< Zebur 91 >

1 Eng Aliy Bolghuchining mexpiy jayida turghuchi, Hemmige qadirning sayiside aramxuda yashaydu.
ئەڭ ئالىي بولغۇچىنىڭ مەخپىي جايىدا تۇرغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ سايىسىدە ئارامخۇدا ياشايدۇ.
2 Men Perwerdigarni: — «Méning bashpanahim, Méning qorghinim; Méning Xudayim, Uninggha tayinimen» — deymen.
مەن پەرۋەردىگارنى: ــ «مېنىڭ باشپاناھىم، مېنىڭ قورغىنىم؛ مېنىڭ خۇدايىم، ئۇنىڭغا تايىنىمەن» ــ دەيمەن.
3 Berheq, U qiltaqchining toziqidin séni qutulduridu, Shum waba-qazadin hem xalas étidu.
بەرھەق، ئۇ قىلتاقچىنىڭ توزىقىدىن سېنى قۇتۇلدۇرىدۇ، شۇم ۋابا-قازادىن ھەم خالاس ئېتىدۇ.
4 U peyliri bilen séni yapidu; Qanatliri astida panah tapisen; Uning heqiqiti sanga qalqan hem istihkamdur.
ئۇ پەيلىرى بىلەن سېنى ياپىدۇ؛ قاناتلىرى ئاستىدا پاناھ تاپىسەن؛ ئۇنىڭ ھەقىقىتى ساڭا قالقان ھەم ئىستىھكامدۇر.
5 Sen ne kéchidiki wehimidin, Ne kündüzi uchuwatqan oqtin,
سەن نە كېچىدىكى ۋەھىمىدىن، نە كۈندۈزى ئۇچۇۋاتقان ئوقتىن،
6 Ne qarangghuluqta kezgüchi wabadin, Ne chüsh waqtida weyranchiliq qilghuchi halakettin qorqmaysen.
نە قاراڭغۇلۇقتا كەزگۈچى ۋابادىن، نە چۈش ۋاقتىدا ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى ھالاكەتتىن قورقمايسەن.
7 Séning yéningda mingi yiqilip, Ong yéqingda on mingi ghulap chüshsimu, Lékin bala-qaza sanga yéqinlashmaydu.
سېنىڭ يېنىڭدا مىڭى يىقىلىپ، ئوڭ يېقىڭدا ئون مىڭى غۇلاپ چۈشسىمۇ، لېكىن بالا-قازا ساڭا يېقىنلاشمايدۇ.
8 Sen peqet közliring bilen béqip, Pasiqlargha bérilgen jazani körisen.
سەن پەقەت كۆزلىرىڭ بىلەن بېقىپ، پاسىقلارغا بېرىلگەن جازانى كۆرىسەن.
9 Perwerdigarni panahim dep bilgining üchün, Hemmidin Aliy Bolghuchini makan qilghining üchün,
پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن،
10 Béshinggha héch palaket chüshmeydu, Héch waba chédiringgha yéqinlashmaydu.
بېشىڭغا ھېچ پالاكەت چۈشمەيدۇ، ھېچ ۋابا چېدىرىڭغا يېقىنلاشمايدۇ.
11 U Öz perishtilirige séning heqqingde emr qilidu, Shuning bilen ular pütkül yolliringda séni saqlaydu.
ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل يوللىرىڭدا سېنى ساقلايدۇ.
12 Ayighing tashqa urulup ketmesliki üchün, Ular séni qollirida kötürüp yüridu.
ئايىغىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ.
13 Shir we kobra yilan üstidin bésip ötisen, Arslan we ejdihani dessep-cheyleysen.
شىر ۋە كوبرا يىلان ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتىسەن، ئارسلان ۋە ئەجدىھانى دەسسەپ-چەيلەيسەن.
14 «U Manga muhebbitini baghlighanliqi üchün, Men uni qutuldurimen; U namimni ten alghini üchün yuqirida saqlaymen.
«ئۇ ماڭا مۇھەببىتىنى باغلىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنى قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇ نامىمنى تەن ئالغىنى ئۈچۈن يۇقىرىدا ساقلايمەن.
15 U Manga nida qilidu, Men uninggha jawab bérimen; Éghir kün uni basqanda uning bilen bille bolimen; Men uni xalas qilip, izzet-hörmetke sazawer qilimen.
ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛ ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛ مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن.
16 Uzaq ömür bilen uni qandurimen, Hem nijatliqimni uninggha körsitimen».
ئۇزاق ئۆمۈر بىلەن ئۇنى قاندۇرىمەن، ھەم نىجاتلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن».

< Zebur 91 >