< Batur Hakimlar 5 >

1 Shu küni Deborah we Abinoamning oghli Baraq mundaq nezme oqudi: —
شۇ كۈنى دەبوراھ ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق مۇنداق نەزمە ئوقۇدى: ــ
2 Israilda yétekchiler yol bashlighini üchün, Xelq ixtiyaren özlirini pida qilghini üchün, Perwerdigargha teshekkür-medhiye oqunglar!
ئىسرائىلدا يېتەكچىلەر يول باشلىغىنى ئۈچۈن، خەلق ئىختىيارەن ئۆزلىرىنى پىدا قىلغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇڭلار!
3 Ey padishahlar, anglanglar, Ey emirler, qulaq sélinglar! Men, men Perwerdigargha atap nezme oquymen, Men Israilning Xudasi Perwerdigargha küy éytimen.
ئەي پادىشاھلار، ئاڭلاڭلار، ئەي ئەمىرلەر، قۇلاق سېلىڭلار! مەن، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ نەزمە ئوقۇيمەن، مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىمەن.
4 I Perwerdigar, sen Séirdin chiqqiningda, Édomning yayliqidin chiqip yürüsh qilghiningda, Yer titrep, asmanlardin sular tamchidi, Shundaq, bulutlar yamghurlirini yaghdurdi;
ئى پەرۋەردىگار، سەن سېئىردىن چىققىنىڭدا، ئېدومنىڭ يايلىقىدىن چىقىپ يۈرۈش قىلغىنىڭدا، يەر تىترەپ، ئاسمانلاردىن سۇلار تامچىدى، شۇنداق، بۇلۇتلار يامغۇرلىرىنى ياغدۇردى؛
5 Taghlar Perwerdigarning aldida tewrendi, Ene Sinay téghimu tewrinip ketti, Israilning Xudasi Perwerdigarning aldida.
تاغلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تەۋرەندى، ئەنە سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا.
6 Anatning oghli Shamgarning künliride, Hem Yaelning künliride, Chong yollar tashlinip qélip, Yoluchilar egri-toqay chighir yollar bilen mangatti;
ئاناتنىڭ ئوغلى شامگارنىڭ كۈنلىرىدە، ھەم يائەلنىڭ كۈنلىرىدە، چوڭ يوللار تاشلىنىپ قېلىپ، يولۇچىلار ئەگرى-توقاي چىغىر يوللار بىلەن ماڭاتتى؛
7 Israilda ezimetler yoqap ketti, Taki menki Deborah qozghilip, Israilda bir ana süpitide peyda bolghinimghiche.
ئىسرائىلدا ئەزىمەتلەر يوقاپ كەتتى، تاكى مەنكى دەبوراھ قوزغىلىپ، ئىسرائىلدا بىر ئانا سۈپىتىدە پەيدا بولغىنىمغىچە.
8 [Israillar] yéngi ilahlarni tallidi; Urush derwazilirigha yétip keldi. Qiriq mingche Israilliqning arisida, Ya bir qalqan ya bir neyze tépilisichu?!
[ئىسرائىللار] يېڭى ئىلاھلارنى تاللىدى؛ ئۇرۇش دەرۋازىلىرىغا يېتىپ كەلدى. قىرىق مىڭچە ئىسرائىللىقنىڭ ئارىسىدا، يا بىر قالقان يا بىر نەيزە تېپىلىسىچۇ؟!
9 Qelbim Israilning emirlirige qayildur, Ular xelq arisida özlirini ixtiyaren pida qildi; Perwerdigargha teshekkür-medhiye oqunglar!
قەلبىم ئىسرائىلنىڭ ئەمىرلىرىگە قايىلدۇر، ئۇلار خەلق ئارىسىدا ئۆزلىرىنى ئىختىيارەن پىدا قىلدى؛ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇڭلار!
10 I aq ésheklerge min’genler, I nepis zilchilerning üstide olturghanlar, I yolda yürgenler, köngül bölünglar!
ئى ئاق ئېشەكلەرگە مىنگەنلەر، ئى نەپىس زىلچىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار، ئى يولدا يۈرگەنلەر، كۆڭۈل بۆلۈڭلار!
11 Su ekilidighan jaylarda olja bölüshüwatqanlarning jushqun awazilirini anglanglar! Ular shu yerlerde Perwerdigarning heqqaniy emellirini medhiyilep, Uning Israildiki ezimetlirining heqqaniy emellirini teriplishidu. Shu waqitta Perwerdigarning xelqi chüshüp derwazilargha yétip kélip: —
سۇ ئەكىلىدىغان جايلاردا ئولجا بۆلۈشۈۋاتقانلارنىڭ جۇشقۇن ئاۋازىلىرىنى ئاڭلاڭلار! ئۇلار شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلدىكى ئەزىمەتلىرىنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى تەرىپلىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى چۈشۈپ دەرۋازىلارغا يېتىپ كېلىپ: ــ
12 «I Deborah, oyghan, oyghan! Oyghan, oyghan, ghezel éytqin! Ornungdin tur, i Baraq, Esirliringni yalap mang, i Abinoamning oghli!» — déyishidu.
