< Lawiylar 25 >

1 Perwerdigar Sinay téghida Musagha söz qilip mundaq dédi: —
پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 Sen Israillargha mundaq dégin: — Men silerge béridighan zémin’gha kirgininglarda u zéminning özimu Perwerdigargha atap bir shabat aramini alsun.
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ مەن سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇ زېمىننىڭ ئۆزىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر شابات ئارامىنى ئالسۇن.
3 Sen alte yil étizingni térip, alte yil talliq béghingni chatap, ulardin hosullarni yighqin;
سەن ئالتە يىل ئېتىزىڭنى تېرىپ، ئالتە يىل تاللىق بېغىڭنى چاتاپ، ئۇلاردىن ھوسۇللارنى يىغقىن؛
4 emma yettinchi yili zéminning özi üchün bir «shabatliq aram» bolsun; u Perwerdigargha atalghan bir «shabat» hésablinidu. Shu yili sen étizingni térimaysen we talliqingni chatimaysen.
ئەمما يەتتىنچى يىلى زېمىننىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر «شاباتلىق ئارام» بولسۇن؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر «شابات» ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى سەن ئېتىزىڭنى تېرىمايسەن ۋە تاللىقىڭنى چاتىمايسەن.
5 Özlükidin ünüp chiqqan hosulni ormaysen; we chatalmighan talliringning üzümlirini üzmeysen; chünki shu yil zémin aram alidighan yildur.
ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنى ئورمايسەن؛ ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزمەيسەن؛ چۈنكى شۇ يىل زېمىن ئارام ئالىدىغان يىلدۇر.
6 Halbuki, zémin shabat yilida chiqarghan hosul hemminglargha ozuq bolidu, yeni özüng üchün, qul-dédiking üchün, medikaring üchün we séningkide turuwatqan musapir üchün, shuningdek mal-waranliring üchün
ھالبۇكى، زېمىن شابات يىلىدا چىقارغان ھوسۇل ھەممىڭلارغا ئوزۇق بولىدۇ، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن، قۇل-دېدىكىڭ ئۈچۈن، مەدىكارىڭ ئۈچۈن ۋە سېنىڭكىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك مال-ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن
7 We zéminingdiki yawayi haywanlar üchünmu ozuq bolidu; zéminning hemme hosuli ozuq bolidu.
ۋە زېمىنىڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بولىدۇ؛ زېمىننىڭ ھەممە ھوسۇلى ئوزۇق بولىدۇ.
8 Shuningdek sen yette qétimliq shabat yilini, yeni yette hesse yette yilni sanighin; yette shabat yil künliri qiriq toqquz yil bolidu.
شۇنىڭدەك سەن يەتتە قېتىملىق شابات يىلىنى، يەنى يەتتە ھەسسە يەتتە يىلنى سانىغىن؛ يەتتە شابات يىل كۈنلىرى قىرىق توققۇز يىل بولىدۇ.
9 Shunchilik waqit ötüp, yettinchi ayda, ayning oninchi küni, kafaret künide burgha chélip sadasini yuqiri chiqirisiler; kafaret künining özide siler pütkül zémininglarda burghining sadasini anglitisiler.
شۇنچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ، يەتتىنچى ئايدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى، كافارەت كۈنىدە بۇرغا چېلىپ ساداسىنى يۇقىرى چىقىرىسىلەر؛ كافارەت كۈنىنىڭ ئۆزىدە سىلەر پۈتكۈل زېمىنىڭلاردا بۇرغىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىتىسىلەر.
10 Shu ellikinchi yilini siler muqeddes dep bilip, pütkül zéminda uningda barliq turuwatqanlarning hemmisige azadliqni jakarlishinglar kérek. Shu yil silerge «azadliq yili» bolidu, herbiringlar öz yer-mülükliringlargha qaytisiler, herbiringlar öz aile-jemetinglargha qaytip barisiler.
