< Matta 21 >

1 Ular Yérusalémgha yéqinliship, Zeytun téghining étikidiki Beyt-Fagi yézisigha kelginide, Eysa ikki muxlisigha munularni tapilap aldin ewetti:
ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى يېزىسىغا كەلگىنىدە، ئەيسا ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى:
2 — Siler udulunglardiki yézigha béringlar. Barsanglarla, baghlaqliq bir éshek we uning yénidiki bir texeyni körisiler. Ularni yéship aldimgha yétilep kélinglar.
ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. بارساڭلارلا، باغلاقلىق بىر ئېشەك ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇلارنى يېشىپ ئالدىمغا يېتىلەپ كېلىڭلار.
3 Eger birsi silerge bir néme dése, «Rebning bulargha hajiti chüshti» denglar, u derhal ularni qoyup béridu.
ئەگەر بىرسى سىلەرگە بىر نېمە دېسە، «رەبنىڭ بۇلارغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار، ئۇ دەرھال ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ.
4 Bu pütün weqe peyghember arqiliq éytilghan munu sözlerni emelge ashurush üchün boldi: —
بۇ پۈتۈن ۋەقە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولدى: ــ
5 «Zion qizigha éytinglar: — Mana, Padishahing kéliwatidu, Kemter-mömin bolup, minip bir éshekke, Boyunturuqluq éshekning texiyige, Kéliwatidu yéninggha séning».
«زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار: ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ، كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە، بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە، كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ».
6 Emdi héliqi ikki muxlis bérip Eysaning tapilighinidek qildi.
ئەمدى ھېلىقى ئىككى مۇخلىس بېرىپ ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى.
7 Éshek bilen texeyni yétilep kélip, üstige yépincha-chapanlirini saldi we u üstige mindi.
ئېشەك بىلەن تەخەينى يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە يېپىنچا-چاپانلىرىنى سالدى ۋە ئۇ ئۈستىگە مىندى.
8 Emdi top-top kishiler yépincha-chapanlirini yolgha payandaz qilip saldi; yene bir qismi derex shaxlirini késip yolgha yayatti.
ئەمدى توپ-توپ كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ يەنە بىر قىسمى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا ياياتتى.
9 Aldida mangghan we keynidin egeshken top-top xalayiq: — «Dawutning oghligha hosanna bolghay! Perwerdigarning namida kelgüchige mubarek bolsun! Ershielada teshekkür-hosannalar oqulsun!» — dep warqirishatti.
ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن توپ-توپ خالايىق: ــ «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.
10 U Yérusalémgha kirgende, pütkül sheher lerzige keldi. Kishiler: — Bu zadi kimdu? — déyishetti.
ئۇ يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر: ــ بۇ زادى كىمدۇ؟ ــ دېيىشەتتى.
11 Xalayiq: — Bu Galiliye ölkisidiki Nasaretlik peyghember Eysa, dep jawab bérishetti.
خالايىق: ــ بۇ گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەتلىك پەيغەمبەر ئەيسا، دەپ جاۋاب بېرىشەتتى.
12 Emdi Eysa ibadetxana hoylilirigha kirip, u yerde élim-sétim qiliwatqanlarning hemmisini heydep chiqardi. Pul tégishküchilerning shirelirini we paxtek-kepter satquchilarning orunduqlirini örüp,
ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ،
13 ulargha: — [Muqeddes yazmilarda] [Xudaning]: «Méning öyüm dua-tilawetxana dep atilidu» dégen sözi pütülgen; lékin siler uni bulangchilarning uwisigha aylanduruwapsiler! — dédi.
ئۇلارغا: ــ [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدانىڭ]: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! ــ دېدى.
14 Ibadetxana hoylilirida bolghanda qarighu we tokurlar uning aldigha keldi, u ularni saqaytti.
ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى.
15 Lékin bash kahinlar bilen Tewrat ustazliri uning yaratqan möjizilirini körüp we balilarning ibadetxanida: «Dawutning oghligha hosanna-teshekkürler bolghay!» dep towlighinini anglap ghezeplendi.
لېكىن باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بالىلارنىڭ ئىبادەتخانىدا: «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا-تەشەككۈرلەر بولغاي!» دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى.
