< Tarih-tǝzkirǝ 1 11 >

1 U qaƣda barliⱪ Israil jamaiti Ⱨebronƣa kelip Dawutning ⱪexiƣa yiƣilixip: «Ⱪarisila, biz ɵzlirining ǝt-sɵngǝkliridurmiz!
ئۇ چاغدا بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ھېبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلىشىپ: «قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز!
2 Burun Saul bizning üstimizdǝ sǝltǝnǝt ⱪilƣandimu Israil hǝlⱪigǝ jǝnggǝ qiⱪip-kirixkǝ yolbaxqi bolƣan ɵzliri idila. Ɵzlirining Hudaliri bolƣan Pǝrwǝrdigarmu ɵzlirigǝ: — Sǝn Mening hǝlⱪim Israilning padiqisi bolup ularni baⱪisǝn wǝ Israilning ǝmiri bolisǝn, degǝnidi» — dedi.
بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا. ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئۆزلىرىگە: ــ سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ ئۇلارنى باقىسەن ۋە ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى» ــ دېدى.
3 Xuning bilǝn Israil aⱪsaⱪallirining ⱨǝmmisi Ⱨebronƣa kelip padixaⱨ Dawutning ⱪexiƣa kelixti; Dawut Ⱨebronda Pǝrwǝrdigarning aldida ular bilǝn bir ǝⱨdǝ tüzüxti. Andin ular Pǝrwǝrdigarning Samuilning wastisi bilǝn eytⱪini boyiqǝ, Dawutni Mǝsiⱨ ⱪilip, Israilni idarǝ ⱪilixⱪa padixaⱨ ⱪilip tiklidi.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى ھېبرونغا كېلىپ پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىشتى؛ داۋۇت ھېبروندا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىلنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقىنى بويىچە، داۋۇتنى مەسىھ قىلىپ، ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
4 Dawut bilǝn barliⱪ Israil hǝlⱪi Yerusalemƣa kǝldi (Yerusalem xu qaƣda «Yǝbus» dǝp atilatti, zemindiki aⱨalǝ bolƣan Yǝbusiylar xu yǝrdǝ turatti).
داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېمغا كەلدى (يېرۇسالېم شۇ چاغدا «يەبۇس» دەپ ئاتىلاتتى، زېمىندىكى ئاھالە بولغان يەبۇسىيلار شۇ يەردە تۇراتتى).
5 Yǝbus aⱨalisi Dawutⱪa: «Sǝn bu yǝrgǝ ⱨeqⱪaqan kirǝlmǝysǝn!» dedi. Biraⱪ Dawut Zion degǝn ⱪorƣanni aldi (xu yǝr «Dawutning xǝⱨiri» dǝpmu atilidu).
يەبۇس ئاھالىسى داۋۇتقا: «سەن بۇ يەرگە ھېچقاچان كىرەلمەيسەن!» دېدى. بىراق داۋۇت زىئون دېگەن قورغاننى ئالدى (شۇ يەر «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ).
6 Dawut: «Kim aldi bilǝn Yǝbusiylarƣa ⱨujum ⱪilsa, xu kixi yolbaxqi wǝ sǝrdar bolidu» dedi. Zǝruiyaning oƣli Yoab aldi bilǝn atlinip qiⱪip, yolbaxqi boldi.
داۋۇت: «كىم ئالدى بىلەن يەبۇسىيلارغا ھۇجۇم قىلسا، شۇ كىشى يولباشچى ۋە سەردار بولىدۇ» دېدى. زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئالدى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ، يولباشچى بولدى.
7 Dawut ⱪorƣanda turatti, xunga kixilǝr u ⱪorƣanni «Dawut xǝⱨiri» dǝp ataxti.
داۋۇت قورغاندا تۇراتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇ قورغاننى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتاشتى.
8 Dawut xǝⱨǝrni Millodin baxlap tɵt ǝtrapidiki sepiliƣiqǝ yengiwaxtin yasatti; xǝⱨǝrning ⱪalƣan ⱪismini Yoab yasatti.
داۋۇت شەھەرنى مىللودىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە يېڭىۋاشتىن ياساتتى؛ شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب ياساتتى.
9 Dawut kündin küngǝ ⱪudrǝt tapti, qünki samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar uning bilǝn billǝ idi.
داۋۇت كۈندىن كۈنگە قۇدرەت تاپتى، چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى.
