< Lawiylar 4 >

1 Perwerdigar Musagha söz qilip mundaq dédi: —
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 Israillargha söz qilip mundaq dégin: — «Birsi bilmey ézip, Perwerdigar «qilma» dep buyrughan herqandaq emrlerdin birige xilapliq qilip sélip, gunah qilsa, [töwendikidek qilsun]: —
ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ «بىرسى بىلمەي ئېزىپ، پەرۋەردىگار «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلەردىن بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھ قىلسا، [تۆۋەندىكىدەك قىلسۇن]: ــ
3 — eger mesihlen’gen kahin xelqni gunahqa putlashturidighan bir gunahni qilsa, undaqta u bu qilghan gunahi üchün bir béjirim yash torpaqni élip kélip, Perwerdigargha gunah qurbanliqi süpitide sunsun.
ــ ئەگەر مەسىھلەنگەن كاھىن خەلقنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان بىر گۇناھنى قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بىر بېجىرىم ياش تورپاقنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.
4 U torpaqni jamaet chédirining kirish aghzining yénigha, Perwerdigarning aldigha keltürüp, qolini uning béshigha qoyup, andin torpaqni Perwerdigarning huzurida boghuzlisun.
ئۇ تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن.
5 Andin mesihlen’gen kahin torpaqning qénidin azghina élip, jamaet chédiri ichige kötürüp aparsun;
ئاندىن مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىگە كۆتۈرۈپ ئاپارسۇن؛
6 kahin shu yerde barmiqini qan’gha chilap, qanni muqeddes jayning perdisining aldida, Perwerdigarning huzurida yette mertiwe sepsun.
كاھىن شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى مۇقەددەس جاينىڭ پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن.
7 Shundaqla kahin qandin élip, jamaet chédiri ichide Perwerdigarning aldida turghan xushbuygahning münggüzlirige sürsun. Torpaqning qalghan hemme qénini bolsa, jamaet chédirining kirish aghzining aldidiki köydürme qurbanliq qurban’gahining tüwige töküp qoysun;
شۇنداقلا كاھىن قاندىن ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى بولسا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن؛
8 andin u gunah qurbanliqi bolghan torpaqning ichidin hemme méyini ajritip chiqarsun — yeni ich qarnini yögep turghan may bilen qalghan ich méyi,
ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنىڭ ئىچىدىن ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن ــ يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماي بىلەن قالغان ئىچ مېيى،
9 ikki börekni we ularning üstidiki hemde ikki yanpishidiki mayni ajritip, jigerning börekkiche bolghan chawa méyini ajratsun
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى ئاجراتسۇن
10 (xuddi inaqliq qurbanliqi bolghan kalining ichidiki may ajritilghandek); andin kahin bularni köydürme qurbanliq qurban’gahining üstide köydürsun.
(خۇددى ئىناقلىق قۇربانلىقى بولغان كالىنىڭ ئىچىدىكى ماي ئاجرىتىلغاندەك)؛ ئاندىن كاھىن بۇلارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن.
11 Lékin torpaqning térisi bilen hemme göshi, bash bilen pachaqliri, ich qarni bilen zhinini,
لېكىن تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن ھەممە گۆشى، باش بىلەن پاچاقلىرى، ئىچ قارنى بىلەن ژىنىنى،
12 yeni pütkül torpaqning qalghan qisimlirini chédirgahning sirtigha élip chiqip, pak bir yerge, yeni küller tökülidighan jaygha élip chiqip, otunning üstide otta köydürsun. Bular küller tökülidighan jayda köydürüwétilsun.
يەنى پۈتكۈل تورپاقنىڭ قالغان قىسىملىرىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پاك بىر يەرگە، يەنى كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇلار كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايدا كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن.
13 Eger pütkül Israil jamaiti özi bilmigen halda ézip gunah qilghan bolsa, Perwerdigarning «qilma» dep buyrughan herqandaq emrlirige xilapliq ishlarning birini qilip sélip, gunahqa chüshüp qalsa,
ئەگەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ئېزىپ گۇناھ قىلغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلىرىگە خىلاپلىق ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا،
14 shundaqla ularning sadir qilghan gunahi aydinglashqan bolsa, undaqta jamaet gunah qurbanliqi süpitide bir yash torpaqni sunup jamaet chédirining aldigha keltürsun.
شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئايدىڭلاشقان بولسا، ئۇنداقتا جامائەت گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر ياش تورپاقنى سۇنۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن.
15 Jamaetning aqsaqalliri Perwerdigarning aldida qollirini torpaqning béshigha qoyup, andin torpaqni Perwerdigarning aldida boghuzlisun.
جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن.
16 Mesihlen’gen kahin torpaqning qénidin azghina élip jamaet chédiri ichige élip kirsun;
مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ جامائەت چېدىرى ئىچىگە ئېلىپ كىرسۇن؛
17 shu yerde barmiqini qan’gha chilap, qanni [muqeddes jayning] perdisining aldida, Perwerdigarning huzurida yette mertiwe sepsun.
شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى [مۇقەددەس جاينىڭ] پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن.
18 Shundaqla kahin qandin élip jamaet chédiri ichide Perwerdigarning aldida turghan xushbuygahning münggüzlirige sürsun. Torpaqning qalghan hemme qénini bolsa, jamaet chédirining kirish aghzining aldidiki köydürme qurbanliq qurban’gahining tüwige töküp qoysun;
شۇنداقلا كاھىن قاندىن ئېلىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى بولسا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن؛
19 kahin [torpaqning] ichidin barliq méyini ajritip élip, qurban’gahning üstide köydürsun.
كاھىن [تورپاقنىڭ] ئىچىدىن بارلىق مېيىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن.
