< Rut 2 >

1 Naomining érige tughqan kélidighan Boaz isimlik bir adem bar idi. U Elimelekning jemetidin bolup, intayin bay adem idi.
نائومىنىڭ ئېرىگە تۇغقان كېلىدىغان بوئاز ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئىنتايىن باي ئادەم ئىدى.
2 Moab qizi Rut Naomigha: — Men étizliqqa baray, birerkimning neziride iltipat tépip, uning keynidin méngip arpa bashaqlirini tersem? — dédi. U uninggha: — Barghin, ey qizim, dédi.
موئاب قىزى رۇت نائومىغا: ــ مەن ئېتىزلىققا باراي، بىرەركىمنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئارپا باشاقلىرىنى تەرسەم؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئەي قىزىم، دېدى.
3 Shuning bilen u chiqip étizliqlargha kélip, u yerde ormichilarning keynidin bashaq terdi. Bextige yarisha, del u kelgen étizliq Elimelekning jemeti bolghan Boazning étizliqliri idi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىقىپ ئېتىزلىقلارغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن باشاق تەردى. بەختىگە يارىشا، دەل ئۇ كەلگەن ئېتىزلىق ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتى بولغان بوئازنىڭ ئېتىزلىقلىرى ئىدى.
4 Mana, u waqitta Boaz Beyt-Lehemdin chiqip kélip, ormichilar bilen salamliship: — Perwerdigar siler bilen bille bolghay! — dédi. Ular uninggha jawaben: — Perwerdigar sanga bext-beriket ata qilghay! — dédi.
مانا، ئۇ ۋاقىتتا بوئاز بەيت-لەھەمدىن چىقىپ كېلىپ، ئورمىچىلار بىلەن سالاملىشىپ: ــ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگار ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي! ــ دېدى.
5 Boaz ormichilarning üstige nazaretke qoyulghan xizmetkaridin: — Bu yash chokan kimning qizi bolidu? — dep soridi.
بوئاز ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە نازارەتكە قويۇلغان خىزمەتكارىدىن: ــ بۇ ياش چوكان كىمنىڭ قىزى بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
6 Ormichilarning üstige qoyulghan xizmetkar jawab bérip: — Bu Naomi bilen bille Moabning sehrasidin qaytip kelgen Moabiy chokan bolidu.
ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان خىزمەتكار جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ نائومى بىلەن بىللە موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەلگەن موئابىي چوكان بولىدۇ.
7 U: «Ormichilarning keynidin önchilerning arisidiki chéchilip ketken bashaqlarni tériwalaymu?» dep telep qildi. Andin u kélip etigendin hazirghiche ishlewatidu; u peqet kepide bir’az dem aldi, — dédi.
ئۇ: «ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىۋالايمۇ؟» دەپ تەلەپ قىلدى. ئاندىن ئۇ كېلىپ ئەتىگەندىن ھازىرغىچە ئىشلەۋاتىدۇ؛ ئۇ پەقەت كەپىدە بىرئاز دەم ئالدى، ــ دېدى.
8 Boaz Rutqa: — Ey qizim, anglawatamsen?! Sen bashaq tergili bashqa bir kimning étizliqigha barmighin, bu yerdinmu ketme, méning dédeklirim bilen birge mushu yerde turghin.
بوئاز رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، ئاڭلاۋاتامسەن؟! سەن باشاق تەرگىلى باشقا بىر كىمنىڭ ئېتىزلىقىغا بارمىغىن، بۇ يەردىنمۇ كەتمە، مېنىڭ دېدەكلىرىم بىلەن بىرگە مۇشۇ يەردە تۇرغىن.
9 Diqqet qilghin, qaysi étizda orma orghan bolsa, [dédeklerge] egiship barghin. Men yigitlerge: Uninggha chéqilmanglar, dep tapilap qoydum! Eger ussap qalsang bérip, idishlardin yigitlirim [quduqtin] tartqan sudin ichkin, — dédi.
