< Tarih-tǝzkirǝ 1 22 >

1 Xunga Dawut: «Mana bu Pǝrwǝrdigar Hudaning ɵyi bolidiƣan jay, mana bu Israil üqün kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ sunidiƣan ⱪurbangaⱨ bolidu» — dedi.
شۇڭا داۋۇت: «مانا بۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆيى بولىدىغان جاي، مانا بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنىدىغان قۇربانگاھ بولىدۇ» ــ دېدى.
2 Dawut Pǝrwǝrdigarning ɵyini saldurux üqün Israil zeminidiki yat ǝldikilǝrni yiƣixni buyrudi ⱨǝm taxlarni oyuxⱪa taxqilarni tǝyinlidi.
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سالدۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىل زېمىنىدىكى يات ئەلدىكىلەرنى يىغىشنى بۇيرۇدى ھەم تاشلارنى ئويۇشقا تاشچىلارنى تەيىنلىدى.
3 Ixik-dǝrwazilarƣa ixlitixkǝ miⱪ wǝ girǝ-baldaⱪ yasax üqün nurƣun tɵmür tǝyyarlidi; yǝnǝ nurƣun mis tǝyyarlidiki, uning eƣirliⱪini tarazilap bolmaytti;
ئىشىك-دەرۋازىلارغا ئىشلىتىشكە مىق ۋە گىرە-بالداق ياساش ئۈچۈن نۇرغۇن تۆمۈر تەييارلىدى؛ يەنە نۇرغۇن مىس تەييارلىدىكى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى تارازىلاپ بولمايتتى؛
4 u yǝnǝ san-sanaⱪsiz kedir yaƣiqi tǝyyarlidi, qünki Zidonluⱪlar bilǝn Turluⱪlar Dawutⱪa nurƣun kedir yaƣiqi yǝtküzüp bǝrgǝnidi.
ئۇ يەنە سان-ساناقسىز كېدىر ياغىچى تەييارلىدى، چۈنكى زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلار داۋۇتقا نۇرغۇن كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى.
5 Dawut kɵnglidǝ: «Oƣlum Sulayman tehi yax, bir yumran kɵqǝt halas, Pǝrwǝrdigarƣa selinidiƣan ɵy naⱨayiti bǝⱨǝywǝt wǝ katta boluxi, xan-xɵⱨriti barliⱪ yurtlarƣa yeyilixi kerǝk; xuning bilǝn bu ɵygǝ ketidiƣan materiyallarni ⱨazirlap ⱪoyuxum kerǝk» dǝp oylidi. Xunga Dawut ɵlüxtin ilgiri nurƣun materiyal ⱨazirlap ⱪoydi.
داۋۇت كۆڭلىدە: «ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش، بىر يۇمران كۆچەت خالاس، پەرۋەردىگارغا سېلىنىدىغان ئۆي ناھايىتى بەھەيۋەت ۋە كاتتا بولۇشى، شان-شۆھرىتى بارلىق يۇرتلارغا يېيىلىشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيگە كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ھازىرلاپ قويۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئۆلۈشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ماتېرىيال ھازىرلاپ قويدى.
6 Dawut oƣli Sulaymanni ⱪiqⱪirip uningƣa Israilning Hudasi bolƣan Pǝrwǝrdigarƣa ɵy selixni tapilidi.
داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى قىچقىرىپ ئۇنىڭغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۆي سېلىشنى تاپىلىدى.
7 Dawut Sulaymanƣa mundaⱪ dedi: «I oƣlum, mǝn ǝslidǝ Pǝrwǝrdigar Hudayimning namiƣa atap bir ɵy selixni oyliƣan,
داۋۇت سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: «ئى ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىشنى ئويلىغان،
8 lekin Pǝrwǝrdigarning manga: «Sǝn nurƣun adǝmning ⱪenini tɵktüng, nurƣun qong jǝnglǝrni ⱪilding; sening Mening namimƣa atap ɵy selixingƣa bolmaydu, qünki sǝn Mening aldimda nurƣun adǝmning ⱪenini yǝrgǝ tɵktüng.
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا: «سەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، نۇرغۇن چوڭ جەڭلەرنى قىلدىڭ؛ سېنىڭ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سېلىشىڭغا بولمايدۇ، چۈنكى سەن مېنىڭ ئالدىمدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى يەرگە تۆكتۈڭ.
9 Ⱪara, seningdin bir oƣul tɵrülidu; u aram-tinqliⱪ adimi bolidu, Mǝn uni ⱨǝr tǝrǝptiki düxmǝnliridin aram tapⱪuzimǝn; uning ismi dǝrwǝⱪǝ Sulayman atilidu, u tǝhttiki künliridǝ Mǝn Israilƣa aram-tinqliⱪ wǝ asayixliⱪ ata ⱪilimǝn.
قارا، سېنىڭدىن بىر ئوغۇل تۆرۈلىدۇ؛ ئۇ ئارام-تىنچلىق ئادىمى بولىدۇ، مەن ئۇنى ھەر تەرەپتىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام تاپقۇزىمەن؛ ئۇنىڭ ئىسمى دەرۋەقە سۇلايمان ئاتىلىدۇ، ئۇ تەختتىكى كۈنلىرىدە مەن ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق ئاتا قىلىمەن.
10 U Mening namimƣa atap ɵy salidu; u Manga oƣul bolidu, Mǝn uningƣa ata bolimǝn; Mǝn uning Israil üstidiki padixaⱨliⱪ tǝhtini mǝnggü mǝzmut ⱪilimǝn» degǝn sɵz-kalami manga yǝtti.
ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سالىدۇ؛ ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈستىدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مەزمۇت قىلىمەن» دېگەن سۆز-كالامى ماڭا يەتتى.
11 I oƣlum, ǝmdi Pǝrwǝrdigar sening bilǝn billǝ bolƣay! Xuning bilǝn yolung rawan bolup, Uning sening toƣruluⱪ bǝrgǝn wǝdisi boyiqǝ Pǝrwǝrdigar Hudayingning ɵyini salisǝn.
ئى ئوغلۇم، ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي! شۇنىڭ بىلەن يولۇڭ راۋان بولۇپ، ئۇنىڭ سېنىڭ توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسى بويىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىنى سالىسەن.
12 Pǝrwǝrdigar sanga pǝm wǝ ǝⱪil bǝrgǝy wǝ Israilni idarǝ ⱪilixⱪa kɵrsǝtmǝ bǝrgǝy, seni Pǝrwǝrdigar Hudayingning muⱪǝddǝs ⱪanuniƣa ǝmǝl ⱪilidiƣan ⱪilƣay.
پەرۋەردىگار ساڭا پەم ۋە ئەقىل بەرگەي ۋە ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەي، سېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ مۇقەددەس قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان قىلغاي.
13 Xu waⱪitta, Pǝrwǝrdigar Israillar üqün Musaƣa tapxurƣan bǝlgilimǝ-ⱨɵkümlǝrgǝ ǝmǝl ⱪilsang, yolung rawan bolidu. Ⱪǝysǝr, batur bol! Ⱪorⱪma, ⱨoduⱪupmu kǝtmǝ.
شۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ئۈچۈن مۇساغا تاپشۇرغان بەلگىلىمە-ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلساڭ، يولۇڭ راۋان بولىدۇ. قەيسەر، باتۇر بول! قورقما، ھودۇقۇپمۇ كەتمە.
14 Ⱪara, mǝn Pǝrwǝrdigarning ɵyi üqün japa-müxǝⱪⱪǝtlirim arⱪiliⱪ yüz ming talant altun, ming ming talant kümüx wǝ intayin kɵp, san-sanaⱪsiz mis, tɵmür tǝyyarlidim; yǝnǝ yaƣaq wǝ tax tǝyyarlidim; buningƣa yǝnǝ sǝn ⱪoxsang bolidu.
قارا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن جاپا-مۈشەققەتلىرىم ئارقىلىق يۈز مىڭ تالانت ئالتۇن، مىڭ مىڭ تالانت كۈمۈش ۋە ئىنتايىن كۆپ، سان-ساناقسىز مىس، تۆمۈر تەييارلىدىم؛ يەنە ياغاچ ۋە تاش تەييارلىدىم؛ بۇنىڭغا يەنە سەن قوشساڭ بولىدۇ.
15 Buningdin baxⱪa seningdǝ yǝnǝ tax kǝsküqi, tamqi, yaƣaqqi ⱨǝm ⱨǝrhil hizmǝtlǝrni ⱪilalaydiƣan nurƣun ustilar bar;
بۇنىڭدىن باشقا سېنىڭدە يەنە تاش كەسكۈچى، تامچى، ياغاچچى ھەم ھەرخىل خىزمەتلەرنى قىلالايدىغان نۇرغۇن ئۇستىلار بار؛
16 altun-kümüx, mis, tɵmür bolsa san-sanaⱪsiz; sǝn ixⱪa tutuxuxⱪa ornungdin tur, Pǝrwǝrdigarim sening bilǝn billǝ bolƣay!»
ئالتۇن-كۈمۈش، مىس، تۆمۈر بولسا سان-ساناقسىز؛ سەن ئىشقا تۇتۇشۇشقا ئورنۇڭدىن تۇر، پەرۋەردىگارىم سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي!»
17 Dawut yǝnǝ Israildiki ǝmǝldarlarƣa oƣli Sulaymanƣa yardǝm berixni tapilap:
داۋۇت يەنە ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارغا ئوغلى سۇلايمانغا ياردەم بېرىشنى تاپىلاپ:
18 «Hudayinglar bolƣan Pǝrwǝrdigar silǝr bilǝn billǝ ǝmǝsmu? Ⱨǝr ǝtrapinglarda silǝrgǝ tinq-aramliⱪ bǝrgǝn ǝmǝsmu? Qünki U bu zemindiki aⱨalini ⱪolumƣa tapxurdi; zemin Pǝrwǝrdigarning aldida wǝ hǝlⱪining aldida tizginlǝndi.
«خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمۇ؟ ھەر ئەتراپىڭلاردا سىلەرگە تىنچ-ئاراملىق بەرگەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇ بۇ زېمىندىكى ئاھالىنى قولۇمغا تاپشۇردى؛ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىنىڭ ئالدىدا تىزگىنلەندى.
19 Əmdi silǝr pütün ⱪǝlbinglar, pütün jeninglar bilǝn ⱪǝt’iy niyǝtkǝ kelip, Hudayinglar bolƣan Pǝrwǝrdigarni izlǝnglar; Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪini wǝ Hudaning muⱪǝddǝshanisidiki ⱪaqa-ǝswablirini Uning namiƣa atap selinƣan ɵyigǝ apirip ⱪoyux üqün, Pǝrwǝrdigar Hudaning muⱪǝddǝshanisini selixⱪa ornunglardin ⱪopunglar!» dedi.
ئەمدى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزلەڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىدىكى قاچا-ئەسۋابلىرىنى ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىنى سېلىشقا ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار!» دېدى.

< Tarih-tǝzkirǝ 1 22 >