شۇ ئەللىكىنچى يىلىنى سىلەر مۇقەددەس دەپ بىلىپ، پۈتكۈل زېمىندا ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئازادلىقنى جاكارلىشىڭلار كېرەك. شۇ يىل سىلەرگە «ئازادلىق يىلى» بولىدۇ، ھەربىرىڭلار ئۆز يەر-مۈلۈكلىرىڭلارغا قايتىسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز ئائىلە-جەمەتىڭلارغا قايتىپ بارىسىلەر.
11 Bu ellikinchi yili silerge bir azadliq yili bolsun; u yili héch néme térimaysiler, özlükidin ünüp chiqqan hosulnimu ormaysiler we chatalmighan talliringlarning üzümlirinimu yighmaysiler.
بۇ ئەللىكىنچى يىلى سىلەرگە بىر ئازادلىق يىلى بولسۇن؛ ئۇ يىلى ھېچ نېمە تېرىمايسىلەر، ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنىمۇ ئورمايسىلەر ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنىمۇ يىغمايسىلەر.
12 Chünki bu azadliq yili bolup, silerge muqeddes hésablansun; uning hosulini bolsa, étiz-dalilardin tépip [hemminglar] yeysiler.
چۈنكى بۇ ئازادلىق يىلى بولۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ھېسابلانسۇن؛ ئۇنىڭ ھوسۇلىنى بولسا، ئېتىز-دالىلاردىن تېپىپ [ھەممىڭلار] يەيسىلەر.
13 Azadliq yili aranglardiki herbir adem öz yer-mülkige qaytsun.
ئازادلىق يىلى ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئادەم ئۆز يەر-مۈلكىگە قايتسۇن.
14 Siler qoshnanglargha birnéme sétip bersenglar, yaki qoshnanglardin birnéme sétiwalsanglar, bir-biringlarni bozek qilmanglar.
سىلەر قوشناڭلارغا بىرنېمە سېتىپ بەرسەڭلار، ياكى قوشناڭلاردىن بىرنېمە سېتىۋالساڭلار، بىر-بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار.
15 Qoshnangdin [yerni] sétiwalsang, undaqta «azadliq yili»din kéyin ötken yillarning sanini hésablap uningdin sétiwélishing kérek; umu qalghan yillarning sanigha qarap, yerning kéyinki hosullirigha asasen sanga sétip bersun.
قوشناڭدىن [يەرنى] سېتىۋالساڭ، ئۇنداقتا «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆتكەن يىللارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىشىڭ كېرەك؛ ئۇمۇ قالغان يىللارنىڭ سانىغا قاراپ، يەرنىڭ كېيىنكى ھوسۇللىرىغا ئاساسەن ساڭا سېتىپ بەرسۇن.
16 «[Azadliq yili»ghiche] bolghan yillar köprek bolsa, bahasini shuninggha muwapiq yuqiri kötürisen; qalghan yillar azraq bolsa, bahasini shuninggha muwapiq kémeytsun. Chünki qalghan yillarning hosulliri qanche bolsa, u shu boyiche sanga sétip béridu.
«[ئازادلىق يىلى»غىچە] بولغان يىللار كۆپرەك بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق يۇقىرى كۆتۈرىسەن؛ قالغان يىللار ئازراق بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق كېمەيتسۇن. چۈنكى قالغان يىللارنىڭ ھوسۇللىرى قانچە بولسا، ئۇ شۇ بويىچە ساڭا سېتىپ بېرىدۇ.
17 Siler bir-biringlarni bozek qilmanglar, belki Xudayinglardin qorqunglar; chünki Men bolsam Xudayinglar Perwerdigardurmen.
سىلەر بىر-بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار، بەلكى خۇدايىڭلاردىن قورقۇڭلار؛ چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
18 Siler Méning belgilimilirimni tutup, hökümlirimde turup, shulargha emel qilinglar; siler shundaq qilsanglar, zémininglarda tinch-aman turisiler.
سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ھۆكۈملىرىمدە تۇرۇپ، شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، زېمىنىڭلاردا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر.
19 Shuning bilen zémin silerge öz méwisini béridu, siler toyghudek yep, uningda tinch-aman turisiler.
شۇنىڭ بىلەن زېمىن سىلەرگە ئۆز مېۋىسىنى بېرىدۇ، سىلەر تويغۇدەك يەپ، ئۇنىڭدا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر.
