< Markus 10 >

1 U u yerdin qozghilip, Yehudiye ölkisi terepliridin ötüp, Iordan deryasining u qétidiki rayonlarghimu bardi. Top-top ademler yene uning etrapigha olishiwalghanidi. U aditi boyiche ulargha telim bérishke bashlidi.
ئۇ ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسى تەرەپلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغىمۇ باردى. توپ-توپ ئادەملەر يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇ ئادىتى بويىچە ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
2 Bezi Perisiyler uning yénigha kélip uni qiltaqqa chüshürüsh meqsitide uningdin: — Bir ademning ayalini talaq qilishi Tewrat qanunigha uyghunmu? — dep soridi.
بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: ــ بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
3 Lékin u jawaben: — Musa [peyghember] silerge néme dep buyrughan? — dédi.
لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ ــ دېدى.
4 Ular: — Musa [peyghember] kishining ayalini bir parche talaq xéti yézipla talaq qilishigha ruxset qilghan, — déyishti.
ئۇلار: ــ مۇسا [پەيغەمبەر] كىشىنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، ــ دېيىشتى.
5 Eysa ulargha: — Tash yüreklikinglardin u silerge bu emrni pütken;
ئەيسا ئۇلارغا: ــ تاش يۈرەكلىكىڭلاردىن ئۇ سىلەرگە بۇ ئەمرنى پۈتكەن؛
6 lékin Xuda alem apiride bolghinida [insanlarni] «Er we ayal qilip yaratti».
لېكىن خۇدا ئالەم ئاپىرىدە بولغىنىدا [ئىنسانلارنى] «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى».
7 «Shu sewebtin er kishi ata-anisidin ayrilidu, ayali bilen birliship
«شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ
8 ikkilisi bir ten bolidu». Shundaq iken, er-ayal emdi ikki ten emes, belki bir ten bolidu.
ئىككىلىسى بىر تەن بولىدۇ». شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ.
9 Shuning üchün, Xuda qoshqanni insan ayrimisun, — dédi.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، ــ دېدى.
10 Ular öyge qaytip kélip kirgende, muxlisliri uningdin bu heqte soridi.
ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىدى.
11 U ulargha: — Ayalini talaq qilip, bashqa birini emrige alghan kishi ayaligha gunah qilip zina qilghan bolidu.
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى ئايالىغا گۇناھ قىلىپ زىنا قىلغان بولىدۇ.
12 Érini qoyuwétip, bashqa erge tegken ayalmu zina qilghan bolidu, — dédi.
ئېرىنى قويۇۋېتىپ، باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، ــ دېدى.
13 Qolungni tegküzgeysen dep, kishiler kichik balilirini uning aldigha élip kéliwatatti. Biraq muxlislar élip kelgenlerni eyiblidi.
قولۇڭنى تەگكۈزگەيسەن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى.
14 Buni körgen Eysa achchiqlinip, muxlislirigha: Balilar aldimgha kelsun, ularni tosmanglar. Chünki Xudaning padishahliqi del mushundaqlargha tewedur.
بۇنى كۆرگەن ئەيسا ئاچچىقلىنىپ، مۇخلىسلىرىغا: بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر.
15 Men silerge shuni berheq éytip qoyayki, Xudaning padishahliqini sebiy balidek qobul qilmisa, uninggha hergiz kirelmeydu, — dédi.
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى.
16 Shuning bilen u balilarni quchiqigha élip, ulargha qollirini tegküzüp bext tilidi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى.
17 U yolgha chiqqanda, birsi uning aldigha yügürüp kélip, uning aldida tizlinip uningdin: — I yaxshi ustaz, men qandaq qilsam menggülük hayatqa mirasliq qilimen? — dep soridi. (aiōnios g166)
ئۇ يولغا چىققاندا، بىرسى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭدىن: ــ ئى ياخشى ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراسلىق قىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōnios g166)
18 Lékin Eysa uninggha: — Méni némishqa yaxshi deysen? Peqet biridin, yeni Xudadin bashqa héchkim yaxshi emestur.
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسەن؟ پەقەت بىرىدىن، يەنى خۇدادىن باشقا ھېچكىم ياخشى ئەمەستۇر.
