< Rut 3 >

1 Shu künlerde, qéynanisi Naomi uninggha: — Ey qizim, hal-ehwalingning yaxshi bolushi üchün, séning aram-bextingni izdimeymenmu?
شۇ كۈنلەردە، قېينئانىسى نائومى ئۇنىڭغا: ــ ئەي قىزىم، ھال-ئەھۋالىڭنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، سېنىڭ ئارام-بەختىڭنى ئىزدىمەيمەنمۇ؟
2 Sen dédekliri bilen ishligen Boaz bizge tughqan kélidu emesmu? Mana, bügün axsham u xamanda arpa soruydu.
سەن دېدەكلىرى بىلەن ئىشلىگەن بوئاز بىزگە تۇغقان كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا، بۈگۈن ئاخشام ئۇ خاماندا ئارپا سورۇيدۇ.
3 Emdi sen yuyunup-tarinip, özüngge etirlik may sürüp, [ésil] kiyimliringni kiyip, xaman’gha chüshkin; lékin u er kishi yep-ichip bolmighuche, özüngni uninggha körsetmigin.
ئەمدى سەن يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، ئۆزۈڭگە ئەتىرلىك ماي سۈرۈپ، [ئېسىل] كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا چۈشكىن؛ لېكىن ئۇ ئەر كىشى يەپ-ئىچىپ بولمىغۇچە، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمىگىن.
4 U yatqanda uning uxlaydighan yérini körüwal. Andin sen kirip, ayagh teripini échip, shu yerde yétiwalghin. Andin u sanga néme qilish kéreklikini éytidu, — dédi.
ئۇ ياتقاندا ئۇنىڭ ئۇخلايدىغان يېرىنى كۆرۈۋال. ئاندىن سەن كىرىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە يېتىۋالغىن. ئاندىن ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، ــ دېدى.
5 Rut uninggha: — Sen néme déseng men shuni qilimen, — dédi.
رۇت ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە دېسەڭ مەن شۇنى قىلىمەن، ــ دېدى.
6 U xaman’gha chüshüp, qéynanisi uninggha tapilighandek qildi.
ئۇ خامانغا چۈشۈپ، قېينئانىسى ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك قىلدى.
7 Boaz yep-ichip, könglini xush qilip cheshning ayighigha bérip yatti. Andin Rut shepe chiqarmay kélip, ayagh teripini échip, shu yerde yatti.
بوئاز يەپ-ئىچىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ چەشنىڭ ئايىغىغا بېرىپ ياتتى. ئاندىن رۇت شەپە چىقارماي كېلىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە ياتتى.
8 Yérim kéchide Boaz chöchüp, aldigha éngishkende, mana bir ayal ayighida yatatti!
يېرىم كېچىدە بوئاز چۆچۈپ، ئالدىغا ئېڭىشكەندە، مانا بىر ئايال ئايىغىدا ياتاتتى!
9 Kim sen?! — dep soridi u. Rut jawaben: — Men xizmetkaring Rut bolimen. Sen méning hemjemet-nijatkarim bolghining üchün xizmetkaringning üstige tonungning étikini yéyip qoyghaysen, — dédi.
كىم سەن؟! ــ دەپ سورىدى ئۇ. رۇت جاۋابەن: ــ مەن خىزمەتكارىڭ رۇت بولىمەن. سەن مېنىڭ ھەمجەمەت-نىجاتكارىم بولغىنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭنىڭئۈستىگە تونۇڭنىڭ ئېتىكىنى يېيىپ قويغايسەن، ــ دېدى.
10 U jawaben: — Ey qizim, Perwerdigardin bext-beriket tapqaysen! Séning kéyin körsetken sadaqet-méhribanliqing ilgiri körsetkiningdinmu artuqtur; chünki [séni izdigen] yigitler, meyli kembeghel bolsun, bay bolsun, ularning keynidin ketmiding.
ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت تاپقايسەن! سېنىڭ كېيىن كۆرسەتكەن ساداقەت-مېھرىبانلىقىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكىنىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر؛ چۈنكى [سېنى ئىزدىگەن] يىگىتلەر، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، باي بولسۇن، ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەتمىدىڭ.