دىققەت قىلغىن، قايسى ئېتىزدا ئورما ئورغان بولسا، [دېدەكلەرگە] ئەگىشىپ بارغىن. مەن يىگىتلەرگە: ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، دەپ تاپىلاپ قويدۇم! ئەگەر ئۇسساپ قالساڭ بېرىپ، ئىدىشلاردىن يىگىتلىرىم [قۇدۇقتىن] تارتقان سۇدىن ئىچكىن، ــ دېدى.
10 Rut özini yerge étip tizlinip, béshini yerge tegküzüp tezim qilip, uninggha: — Men bir bigane tursam, némishqa manga shunche ghemxorluq qilghudek neziringde shunchilik iltipat tapqanmen? — dédi.
رۇت ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بىر بىگانە تۇرسام، نېمىشقا ماڭا شۇنچە غەمخورلۇق قىلغۇدەك نەزىرىڭدە شۇنچىلىك ئىلتىپات تاپقانمەن؟ ــ دېدى.
11 Boaz uninggha jawaben: — Éring ölüp ketkendin kéyin qéynananggha qilghanliringning hemmisi, shundaqla séning ata-anangni we öz wetiningdin qandaq ayrilip, sen burun tonumaydighan bir xelqning arisigha kelgining manga pütünley ayan boldi;
وئاز ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قېينئاناڭغا قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا سېنىڭئاتا-ئاناڭنى ۋە ئۆز ۋەتىنىڭدىن قانداق ئايرىلىپ، سەن بۇرۇن تونۇمايدىغان بىر خەلقنىڭ ئارىسىغا كەلگىنىڭ ماڭا پۈتۈنلەي ئايان بولدى؛
12 Perwerdigar qilghininggha muwapiq sanga yandurghay, sen qanatlirining tégide panah izdigen Israilning Xudasi Perwerdigar teripidin sanga uning toluq in’ami bérilgey, dédi.
پەرۋەردىگار قىلغىنىڭغا مۇۋاپىق ساڭا ياندۇرغاي، سەن قاناتلىرىنىڭ تېگىدە پاناھ ئىزدىگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ساڭا ئۇنىڭ تولۇق ئىنئامى بېرىلگەي، دېدى.
13 Rut jawaben: — Ey xojam, neziringde iltipat tapqaymen; men séning dédiking bolushqimu yarimisammu, sen manga teselli bérip, dédikingge méhribane sözlerni qilding, — dédi.
رۇت جاۋابەن: ــ ئەي خوجام، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقايمەن؛ مەن سېنىڭ دېدىكىڭ بولۇشقىمۇ يارىمىساممۇ، سەن ماڭا تەسەللى بېرىپ، دېدىكىڭگە مېھرىبانە سۆزلەرنى قىلدىڭ، ــ دېدى.
14 Tamaq waqtida Boaz uninggha: — Qéni, buyaqqa kelgin, nandin ye, nanni sirkige tögürgin! — dédi. Rut ormichilarning yénigha kélip olturdi; Boaz qomachtin élip uninggha tutti. U uningdin toyghuche yédi we yene azraq ashurup qoydi.
تاماق ۋاقتىدا بوئاز ئۇنىڭغا: ــ قېنى، بۇياققا كەلگىن، ناندىن يە، ناننى سىركىگە تۆگۈرگىن! ــ دېدى. رۇت ئورمىچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى؛ بوئاز قوماچتىن ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتتى. ئۇ ئۇنىڭدىن تويغۇچە يېدى ۋە يەنە ئازراق ئاشۇرۇپ قويدى.
15 U bashaq tergili qopqanda, Boaz yigitlirige buyrup: — Uni hetta önchilerning arisida bashaq tergili qoyunglar, uni héch xijalette qaldurmanglar.
ئۇ باشاق تەرگىلى قوپقاندا، بوئاز يىگىتلىرىگە بۇيرۇپ: ــ ئۇنى ھەتتا ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدا باشاق تەرگىلى قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ خىجالەتتەقالدۇرماڭلار.
16 Hetta hem uning üchün azraq bashaqlarni önchilerdin etey ayrip, uninggha tergili chüshürüp qoyunglar, uni héch eyiblimenglar, dédi.
ھەتتا ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق باشاقلارنى ئۆنچىلەردىن ئەتەي ئايرىپ، ئۇنىڭغا تەرگىلى چۈشۈرۈپ قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ ئەيىبلىمەڭلار، دېدى.
