< Chöl-bayawandiki seper 13 >

1 Perwerdigar Musagha söz qilip: —
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
2 Men Israillargha miras qilip bergen Qanaan zéminini charlap kélishke ademlerni ewetkin; herbir ata jemetke tewe qebilidin birdin adem chiqirilsun, ular öz qebilisidiki emir bolsun, — dédi.
مەن ئىسرائ‍ىللارغا مىراس قىلىپ بەرگەن قانائان زېمىنىنى چارلاپ كېلىشكە ئادەملەرنى ئەۋەتكىن؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە تەۋە قەبىلىدىن بىردىن ئادەم چىقىرىلسۇن، ئۇلار ئۆز قەبىلىسىدىكى ئەمىر بولسۇن، — دېدى.
3 Musa Perwerdigarning emri boyiche, ularni Paran chölidin yolgha saldi; ularning hemmisi Israillarning bashliri idi.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلارنى پاران چۆلىدىن يولغا سالدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائ‍ىللارنىڭ باشلىرى ئىدى.
4 Töwendikiler ularning isimliri: — Ruben qebilisidin Zakkurning oghli Shammuya,
تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن زاككۇرنىڭ ئوغلى شاممۇيا،
5 Shiméon qebilisidin Xorining oghli Shafat,
شىمېئون قەبىلىسىدىن خورىنىڭ ئوغلى شافات،
6 Yehuda qebilisidin Yefunnehning oghli Kaleb,
يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب،
7 Issakar qebilisidin Yüsüpning oghli Igal,
ئىسساكار قەبىلىسىدىن يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىگال،
8 Efraim qebilisidin Nunning oghli Hoshiya,
ئەفرائىم قەبىلىسىدىن نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا،
9 Binyamin qebilisidin Rafuning oghli Palti,
بىنيامىن قەبىلىسىدىن رافۇنىڭ ئوغلى پالتى،
10 Zebulun qebilisidin Sodining oghli Gaddiyel,
زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن سودىنىڭ ئوغلى گاددىيەل،
11 Yüsüp qebilisidin, yeni Manasseh qebilisidin Susining oghli Gaddi,
يۈسۈپ قەبىلىسىدىن، يەنى ماناسسەھ قەبىلىسىدىن سۇسىنىڭ ئوغلى گاددى،
12 Dan qebilisidin Gimallining oghli Ammiyel,
دان قەبىلىسىدىن گىماللىنىڭ ئوغلى ئاممىيەل،
13 Ashir qebilisidin Mikailning oghli Setur,
ئاشىر قەبىلىسىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى سەتۇر،
14 Naftali qebilisidin Wofsining oghli Nahbi,
نافتالى قەبىلىسىدىن ۋوفسىنىڭ ئوغلى ناھبى،
15 Gad qebilisidin Makining oghli Géuel.
گاد قەبىلىسىدىن ماكىنىڭ ئوغلى گېئۇئەل.
16 Mana bular Musa charlap kélinglar dep Qanaan zéminigha ewetken ademlerning ismi. Musa Nunning oghli Hoshiyani Yehoshuya dep atidi.
مانا بۇلار مۇسا چارلاپ كېلىڭلار دەپ قانائان زېمىنىغا ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ ئىسمى. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيانى يەھوشۇيا دەپ ئاتىدى.
17 Musa ularni charlap kélishke Qanaan’gha seperwer qilip: — Siler mushu yerdin Negew chöli terepke qarap ménginglar, andin taghliq rayon’gha chiqinglar.
مۇسا ئۇلارنى چارلاپ كېلىشكە قانائانغا سەپەرۋەر قىلىپ: — سىلەر مۇشۇ يەردىن نەگەۋ چۆلى تەرەپكە قاراپ مېڭىڭلار، ئاندىن تاغلىق رايونغا چىقىڭلار.
18 U yerning qandaq ikenlikini, u yerdikilerning küchlük-ajizliqini, az yaki köplükini körüp béqinglar;
ئۇ يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ بېقىڭلار؛
19 ular turuwatqan yerning qandaq ikenlikini, yaxshi-yamanliqini körünglar; ular turuwatqan sheherlerning qandaq ikenlikini, bargahliq sheher yaki sépil-qelelik sheher ikenlikini;
ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ياخشى-يامانلىقىنى كۆرۈڭلار؛ ئۇلار تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، بارگاھلىق شەھەر ياكى سېپىل-قەلئەلىك شەھەر ئىكەنلىكىنى؛
20 u yerning munbet yaki munbetsiz ikenlikini, del-derexlirining bar-yoqluqini körüp kélinglar. Yüreklikrek bolup, méwe-chiwiliridin alghach kélinglar, — dédi. Bu chagh del üzüm piship qalghan waqit idi.
ئۇ يەرنىڭ مۇنبەت ياكى مۇنبەتسىز ئىكەنلىكىنى، دەل-دەرەخلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. يۈرەكلىكرەك بولۇپ، مېۋە-چىۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىڭلار، — دېدى. بۇ چاغ دەل ئۈزۈم پىشىپ قالغان ۋاقىت ئىدى.
21 Ular shu tereplerge chiqip, zéminni Zin chölidin tartip taki Hamat éghizining yénidiki Rehobqiche bérip charlashti.
ئۇلار شۇ تەرەپلەرگە چىقىپ، زېمىننى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى ھامات ئېغىزىنىڭ يېنىدىكى رەھوبقىچە بېرىپ چارلاشتى.
22 Ular jenub terepte Hébron’gha bardi, u yerlerde Anaqiylarning ewladliridin Ahiman, Shishay, Talmay dégenler olturushluq idi. Eslide Hébron shehiri Misirdiki Zoan shehiridin yette yil ilgiri yasalghanidi.
