< Zebur 147 >

1 Hemdusana! Yahni medhiyilenglar! Berheq, bundaq qilish shérindur; Xudayimizni küylenglar! Medhiye oqush insan’gha yarishidu.
ھەمدۇسانا! ياھنى مەدھىيىلەڭلار! بەرھەق، بۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛ خۇدايىمىزنى كۈيلەڭلار! مەدھىيە ئوقۇش ئىنسانغا يارىشىدۇ.
2 Perwerdigar Yérusalémni bina qilmaqta; Israilning sürgün qilin’ghanlirini U yighip kélidu;
پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى بىنا قىلماقتا؛ ئىسرائىلنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىرىنى ئۇ يىغىپ كېلىدۇ؛
3 U köngli sunuqlarni dawalaydu; Ularning yarilirini tangidu.
ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ.
4 U yultuzlarning sanini sanaydu; Ularning hemmisige bir-birlep isim qoyidu.
ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى سانايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ ئىسىم قويىدۇ.
5 Ulughdur Rebbimiz, zor qudretliktur; Uning chüshinishi cheksizdur.
ئۇلۇغدۇر رەببىمىز، زور قۇدرەتلىكتۇر؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چەكسىزدۇر.
6 Perwerdigar yawash möminlerni yölep kötüridu; Rezillerni yergiche töwen qilidu.
پەرۋەردىگار ياۋاش مۆمىنلەرنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ رەزىللەرنى يەرگىچە تۆۋەن قىلىدۇ.
7 Perwerdigargha teshekkürler bilen naxsha éytinglar; Küylerni chiltargha tengshep éytinglar!
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈرلەر بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار؛ كۈيلەرنى چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتىڭلار!
8 U asmanni bulutlar bilen qaplitidu, Zémin’gha yamghurni békitidu, Taghlarda ot-chöplerni östüridu;
ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلار بىلەن قاپلىتىدۇ، زېمىنغا يامغۇرنى بېكىتىدۇ، تاغلاردا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈرىدۇ؛
9 Mallargha ozuq, Tagh qaghisining chüjiliri zarlighanda, ulargha ozuq béridu;
ماللارغا ئوزۇق، تاغ قاغىسىنىڭ چۈجىلىرى زارلىغاندا، ئۇلارغا ئوزۇق بېرىدۇ؛
10 At küchidin U zoq almaydu; Ademning chebdes putlirini xursenlik dep bilmeydu;
ئات كۈچىدىن ئۇ زوق ئالمايدۇ؛ ئادەمنىڭ چەبدەس پۇتلىرىنى خۇرسەنلىك دەپ بىلمەيدۇ؛
11 Perwerdigar belki Özidin eyminidighanlarni, Özining özgermes muhebbitige ümid baghlighanlarni xursenlik dep bilidu.
پەرۋەردىگار بەلكى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ.
12 Perwerdigarni maxtanglar, i Yérusalém; Xudayingni medhiyile, i Zion.
پەرۋەردىگارنى ماختاڭلار، ئى يېرۇسالېم؛ خۇدايىڭنى مەدھىيىلە، ئى زىئون.
13 Chünki U derwaziliringning taqaqlirini mehkem qilidu; Séningde turuwatqan perzentliringge bext-beriket berdi.
چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرىڭنىڭ تاقاقلىرىنى مەھكەم قىلىدۇ؛ سېنىڭدە تۇرۇۋاتقان پەرزەنتلىرىڭگە بەخت-بەرىكەت بەردى.
14 U chet-chégraliringda aram-tinchliq yürgüzidu, Séni bughdayning ésili bilen qanaetlendüridu.
ئۇ چەت-چېگرالىرىڭدا ئارام-تىنچلىق يۈرگۈزىدۇ، سېنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن قانائەتلەندۈرىدۇ.
15 U Öz emr-bésharetlirini yer yüzige ewetidu; Uning söz-kalami intayin téz yügüridu.
ئۇ ئۆز ئەمر-بېشارەتلىرىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئىنتايىن تېز يۈگۈرىدۇ.
16 U aq qarni yungdek béridu, Qirawni küllerdek tarqitidu.
ئۇ ئاق قارنى يۇڭدەك بېرىدۇ، قىراۋنى كۈللەردەك تارقىتىدۇ.
17 Uning muzini nan uwaqliridek qilip parchiliwétidu; Uning soghuqi aldida kim turalisun?
ئۇنىڭ مۇزىنى نان ئۇۋاقلىرىدەك قىلىپ پارچىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ سوغۇقى ئالدىدا كىم تۇرالىسۇن؟
18 U sözini ewetip, ularni éritidu; Uning shamilini chiqirip, sularni aqquzidu.
ئۇ سۆزىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئېرىتىدۇ؛ ئۇنىڭ شامىلىنى چىقىرىپ، سۇلارنى ئاققۇزىدۇ.
19 U Öz söz-kalamini Yaqupqa, Belgilimilirini hem hökümlirini Israilgha ayan qilidu;
ئۇ ئۆز سۆز-كالامىنى ياقۇپقا، بەلگىلىمىلىرىنى ھەم ھۆكۈملىرىنى ئىسرائىلغا ئايان قىلىدۇ؛
20 U bashqa héchbir elge mundaq muamile qilmighandur; Uning hökümlirini bolsa, ular bilip baqqan emes. Hemdusana!
ئۇ باشقا ھېچبىر ئەلگە مۇنداق مۇئامىلە قىلمىغاندۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بولسا، ئۇلار بىلىپ باققان ئەمەس. ھەمدۇسانا!

< Zebur 147 >