20 Eger siler: — Mana, bizge térip hosulni yighishqa ijazet bérilmise, yettinchi yili néme yeymiz, dep sorisanglar,
ئەگەر سىلەر: ــ مانا، بىزگە تېرىپ ھوسۇلنى يىغىشقا ئىجازەت بېرىلمىسە، يەتتىنچى يىلى نېمە يەيمىز، دەپ سورىساڭلار،
21 [silerge melum bolsunki], altinchi yilida üch yilning hosulini bersun dep, Men üstünglargha berikitimni «chüsh» dep buyruymen.
[سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى]، ئالتىنچى يىلىدا ئۈچ يىلنىڭ ھوسۇلىنى بەرسۇن دەپ، مەن ئۈستۈڭلارغا بەرىكىتىمنى «چۈش» دەپ بۇيرۇيمەن.
22 We shundaq boliduki, siler sekkizinchi yili tériysiler, emma toqquzinchi yilighiche éship qalghan kona hosuldin téxiche yeysiler; shu toqquzinchi yilighiche siler kona ashliqtin yeysiler.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر سەككىزىنچى يىلى تېرىيسىلەر، ئەمما توققۇزىنچى يىلىغىچە ئېشىپ قالغان كونا ھوسۇلدىن تېخىچە يەيسىلەر؛ شۇ توققۇزىنچى يىلىغىچە سىلەر كونا ئاشلىقتىن يەيسىلەر.
23 Yer-zémin sétilsa, menggülük sétilmisun, chünki zéminning özi Méningkidur, siler bolsanglar Méning yénimdiki musapir we méhman, xalas.
يەر-زېمىن سېتىلسا، مەڭگۈلۈك سېتىلمىسۇن، چۈنكى زېمىننىڭ ئۆزى مېنىڭكىدۇر، سىلەر بولساڭلار مېنىڭ يېنىمدىكى مۇساپىر ۋە مېھمان، خالاس.
24 Siler ige bolidighan pütkül zéminda yer-zéminning igilirige uni «qayturuwélish hoquqi»ni yaritip bérishinglar kérek.
سىلەر ئىگە بولىدىغان پۈتكۈل زېمىندا يەر-زېمىننىڭ ئىگىلىرىگە ئۇنى «قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى»نى يارىتىپ بېرىشىڭلار كېرەك.
25 Eger qérindashliringlardin biri kembeghelliship, öz miras yérini sétiwetken bolsa, uning yéqin tughqini, yeni «hemjemet shapaetchi»si kélip öz qérindishi satqan yerni qayturup sétiwalsun.
ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز مىراس يېرىنى سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى، يەنى «ھەمجەمەت شاپائەتچى»سى كېلىپ ئۆز قېرىندىشى ساتقان يەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن.
26 Eger uning héch shapaetchi tughqini bolmisa, lékin u yanduruwélishqa kéreklik pulni tapalisa,
ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ شاپائەتچى تۇغقىنى بولمىسا، لېكىن ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالىسا،
27 Undaqta satqinigha qanche yil bolghanliqini hésablap, [azadliq yilighiche] qalghan yillar üchün sétiwalghan kishige muwapiq pul bérip, öz yérige qaytsun.
ئۇنداقتا ساتقىنىغا قانچە يىل بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، [ئازادلىق يىلىغىچە] قالغان يىللار ئۈچۈن سېتىۋالغان كىشىگە مۇۋاپىق پۇل بېرىپ، ئۆز يېرىگە قايتسۇن.
28 Lékin eger u yanduruwélishqa kéreklik pulni tapalmisa, özi sétip bergen yer azadliq yilighiche alghuchining qolida tursun; azadliq yili kelgende yer yer sétiwalghuchining qolidin chiqsun, öz igisi öz yer-mülkige qaytsun.
لېكىن ئەگەر ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالمىسا، ئۆزى سېتىپ بەرگەن يەر ئازادلىق يىلىغىچە ئالغۇچىنىڭ قولىدا تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە يەر يەر سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىدىن چىقسۇن، ئۆز ئىگىسى ئۆز يەر-مۈلكىگە قايتسۇن.
