< Lawiylar 21 >

1 Perwerdigar Musagha söz qilip mundaq dédi: — Sen kahinlar bolghan Harunning oghullirigha mundaq dégin: — bir kahin öz xelqining arisidiki ölgenler wejidin özini napak qilmisun.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ سەن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ بىر كاھىن ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى ئۆلگەنلەر ۋەجىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن.
2 Peqet özining yéqin tughqanliri üchün — anisi bilen atisi, oghli bilen qizi we aka-inisining ölüki tüpeylidin özini napak qilsa bolidu;
پەقەت ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن ــ ئانىسى بىلەن ئاتىسى، ئوغلى بىلەن قىزى ۋە ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئۆلۈكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ؛
3 shuningdek eger acha-singlisi erge tegmey pak qiz halette özi bilen bille turuwatqan bolsa, uning ölüki tüpeylidin özini napak qilsa bolidu;
شۇنىڭدەك ئەگەر ئاچا-سىڭلىسى ئەرگە تەگمەي پاك قىز ھالەتتە ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ؛
4 chünki [kahin] öz xelqining arisida mötiwer bolghachqa, özini napak qilip bulghimasliqi kérek.
چۈنكى [كاھىن] ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا مۆتىۋەر بولغاچقا، ئۆزىنى ناپاك قىلىپ بۇلغىماسلىقى كېرەك.
5 Kahinlar béshini yérim-yata qilip chüshürmesliki, saqilining uch-yanlirini hem chüshürmesliki, bedinigimu zexim yetküzüp tilmasliqi kérek,
كاھىنلار بېشىنى يېرىم-ياتا قىلىپ چۈشۈرمەسلىكى، ساقىلىنىڭ ئۇچ-يانلىرىنى ھەم چۈشۈرمەسلىكى، بەدىنىگىمۇ زەخىم يەتكۈزۈپ تىلماسلىقى كېرەك،
6 belki ular öz Xudasigha muqeddes turup, Xudasining namini bulghimasliqi kérek; chünki ular Perwerdigargha atap otta sunulidighan qurbanliqlarni, öz Xudasining nénini sunidu; shunga ular muqeddes bolushi kérek.
بەلكى ئۇلار ئۆز خۇداسىغا مۇقەددەس تۇرۇپ، خۇداسىنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلارنى، ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى سۇنىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار مۇقەددەس بولۇشى كېرەك.
7 Ular bir ayalni öz emrige alghanda pahishe ayalnimu, buzuq ayalnimu almasliqi kérek we éri qoyuwetken ayalnimu almisun. Chünki kahin bolsa öz Xudasigha xas muqeddes qilin’ghan.
ئۇلار بىر ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالغاندا پاھىشە ئايالنىمۇ، بۇزۇق ئايالنىمۇ ئالماسلىقى كېرەك ۋە ئېرى قويۇۋەتكەن ئايالنىمۇ ئالمىسۇن. چۈنكى كاھىن بولسا ئۆز خۇداسىغا خاس مۇقەددەس قىلىنغان.
8 U Xudayingning nénini sun’ghini üchün u sanga nisbeten muqeddes dep sanilishi kérek; chünki silerni muqeddes qilghuchi Perwerdigar Özüm muqeddesturmen.
ئۇ خۇدايىڭنىڭ نېنىنى سۇنغىنى ئۈچۈن ئۇ ساڭا نىسبەتەن مۇقەددەس دەپ سانىلىشى كېرەك؛ چۈنكى سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈم مۇقەددەستۇرمەن.
9 Eger bir kahinning qizi pahishilik qilip özini bulghighan qilsa, öz atisini bulghighan bolidu; u otta köydürülsun.
ئەگەر بىر كاھىننىڭ قىزى پاھىشىلىك قىلىپ ئۆزىنى بۇلغىغان قىلسا، ئۆز ئاتىسىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن.
10 Béshigha mesihlesh zeytun méyi tökülgen, kahinliq kiyimlerni kiyishke tiklen’gen, öz qérindashlirining arisida bash kahin qilin’ghan kishi yalangbash bolmisun, kiyimlirinimu yirtmisun;
بېشىغا مەسىھلەش زەيتۇن مېيى تۆكۈلگەن، كاھىنلىق كىيىملەرنى كىيىشكە تىكلەنگەن، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن قىلىنغان كىشى يالاڭباش بولمىسۇن، كىيىملىرىنىمۇ يىرتمىسۇن؛
11 U yene héch ölükke yéqinlashmasliqi kérek, hetta atisi we yaki anisining ölüklirining wejidin özini napak qilmasliqi kérek.
ئۇ يەنە ھېچ ئۆلۈككە يېقىنلاشماسلىقى كېرەك، ھەتتا ئاتىسى ۋە ياكى ئانىسىنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ ۋەجىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك.