11 I qizim, emdi qorqmighin! Déginingning hemmisini orundap bérimen; chünki pütkül shehirimizdiki mötiwerler séni peziletlik ayal dep bilidu.
ئى قىزىم، ئەمدى قورقمىغىن! دېگىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بېرىمەن؛ چۈنكى پۈتكۈل شەھىرىمىزدىكى مۆتىۋەرلەر سېنى پەزىلەتلىك ئايال دەپ بىلىدۇ.
12 Durus, sanga hemjemet-nijatkar bolghinim rast; lékin séning mendin yéqinraq yene bir hemjemeting bar.
دۇرۇس، ساڭا ھەمجەمەت-نىجاتكار بولغىنىم راست؛ لېكىن سېنىڭ مەندىن يېقىنراق يەنە بىر ھەمجەمەتىڭ بار.
13 Emdi kéchiche bu yerde qalghin; ete seherde eger u hemjemetlik hoquqini ishlitip séni élishni xalisa, u alsun; lékin hemjemetlik hoquqi boyiche séni almisa, Perwerdigarning hayati bilen qesem qilimenki, men sanga hemjemetlik qilip séni alay. Tang atquche bu yerde yétip turghin! — dédi.
ئەمدى كېچىچە بۇ يەردە قالغىن؛ ئەتە سەھەردە ئەگەر ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ سېنى ئېلىشنى خالىسا، ئۇ ئالسۇن؛ لېكىن ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بويىچە سېنى ئالمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ساڭا ھەمجەمەتلىك قىلىپ سېنى ئالاي. تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇرغىن! ــ دېدى
14 U uning ayighida tang atquche yétip, kishiler bir-birini tonughudek bolushtin burun qopti. Chünki Boaz: — bir ayalning xaman’gha kelginini héchkim bilmisun, dep éytqanidi.
ئۇ ئۇنىڭ ئايىغىدا تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، كىشىلەر بىر-بىرىنى تونۇغۇدەك بولۇشتىن بۇرۇن قوپتى. چۈنكى بوئاز: ــ بىر ئايالنىڭ خامانغا كەلگىنىنى ھېچكىم بىلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى.
15 U yene [Rutqa]: — Sen kiygen yépinchini échip turghin, dédi. U uni échip turuwidi, Boaz arpidin alte kemchen kemlep bérip, uning öshnisige artip qoydi. Andin u sheherge kirdi.
ئۇ يەنە [رۇتقا]: ــ سەن كىيگەن يېپىنچىنى ئېچىپ تۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ تۇرۇۋىدى، بوئاز ئارپىدىن ئالتە كەمچەن كەملەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىپ قويدى. ئاندىن ئۇ شەھەرگە كىردى.
16 Rut qéynanisining yénigha keldi. U: — Ey qizim, sen hazir kim?! — dep soridi. Shuning bilen u qéynanisigha u kishining qilghanlirining hemmisini dep berdi.
رۇت قېينئاناسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ: ــ ئەي قىزىم، سەن ھازىر كىم؟! ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېينئانىسىغا ئۇ كىشىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى.
17 U: — U bu alte kemchen arpini manga berdi, chünki u: «qéynanangning yénigha quruq qol qaytip barmighin» dédi, — dédi.
ئۇ: ــ ئۇ بۇ ئالتە كەمچەن ئارپىنى ماڭا بەردى، چۈنكى ئۇ: «قېينئاناڭنىڭ يېنىغا قۇرۇق قول قايتىپ بارمىغىن» دېدى، ــ دېدى.
18 Naomi: — Ey qizim, bu ishning axirining qandaq bolidighinini bilgüche mushu yerde texir qilghin; chünki u adem bügün mushu ishni pütküzmey aram almaydu, dédi.
نائومى: ــ ئەي قىزىم، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلگۈچە مۇشۇ يەردە تەخىر قىلغىن؛ چۈنكى ئۇ ئادەم بۈگۈن مۇشۇ ئىشنى پۈتكۈزمەي ئارام ئالمايدۇ، دېدى.

< Rut 3 >