƣanlar üqün uningƣa ⱨayatliⱪ ata ⱪilidu. Ɵlümgǝ mǝⱨkum gunaⱨmu bardur. Uning toƣrisidin tilisun, demǝymǝn.
بىرسى قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان بىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن؛ ۋە خۇدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۆلۈمگە مەھكۇم گۇناھمۇ باردۇر. ئۇنىڭ توغرىسىدىن تىلىسۇن، دېمەيمەن.
17 Ⱨǝmmǝ ⱨǝⱪⱪaniyǝtsizlik gunaⱨtur; wǝ ɵlümgǝ mǝⱨkum ⱪilmaydiƣan gunaⱨmu bar.
ھەممە ھەققانىيەتسىزلىك گۇناھتۇر؛ ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھمۇ بار.
18 Hudadin tuƣulƣuqining gunaⱨ sadir ⱪilmaydiƣanliⱪini bilimiz; qünki ǝslidǝ Hudadin tuƣulƣan Zat bundaⱪ kixini ⱪoƣdap ⱪalidu wǝ axu rǝzil uningƣa tegǝlmǝydu.
خۇدادىن تۇغۇلغۇچىنىڭ گۇناھ سادىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز؛ چۈنكى ئەسلىدە خۇدادىن تۇغۇلغان زات بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ ۋە ئاشۇ رەزىل ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ.
19 Əmdi ɵzimizning Hudadin bolƣanliⱪimiz ɵzimizgǝ mǝlum; ǝmma pütkül dunya bolsa u rǝzilning ilkididur.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ خۇدادىن بولغانلىقىمىز ئۆزىمىزگە مەلۇم؛ ئەمما پۈتكۈل دۇنيا بولسا ئۇ رەزىلنىڭ ئىلكىدىدۇر.
20 Yǝnǝ bizgǝ mǝlumki, Hudaning Oƣli dunyaƣa kǝldi wǝ Ⱨǝⱪiⱪiy Bolƣuqini tonuximiz üqün kɵnglimizni yorutti; wǝ biz Ⱨǝⱪiⱪiy Bolƣuqining Ɵzidǝ, yǝni Uning Oƣli Əysa Mǝsiⱨdǝ yaxawatimiz. U bolsa ⱨǝⱪiⱪiy Huda wǝ mǝnggülük ⱨayatliⱪtur! (aiōnios g166)
يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي بولغۇچىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يورۇتتى؛ ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز. ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر! (aiōnios g166)
21 Əziz balilirim, ɵzünglarni ⱨǝrⱪandaⱪ butlardin saⱪlanglar.
ئەزىز بالىلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ھەرقانداق بۇتلاردىن ساقلاڭلار.

< Yuⱨanna 1 5 >