< Batur Hakimlar 8 >

1 (Kéyin, Efraimlar uninggha: — Sen némishqa bizge shundaq muamile qilisen, Midiyaniylar bilen soqushqa chiqqanda, bizni chaqirmidingghu, dep uning bilen qattiq déyiship ketti.
(كېيىن، ئەفرائىملار ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن، مىدىيانىيلار بىلەن سوقۇشقا چىققاندا، بىزنى چاقىرمىدىڭغۇ، دەپ ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېيىشىپ كەتتى.
2 U ulargha jawaben: — Méning qilghanlirimni qandaqmu silerning qilghininglargha tengleshtürgili bolsun? Efraimning üzümlerni pasangdighini, Abiéezerlerning üzüm üzginidin artuq emesmu?
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ئەفرائىمنىڭ ئۈزۈملەرنى پاساڭدىغىنى، ئابىئېەزەرلەرنىڭ ئۈزۈم ئۈزگىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟
3 Xuda Midiyanning emirliri Oreb bilen Zeebni qolunglargha tapshurghan yerde, méning qolumdin kelginini qandaqmu silerning qilghininglargha tengleshtürgili bolsun? — dédi. Shundaq déwidi, ularning uninggha bolghan achchiqi yandi).
خۇدا مىدىياننىڭ ئەمىرلىرى ئورەب بىلەن زەئەبنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغان يەردە، مېنىڭ قولۇمدىن كەلگىنىنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقى ياندى).
4 Emdi Gidéon Iordan deryasining boyigha yétip keldi. U we özige hemrah bolghan üch yüz adem hérip ketken bolsimu, ular yenila Midiyaniylarni qoghlap deryadin ötti.
ئەمدى گىدېئون ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ۋە ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ئۈچ يۈز ئادەم ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا مىدىيانىيلارنى قوغلاپ دەريادىن ئۆتتى.
5 Gidéon Sukkot shehiridikilerge: — Manga hemrah bolup kelgen kishilerge nan bersenglar, chünki ular hérip-charchap ketti. Biz Midiyanning ikki padishahi Zebah we Zalmunnani qoghlap kétip barimiz, — dédi.
گىدېئون سۇككوت شەھىرىدىكىلەرگە: ــ ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن كىشىلەرگە نان بەرسەڭلار، چۈنكى ئۇلار ھېرىپ-چارچاپ كەتتى. بىز مىدىياننىڭ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى قوغلاپ كېتىپ بارىمىز، ــ دېدى.
6 Lékin Sukkotning chongliri jawab bérip: — Zebah we Zalmunna hazir séning qolunggha chüshtimu?! Biz séning mushu leshkerliringge nan béremduq?! — dédi.
لېكىن سۇككوتنىڭ چوڭلىرى جاۋاب بېرىپ: ــ زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟! بىز سېنىڭ مۇشۇ لەشكەرلىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟! ــ دېدى.
7 Gidéon: — Xep! Shundaq bolghini üchün Perwerdigar Zebah we Zalmunnani méning qolumgha tapshurghanda, etliringlarni chöldiki yantaq we shoxa bilen xamanda tépimen, — dédi.
گىدېئون: ــ خەپ! شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار زەباھ ۋە زالمۇننانى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغاندا، ئەتلىرىڭلارنى چۆلدىكى يانتاق ۋە شوخا بىلەن خاماندا تېپىمەن، ــ دېدى.
8 Gidéon u yerdin Penuelge bérip, u yerdiki ademlergimu shundaq déwidi, Penueldiki kishilermu uninggha Sukkottikilerdek jawab berdi.
گىدېئون ئۇ يەردىن پەنۇئەلگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرگىمۇ شۇنداق دېۋىدى، پەنۇئەلدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا سۇككوتتىكىلەردەك جاۋاب بەردى.
9 U Penueldikilerge: — Men ghelibe bilen yénip kelginimde, bu munaringlarni örüwétimen, — dédi.
ئۇ پەنۇئەلدىكىلەرگە: ــ مەن غەلىبە بىلەن يېنىپ كەلگىنىمدە، بۇ مۇنارىڭلارنى ئۆرۈۋېتىمەن، ــ دېدى.