19 Sen Tewrattiki «Zina qilma, qatilliq qilma, oghriliq qilma, yalghan guwahliq berme, xiyanet qilma, ata-anangni hörmet qil» dégen perhiz-perzlerni bilisen, — dédi.
سەن تەۋراتتىكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، خىيانەت قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرھىز-پەرزلەرنى بىلىسەن، ــ دېدى.
20 U adem jawaben: — Ustaz, bularning hemmisige kichikimdin tartip emel qilip kéliwatimen, — dédi.
ئۇ ئادەم جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ــ دېدى.
21 Eysaning uninggha qarap muhebbiti qozghaldi we uninggha: — Sende yene bir ish kem. Bérip pütün mal-mülkingni sétip, pulini yoqsullargha bergin we shundaq qilsang, ershte xezineng bolidu; andin kélip kréstni kötürüp manga egeshkin! — dédi.
ئەيسانىڭ ئۇنىڭغا قاراپ مۇھەببىتى قوزغالدى ۋە ئۇنىڭغا: ــ سەندە يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭنى سېتىپ، پۇلىنى يوقسۇللارغا بەرگىن ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ؛ ئاندىن كېلىپ كرېستنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.
22 Lékin mushu sözni anglap, uning chirayi tutulup, qayghugha chömüp u yerdin ketti. Chünki uning mal-dunyasi nahayiti köp idi.
لېكىن مۇشۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، قايغۇغا چۆمۈپ ئۇ يەردىن كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
23 Andin Eysa chörisige sepsélip qarap, muxlislirigha: — Mal-dunyasi köplerning Xudaning padishahliqigha kirishi némidégen teslikte bolidu-he! — dédi.
ئاندىن ئەيسا چۆرىسىگە سەپسېلىپ قاراپ، مۇخلىسلىرىغا: ــ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەسلىكتە بولىدۇ-ھە! ــ دېدى.
24 Muxlislar uning sözlirige intayin heyran bolushti, lékin Eysa ulargha yene jawaben: — Balilirim, mal-mülükke tayan’ghanlar üchün Xudaning padishahliqigha kirish némidégen tes-he!
مۇخلىسلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى، لېكىن ئەيسا ئۇلارغا يەنە جاۋابەن: ــ بالىلىرىم، مال-مۈلۈككە تايانغانلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە!
25 Tögining yingnining közidin ötüshi bay ademning Xudaning padishahliqigha kirishidin asandur! — dédi.
تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى.
26 Ular buni anglap intayin bek heyran bolushup, bir-biridin: Undaqta, kim nijatqa érisheleydu? — dep sorashti.
ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بەك ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن: ئۇنداقتا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
27 Eysa ulargha qarap: — Bu ish insan bilen wujudqa chiqishi mumkin emes, lékin Xuda üchün mumkin emes bolmaydu; chünki Xudagha nisbeten hemme ish mumkin bolidu, — dédi.
ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: ــ بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇدا ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، ــ دېدى.
28 Buning bilen Pétrus uninggha: — Mana, biz bolsaq, hemmini tashlap sanga egeshtuq!? — dégili turdi.
بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ مانا، بىز بولساق، ھەممىنى تاشلاپ ساڭا ئەگەشتۇق!؟ ــ دېگىلى تۇردى.