29 Eger birsi sépilliq sheherning ichidiki bir turalghu öyni satqan bolsa, sétip bir yil ichide uni yanduruwélish hoquqi bardur. Toluq bir yil tügep bolghuche, yanduruwélish hoquqi bardur.
ئەگەر بىرسى سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۇرالغۇ ئۆينى ساتقان بولسا، سېتىپ بىر يىل ئىچىدە ئۇنى ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. تولۇق بىر يىل تۈگەپ بولغۇچە، ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر.
30 Lékin pütün yil ichide yanduruwélinmisa, sépilliq sheherning ichidiki bu öy nesildin-nesilge alghan kishining qolida bolup, azadliq yili kelsimu yandurulmas.
لېكىن پۈتۈن يىل ئىچىدە ياندۇرۇۋېلىنمىسا، سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بۇ ئۆي نەسىلدىن-نەسىلگە ئالغان كىشىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئازادلىق يىلى كەلسىمۇ ياندۇرۇلماس.
31 Lékin sépilsiz kentlerning öyliri bolsa zéminning étizliridek hésablinidu; ularni yandurup sétiwalghili bolidu; azadliq yili kelgende esli igisining qoligha yandurulidu.
لېكىن سېپىلسىز كەنتلەرنىڭ ئۆيلىرى بولسا زېمىننىڭ ئېتىزلىرىدەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇلارنى ياندۇرۇپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئەسلى ئىگىسىنىڭ قولىغا ياندۇرۇلىدۇ.
32 Lékin Lawiy sheherliride bolsa, Lawiylar öz mirasi bolghan sheherlerdiki öylirini xalisa herqachan qayturuwélish hoquqi bardur.
لېكىن لاۋىي شەھەرلىرىدە بولسا، لاۋىيلار ئۆز مىراسى بولغان شەھەرلەردىكى ئۆيلىرىنى خالىسا ھەرقاچان قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر.
33 Lawiylardin biri öylirini, yeni öz mirasi bolghan sheherdiki bir öyni qayturuwélish hoquqi bar bolsimu, [lékin qayturup almighan bolsa], undaq ehwalda u azadliq yili kelgende yandurulidu; chünki Lawiy sheherlirining öyliri bolsa Lawiylarning Israillarning arisidiki mirasi bolidu.
لاۋىيلاردىن بىرى ئۆيلىرىنى، يەنى ئۆز مىراسى بولغان شەھەردىكى بىر ئۆينى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار بولسىمۇ، [لېكىن قايتۇرۇپ ئالمىغان بولسا]، ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ياندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى لاۋىي شەھەرلىرىنىڭ ئۆيلىرى بولسا لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىكى مىراسى بولىدۇ.
34 Shundaq hem bularning sheherlirining chörisidiki étiz-yerliri bolsa, ularning ebediy mirasi bolghachqa, sétilsa bolmaydu.
شۇنداق ھەم بۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ چۆرىسىدىكى ئېتىز-يەرلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئەبەدىي مىراسى بولغاچقا، سېتىلسا بولمايدۇ.
35 Sanga qoshna bolghan, qérindashliringlardin biri kembeghelliship, öz jénini baqalmay qalsa, sen uni musapir yaki yaqa yurtluq méhmandek yéningda turghuzup, uningdin xewer alghin.
ساڭا قوشنا بولغان، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز جېنىنى باقالماي قالسا، سەن ئۇنى مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق مېھماندەك يېنىڭدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغىن.
36 Sen uningdin ösüm we yaki payda almighin; sen Xudayingdin qorqup, qérindishingni qéshingda turushqa qoyghin.
سەن ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ۋە ياكى پايدا ئالمىغىن؛ سەن خۇدايىڭدىن قورقۇپ، قېرىندىشىڭنى قېشىڭدا تۇرۇشقا قويغىن.
37 Pulungni uninggha ösümge berme, ashliqingnimu payda élish meqsitide uninggha ötne bermigin.
پۇلۇڭنى ئۇنىڭغا ئۆسۈمگە بەرمە، ئاشلىقىڭنىمۇ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا ئۆتنە بەرمىگىن.