10 U chaghda Zebah we Zalmunna Karkor dégen jayda idi; ular bilen mangghan qoshunda on besh mingche leshker bar idi. Bular bolsa meshriqliqlerning pütkül qoshunidin qélip qalghanliri idi, chünki ulardin qilich tutqanliridin bir yüz yigirme mingi öltürülgenidi.
ئۇ چاغدا زەباھ ۋە زالمۇننا كاركور دېگەن جايدا ئىدى؛ ئۇلار بىلەن ماڭغان قوشۇندا ئون بەش مىڭچە لەشكەر بار ئىدى. بۇلار بولسا مەشرىقلىقلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىدىن قېلىپ قالغانلىرى ئىدى، چۈنكى ئۇلاردىن قىلىچ تۇتقانلىرىدىن بىر يۈز يىگىرمە مىڭى ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
11 Gidéon bolsa Nobah we Yogbixahning sherqidiki köchmenler yoli bilen chiqip Midiyanning leshkergahigha hujum qilip, ularni tarmar qildi; chünki leshkergahtikiler tolimu endishsiz turghanidi.
گىدېئون بولسا نوباھ ۋە يوگبىخاھنىڭ شەرقىدىكى كۆچمەنلەر يولى بىلەن چىقىپ مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدى؛ چۈنكى لەشكەرگاھتىكىلەر تولىمۇ ئەندىشسىز تۇرغانىدى.
12 Zebah we Zalmunna qéchip ketti; Gidéon keynidin qoghlap bérip, Midiyanning bu ikki padishahi Zebah we Zalmunnani tutuwaldi; u pütkül leshkergahtikilerni alaqzade qilip tiripiren qiliwetti.
زەباھ ۋە زالمۇننا قېچىپ كەتتى؛ گىدېئون كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، مىدىياننىڭ بۇ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى تۇتۇۋالدى؛ ئۇ پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكىلەرنى ئالاقزادە قىلىپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى.
13 Andin Yoashning oghli Gidéon Heres dawinidin ötüp, jengdin qaytip keldi.
ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ھەرەس داۋىنىدىن ئۆتۈپ، جەڭدىن قايتىپ كەلدى.
14 U Sukkotluq bir yash yigitni tutuwélip, uningdin sürüshte qiliwidi, yigit uninggha Sukkotning chongliri we aqsaqallirining isimlirini yézip berdi. Ular jemiy bolup yetmish yette adem idi.
ئۇ سۇككوتلۇق بىر ياش يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سۈرۈشتە قىلىۋىدى، يىگىت ئۇنىڭغا سۇككوتنىڭ چوڭلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ بەردى؛ ئۇلار جەمئىي بولۇپ يەتمىش يەتتە ئادەم ئىدى.
15 Andin Gidéon Sukkotning ademlirining qéshigha yétip barghanda: — Siler méni zangliq qilip: «Zebah we Zalmunna hazir séning qolunggha chüshtimu? Biz séning bilen bille mangghan mushu harghin ademliringge nan béremduq?» dégenidinglar! Mana, u Zebah we Zalmunna dégenler! — dédi.
ئاندىن گىدېئون سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغاندا: ــ سىلەر مېنى زاڭلىق قىلىپ: «زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟ بىز سېنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان مۇشۇ ھارغىن ئادەملىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟» دېگەنىدىڭلار! مانا، ئۇ زەباھ ۋە زالمۇننا دېگەنلەر! ــ دېدى.
16 Shuni dep u sheherning aqsaqallirini tutup kélip, chöldiki yantaq bilen shoxilarni élip kélip, ular bilen Sukkotning ademlirini urup edipini berdi.
شۇنى دەپ ئۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى يانتاق بىلەن شوخىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ ئەدىپىنى بەردى.
17 Andin u Penuelning munarini örüp, sheherdiki ademlerni öltürdi.
ئاندىن ئۇ پەنۇئەلنىڭ مۇنارىنى ئۆرۈپ، شەھەردىكى ئادەملەرنى ئۆلتۈردى.
