< Matta 8 >

1 U taghdin chüshkende, top-top kishiler uninggha egiship mangdi.
ئۇ تاغدىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
2 We mana, maxaw késili bar bolghan bir kishi uning aldigha kélip, béshini yerge urup tizlinip: — Teqsir, eger xalisingiz, méni késilimdin pak qilalaysiz! — dédi.
ۋە مانا، ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ تىزلىنىپ: ــ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دېدى.
3 Eysa uninggha qolini tegküzüp turup: — Xalaymen, pak bolghin! — déwidi, bu ademning maxaw késili shuan pak bolup saqaydi.
ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ خالايمەن، پاك بولغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى شۇئان پاك بولۇپ ساقايدى.
4 Eysa uninggha: — Hazir bu ishni héchkimge éytma, belki udul bérip kahin’gha özüngni körsitip, ularda bir guwahliq bolush üchün, Musa bu ishta emr qilghan hediye-qurbanliqni sun’ghin, — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغان ھەدىيە-قۇربانلىقنى سۇنغىن، ــ دېدى.
5 U Kepernahum shehirige barghanda, [rimliq] bir yüzbéshi uning aldigha kélip, uningdin yélinip:
ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، [رىملىق] بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن يېلىنىپ:
6 — Teqsir, chakirim palech bolup qélip, bek azablinip öyde yatidu, — dédi.
ــ تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، بەك ئازابلىنىپ ئۆيدە ياتىدۇ، ــ دېدى.
7 Men bérip uni saqaytip qoyay, — dédi Eysa.
مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ قوياي، ــ دېدى ئەيسا.
8 Yüzbéshi jawaben: — Teqsir, torusumning astigha kirishingizge layiq emesmen. Peqet bir éghizla söz qilip qoysingiz, chakirim saqiyip kétidu.
يۈزبېشى جاۋابەن: ــ تەقسىر، تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كىرىشىڭىزگە لايىق ئەمەسمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ.
9 Chünki menmu bashqa birsining hoquqi astidiki ademmen, méning qol astimda leshkerlirim bar. Birige bar désem baridu, birige kel désem, kélidu. Qulumgha bu ishni qil désem, u shu ishni qilidu, — dédi.
چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، مېنىڭ قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى.
10 Eysa bu geplerni anglap, heyran boldi. Özi bille kelgenlerge: — Men silerge shuni berheq éytip qoyayki, bundaq ishenchni hetta Israillar arisidimu tapalmighanidim.
ئەيسا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولدى. ئۆزى بىللە كەلگەنلەرگە: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇنداق ئىشەنچنى ھەتتا ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ تاپالمىغانىدىم.
11 Silerge shuni éytayki, nurghun kishiler künchiqish we künpétishtin kélip, ersh padishahliqida Ibrahim, Ishaq we Yaquplar bilen bir dastixanda olturidu.
سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن كىشىلەر كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدا ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ.
12 Lékin bu padishahliqning öz perzentliri bolsa, sirtta qarangghuluqqa tashlinip, u yerde yigha-zarlar kötüridu, chishlirini ghuchurlitidu, — dédi.
لېكىن بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى بولسا، سىرتتا قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىپ، ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ــ دېدى.
13 Andin, Eysa yüzbéshigha: — Öyüngge qayt, ishen’giningdek sen üchün shundaq qilinidu, dédi. Héliqi chakarning késili shu peytte saqaytildi.
ئاندىن، ئەيسا يۈزبېشىغا: ــ ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك سەن ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇ پەيتتە ساقايتىلدى.
14 Eysa Pétrusning öyige barghanda, Pétrusning qéynanisining qizip orun tutup yétip qalghinini kördi.
ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينئانىسىنىڭ قىزىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىنى كۆردى.
15 U uning qolini tutiwidi, uning qizitmisi yandi. [Ayal] derhal ornidin turup, Eysani kütüshke bashlidi.
ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ياندى. [ئايال] دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى.
16 Kech kirgende, kishiler jin chaplashqan nurghun ademlerni uning aldigha élip kélishti. U bir éghiz söz bilenla jinlarni heydiwetti we barliq késellerni saqaytti.
كەچ كىرگەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىنلارنى ھەيدىۋەتتى ۋە بارلىق كېسەللەرنى ساقايتتى.
17 Buning bilen, Yeshaya peyghember arqiliq yetküzülgen: «U özi aghriq-silaqlirimizni kötürdi, késellirimizni üstige aldi» dégen söz emelge ashuruldi.
بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن: «ئۇ ئۆزى ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
18 Eysa özini oriwalghan top-top kishilerni körüp, [muxlislirigha] déngizning u qétigha ötüp kétishni emr qildi.
ئەيسا ئۆزىنى ئورىۋالغان توپ-توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ، [مۇخلىسلىرىغا] دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ئەمر قىلدى.