29 Eysa uninggha jawaben mundaq dédi: — Men silerge berheq shuni éytip qoyayki, men üchün we xush xewer üchün öyi, aka-ukiliri, acha-singilliri, atisi, anisi, ayali, baliliri yaki yer-zéminliridin waz kechkenlerning hemmisi
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆيى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ئاتىسى، ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى
30 bu zamanda bularning yüz hessisige, yeni öy, aka-uka, acha-singil, ana, balilar we yer-zéminlargha (ziyankeshlikler qoshulghan halda) muyesser bolmay qalmaydu we kélidighan zamandimu menggülük hayatqa érishmey qalmaydu. (aiōn g165, aiōnios g166)
بۇ زاماندا بۇلارنىڭ يۈز ھەسسىسىگە، يەنى ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالىلار ۋە يەر-زېمىنلارغا (زىيانكەشلىكلەر قوشۇلغان ھالدا) مۇيەسسەر بولماي قالمايدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. (aiōn g165, aiōnios g166)
31 Lékin shu chaghda nurghun aldida turghanlar arqigha ötidu, nurghun arqida turghanlar aldigha ötidu.
لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ.
32 Ular Yérusalémgha chiqidighan yolda idi, Eysa hemmining aldida kétiwatatti. [Muxlisliri] bek heyran idi hemde uninggha egeshkenlermu qorqunch ichide kétiwatatti. Eysa on ikkeylenni yene öz yénigha tartip, ulargha öz béshigha chüshidighanlirini uqturushqa bashlap:
ئۇلار يېرۇسالېمغا چىقىدىغان يولدا ئىدى، ئەيسا ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. [مۇخلىسلىرى] بەك ھەيران ئىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ئەيسا ئون ئىككەيلەننى يەنە ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئۇلارغا ئۆز بېشىغا چۈشىدىغانلىرىنى ئۇقتۇرۇشقا باشلاپ:
33 — Mana biz hazir Yérusalémgha chiqip kétiwatimiz. Insan’oghli bash kahinlar we Tewrat ustazlirigha tapshurulidu. Ular uni ölümge mehkum qilidu we yat elliklerge tapshuridu.
ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ۋە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ.
34 Ular bolsa uni mesxire qilip, qamchilap, uning üstige töküridu we uni öltüridu. Lékin üch kündin kéyin u qayta tirilidu, — dédi.
ئۇلار بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى.
35 Zebediyning oghulliri Yaqup bilen Yuhanna uning aldigha kélip: — Ustaz, sendin néme tilisek orundap berseng, dep ötünimiz, — déyishti.
زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، سەندىن نېمە تىلىسەك ئورۇنداپ بەرسەڭ، دەپ ئۆتۈنىمىز، ــ دېيىشتى.
36 U ulargha: — Silerge néme qilip bérishimni xalaysiler? — dédi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دېدى.
37 — Sen shan-sheripingde bolghiningda, birimizni ong yéningda, birimizni sol yéningda olturghuzghaysen, — déyishti ular.
ــ سەن شان-شەرىپىڭدە بولغىنىڭدا، بىرىمىزنى ئوڭ يېنىڭدا، بىرىمىزنى سول يېنىڭدا ئولتۇرغۇزغايسەن، ــ دېيىشتى ئۇلار.
38 Eysa ulargha jawaben: — Néme telep qilghanliqinglarni bilmeywatisiler. Men ichidighan qedehni ichelemsiler? Men qobul qilidighan chömüldürüshni silermu qobul qilalamsiler?
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىدىغان قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟
39 — Qilalaymiz, — déyishti ular. Eysa ulargha: — Derweqe, men ichidighan qedehimni silermu ichisiler we men qobul qilidighan chömüldürülüsh bilen chömüldürülisiler.
ــ قىلالايمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا: ــ دەرۋەقە، مەن ئىچىدىغان قەدەھىمنى سىلەرمۇ ئىچىسىلەر ۋە مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر.
40 Biraq ong yaki sol yénimda olturushqa nésip bolush méning ilikimde emes; belki kimlerge teyyarlan’ghan bolsa, shulargha bérilidu, — dédi.
بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشقا نېسىپ بولۇش مېنىڭ ئىلىكىمدە ئەمەس؛ بەلكى كىملەرگە تەييارلانغان بولسا، شۇلارغا بېرىلىدۇ، ــ دېدى.
41 Buningdin xewer tapqan [qalghan] on [muxlis] Yaqup bilen Yuhannadin xapa bolushqa bashlidi.
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان [قالغان] ئون [مۇخلىس] ياقۇپ بىلەن يۇھاننادىن خاپا بولۇشقا باشلىدى.
42 Lékin Eysa ularni yénigha chaqirip, mundaq dédi: — Silerge melumki, yat eller üstidiki hökümran dep hésablan’ghanlar qol astidiki xelq üstidin buyruqwazliq qilip hakimiyet yürgüzidu, we hoquqdarliri ularni xojayinlarche idare qilidu.
لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، يات ئەللەر ئۈستىدىكى ھۆكۈمران دەپ ھېسابلانغانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ.
43 Biraq silerning aranglarda bundaq ish bolmaydu; belki silerdin kim mertiwilik bolushni xalisa, u silerning xizmitinglarda bolsun;
بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمايدۇ؛ بەلكى سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛
44 we kim aranglarda birinchi bolushni istise, u hemme ademning quli bolsun.
ۋە كىم ئاراڭلاردا بىرىنچى بولۇشنى ئىستىسە، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن.
45 Chünki Insan’oghlimu derweqe shu yolda köpchilik méning xizmitimde bolsun démey, belki köpchilikning xizmitide bolay we jénimni pida qilish bedilige nurghun ademlerni hörlükke chiqiray dep keldi.
چۈنكى ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە چىقىراي دەپ كەلدى.
46 Ular Yérixo shehirige keldi. [Eysa] muxlisliri we zor bir top ademler bilen bille Yérixodin chiqqan waqitta, Timayning Bartimay isimlik qarighu oghli yol boyida olturup, tilemchilik qiliwatatti.
ئۇلار يېرىخو شەھىرىگە كەلدى. [ئەيسا] مۇخلىسلىرى ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە يېرىخودىن چىققان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى.
47 U «Nasaretlik Eysa»ning u yerde ikenlikini anglap: — I Dawutning oghli Eysa, manga rehim qilghaysen! — dep towlashqa bashlidi.
ئۇ «ناسارەتلىك ئەيسا»نىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ توۋلاشقا باشلىدى.
48 Nurghun ademler uni «Ün chiqarma» dep eyiblidi. Lékin u: — I Dawutning oghli, manga rehim qilghaysen, — dep téximu ünlük towlidi.
نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى «ئۈن چىقارما» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن ئۇ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن، ــ دەپ تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلىدى.
49 Eysa toxtap: Uni chaqiringlar, — dédi. Shuning bilen ular qarighuni chaqirip uninggha: — Yüreklik bol! Ornungdin tur, u séni chaqiriwatidu! — déyishti.
ئەيسا توختاپ: ئۇنى چاقىرىڭلار، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قارىغۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ يۈرەكلىك بول! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! ــ دېيىشتى.
50 U adem chapinini sélip tashlap, ornidin des turup Eysaning aldigha keldi.
ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى.
51 Eysa jawaben uningdin: — Sen méni néme qil deysen? — dep soridi. Qarighu: — I igem, qayta köridighan bolsam’idi! — dédi.
ئەيسا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: ــ سەن مېنى نېمە قىل دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. قارىغۇ: ــ ئى ئىگەم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! ــ دېدى.
52 Eysa uninggha: — Yolunggha qaytsang bolidu, étiqading séni saqaytti, — déwidi, u shuan köreleydighan boldi we yol boyi Eysagha egiship mangdi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يولۇڭغا قايتساڭ بولىدۇ، ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، ــ دېۋىدى، ئۇ شۇئان كۆرەلەيدىغان بولدى ۋە يول بويى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.

< Markus 10 >