18 Gidéon Zebah we Zalmunnani soraq qilip: — Siler ikkinglar Taborda öltürgen ademler qandaq ademler idi? — dep soriwidi, ular jawab bérip: — Ular sanga intayin oxshaytti; ularning herbiri shahzadidek idi, — dédi.
گىدېئون زەباھ ۋە زالمۇننانى سوراق قىلىپ: ــ سىلەر ئىككىڭلار تابوردا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار ساڭا ئىنتايىن ئوخشايتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى شاھزادىدەك ئىدى، ــ دېدى.
19 U buni anglap: — Ular méning bir tughqanlirimdur, biz bir anining oghullirimiz. Perwerdigarning hayati bilen qesem qilimenki, siler eyni waqitta ularni tirik qoyghan bolsanglar, men silerni hergiz öltürmeyttim, — dédi;
ئۇ بۇنى ئاڭلاپ: ــ ئۇلار مېنىڭ بىر تۇغقانلىرىمدۇر، بىز بىر ئانىنىڭ ئوغۇللىرىمىز. پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنى تىرىك قويغان بولساڭلار، مەن سىلەرنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيتتىم، ــ دېدى؛
20 shuning bilen u chong oghli Yeterge: — Sen qopup bularni öltürgin, — dédi. Lékin oghul kichik bolghachqa qorqup, qilichini sughurmidi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە: ــ سەن قوپۇپ بۇلارنى ئۆلتۈرگىن، ــ دېدى. لېكىن ئوغۇل كىچىك بولغاچقا قورقۇپ، قىلىچىنى سۇغۇرمىدى.
21 Shuning bilen Zebah we Zalmunna: — Sen özüng qopup bizni öltürgin; chünki adem qandaq bolsa küchimu shundaq bolidu, — dédi. Shundaq déwidi, Gidéon qopup Zebah we Zalmunnani öltürdi. U tögilirining boynidiki hilal ay shekillik bézeklerni éliwaldi.
شۇنىڭ بىلەن زەباھ ۋە زالمۇننا: ــ سەن ئۆزۈڭ قوپۇپ بىزنى ئۆلتۈرگىن؛ چۈنكى ئادەم قانداق بولسا كۈچىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، گىدېئون قوپۇپ زەباھ ۋە زالمۇننانى ئۆلتۈردى. ئۇ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكىللىك بېزەكلەرنى ئېلىۋالدى.
22 Andin Israillar Gidéon’gha: — Sen bizni Midiyanning qolidin qutquzghanikensen, özüng bizge padishah bolghin; oghlung we oghlungning oghlimu bizning üstimizge höküm sürsun, — dédi.
ئاندىن ئىسرائىللار گىدېئونغا: ــ سەن بىزنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىكەنسەن، ئۆزۈڭ بىزگە پادىشاھ بولغىن؛ ئوغلۇڭ ۋە ئوغلۇڭنىڭ ئوغلىمۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرسۇن، ــ دېدى.
23 Emma Gidéon ulargha jawab bérip: — Men üstünglerge seltenet qilmaymen, oghlummu üstünglerge seltenet qilmaydu; belki Perwerdigar Özi üstünglerge seltenet qilidu, dédi.
ئەمما گىدېئون ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايمەن، ئوغلۇممۇ ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايدۇ؛ بەلكى پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلىدۇ، دېدى.
24 Andin Gidéon ulargha yene: — Silerge peqet birla iltimasim bar: — Her biringlar öz oljanglardin halqa-zérilerni manga béringlar, dédi (Midiyanlar Ismaillardin bolghachqa, herbiri altun zire-halqilarni taqaytti).
ئاندىن گىدېئون ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە پەقەت بىرلا ئىلتىماسىم بار: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز ئولجاڭلاردىن ھالقا-زېرىلەرنى ماڭا بېرىڭلار، دېدى (مىدىيانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ھەربىرى ئالتۇن زىرە-ھالقىلارنى تاقايتتى).
25 Ular jawaben: — Bérishke razimiz, dep yerge bir yépinchini sélip, herbiri uning üstige oljisidin zire-halqilarni élip tashlidi.
