< Matta 4 >

1 Andin Eysa Rohning yétekchilikide Iblisning sinaq-azdurushlirigha yüzlinish üchün chöl-bayawan’gha élip bérildi.
ئاندىن ئەيسا روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىبلىسنىڭ سىناق-ئازدۇرۇشلىرىغا يۈزلىنىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى.
2 U qiriq kéche-kündüz roza tutqandin kéyin, uning qorsiqi échip ketkenidi.
ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.
3 Emdi azdurghuchi uning yénigha kélip uninggha: — Eger sen rasttinla Xudaning Oghli bolsang, mushu tashlarni nan’gha aylinishqa buyrughin! — dédi.
ئەمدى ئازدۇرغۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلىنىشقا بۇيرۇغىن! ــ دېدى.
4 Lékin u jawaben: — [Tewratta]: «Insan peqet nan bilenla emes, belki Xudaning aghzidin chiqqan herbir söz bilenmu yashaydu» dep pütülgen, — dédi.
لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى.
5 Andin Iblis uni muqeddes sheherge élip bérip, ibadetxanining eng égiz jayigha turghuzup uninggha:
ئاندىن ئىبلىس ئۇنى مۇقەددەس شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا:
6 — Xudaning Oghli bolsang, özüngni peske tashlap baqqin! Chünki [Tewratta]: «[Xuda] Öz perishtilirige séning heqqingde emr qilidu»; we «putungning tashqa urulup ketmesliki üchün, ular séni qollirida kötürüp yüridu» dep pütülgen — dédi.
ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ــ دېدى.
7 Eysa uninggha: «Tewratta yene, «Perwerdigar Xudayingni sinighuchi bolma!» depmu pütülgen — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: «تەۋراتتا يەنە، «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ پۈتۈلگەن ــ دېدى.
8 Andin, Iblis uni nahayiti égiz bir taghqa chiqirip, uninggha dunyadiki barliq padishahliqlarni sherepliri bilen körsitip:
ئاندىن، ئىبلىس ئۇنى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى شەرەپلىرى بىلەن كۆرسىتىپ:
9 Yerge yiqilip manga ibadet qilsang, bularning hemmisini sanga bériwétimen, — dédi.
يەرگە يىقىلىپ ماڭا ئىبادەت قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، ــ دېدى.
10 Andin Eysa uninggha: — Yoqal, Sheytan! Chünki [Tewratta]: «Perwerdigar Xudayingghila ibadet qil, peqet Uningla ibadet-xizmitide bol!» dep pütülgen, — dédi.
ئاندىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يوقال، شەيتان! چۈنكى [تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا ئىبادەت-خىزمىتىدە بول!» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى.
11 Buning bilen Iblis uni tashlap kétip qaldi, we mana, perishtiler kélip uning xizmitide boldi.
بۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، ۋە مانا، پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.
12 Emdi [Eysa] Yehyaning tutqun qilin’ghanliqini anglap, Galiliyege yol aldi.
ئەمدى [ئەيسا] يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، گالىلىيەگە يول ئالدى.
13 U Nasaret yézisini tashlap, Zebulun we Naftali rayonidiki [Galiliye] déngizi boyidiki Kepernahum shehirige kélip orunlashti.
ئۇ ناسارەت يېزىسىنى تاشلاپ، زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى [گالىلىيە] دېڭىزى بويىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى.
14 Shundaq qilip, Yeshaya peyghember arqiliq éytilghan shu bésharet emelge ashuruldi, démek: —
شۇنداق قىلىپ، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان شۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دېمەك: ــ
15 «Zebulun zémini we Naftali zémini, Iordan deryasining nériqi teripidiki «déngiz yoli» boyida, «Yat ellerning makani» bolghan Galiliyede,
«زەبۇلۇن زېمىنى ۋە نافتالى زېمىنى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى «دېڭىز يولى» بويىدا، «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» بولغان گالىلىيەدە،
16 Qarangghuluqta yashighan xelq parlaq bir nurni kördi; Yeni ölüm kölenggisining yurtida olturghuchilargha, Del ularning üstige nur chüshti».
قاراڭغۇلۇقتا ياشىغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى؛ يەنى ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنىڭ يۇرتىدا ئولتۇرغۇچىلارغا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشتى».
17 Shu waqittin bashlap, Eysa: «Towa qilinglar! Chünki ersh padishahliqi yéqinliship qaldi!» — dep jar qilishqa bashlidi.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا: «توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» ــ دەپ جار قىلىشقا باشلىدى.
18 [Bir küni], u Galiliye déngizi boyida kétiwétip, ikki aka-uka, yeni Pétrus depmu atilghan Simon isimlik bir kishini we uning inisi Andiriyasni kördi. Ular béliqchi bolup, déngizgha tor tashlawatatti;
[بىر كۈنى]، ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، ئىككى ئاكا-ئۇكا، يەنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىلغان سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى؛
19 u ulargha: — Méning keynimdin ménginglar — Men silerni adem tutquchi béliqchi qilimen! — dédi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار ــ مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! ــ دېدى.
20 Ular shuan béliq torlirini tashlap, uninggha egiship mangdi.
ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
21 U shu yerdin ötüp, ikkinchi bir aka-ukini, yeni Zebediyning oghulliri Yaqup we inisi Yuhannani kördi. Bu ikkisi kémide atisi Zebediy bilen torlirini ongshawatatti. U ularnimu chaqirdi.
ئۇ شۇ يەردىن ئۆتۈپ، ئىككىنچى بىر ئاكا-ئۇكىنى، يەنى زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ ۋە ئىنىسى يۇھاننانى كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە ئاتىسى زەبەدىي بىلەن تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ئۇ ئۇلارنىمۇ چاقىردى.
22 Ular derhal kémini atisi bilen qaldurup uninggha egiship mangdi.
ئۇلار دەرھال كېمىنى ئاتىسى بىلەن قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
23 We Eysa Galiliyening hemme yérini kézip, ularning sinagoglirida telim bérip, Xudaning padishahliqining xush xewirini jakarlaytti, xelq arisida herxil késellerni we ajiz-méyiplarni saqaytti.
ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى.
24 U toghruluq xewer pütkül Suriye ölkisige tarqaldi; u yerdiki xalayiq herxil bimarlarni, yeni hertürlük késeller we aghriq-silaqlarni hemde jin chaplashqanlarni, tutqaqliq we palech késilige giriptar bolghanlarni uning aldigha élip kélishti; we u ularni saqaytti.
ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى؛ ئۇ يەردىكى خالايىق ھەرخىل بىمارلارنى، يەنى ھەرتۈرلۈك كېسەللەر ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ھەمدە جىن چاپلاشقانلارنى، تۇتقاقلىق ۋە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى؛ ۋە ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى.
25 Galiliye, «on sheher» rayoni, Yérusalém, Yehudiye we Iordan deryasining u qétidin kelgen top-top ademler uninggha egiship mangdi.
گالىلىيە، «ئون شەھەر» رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.

< Matta 4 >