10 Tɵwǝndikilǝr Dawutning palwanliri iqidǝ yolbaxqilar idi; ular Pǝrwǝrdigarning Israilƣa eytⱪan sɵzi boyiqǝ pütkül Israil bilǝn birlixip, Dawutning padixaⱨliⱪini mustǝⱨkǝm ⱪilip, birliktǝ uni padixaⱨ ⱪilixⱪa küqidi.
تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرى ئىچىدە يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزى بويىچە پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن بىرلىشىپ، داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ، بىرلىكتە ئۇنى پادىشاھ قىلىشقا كۈچىدى.
11 Tɵwǝndikilǝr Dawutning palwanlirining tizimliki boyiqǝ hatirilǝngǝndur: — Ⱨakmoniylardin bolƣan Yaxobiam yolbaxqilar iqidǝ bexi idi; u nǝyzisini piⱪiritip bir ⱪetimdila üq yüz adǝmni ɵltürgǝn.
تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرىنىڭ تىزىملىكى بويىچە خاتىرىلەنگەندۇر: ــ ھاكمونىيلاردىن بولغان ياشوبىئام يولباشچىلار ئىچىدە بېشى ئىدى؛ ئۇ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ بىر قېتىمدىلا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.
12 Uningdin ⱪalsa Ahohiy Dodoning oƣli Əliazar bolup, u «üq palwan»ning biri idi;
ئۇنىڭدىن قالسا ئاخوخىي دودونىڭ ئوغلى ئەلىئازار بولۇپ، ئۇ «ئۈچ پالۋان»نىڭ بىرى ئىدى؛
13 Ilgiri Filistiylǝr Pas-Dammimda jǝng ⱪilixⱪa yiƣilƣanda, u Dawut bilǝn u yǝrdǝ idi. U yǝrdǝ arpa ɵsüp kǝtkǝn bir etizliⱪ bolup, hǝlⱪ Filistiylǝrning aldidin bǝdǝr ⱪaqⱪanidi;
ئىلگىرى فىلىستىيلەر پاس-داممىمدا جەڭ قىلىشقا يىغىلغاندا، ئۇ داۋۇت بىلەن ئۇ يەردە ئىدى. ئۇ يەردە ئارپا ئۆسۈپ كەتكەن بىر ئېتىزلىق بولۇپ، خەلق فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچقانىدى؛
14 ular bolsa etizliⱪning otturisida turuwelip, ⱨǝm etizliⱪni ⱪoƣdiƣan, ⱨǝm Filistiylǝrni tarmar ⱪilƣan; Pǝrwǝrdigar ǝnǝ xu yol bilǝn ularni ƣayǝt zor ƣǝlibigǝ erixtürgǝn.
ئۇلار بولسا ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋېلىپ، ھەم ئېتىزلىقنى قوغدىغان، ھەم فىلىستىيلەرنى تارمار قىلغان؛ پەرۋەردىگار ئەنە شۇ يول بىلەن ئۇلارنى غايەت زور غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن.
15 Ottuz yolbaxqi iqidin [yǝnǝ] üqǝylǝn Ⱪoram taxliⱪtiki Adullamning ƣariƣa qüxüp Dawutning yeniƣa kǝldi. Filistiylǝrning ⱪoxuni bolsa «Rǝfayim jilƣisi»da bargaⱨ ⱪurƣanidi.
ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدىن [يەنە] ئۈچەيلەن قورام تاشلىقتىكى ئادۇللامنىڭ غارىغا چۈشۈپ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنى بولسا «رەفايىم جىلغىسى»دا بارگاھ قۇرغانىدى.
16 Bu qaƣda Dawut ⱪorƣanda, Filistiylǝrning ⱪarawulgaⱨi Bǝyt-Lǝⱨǝmdǝ idi.
بۇ چاغدا داۋۇت قورغاندا، فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇلگاھى بەيت-لەھەمدە ئىدى.
17 Dawut ussap: «Aⱨ, birsi manga Bǝyt-Lǝⱨǝmning dǝrwazisining yenidiki ⱪuduⱪtin su ǝkilip bǝrgǝn bolsa yahxi bolatti!» dewidi,
داۋۇت ئۇسساپ: «ئاھ، بىرسى ماڭا بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى!» دېۋىدى،
18 bu üq palwan Filistiylǝrning lǝxkǝrgaⱨidin bɵsüp ɵtüp, Bǝyt-Lǝⱨǝmning dǝrwazisining yenidiki ⱪuduⱪtin su tartti wǝ Dawutⱪa elip kǝldi; lekin u uningdin iqkili unimidi, bǝlki suni Pǝrwǝrdigarƣa atap tɵküp:
بۇ ئۈچ پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتتى ۋە داۋۇتقا ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن ئىچكىلى ئۇنىمىدى، بەلكى سۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۆكۈپ:
19 «Hudayim bu ixni mǝndin neri ⱪilsun! Mǝn ⱨayatining hǝwptǝ ⱪelixiƣa ⱪarimiƣan bu kixilǝrning ⱪenini iqsǝm ⱪandaⱪ bolidu? Qünki buni ular ⱨayatining hǝwptǝ ⱪelixiƣa ⱪarimay elip kǝlgǝn!» dedi. Xunga Dawut bu suni iqkili unimidi. Bu üq palwan ⱪilƣan ixlar dǝl xular idi.