16 Ular uninggha: — Bu balilarning néme dewatqanliqini anglawatamsen? — dep soridi. U ulargha: — Anglawatimen! Siler [muqeddes yazmilardin] shuni oqup baqmighanki, «Özüngge kichik balilar we bowaqlarning tilliridin medhiye sözlirini mukemmel qilding»» dédi.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئاڭلاۋاتىمەن! سىلەر [مۇقەددەس يازمىلاردىن] شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى، «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ»» دېدى.
17 Andin u ulardin ayrilip, sheherdin chiqip Beyt-Aniya yézisigha bérip, shu yerde qondi.
ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ بەيت-ئانىيا يېزىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە قوندى.
18 Emdi seherde, sheherge qaytip kétiwatqanda, uning qorsiqi achqanidi.
ئەمدى سەھەردە، شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانىدى.
19 U yol boyidiki bir tüp enjür derixini körüp, uning yénigha bardi. Lékin derextin yopurmaqtin bashqa héch nerse tapalmay, uninggha qarap: — Hazirdin bashlap sendin menggü méwe bolmisun! — déwidi, enjür derixi shuan qurup ketti. (aiōn g165)
ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى. (aiōn g165)
20 Muxlislar buni körüp teejüplinip: — Enjür derixi némanche tézla qurup ketti! — dédi.
مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ تەئەججۈپلىنىپ: ــ ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى! ــ دېدى.
21 Eysa ulargha jawab berdi: — Men silerge shuni berheq éytip qoyayki, eger héch guman bolmay ishenchinglar bar bolsa, enjür derixide bolghan ishlar bolupla qalmay, belki siler hetta bu taghqa: «Bu yerdin kötürülüp déngizgha tashlan!» désenglar, u shundaq bolidu, dédi.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا: «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ.
22 Dua qilip némini tilisenglar, ishenchinglar bolsila, shulargha érishisiler.
دۇئا قىلىپ نېمىنى تىلىسەڭلار، ئىشەنچىڭلار بولسىلا، شۇلارغا ئېرىشىسىلەر.
23 U ibadetxana hoylilirigha kirgendin kéyin, kishilerge telim bériwatqanda, bash kahinlar we aqsaqallar uning aldigha kélip: — Sen qiliwatqan bu ishlarni qaysi hoquqqa tayinip qiliwatisen? Sanga bu hoquqni kim bergen? — dep sorashti.
ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سوراشتى.
24 Eysa ulargha jawab bérip: — Men awwal silerge bir soal qoyay. Eger siler jawab bersenglar, menmu bu ishlarni qaysi hoquqqa tayinip qiliwatqanliqimni éytimen.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئاۋۋال سىلەرگە بىر سوئال قوياي. ئەگەر سىلەر جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىمەن.
25 Yehya yürgüzgen chömüldürüsh nedin kelgen? Ershtinmu, yaki insanlardinmu? — dep soridi. Ular özara mulahize qiliship: — Eger «Ershtin kelgen» dések, u bizge: «Undaqta, siler néme üchün uninggha ishenmidinglar?» deydu.
يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ.
26 Eger: «Insanlardin kelgen» dések, xelqtin qorqimiz, chünki ular hemmisi Yehyani peyghember dep bilidu — déyishti.
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، خەلقتىن قورقىمىز، چۈنكى ئۇلار ھەممىسى يەھيانى پەيغەمبەر دەپ بىلىدۇ ــ دېيىشتى.
27 Buning bilen, ular Eysagha: Bilmeymiz, — dep jawab bérishti. — Undaqta, menmu bu ishlarni qaysi hoquqqa tayinip qiliwatqanliqimni éytmaymen, — dédi u ulargha.
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
28 Emdi bu ishqa qandaq qaraysiler? Bir ademning ikki oghli bar iken. U birinchi oghlining yénigha kélip: «Oghlum, bügün üzümzarliqimgha bérip ishligin» deptu.
ئەمدى بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ بىرىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئوغلۇم، بۈگۈن ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلىگىن» دەپتۇ.
29 «Barmaymen» deptu u, lékin kéyin pushayman qilip yenila bériptu.
«بارمايمەن» دەپتۇ ئۇ، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ يەنىلا بېرىپتۇ.
30 U ikkinchi oghlining yénigha kélip uningghimu shundaq deptu. U: «Xop ependim, baray» deptu-yu, lékin barmaptu.
ئۇ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دەپتۇ. ئۇ: «خوپ ئەپەندىم، باراي» دەپتۇ-يۇ، لېكىن بارماپتۇ.
