< Titusqa 3 >

1 [Jamaettikilerge] shuni eslitip turghinki, ular hökümranlargha we hoquqdarlargha boysunup, shularning sözini anglisun, herqandaq yaxshi emellerni qilishqa teyyar tursun,
[جامائەتتىكىلەرگە] شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمرانلارغا ۋە ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇپ، شۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىسۇن، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن،
2 héchkimning yaman gépini qilmisun, jédelxor bolmisun, mulayim bolsun, hemme ademge her jehette möminlik körsetsun.
ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن.
3 Chünki biz özimizmu eslide nadan bolup, itaetsiz, azdurulghan, herxil shehwet-heweslerning hem lezzetlerning quli bolghan, rezillik we hesetxorluq ichide yashighan, nepretlik bolghan hem bir-birimizdin nepretlinidighanlardin iduq.
چۈنكى بىز ئۆزىمىزمۇ ئەسلىدە نادان بولۇپ، ئىتائەتسىز، ئازدۇرۇلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ ھەم لەززەتلەرنىڭ قۇلى بولغان، رەزىللىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، نەپرەتلىك بولغان ھەم بىر-بىرىمىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلاردىن ئىدۇق.
4 Biraq Qutquzghuchimiz Xudaning insanlargha bolghan méhribanliqi we méhir-muhebbiti ayan bolushi bilen,
بىراق قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئايان بولۇشى بىلەن،
5 (özimizning qandaqtur heqqaniy emellirimiz bilen emes, belki Uning rehim-shepqiti bilen) yéngidin tughulushta yuyushliri we Muqeddes Rohta yéngilishi arqiliq U bizni qutquzdi;
(ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن) يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى؛
6 bu Rohni Xuda Nijatkarimiz Eysa Mesih arqiliq wujudimizgha mol quydi.
بۇ روھنى خۇدا نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ۋۇجۇدىمىزغا مول قۇيدى.
7 Bu arqiliq, Xudaning méhir-shepqiti bilen heqqaniy qilinip, menggülük hayatqa érishish ümidini tutqan mirasxorlar bolduq. (aiōnios g166)
بۇ ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەققانىي قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى تۇتقان مىراسخورلار بولدۇق. (aiōnios g166)
8 Bu sözler ishenchliktur we bu heqiqetlerni alahide tekitlishingni telep qilimen. Shundaq qilghiningda, Xudagha étiqad qilghanlar özlirini yaxshi emellerni qilishqa bérilishke köngül bölidu. Bu ishlar insanlar üchün güzel we paydiliq.
بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېرىلىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزەل ۋە پايدىلىق.
9 Biraq exmiqane munaziriler, nesebnamilerdiki [quruq gepler], jédel-majralar, Tewrat qanunigha munasiwetlik talash-tartishlardin özüngni néri tutqin; chünki bular paydisiz we bimeniliktur.
بىراق ئەخمىقانە مۇنازىرىلەر، نەسەبنامىلەردىكى [قۇرۇق گەپلەر]، جېدەل-ماجرالار، تەۋرات قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلاردىن ئۆزۈڭنى نېرى تۇتقىن؛ چۈنكى بۇلار پايدىسىز ۋە بىمەنىلىكتۇر.
10 Arigha bölgünchilik qilghuchi ademni bolsa bir-ikki qétim agahlandurghandin kéyin uning bilen bolghan bardi-keldini üziwet;
ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزىۋەت؛
11 chünki bundaq ademni heqiqettin chetnidi, gunah sadir qiliwatidu, shundaqla özini özi jazagha mehkum qilghan dep bilisen.
چۈنكى بۇنداق ئادەمنى ھەقىقەتتىن چەتنىدى، گۇناھ سادىر قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆزى جازاغا مەھكۇم قىلغان دەپ بىلىسەن.
12 Artémasni yaki Tikikusni sanga mangdurghanda, mumkin qeder tézrek Nikopolis shehirige méning yénimgha kelgin, chünki u yerde qishlimaqchi boluwatimen.
ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى ساڭا ماڭدۇرغاندا، مۇمكىن قەدەر تېزرەك نىكوپولىس شەھىرىگە مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن، چۈنكى ئۇ يەردە قىشلىماقچى بولۇۋاتىمەن.
13 Adwokat Zénas bilen Apollosning sepirige köngül bölüp himmitingning bariche uzatqin; kem-kütiliri bolsa, ularning hajitidin chiqqin.
ئادۋوكات زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ھىممىتىڭنىڭ بارىچە ئۇزاتقىن؛ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققىن.
14 Bizning qowmimiz méwisiz qalmasliqi üchün hajetmenlerge yardem qilip, özlirini güzel emellerni qilishqa béghishlashni ögensun.
بىزنىڭ قوۋمىمىز مېۋىسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن.
15 Yénimdikilerning hemmisidin sanga salam. Étiqadta bizni söyidighalargha salam éyt. Méhir-shepqet hemminglargha yar bolghay!
يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. ئېتىقادتا بىزنى سۆيىدىغالارغا سالام ئېيت. مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي!

< Titusqa 3 >