17 Shundaq qilip u kechkiche étizliqta bashaq terdi, tériwalghanlirini soqqanda, texminen bir efah arpa chiqti.
شۇنداق قىلىپ ئۇ كەچكىچە ئېتىزلىقتا باشاق تەردى، تېرىۋالغانلىرىنى سوققاندا، تەخمىنەن بىر ئەفاھ ئارپا چىقتى.
18 Andin u arpisini élip, sheherge kirdi, qéynanisi uning tergen [arpisini] kördi; u yene u yep toyun’ghandin kéyin saqlap qoyghinini chiqirip uninggha berdi.
ئاندىن ئۇ ئارپىسىنى ئېلىپ، شەھەرگە كىردى، قېينئانىسى ئۇنىڭ تەرگەن [ئارپىسىنى] كۆردى؛ ئۇ يەنە ئۇ يەپ تويۇنغاندىن كېيىن ساقلاپ قويغىنىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردى.
19 Qéynanisi uninggha: — Sen bügün nede bashaq terding, nede ishliding? Sanga ghemxorluq qilghan shu kishige bext-beriket ata qilin’ghay! — dédi. U qéynanisigha kimningkide ish qilghinini éytip: — Men bügün ishligen étizning igisining ismi Boaz iken, dédi.
قېينئانىسى ئۇنىڭغا: ــ سەن بۈگۈن نەدە باشاق تەردىڭ، نەدە ئىشلىدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان شۇ كىشىگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنغاي! ــ دېدى. ئۇ قېينئانىسىغا كىمنىڭكىدە ئىش قىلغىنىنى ئېيتىپ: ــ مەن بۈگۈن ئىشلىگەن ئېتىزنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسمى بوئاز ئىكەن، دېدى.
20 Naomi kélinige: — Tiriklergimu, ölgenlergimu méhribanliq qilishtin bash tartmighan kishi Perwerdigardin bext-beriket körgey! — dédi. Andin Naomi uninggha yene: — U adem bizning yéqin tughqinimizdur, u bizni qutquzalaydighan hemjemetlerdin biridur, — dédi.
نائومى كېلىنىگە: ــ تىرىكلەرگىمۇ، ئۆلگەنلەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىشتىن باش تارتمىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت كۆرگەي! ــ دېدى. ئاندىن نائومى ئۇنىڭغا يەنە: ــ ئۇ ئادەم بىزنىڭ يېقىن تۇغقىنىمىزدۇر، ئۇ بىزنى قۇتقۇزالايدىغان ھەمجەمەتلەردىن بىرىدۇر، ــ دېدى.
21 Moab qizi Rut yene: — U manga yene: «Méning yigitlirim pütün hosulumni yighip bolghuche ular bilen birge bolghin» dédi, — dédi.
موئاب قىزى رۇت يەنە: ــ ئۇ ماڭا يەنە: «مېنىڭ يىگىتلىرىم پۈتۈن ھوسۇلۇمنى يىغىپ بولغۇچە ئۇلار بىلەن بىرگە بولغىن» دېدى، ــ دېدى.
22 Naomi kélini Rutqa: — Ey qizim, birsining sanga yamanliq qilmasliqi üchün bashqisining étizliqigha barmay, uning dédekliri bilen bille chiqip ishliseng yaxshidur, dédi.
نائومى كېلىنى رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، بىرسىنىڭ ساڭا يامانلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن باشقىسىنىڭ ئېتىزلىقىغا بارماي، ئۇنىڭ دېدەكلىرى بىلەن بىللە چىقىپ ئىشلىسەڭ ياخشىدۇر، دېدى.
23 Shuning bilen arpa we bughday hosuli yighilip bolghuche, Rut Boazning dédekliri bilen yürüp bashaq terdi. U qéynanisi bilen bille turuwerdi.
شۇنىڭ بىلەن ئارپا ۋە بۇغداي ھوسۇلى يىغىلىپ بولغۇچە، رۇت بوئازنىڭ دېدەكلىرى بىلەن يۈرۈپ باشاق تەردى. ئۇ قېينئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇۋەردى.

< Rut 2 >