38 Xudayinglar bolushqa, Qanaan zéminini silerge bérishke silerni Misir zéminidin chiqirip kelgen Xudayinglar Perwerdigar Özümdurmen.
خۇدايىڭلار بولۇشقا، قانائان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىشكە سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن.
39 Eger sanga qoshna bolghan qérindishing kembeghelliship, özini sanga satsa, uni quldek qulluq xizmitige salmighin;
ئەگەر ساڭا قوشنا بولغان قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى ساڭا ساتسا، ئۇنى قۇلدەك قۇللۇق خىزمىتىگە سالمىغىن؛
40 belki u qéshingda medikar yaki musapirdek tursun; azadliq yilighiche séning xizmitingde bolsun;
بەلكى ئۇ قېشىڭدا مەدىكار ياكى مۇساپىردەك تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلىغىچە سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولسۇن؛
41 andin azad bolup özi bilen baliliri qéshingdin chiqip, öz jemetige yénip bérip, ata-bowilirining yer-mülkige qaytsun.
ئاندىن ئازاد بولۇپ ئۆزى بىلەن بالىلىرى قېشىڭدىن چىقىپ، ئۆز جەمەتىگە يېنىپ بېرىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يەر-مۈلكىگە قايتسۇن.
42 Chünki ular Men Özüm Misir zéminidin chiqirip élip kelgen qul-bendilirim bolghachqa, ularni quldek sétishqa yol qoymanglar.
چۈنكى ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئېلىپ كەلگەن قۇل-بەندىلىرىم بولغاچقا، ئۇلارنى قۇلدەك سېتىشقا يول قويماڭلار.
43 Sen ulargha qattiq qolluq bilen xojiliq qilmaysen, belki Xudayingdin qorqqin.
سەن ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمايسەن، بەلكى خۇدايىڭدىن قورققىن.
44 Lékin özüngge qul yaki dédek almaqchi bolsang, ularni etraptiki yat ellerdin shundaq qul ya dédek sétiwalsang bolidu.
لېكىن ئۆزۈڭگە قۇل ياكى دېدەك ئالماقچى بولساڭ، ئۇلارنى ئەتراپتىكى يات ئەللەردىن شۇنداق قۇل يا دېدەك سېتىۋالساڭ بولىدۇ.
45 Bulardin bashqa, aranglarda olturaqlashqan musapirlarning perzentlirini we shularning jemetidin, yeni siler bilen bille turuwatqan, zémininglarda tughulghanlardin qullar sétiwalsanglar bolidu; shuning bilen ular silerning mülkünglar bolup qalidu.
بۇلاردىن باشقا، ئاراڭلاردا ئولتۇراقلاشقان مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ۋە شۇلارنىڭ جەمەتىدىن، يەنى سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان، زېمىنىڭلاردا تۇغۇلغانلاردىن قۇللار سېتىۋالساڭلار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلار بولۇپ قالىدۇ.
46 Siler mushularni özünglardin kéyinki baliliringlargha miras qilip, ulargha mülük bolushqa qaldursanglar bolidu; mushularni ebedgiche qul qilsanglar bolidu; lékin öz qérindashliringlar bolghan Israillar arisida bolsa, bir-biringlargha qattiq qolluq bilen xojiliq qilmasliqinglar kérek.
سىلەر مۇشۇلارنى ئۆزۈڭلاردىن كېيىنكى بالىلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ، ئۇلارغا مۈلۈك بولۇشقا قالدۇرساڭلار بولىدۇ؛ مۇشۇلارنى ئەبەدگىچە قۇل قىلساڭلار بولىدۇ؛ لېكىن ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللار ئارىسىدا بولسا، بىر-بىرىڭلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك.
47 Eger aranglarda olturushluq bir musapir yaki yaqa yurtluq béyighan we uninggha qoshna qérindishing kembeghelliship, özini shu qoshna musapirgha we yaki shu musapirning melum bir ewladigha satsa,
ئەگەر ئاراڭلاردا ئولتۇرۇشلۇق بىر مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق بېيىغان ۋە ئۇنىڭغا قوشنا قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى شۇ قوشنا مۇساپىرغا ۋە ياكى شۇ مۇساپىرنىڭ مەلۇم بىر ئەۋلادىغا ساتسا،
48 u sétilghandin kéyin uningda pul tölep hörlükke chiqish hoquqi qalidu; uning aka-ukilirining herqaysisi uni hörlükke sétiwalsa bolidu.