12 U [wezipiside turuwatqanda] muqeddes jaydin hergiz ayrilmisun we shuningdek Xudasining muqeddes jayini bulghimasliqi kérek; chünki uning Xudasining uni Özige xas qilghan «mesihlesh méyi» uning béshida turidu. Men Perwerdigardurmen.
ئۇ [ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقاندا] مۇقەددەس جايدىن ھەرگىز ئايرىلمىسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇداسىنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسىنىڭ ئۇنى ئۆزىگە خاس قىلغان «مەسىھلەش مېيى» ئۇنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
13 U xotun alsa pak qizni élishi kérek;
ئۇ خوتۇن ئالسا پاك قىزنى ئېلىشى كېرەك؛
14 tul we yaki erdin qoyuwétilgen ayal we yaki buzuq we yaki pahishe ayal bolsa bularni almasliqi, belki öz xelqidin bolghan pak qizni xotunluqqa élishi kérek.
تۇل ۋە ياكى ئەردىن قويۇۋېتىلگەن ئايال ۋە ياكى بۇزۇق ۋە ياكى پاھىشە ئايال بولسا بۇلارنى ئالماسلىقى، بەلكى ئۆز خەلقىدىن بولغان پاك قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك.
15 Bolmisa u öz xelqining arisida öz uruqini napak qilidu; chünki uni muqeddes qilghuchi Perwerdigar Mendurmen.
بولمىسا ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئۇرۇقىنى ناپاك قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار مەندۇرمەن.
16 Perwerdigar Musagha söz qilip mundaq dédi: —
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
17 Sen Harun’gha mundaq dégin: — «Ewladtin-ewladqiche séning neslingdin bolghan birsi méyip bolsa, Xudaning nénini sunush üchün yéqin kelmisun;
سەن ھارۇنغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ نەسلىڭدىن بولغان بىرسى مېيىپ بولسا، خۇدانىڭ نېنىنى سۇنۇش ئۈچۈن يېقىن كەلمىسۇن؛
18 méyip bolghan herqandaq kishi hergiz yéqin kelmisun — yaki kor bolsun, tokur bolsun, panaq bolsun yaki bir ezasi yene bir jüpidin uzun bolghan adem bolsun,
مېيىپ بولغان ھەرقانداق كىشى ھەرگىز يېقىن كەلمىسۇن ــ ياكى كور بولسۇن، توكۇر بولسۇن، پاناق بولسۇن ياكى بىر ئەزاسى يەنە بىر جۈپىدىن ئۇزۇن بولغان ئادەم بولسۇن،
19 puti yaki qoli sunuq bolsun,
پۇتى ياكى قولى سۇنۇق بولسۇن،
20 dok bolsun, parpa bolsun, közide aq bolsun, qichishqaq bolghan bolsun, temretke basqan bolsun yaki uruqdéni ézilgen herkim bolsun,
دوك بولسۇن، پارپا بولسۇن، كۆزىدە ئاق بولسۇن، قىچىشقاق بولغان بولسۇن، تەمرەتكە باسقان بولسۇن ياكى ئۇرۇقدېنى ئېزىلگەن ھەركىم بولسۇن،
21 Harun kahinning neslidin bolghan undaq méyip kishilerning héchbiri Perwerdigargha atap otta sunulidighan nersilerni keltürüshke yéqin barmisun; undaq kishi méyiptur; u öz Xudasining nénini sunushqa yéqin kelmisun.
ھارۇن كاھىننىڭ نەسلىدىن بولغان ئۇنداق مېيىپ كىشىلەرنىڭ ھېچبىرى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈشكە يېقىن بارمىسۇن؛ ئۇنداق كىشى مېيىپتۇر؛ ئۇ ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى سۇنۇشقا يېقىن كەلمىسۇن.
22 Halbuki, u öz Xudasining nénini, yeni «eng muqeddes» we «muqeddes» hésablan’ghan nersilerning her ikkisidin yésun.
ھالبۇكى، ئۇ ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى، يەنى «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» ھېسابلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېسۇن.
23 Peqet u perdidin ötüp ichkirisige kirmesliki yaki qurban’gahqimu yéqin barmasliqi kérek; chünki u méyiptur; bolmisa, u Méning muqeddes jaylirimni bulghighan bolidu; chünki ularni muqeddes qilghuchi Perwerdigar Özümdurmen».
پەقەت ئۇ پەردىدىن ئۆتۈپ ئىچكىرىسىگە كىرمەسلىكى ياكى قۇربانگاھقىمۇ يېقىن بارماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ مېيىپتۇر؛ بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس جايلىرىمنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن».
24 Bu sözlerning hemmisini Musa Harun bilen uning oghulliri we Israillarning hemmisige éytip berdi.
بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە ئېيتىپ بەردى.

< Lawiylar 21 >