< Pend-nesihetler 31 >

1 Töwendikiler, padishah Lemuelge uning anisi arqiliq wehiy bilen kelgen sözlerdur; anisi bu sözlerni uninggha ögetken:
تۆۋەندىكىلەر، پادىشاھ لەمۇئەلگە ئۇنىڭ ئانىسى ئارقىلىق ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر؛ ئانىسى بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن:
2 I oghlum, i méning amriqim, qesemler bilen tiligen arzuluqum, men sanga néme dey?
ئى ئوغلۇم، ئى مېنىڭ ئامرىقىم، قەسەملەر بىلەن تىلىگەن ئارزۇلۇقۇم، مەن ساڭا نېمە دەي؟
3 Küch-quwwitingni ayal-xotunlar teripige serp qilmighin; Yaki padishahlarnimu weyran qilidighan ishlargha bérilgüchi bolma!
كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە سەرپ قىلمىغىن؛ ياكى پادىشاھلارنىمۇ ۋەيران قىلىدىغان ئىشلارغا بېرىلگۈچى بولما!
4 I Lemuel, sharab ichish padishahlargha layiq emes, Emirlergimu haraqqa xumar bolush yarashmas.
ئى لەمۇئەل، شاراب ئىچىش پادىشاھلارغا لايىق ئەمەس، ئەمىرلەرگىمۇ ھاراققا خۇمار بولۇش ياراشماس.
5 Bolmisa ular sharab ichip, [muqeddes] belgilimilerni untup, Bozek bendilerning heqqini astin-üstün qiliwétishi mumkin.
بولمىسا ئۇلار شاراب ئىچىپ، [مۇقەددەس] بەلگىلىمىلەرنى ئۇنتۇپ، بوزەك بەندىلەرنىڭ ھەققىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
6 Küchlük haraq ölgüsi kelgenlerge, hesretke chömgenlerge bérilsun!
كۈچلۈك ھاراق ئۆلگۈسى كەلگەنلەرگە، ھەسرەتكە چۆمگەنلەرگە بېرىلسۇن!
7 Ular sharabni ichip, miskinlikini untup, Qaytidin derd-elimini ésige keltürmisun!
ئۇلار شارابنى ئىچىپ، مىسكىنلىكىنى ئۇنتۇپ، قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن!
8 Özliri üchün gep qilalmaydighanlargha aghzingni achqin, Halak bolay dégenlerning dewaside gep qil.
ئۆزلىرى ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغانلارغا ئاغزىڭنى ئاچقىن، ھالاك بولاي دېگەنلەرنىڭ دەۋاسىدە گەپ قىل.
9 Süküt qilma, ular üchün lilla höküm qil, Ézilgenlerning we miskinlerning derdige derman bol.
سۈكۈت قىلما، ئۇلار ئۈچۈن لىللا ھۆكۈم قىل، ئېزىلگەنلەرنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بول.
10 Peziletlik ayalni kim tapalaydu? Uning qimmiti leel-yaqutlardinmu zor éship chüshidu.
پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟ ئۇنىڭ قىممىتى لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ زور ئېشىپ چۈشىدۇ.
11 Érining köngli uninggha tayinip xatirjem turidu, U bolghachqa érining alghan oljisi kem emestur!
ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنىپ خاتىرجەم تۇرىدۇ، ئۇ بولغاچقا ئېرىنىڭ ئالغان ئولجىسى كەم ئەمەستۇر!
12 U ömür boyi érige wapadar bolup yaxshiliq qilidu, Uni ziyan’gha uchratmaydu.
ئۇ ئۆمۈر بويى ئېرىگە ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئۇنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ.
13 U qoy yungi we kendir tépip, Öz qoli bilen jan dep ejir qilidu.
ئۇ قوي يۇڭى ۋە كەندىر تېپىپ، ئۆز قولى بىلەن جان دەپ ئەجىر قىلىدۇ.
14 U soda kémilirige oxshash, [Ailini béqishtiki] ozuq-tülüklerni yiraq jaylardin toshuydu.
ئۇ سودا كېمىلىرىگە ئوخشاش، [ئائىلىنى بېقىشتىكى] ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى يىراق جايلاردىن توشۇيدۇ.