ئۇ سېتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا پۇل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىش ھوقۇقى قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ھەرقايسىسى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ.
49 Shuningdek uning taghisi yaki taghisining oghli we yaki jemetidin bolghan herqaysi yéqin tughqini uni hörlükke sétiwalsa bolidu; yaki özining qurbi yetse, pul bérip öz-özini hörlükke sétiwalsa bolidu.
شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تاغىسى ياكى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋە ياكى جەمەتىدىن بولغان ھەرقايسى يېقىن تۇغقىنى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ؛ ياكى ئۆزىنىڭ قۇربى يەتسە، پۇل بېرىپ ئۆز-ئۆزىنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ.
50 Uni sétiwalidighan kishi uning xojisi bilen gepliship sétilghan yildin tartip azadliq yilighiche qanchilik bolghanliqini hésablap, sétiwélish bahasini yillarning sanigha qarap hésablisun; [hörlük puli hésablashta qulning xojisigha] ishleshke kérek bolghan qalghan künlirining heqqi «medikarning ishligen künliri»dek hésablansun.
ئۇنى سېتىۋالىدىغان كىشى ئۇنىڭ خوجىسى بىلەن گەپلىشىپ سېتىلغان يىلدىن تارتىپ ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، سېتىۋېلىش باھاسىنى يىللارنىڭ سانىغا قاراپ ھېسابلىسۇن؛ [ھۆرلۈك پۇلى ھېسابلاشتا قۇلنىڭ خوجىسىغا] ئىشلەشكە كېرەك بولغان قالغان كۈنلىرىنىڭ ھەققى «مەدىكارنىڭ ئىشلىگەن كۈنلىرى»دەك ھېسابلانسۇن.
51 Azadliq yiligha yene xéli yillar bolsa, shuni hésablap, sétilghan pulning nisbiti boyiche hörlük pulini hésablap bersun;
ئازادلىق يىلىغا يەنە خېلى يىللار بولسا، شۇنى ھېسابلاپ، سېتىلغان پۇلنىڭ نىسبىتى بويىچە ھۆرلۈك پۇلىنى ھېسابلاپ بەرسۇن؛
52 eger azadliq yiligha az yillar qalghan bolsa, uni hésab qilip, qalghan qulluq yillirigha muwapiq pulni yandurup bersun.
ئەگەر ئازادلىق يىلىغا ئاز يىللار قالغان بولسا، ئۇنى ھېساب قىلىپ، قالغان قۇللۇق يىللىرىغا مۇۋاپىق پۇلنى ياندۇرۇپ بەرسۇن.
53 Bolmisa, qul shu xojisining yénida yilliq medikardek turushi kérek; uning xojisi séning köz aldingda uninggha qattiq qolluq bilen xojiliq qilmisun.
بولمىسا، قۇل شۇ خوجىسىنىڭ يېنىدا يىللىق مەدىكاردەك تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ خوجىسى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمىسۇن.
54 Eger qul yuqiriqi yollar bilen hörlükke chiqalmisa, azadliq yili kelgende qoyup bérilsun — u baliliri bilen qoshulup azad bolidu.
ئەگەر قۇل يۇقىرىقى يوللار بىلەن ھۆرلۈككە چىقالمىسا، ئازادلىق يىلى كەلگەندە قويۇپ بېرىلسۇن ــ ئۇ بالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئازاد بولىدۇ.
55 Chünki Israillarning özi Manga qul-bendilerdur; ular Men Özüm Misir zéminidin chiqirip kelgen qul-bendilirimdur. Xudayinglar Perwerdigar Özümdurmen.
چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى ماڭا قۇل-بەندىلەردۇر؛ ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن قۇل-بەندىلىرىمدۇر. خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن.

< Lawiylar 25 >