«خۇدايىم بۇ ئىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن! مەن ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئىچسەم قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى بۇنى ئۇلار ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىماي ئېلىپ كەلگەن!» دېدى. شۇڭا داۋۇت بۇ سۇنى ئىچكىلى ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان قىلغان ئىشلار دەل شۇلار ئىدى.
20 Yoabning inisi Abixay üqining bexi idi; u üq yüz adǝm bilǝn ⱪarxilixip nǝyzisini piⱪiritip ularni ɵltürdi. Xuning bilǝn u bu «üq palwan» iqidǝ nami qiⱪⱪanidi.
يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاي ئۈچىنىڭ بېشى ئىدى؛ ئۇ ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن قارشىلىشىپ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى.
21 U muxu «üq palwan» iqidǝ ⱨǝmmidin bǝk ⱨɵrmǝtkǝ sazawǝr bolƣan bolsimu, lekin yǝnila awwalⱪi üqǝylǝngǝ yǝtmǝytti.
ئۇ مۇشۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاۋۋالقى ئۈچەيلەنگە يەتمەيتتى.
22 Yǝⱨoyadaning oƣli Binaya Kabzǝǝldin bolup, bir batur palwan idi; u kɵp ⱪaltis ixlarni ⱪilƣan. U Moabiy Ariǝlning ikki oƣlini ɵltürgǝn. Yǝnǝ ⱪar yaƣⱪan bir küni azgalƣa qüxüp, bir xirni ɵltürgǝnidi.
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كابزەئەلدىن بولۇپ، بىر باتۇر پالۋان ئىدى؛ ئۇ كۆپ قالتىس ئىشلارنى قىلغان. ئۇ موئابىي ئارىئەلنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن. يەنە قار ياغقان بىر كۈنى ئازگالغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرگەنىدى.
23 U yǝnǝ ⱪolida bapkarning oⱪidǝk bir nǝyzisi bar, boyining egizliki bǝx gǝz kelidiƣan bir Misirliⱪni ⱪǝtl ⱪildi; u bir ⱨasa bilǝn uningƣa ⱨujum ⱪilip, uning nǝyzisini ⱪolidin tartiwelip ɵz nǝyzisi bilǝn ɵltürdi.
ئۇ يەنە قولىدا باپكارنىڭ ئوقىدەك بىر نەيزىسى بار، بويىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى قەتل قىلدى؛ ئۇ بىر ھاسا بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ نەيزىسىنى قولىدىن تارتىۋېلىپ ئۆز نەيزىسى بىلەن ئۆلتۈردى.
24 Yǝⱨoyadaning oƣli Binaya mana bu ixlarni ⱪilƣan. Xuning bilǝn üq palwan iqidǝ nam qiⱪarƣanidi.
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا مانا بۇ ئىشلارنى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ پالۋان ئىچىدە نام چىقارغانىدى.
25 Mana, u ⱨeliⱪi ottuz palwandinmu bǝkrǝk xɵⱨrǝt ⱪazanƣan bolsimu, lekin aldinⱪi üq palwanƣa yǝtmǝytti. Dawut uni ɵzining pasiban begi ⱪilip tǝyinligǝn.
مانا، ئۇ ھېلىقى ئوتتۇز پالۋاندىنمۇ بەكرەك شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى ئۈچ پالۋانغا يەتمەيتتى. داۋۇت ئۇنى ئۆزىنىڭ پاسىبان بېگى قىلىپ تەيىنلىگەن.