15 Tang yorumasta u ornidin turidu, Ailisidikilerge yémeklik teyyarlaydu, Xizmetkar-dédeklerge nésiwisini teqsim qilidu.
: تاڭ يورۇماستا ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەكلىك تەييارلايدۇ، خىزمەتكار-دېدەكلەرگە نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ.
16 U bir parche étizni özi körüp alidu; Qoli bilen yighqan daramettin u bir üzümzar bina qilidu.
ئۇ بىر پارچە ئېتىزنى ئۆزى كۆرۈپ ئالىدۇ؛ قولى بىلەن يىغقان دارامەتتىن ئۇ بىر ئۈزۈمزار بىنا قىلىدۇ.
17 [Ishqa qarap] u bélini küch bilen baghlar, Bileklirini küchlendürer;
[ئىشقا قاراپ] ئۇ بېلىنى كۈچ بىلەن باغلار، بىلەكلىرىنى كۈچلەندۈرەر؛
18 Öz ishining paydiliqliqigha közi yéter, Kéchiche chirighini öchürmey ish qilar.
ئۆز ئىشىنىڭ پايدىلىقلىقىغا كۆزى يېتەر، كېچىچە چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ئىش قىلار.
19 U qolliri bilen chaqni chörer, Barmaqliri yip urchuqini tutar.
ئۇ قوللىرى بىلەن چاقنى چۆرەر، بارماقلىرى يىپ ئۇرچۇقىنى تۇتار.
20 Ajizlargha yardem qolini uzitar; Hajetmenlerge qollirini sozar.
ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتار؛ ھاجەتمەنلەرگە قوللىرىنى سوزار.
21 Qar yaghqanda u ailisi toghruluq endishe qilmaydu, Öyidikilerning hemmisige qizil kiyimler kiydürülgen.
قار ياغقاندا ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلمايدۇ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن.
22 Kariwat yapquchlirini özi toquydu; Özining kiyim-kéchekliri kanap we sösün rexttindur.
كارىۋات ياپقۇچلىرىنى ئۆزى توقۇيدۇ؛ ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كاناپ ۋە سۆسۈن رەختتىندۇر.
23 Érining sheher derwazilirida abruyi bar; Shu yerde u yurttiki aqsaqallar qataridin orun alidu.
ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار؛ شۇ يەردە ئۇ يۇرتتىكى ئاقساقاللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
24 U nepis kanaptin kiyim-kéchek tikip uni satidu; Belwaghlarni tikip sodigerlerni teminleydu.
ئۇ نەپىس كاناپتىن كىيىم-كېچەك تىكىپ ئۇنى ساتىدۇ؛ بەلۋاغلارنى تىكىپ سودىگەرلەرنى تەمىنلەيدۇ.
25 Kiyimi küch-qudret we izzet-hörmettur; U kélechekke ümid bilen külüp qaraydu.
كىيىمى كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتۇر؛ ئۇ كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن كۈلۈپ قارايدۇ.
26 Aghzini achsila, dana söz qilidu, Tilida méhribane nesihetler bar.
ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ، تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار.
27 Ailisidiki ishlardin daim xewer alidu, Bikargha nan yémeydu.
ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن دائىم خەۋەر ئالىدۇ، بىكارغا نان يېمەيدۇ.
28 Perzentliri ornidin turup uninggha bext-beriket tileydu; Érimu mubareklep uni maxtap: —
پەرزەنتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛ ئېرىمۇ مۇبارەكلەپ ئۇنى ماختاپ: ــ
29 «Pezilet bilen yashighan ayallar köptur, Biraq sen ularning hemmisidinmu éship chüshisen» — deydu.
«پەزىلەت بىلەن ياشىغان ئاياللار كۆپتۇر، بىراق سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىسەن» ــ دەيدۇ.
30 Güzellik séhri aldamchidur, Hösn-jamalmu peqet bir köpük, xalas, Peqet Perwerdigardin qorqidighan ayalla maxtilidu!
گۈزەللىك سېھرى ئالدامچىدۇر، ھۆسن-جامالمۇ پەقەت بىر كۆپۈك، خالاس، پەقەت پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان ئاياللا ماختىلىدۇ!
31 U öz méhnitining méwiliridin behrimen bolsun! Ejirliri uni derwazilarda hörmet-shöhretke érishtürsun!
ئۇ ئۆز مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولسۇن! ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن!

< Pend-nesihetler 31 >