ئۇلار جەنۇب تەرەپتە ھېبرونغا باردى، ئۇ يەرلەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاھىمان، شىشاي، تالماي دېگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. ئەسلىدە ھېبرون شەھىرى مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى ياسالغانىدى.
23 Ular «Eshkol jilghisi»gha keldi, u yerde bir sap üzümi bar bir üzüm shéxini késip, bir baldaqqa ésip ikki ademge kötürgüzüp mangdi; ular azraq anar bilen enjürmu élip qaytip keldi.
ئۇلار «ئەشكول جىلغىسى»غا كەلدى، ئۇ يەردە بىر ساپ ئۈزۈمى بار بىر ئۈزۈم شېخىنى كېسىپ، بىر بالداققا ئېسىپ ئىككى ئادەمگە كۆتۈرگۈزۈپ ماڭدى؛ ئۇلار ئازراق ئانار بىلەن ئەنجۈرمۇ ئېلىپ قايتىپ كەلدى.
24 Israillar shu yerde késiwalghan eshu üzüm sewebidin u yer «Eshkol jilghisi» («[üzüm sapiqi jilghisi]») dep ataldi.
ئىسرائ‍ىللار شۇ يەردە كېسىۋالغان ئەشۇ ئۈزۈم سەۋەبىدىن ئۇ يەر «ئەشكول جىلغىسى» ‹«[ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى]»› دەپ ئاتالدى.
25 Ular qiriq kündin kéyin u yerlerni charlap tügitip, qaytip keldi.
ئۇلار قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇ يەرلەرنى چارلاپ تۈگىتىپ، قايتىپ كەلدى.
26 Ular kélip, Paran chöllükidiki Qadeshte Musa, Harun we pütün Israil jamaiti bilen körüshti. Ular ikkiylen’ge hem pütkül Israil jamaitige melumat berdi hem zéminning méwilirini ulargha körsetti.
ئۇلار كېلىپ، پاران چۆللۈكىدىكى قادەشتە مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئىككىيلەنگە ھەم پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە مەلۇمات بەردى ھەم زېمىننىڭ مېۋىلىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى.
27 Ular Musagha melumat bérip: — Biz özliri béringlar dégen yerlerge barduq, rasttinla süt bilen hesel éqip turidighan yer iken, mana bular shu yerning méwiliri.
ئۇلار مۇساغا مەلۇمات بېرىپ: — بىز ئۆزلىرى بېرىڭلار دېگەن يەرلەرگە باردۇق، راستتىنلا سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يەر ئىكەن، مانا بۇلار شۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى.
28 Biraq u yerdikiler bek küchtünggür iken, sheherler sépilliq bolup hem puxta-heywetlik iken. Uning üstige, biz u yerde Anaqiylarning ewladlirinimu körduq.
بىراق ئۇ يەردىكىلەر بەك كۈچتۈڭگۈر ئىكەن، شەھەرلەر سېپىللىق بولۇپ ھەم پۇختا-ھەيۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئۇ يەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق.
29 Amalekler jenub terepte turidiken; Hittiylar, Yebusiylar, Amoriylar taghlarda turidiken; Qanaaniylar déngiz boylirida we Iordan deryasi boylirida turidiken, — dédi.
ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپتە تۇرىدىكەن؛ ھىتتىيلار، يەبۇسىيلار، ئامورىيلار تاغلاردا تۇرىدىكەن؛ قانائانىيلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويلىرىدا تۇرىدىكەن، — دېدى.
30 Kaleb Musaning aldida köpchilikni tinchitip: — Biz derhal atlinip bérip u yerni igileyli! Chünki biz choqum ghalip kélimiz — dédi.
كالەب مۇسانىڭ ئالدىدا كۆپچىلىكنى تىنچىتىپ: — بىز دەرھال ئاتلىنىپ بېرىپ ئۇ يەرنى ئىگىلەيلى! چۈنكى بىز چوقۇم غالىپ كېلىمىز — دېدى.
31 Lékin uning bilen bille chiqqan bashqilar bolsa: — Ular bizdin küchlük iken, shunga ulargha hujum qilsaq bolmaydu, — déyishti.
لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان باشقىلار بولسا: — ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك ئىكەن، شۇڭا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلساق بولمايدۇ، — دېيىشتى.
32 Andin charlighuchilar özliri charlap kelgen zéminning ehwalidin Israillargha yaman melumat bérip: — Biz kirip charlap ötken zémin bolsa öz ahalisini yeydighan zémin iken; biz u yerde körgenlerning hemmisi yoghan ademler iken.
ئاندىن چارلىغۇچىلار ئۆزلىرى چارلاپ كەلگەن زېمىننىڭ ئەھۋالىدىن ئىسرائ‍ىللارغا يامان مەلۇمات بېرىپ: — بىز كىرىپ چارلاپ ئۆتكەن زېمىن بولسا ئۆز ئاھالىسىنى يەيدىغان زېمىن ئىكەن؛ بىز ئۇ يەردە كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوغان ئادەملەر ئىكەن.
33 Biz u yerlerde «Nefiliyler» dégen [gigant] ademlerni körduq (derweqe Anaqiylarning ewladliri Nefiliylerdin chiqqandur); biz özimizge qarisaq chéketkidek turidikenmiz, biz ularghimu shundaq körinidikenmiz, — dédi.
بىز ئۇ يەرلەردە «نەفىلىيلەر» دېگەن [گىگانت] ئادەملەرنى كۆردۇق ‹دەرۋەقە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى نەفىلىيلەردىن چىققاندۇر›؛ بىز ئۆزىمىزگە قارىساق چېكەتكىدەك تۇرىدىكەنمىز، بىز ئۇلارغىمۇ شۇنداق كۆرىنىدىكەنمىز، — دېدى.

< Chöl-bayawandiki seper 13 >