19 Shu chaghda, Tewrat ustazliridin biri kélip, uninggha: — Ustaz, sen qeyerge barsang, menmu sanga egiship shu yerge barimen, — dédi.
شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سەن قەيەرگە بارساڭ، مەنمۇ ساڭا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىمەن، ــ دېدى.
20 Eysa uninggha: — Tülkilerning öngkürliri, asmandiki qushlarning uwiliri bar; biraq Insan’oghlining béshini qoyghudek yérimu yoq, — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى.
21 Muxlisliridin yene biri uninggha: — Reb, méning awwal bérip atamni yerlikke qoyushumgha ijazet bergeysen, — dédi.
مۇخلىسلىرىدىن يەنە بىرى ئۇنىڭغا: ــ رەب، مېنىڭ ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويۇشۇمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى.
22 Biraq Eysa uninggha: — Manga egeshkin, we ölükler öz ölüklirini yerlikke qoysun, — dédi.
بىراق ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن، ۋە ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى يەرلىككە قويسۇن، ــ دېدى.
23 U kémige chüshti, muxlislirimu chüshüp bille mangdi.
ئۇ كېمىگە چۈشتى، مۇخلىسلىرىمۇ چۈشۈپ بىللە ماڭدى.
24 We mana, déngiz üstide qattiq boran chiqip ketti; shuning bilen dolqunlar kémidin halqip kémini gherq qiliwétey dep qaldi. Lékin u uxlawatatti.
ۋە مانا، دېڭىز ئۈستىدە قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كېمىنى غەرق قىلىۋېتەي دەپ قالدى. لېكىن ئۇ ئۇخلاۋاتاتتى.
25 Muxlislar kélip uni oyghitip: — I ustaz, bizni qutuldurghaysen! Biz halaket aldida turimiz — dédi.
مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئى ئۇستاز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسەن! بىز ھالاكەت ئالدىدا تۇرىمىز ــ دېدى.
26 — Némishqa qorqisiler, i ishenchi ajizlar! — dédi u we ornidin turup, boran-chapqun’gha we déngizgha tenbih bériwidi, hemmisi birdinla tinchidi.
ــ نېمىشقا قورقىسىلەر، ئى ئىشەنچى ئاجىزلار! ــ دېدى ئۇ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇنغا ۋە دېڭىزغا تەنبىھ بېرىۋىدى، ھەممىسى بىردىنلا تىنچىدى.
27 Muxlislar intayin heyran bolup, bir-birige: — Bu zadi qandaq ademdu? Hetta boran-chapqunlar we déngizmu uninggha boysunidiken-he! — dep kétishti.
مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران-چاپقۇنلار ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى.
28 Eysa déngizning u qétidiki Gadaraliqlarning yurtigha barghinida, jin chaplashqan ikki kishi görliridin chiqip uninggha aldigha keldi. Ular shunche wehshiy idiki, héchkim bu yerdin ötüshke jür’et qilalmaytti.
ئەيسا دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا بارغىنىدا، جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى. ئۇلار شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى.
29 Uni körgende ular: — I Xudaning Oghli, séning biz bilen néme karing! Sen waqit-saiti kelmeyla bizni qiynighili keldingmu? — dep towlidi.
ئۇنى كۆرگەندە ئۇلار: ــ ئى خۇدانىڭ ئوغلى، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەيلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى.
30 Shu yerdin xéli yiraqta chong bir top tongguz padisi otlap yüretti.
شۇ يەردىن خېلى يىراقتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى.
31 Jinlar emdi uninggha: — Eger sen bizni qoghliwetmekchi bolsang, bizni tongguz padisi ichige kirgüzüwetkeysen, — dep yalwurushti.
جىنلار ئەمدى ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن بىزنى قوغلىۋەتمەكچى بولساڭ، بىزنى توڭگۇز پادىسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەيسەن، ــ دەپ يالۋۇرۇشتى.
32 U ulargha: — Chiqinglar! — déwidi, jinlar chiqip, tongguzlarning ténige kiriwaldi. Mana, pütkül tongguz padisi tik yardin étilip chüshüp, sularda gherq boldi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ چىقىڭلار! ــ دېۋىدى، جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى. مانا، پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، سۇلاردا غەرق بولدى.
33 Lékin tongguz baqquchilar beder qéchip, sheherge kirip, bu ishning bash-axirini, jümlidin jin chaplashqan kishilerning kechürmishlirini xalayiqqa éytip bérishti.
لېكىن توڭگۇز باققۇچىلار بەدەر قېچىپ، شەھەرگە كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى، جۈملىدىن جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خالايىققا ئېيتىپ بېرىشتى.
34 We mana, pütün sheherdikiler Eysa bilen körüshkili chiqti. Ular uni körgende, uning özlirining shu rayonidin ayrilip kétishini ötündi.
ۋە مانا، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شۇ رايونىدىن ئايرىلىپ كېتىشىنى ئۆتۈندى.

< Matta 8 >