26 Ⱪoxundiki palwanlar bolsa: — Yoabning inisi Asaⱨǝl, Bǝyt-Lǝⱨǝmlik Dodoning oƣli Əlⱨanan,
قوشۇندىكى پالۋانلار بولسا: ــ يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل، بەيت-لەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەلھانان،
27 Ⱨarorluⱪ Xammot, Pilonluⱪ Ⱨǝlǝz,
ھارورلۇق شامموت، پىلونلۇق ھەلەز،
28 Tǝkoaliⱪ Ikkǝxning oƣli Ira, Anatotluⱪ Abiezǝr,
تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا، ئاناتوتلۇق ئابىئېزەر،
29 Huxatliⱪ Sibbǝkay, Ahoⱨluⱪ Ilay,
خۇشاتلىق سىببەكاي، ئاخوھلۇق ئىلاي،
30 Nitofatliⱪ Maⱨaray, Nitofatliⱪ Baanaⱨning oƣli Hǝlǝb,
نىتوفاتلىق ماھاراي، نىتوفاتلىق بائاناھنىڭ ئوغلى خەلەب،
31 Binyamin ǝwladliridin Gibeaⱨliⱪ Ribayning oƣli Ittay, Piratonluⱪ Binaya,
بىنيامىن ئەۋلادلىرىدىن گىبېئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي، پىراتونلۇق بىنايا،
32 Gaax wadiliridin kǝlgǝn Huray, Arbatliⱪ Abiyǝl,
گائاش ۋادىلىرىدىن كەلگەن خۇراي، ئارباتلىق ئابىيەل،
33 Baⱨarumluⱪ Azmawǝt, Xalbonluⱪ Elyaⱨba,
باھارۇملۇق ئازماۋەت، شالبونلۇق ئېلياھبا،
34 Gizonluⱪ Ⱨaxǝmning oƣulliri, Ⱨararliⱪ Xagining oƣli Yonatan,
گىزونلۇق ھاشەمنىڭ ئوغۇللىرى، ھارارلىق شاگىنىڭ ئوغلى يوناتان،
35 Ⱨararliⱪ Sakarning oƣli Aⱨiyam, Urning oƣli Elifal,
ھارارلىق ساكارنىڭ ئوغلى ئاھىيام، ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال،
36 Mǝkǝratliⱪ Ⱨǝfǝr, Pilonluⱪ Ahiyaⱨ,
مەكەراتلىق ھەفەر، پىلونلۇق ئاخىياھ،
37 Karmǝllik Ⱨǝzro, Əzbayning oƣli Naaray,
كارمەللىك ھەزرو، ئەزباينىڭ ئوغلى نائاراي،
38 Natanning inisi Yoel, Ⱨagrining oƣli Mibⱨar,
ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل، ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبھار،
39 Ammonluⱪ Zǝlǝk, Zǝruiyaning oƣli Yoabning yaraƣ kɵtürgüqisi bolƣan Bǝǝrotluⱪ Naⱨaray,
ئاممونلۇق زەلەك، زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان بەئەروتلۇق ناھاراي،
40 Itriliⱪ Ira, Itriliⱪ Garǝb,
ئىترىلىق ئىرا، ئىترىلىق گارەب،
41 Ⱨittiy Uriya, Aⱨlayning oƣli Zabad,
ھىتتىي ئۇرىيا، ئاھلاينىڭ ئوغلى زاباد،
42 Rubǝn ⱪǝbilisidin Xizaning oƣli, Rubǝnlǝr iqidǝ yolbaxqi bolƣan Adina wǝ uningƣa ǝgǝxkǝn ottuz adǝm,
رۇبەن قەبىلىسىدىن شىزانىڭ ئوغلى، رۇبەنلەر ئىچىدە يولباشچى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئوتتۇز ئادەم،
43 Maakaⱨning oƣli Ⱨanan, Mitniliⱪ Yoxafat,
مائاكاھنىڭ ئوغلى ھانان، مىتنىلىق يوشافات،
44 Axtaratliⱪ Uzziya, Aroǝrlik Hotamning oƣli Xama bilǝn Jǝiyǝl,
ئاشتاراتلىق ئۇززىيا، ئاروئەرلىك خوتامنىڭ ئوغلى شاما بىلەن جەئىيەل،
45 Ximrining oƣli Yediyayǝl bilǝn uning inisi tiziliⱪ Yoha,
شىمرىنىڭ ئوغلى يېدىيايەل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزىلىق يوخا،
46 Maⱨawiliⱪ Əliyǝl, Əlnaamning oƣulliri Yǝribay bilǝn Yoxawiya, Moabliⱪ Yitma,
ماھاۋىلىق ئەلىيەل، ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يەرىباي بىلەن يوشاۋىيا، موئابلىق يىتما،
47 Əliyǝl, Obǝd wǝ Mǝzobaliⱪ Yaasiyǝllǝrdin ibarǝt idi.
ئەلىيەل، ئوبەد ۋە مەزوبالىق يائاسىيەللەردىن ئىبارەت ئىدى.

< Tarih-tǝzkirǝ 1 11 >