< Zebur 112 >

1 Hemdusana! Perwerdigardin eyminidighan, Uning emrlirini zor xursenlik dep bilidighan adem bextliktur!
ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر!
2 Uning nesli zéminda turup küch-qudretlik bolidu; Duruslarning dewri bextlik bolidu.
ئۇنىڭ نەسلى زېمىندا تۇرۇپ كۈچ-قۇدرەتلىك بولىدۇ؛ دۇرۇسلارنىڭ دەۋرى بەختلىك بولىدۇ.
3 Uning öyide dölet hem bayliqlar bolidu; Heqqaniyliqi menggüge turidu.
ئۇنىڭ ئۆيىدە دۆلەت ھەم بايلىقلار بولىدۇ؛ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ.
4 Qarangghuluqta turghan durus ademge nur peyda bolidu; U shepqetlik, rehimdil hem heqqaniydur.
قاراڭغۇلۇقتا تۇرغان دۇرۇس ئادەمگە نۇر پەيدا بولىدۇ؛ ئۇ شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم ھەققانىيدۇر.
5 Xeyrxah, ötne bérip turidighan ademning bexti bolidu; U öz ishlirini adilliq bilen yürgüzidu.
خەيرخاھ، ئۆتنە بېرىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بەختى بولىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ.
6 Berheq, u ebediy tewritilmeydu; Heqqaniy adem menggüge eslinidu.
بەرھەق، ئۇ ئەبەدىي تەۋرىتىلمەيدۇ؛ ھەققانىي ئادەم مەڭگۈگە ئەسلىنىدۇ.
7 U shum xewerdin qorqmaydu; Uning köngli toq halda, Perwerdigargha tayan’ghan.
ئۇ شۇم خەۋەردىن قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ كۆڭلى توق ھالدا، پەرۋەردىگارغا تايانغان.
8 Dili mehkem qilin’ghan, u qorqmaydu; Axirida u reqiblirining meghlubiyitini köridu.
دىلى مەھكەم قىلىنغان، ئۇ قورقمايدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ رەقىبلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىدۇ.
9 U öziningkini merdlerche tarqatqan, Yoqsullargha béridu; Uning heqqaniyliqi menggüge turidu; Uning münggüzi izzet-shöhret bilen kötürülidu.
ئۇ ئۆزىنىڭكىنى مەردلەرچە تارقاتقان، يوقسۇللارغا بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئىززەت-شۆھرەت بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ.
10 Rezil adem buni körüp chidimaydu, Chishlirini ghujurlitidu, u érip kétidu; Rezillerning arzu-hewisi yoqitilidu.
رەزىل ئادەم بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ، چىشلىرىنى غۇجۇرلىتىدۇ، ئۇ ئېرىپ كېتىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى يوقىتىلىدۇ.

< Zebur 112 >