ئۇلار جاۋابەن: ــ بېرىشكە رازىمىز، دەپ يەرگە بىر يېپىنچىنى سېلىپ، ھەربىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولجىسىدىن زىرە-ھالقىلارنى ئېلىپ تاشلىدى.
26 U sorap yighqan altun zirilerning éghirliqi bir ming yette yüz shekel altun idi, buningdin bashqa Midiyan padishahliri özige asqan hilal ay shekillik buyumlar, zunnar, uchisigha kiygen sösün éginler we tögilerning boynigha asqan altun zenjirlermu bar idi.
ئۇ سوراپ يىغقان ئالتۇن زىرىلەرنىڭ ئېغىرلىقى بىر مىڭ يەتتە يۈز شەكەل ئالتۇن ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا مىدىيان پادىشاھلىرى ئۆزىگە ئاسقان ھىلال ئاي شەكىللىك بۇيۇملار، زۇننار، ئۇچىسىغا كىيگەن سۆسۈن ئېگىنلەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ئالتۇن زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى.
27 Gidéon bu nersilerdin bir efod yasitip, öz shehiri Ofrahta qoyup qoydi. Netijide, pütkül Israil uni izdep buzuqchiliq qildi. Buning bilen bu nerse Gidéon we uning pütün ailisige bir tor-tuzaq boldi.
گىدېئون بۇ نەرسىلەردىن بىر ئەفود ياسىتىپ، ئۆز شەھىرى ئوفراھتا قويۇپ قويدى. نەتىجىدە، پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى ئىزدەپ بۇزۇقچىلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسە گىدېئون ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە بىر تور-تۇزاق بولدى.
28 Midiyaniylar shu teriqide Israillarning aldida boysundurulup, ikkinchi bash kötürelmidi; zémin Gidéonning künliride qiriq yilghiche tinch-aramliq tapti.
مىدىيانىيلار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلۇپ، ئىككىنچى باش كۆتۈرەلمىدى؛ زېمىن گىدېئوننىڭ كۈنلىرىدە قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئاراملىق تاپتى.
29 Yoashning oghli Yerubbaal qaytip bérip, öz öyide olturdi.
يوئاشنىڭ ئوغلى يەرۇببائال قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئۆيىدە ئولتۇردى.
30 Gidéonning ayalliri köp bolghachqa, uning pushtidin yetmish oghul töreldi.
گىدېئوننىڭ ئاياللىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇشتىدىن يەتمىش ئوغۇل تۆرەلدى.
31 Shekemde uning bir kénizikimu bar idi; u uninggha bir oghul tughup berdi, Gidéon uning ismini «Abimelek» dep qoydi.
شەكەمدە ئۇنىڭ بىر كېنىزىكىمۇ بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، گىدېئون ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئابىمەلەك» دەپ قويدى.
32 Yoashning oghli Gidéon uzun ömür körüp, qérip alemdin ötti. U Abiézerlerge tewe bolghan Ofrahda, öz atisi Yoashning qebrisige depne qilindi.
يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، قېرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئابىئېزەرلەرگە تەۋە بولغان ئوفراھدا، ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىندى.
33 Gidéon ölgendin kéyin Israillar keynige yénip, Baal butlirigha egiship buzuqchiliq qildi we «Baal-Bérit»ni özlirining ilahi qilip békitti.
گىدېئون ئۆلگەندىن كېيىن ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ، بائال بۇتلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلدى ۋە «بائال-بېرىت»نى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلىپ بېكىتتى.
34 Shundaq qilip Israillar özlirini etrapidiki barliq düshmenlirining qolidin qutquzghan öz Xudasi Perwerdigarni untudi
شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇدى
35 we shuningdek Gidéonning Israilgha qilghan hemme yaxshiliqlirini héch eslimey, Yerubbaal (yeni Gidéon)ning jemetige héchbir méhribanliq körsetmidi.
ۋە شۇنىڭدەك گىدېئوننىڭ ئىسرائىلغا قىلغان ھەممە ياخشىلىقلىرىنى ھېچ ئەسلىمەي، يەرۇببائال (يەنى گىدېئون)نىڭ جەمەتىگە ھېچبىر مېھرىبانلىق كۆرسەتمىدى.

< Batur Hakimlar 8 >