< Zebur 63 >

1 Dawut yazghan küy (u Yehudadiki chöl-bayawanda bolghan chaghda yézilghan): — I Xuda, Sen méning ilahimdursen, Teshnaliq bilen Séni izdidim! Men qurghaq, changqaq, susiz zéminda turup, Jénim Sanga intizar, etlirim telmürüp intilarki —
داۋۇت يازغان كۈي (ئۇ يەھۇدادىكى چۆل-باياۋاندا بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، تەشنالىق بىلەن سېنى ئىزدىدىم! مەن قۇرغاق، چاڭقاق، سۇسىز زېمىندا تۇرۇپ، جېنىم ساڭا ئىنتىزار، ئەتلىرىم تەلمۈرۈپ ئىنتىلاركى ــ
2 Muqeddes jayingda Sanga köz tikip qarighinimdek, Men yene zor qudriting we ulughluqungni körsem!
مۇقەددەس جايىڭدا ساڭا كۆز تىكىپ قارىغىنىمدەك، مەن يەنە زور قۇدرىتىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەم!
3 Özgermes muhebbiting hayattinmu ezizdur; Lewlirim Séni medhiyileydu;
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھاياتتىنمۇ ئەزىزدۇر؛ لەۋلىرىم سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛
4 Shu sewebtin tirik bolsamla, Sanga teshekkür-medhiye oquymen, Séning namingda qollirimni kötürimen.
شۇ سەۋەبتىن تىرىك بولساملا، ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيمەن، سېنىڭ نامىڭدا قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن.
5 Jénim nazunémetlerdin hem mayliq göshlerdin qanaetlen’gendek qanaetlendi; Aghzim échilip xush lewlirim Sanga medhiyilerni yangritidu;
جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ خۇش لەۋلىرىم ساڭا مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ؛
6 Ornumda yétip Séni esliginimde, Tün kéchilerde Séni séghinip oylinimen.
ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە، تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
7 Chünki Sen manga yardemde bolup kelgensen; Séning qaniting sayiside shad-xuramliqta naxshilarni yangritimen.
چۈنكى سەن ماڭا ياردەمدە بولۇپ كەلگەنسەن؛ سېنىڭ قانىتىڭ سايىسىدە شاد-خۇراملىقتا ناخشىلارنى ياڭرىتىمەن.
8 Méning jénim Sanga ching chapliship mangidu, Séning ong qolung méni yölimekte.
مېنىڭ جېنىم ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ماڭىدۇ، سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىمەكتە.
9 Biraq jénimni yoqitishqa izdewatqanlar yer tektilirige chüshüp kétidu.
بىراق جېنىمنى يوقىتىشقا ئىزدەۋاتقانلار يەر تەكتىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.
10 Ularning qéni qilich tighida tökülidu, Ular chilbörilerge yem bolidu.
ئۇلارنىڭ قېنى قىلىچ تىغىدا تۆكۈلىدۇ، ئۇلار چىلبۆرىلەرگە يەم بولىدۇ.
11 Lékin padishah Xudadin shadlinidu; Uning nami bilen qesem qilghanlarning hemmisi rohlinip shadlinidu; Chünki yalghan sözligüchilerning zuwani tuwaqlinidu.
لېكىن پادىشاھ خۇدادىن شادلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى روھلىنىپ شادلىنىدۇ؛ چۈنكى يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ زۇۋانى تۇۋاقلىنىدۇ.

< Zebur 63 >