31 Bu ikkiylenning qaysisi atisining iradisini ada qilghan bolidu? — Birinchi oghli, — dep jawab berdi ular. Eysa ulargha mundaq dédi: — Men silerge shuni berheq éytip qoyayki, bajgirlar bilen pahishiler Xudaning padishahliqigha silerdin burun kirmekte.
بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ؟ ــ بىرىنچى ئوغلى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە.
32 Chünki gerche Yehya [peyghember] silerge heqqaniyet yolini ayan qilghili kelgen bolsimu, siler uninggha ishenmidinglar; lékin bajgirlar bilen pahishiler uninggha ishendi. Siler buni körüp turup, hetta kéyinki waqitlarda yolunglardin pushayman qilmay uninggha ishenmidinglar.
چۈنكى گەرچە يەھيا [پەيغەمبەر] سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماي ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار.
33 Yene bir temsilni anglanglar: Bir yer igisi bir üzümzarliq berpa qilip, etrapini chitlaptu. U uningda bir sharab kölchiki qéziptu we bir közet munari yasaptu. Andin u üzümzarliqni baghwenlerge ijarige bérip, özi yaqa yurtqa kétiptu.
يەنە بىر تەمسىلنى ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. ئۇ ئۇنىڭدا بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ.
34 Üzüm pesli yéqinlashqanda, özige tégishlik hosulni éliwélish üchün qullirini baghwenlerning yénigha ewetiptu.
ئۈزۈم پەسلى يېقىنلاشقاندا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.
35 Lékin baghwenler qullirini tutup, birini dumbalaptu, birini öltürüwétiptu, yene birini chalma-kések qiliptu.
لېكىن باغۋەنلەر قۇللىرىنى تۇتۇپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىلىپتۇ.
36 U yene bir qétim aldinqidinmu köp qullirini ewetiptu, biraq baghwenler ularghimu oxshash muamile qiliptu.
ئۇ يەنە بىر قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق باغۋەنلەر ئۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپتۇ.
37 Axirda, u «Oghlumnighu hörmet qilar» dep, oghlini ewetiptu.
ئاخىردا، ئۇ «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ.
38 Lékin baghwenler oghulni körüp, özara: «Bu bolsa mirasxor; kélinglar, uni öltürüwétip mirasini igiliwalayli» déyishiptu.
لېكىن باغۋەنلەر ئوغۇلنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مىراسىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ.
39 Shuning bilen ular uni tutup üzümzarliqning sirtigha tashlap öltürüwétiptu.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.
40 Emdi üzümzarliqning igisi kelgende, shu baghwenlerni qandaq qilar?
ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى كەلگەندە، شۇ باغۋەنلەرنى قانداق قىلار؟
41 Ular uninggha: — Bu rezil ademlerni wehshiylik bilen yoqitidu. Üzümzarliqni bolsa méwilirini öz waqtida özige tapshuridighan bashqa baghwenlerge ijarige béridu, — dep jawab bérishti.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ رەزىل ئادەملەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا مېۋىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان باشقا باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
42 Eysa ulardin soridi: — Muqeddes yazmilardiki munu sözlerni oqup baqmighanmusiler?: — «Tamchilar tashliwetken tash bolsa, Burjek téshi bolup tiklendi. Bu ish Perwerdigardindur, Bu közimiz aldida karamet bir ishtur».
ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى: ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟: ــ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر».
43 Shu sewebtin silerge shuni éytip qoyayki, Xudaning padishahliqi silerdin tartiwélinip, uninggha muwapiq méwilerni béridighan bashqa bir elge ata qilinidu.
شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان باشقا بىر ئەلگە ئاتا قىلىنىدۇ.
44 Bu «tash»qa yiqilghan kishi pare-pare bolup kétidu; lékin bu tash herkimning üstige chüshse, uni kukum-talqan qiliwétidu.
بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.
45 Bash kahinlar we Perisiyler uning éytqan temsillirini anglap, ularni özlirige qaritip éytqanliqini chüshendi.
باش كاھىنلار ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئېيتقان تەمسىللىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى.
46 Uni tutush yolini izdigen bolsimu, lékin xalayiq uni peyghember dep qarighachqa, ulardin qorqushti.
ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن خالايىق ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلاردىن قورقۇشتى.

< Matta 21 >