20 U gunah qurbanliqi bolghan ilgiriki torpaqni qilghinigha oxshash bu torpaqnimu shundaq qilsun; we del shundaq qilishi kérek; shu yol bilen kahin ular üchün kafaret keltüridu; shu gunah ulardin kechürülidu.
ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان ئىلگىرىكى تورپاقنى قىلغىنىغا ئوخشاش بۇ تورپاقنىمۇ شۇنداق قىلسۇن؛ ۋە دەل شۇنداق قىلىشى كېرەك؛ شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈلىدۇ.
21 Andin u torpaqni chédirgahning tashqirigha élip chiqip, ilgiriki torpaqni köydürgendek bu torpaqnimu köydürsun. Bu jamaet üchün gunah qurbanliqi bolidu.
ئاندىن ئۇ تورپاقنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئىلگىرىكى تورپاقنى كۆيدۈرگەندەك بۇ تورپاقنىمۇ كۆيدۈرسۇن. بۇ جامائەت ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.
22 Eger bir emir bilmey uning Xudasi Perwerdigarning «qilma» dégen herqandaq emrlirining birige xilapliq qilip sélip, gunahqa chüshüp qalsa,
ئەگەر بىر ئەمىر بىلمەي ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا،
23 we qilghan gunahi özige melum qilin’ghan bolsa, undaqta u özi qurbanliq üchün béjirim bir tékini sunsun;
ۋە قىلغان گۇناھى ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بىر تېكىنى سۇنسۇن؛
24 u qolini tékining béshigha qoyup, andin uni köydürme qurbanliq qilinidighan haywanlarni boghuzlaydighan jaygha élip bérip Perwerdigarning aldida boghuzlisun. Bu bir gunah qurbanliqi bolidu.
ئۇ قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ بىر گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.
25 Kahin gunah qurbanliqining qénidin barmiqigha azghina élip, uni köydürme qurbanliq qurban’gahining münggüzlirige sürüp qoysun; andin qalghan qénini köydürme qurbanliq qurban’gahining tüwige töküp qoysun.
كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ ئاندىن قالغان قېنىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن.
26 U inaqliq qurbanliqi qilin’ghan haywanning méyini köydürgendek, uning barliq méyini qurban’gahta köydürsun. Bu yol bilen kahin uni gunahidin paklandurush üchün kafaret keltüridu we shu gunahi uningdin kechürülidu.
ئۇ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ مېيىنى كۆيدۈرگەندەك، ئۇنىڭ بارلىق مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇش ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
27 Eger puqralardin biri bilmey uning Xudasi Perwerdigarning «qilma» dégen herqandaq emrlirining birige xilapliq qilip sélip, gunahqa chüshüp qalsa,
ئەگەر پۇقرالاردىن بىرى بىلمەي ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا،
28 we qilghan gunahi özige melum qilin’ghan bolsa, undaqta u özining, yeni u sadir qilghan gunahi üchün qurbanliq qilishqa béjirim bir chishi öchkini sunsun;
ۋە قىلغان گۇناھى ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ، يەنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بېجىرىم بىر چىشى ئۆچكىنى سۇنسۇن؛
29 u qolini gunah qurbanliqining béshigha qoyup, andin uni köydürme qurbanliqlarni boghuzlaydighan jaygha élip bérip boghuzlisun.
ئۇ قولىنى گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ بوغۇزلىسۇن.
30 Andin kahin uning qénidin barmiqigha azghina élip uni köydürme qurbanliq qurban’gahining münggüzlirige sürüp qoysun; qalghan barliq qénini qurban’gahning tüwige töküp qoysun.
ئاندىن كاھىن ئۇنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ قالغان بارلىق قېنىنى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن.
31 Inaqliq qurbanliqi qilin’ghan haywanning méyi ichidin ajritilghandek uningmu hemme méyini ajritip chiqarsun; kahin uni Perwerdigarning aldida xushbuy keltürsun dep qurban’gahning üstide köydürsun. Shu yol bilen kahin uning üchün kafaret keltüridu; shu gunah uningdin kechürülidu.
ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ مېيى ئىچىدىن ئاجرىتىلغاندەك ئۇنىڭمۇ ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن؛ كاھىن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
32 Eger u kishi gunah qurbanliqi üchün qoza keltürüshni xalisa, béjirim bir chishi qozini sunsun.
ئەگەر ئۇ كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن قوزا كەلتۈرۈشنى خالىسا، بېجىرىم بىر چىشى قوزىنى سۇنسۇن.
33 U qolini gunah qurbanliqi [qozisining] béshigha qoyup, köydürme qurbanliqlar boghuzlinidighan jaygha élip bérip, uni gunah qurbanliqi süpitide boghuzlisun.
ئۇ قولىنى گۇناھ قۇربانلىقى [قوزىسىنىڭ] بېشىغا قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىسۇن.
34 Andin kahin gunah qurbanliqining qénidin barmiqigha azghina élip uni köydürme qurbanliq qurban’gahining münggüzlirige sürüp qoysun; uning qalghan barliq qénini u qurban’gahning tüwige töküp qoysun.
ئاندىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ ئۇنىڭ قالغان بارلىق قېنىنى ئۇ قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن.
35 Inaqliq qurbanliqi qilin’ghan qozining méyi ichidin ajritilghandek, uningmu hemme méyini ajritip chiqarsun; kahin bularni Perwerdigargha atap otta sunulidighan barliq qurbanliqlargha qoshup, qurban’gahning üstide köydürsun. Shu yol bilen kahin uning sadir qilghan gunahi üchün kafaret keltüridu; shu gunah uningdin kechürülidu.
ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان قوزىنىڭ مېيى ئىچىدىن ئاجرىتىلغاندەك، ئۇنىڭمۇ ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن؛ كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بارلىق قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.

< Lawiylar 4 >