«ئى دەبوراھ، ئويغان، ئويغان! ئويغان، ئويغان، غەزەل ئېيتقىن! ئورنۇڭدىن تۇر، ئى باراق، ئەسىرلىرىڭنى يالاپ ماڭ، ئى ئابىنوئامنىڭ ئوغلى!» ــ دېيىشىدۇ.
13 Mana xelqning az bir qaldisi aliyjanablargha egishish üchün chüshti, Perwerdigarning xelqi yénimgha palwan kebi chüshüp keldi.
مانا خەلقنىڭ ئاز بىر قالدىسى ئالىيجانابلارغا ئەگىشىش ئۈچۈن چۈشتى، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى يېنىمغا پالۋان كەبى چۈشۈپ كەلدى.
14 Mana, Efraimlardin Amalekte yiltiz tartip qalghanlar keldi; Mana, Binyaminlarmu qowmliringgha qoshulup egiship keldi; Makirdin emirler chüshüp keldi, Zebulundin serdarliq hasisini tutqanlar yétip keldi.
مانا، ئەفرائىملاردىن ئامالەكتە يىلتىز تارتىپ قالغانلار كەلدى؛ مانا، بىنيامىنلارمۇ قوۋملىرىڭغا قوشۇلۇپ ئەگىشىپ كەلدى؛ ماكىردىن ئەمىرلەر چۈشۈپ كەلدى، زەبۇلۇندىن سەردارلىق ھاسىسىنى تۇتقانلار يېتىپ كەلدى.
15 Issakarning emirliri Deborahgha qoshuldi; Baraq néme qilghan bolsa Issakarmu shundaq qilip, Uning keynidin jilghigha tap basturup étilip chüshti! Rubenning aile-jemetliridikilerning arisida shunche ulugh niyetler qelblirige pükülgenidi!
ئىسساكارنىڭ ئەمىرلىرى دەبوراھغا قوشۇلدى؛ باراق نېمە قىلغان بولسا ئىسساكارمۇ شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن جىلغىغا تاپ باستۇرۇپ ئېتىلىپ چۈشتى! رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى!
16 Sen némishqa qotanlarning ichide turup, Qoylargha chélin’ghan neyning awazini anglashni xalap qalding? Rubenning aile-jemetliridikilerning arisida shunche ulugh niyetler qelblirige pükülgenidi!
سەن نېمىشقا قوتانلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، قويلارغا چېلىنغان نەينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭ؟ رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى!
17 Giléadlar bolsa Iordan deryasining u teripide turup qaldi; Danlarmu némishqa kémilerning yénida toxtap qaldi? Ashirlar bolsa déngiz boyida [jim] olturuwaldi, Déngiz qoltuqlirida turup qaldi.
گىلېئادلار بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ قالدى؛ دانلارمۇ نېمىشقا كېمىلەرنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى؟ ئاشىرلار بولسا دېڭىز بويىدا [جىم] ئولتۇرۇۋالدى، دېڭىز قولتۇقلىرىدا تۇرۇپ قالدى.
18 Zebulunlar janlirini ölümge tewekkül qildi; Naftalilarmu jeng meydanidiki yuqiri jaylarda hem shundaq qildi!
زەبۇلۇنلار جانلىرىنى ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلدى؛ نافتالىلارمۇ جەڭ مەيدانىدىكى يۇقىرى جايلاردا ھەم شۇنداق قىلدى!
19 Padishahlar hemmisi kélip, soqushti, Qanaaniylarning padishahlirimu urushqa chiqti; Taanaqta, Mégiddoning su boylirida urushti. Lékin bir’azmu kümüsh olja alalmidi!
پادىشاھلار ھەممىسى كېلىپ، سوقۇشتى، قانائانىيلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇرۇشقا چىقتى؛ تائاناقتا، مېگىددونىڭ سۇ بويلىرىدا ئۇرۇشتى. لېكىن بىرئازمۇ كۈمۈش ئولجا ئالالمىدى!
20 Asmanlarda yultuzlarmu jeng qildi, Orbitiliridin Siséragha qarshi jengge atlandi.
ئاسمانلاردا يۇلتۇزلارمۇ جەڭ قىلدى، ئوربىتىلىرىدىن سىسېراغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.
21 Kishon deryasining éqini [düshmenni] éqitip ketti; Shu qedimiy derya, u Kishon deryasidur! Ey méning jénim, pütün küchüng bilen algha basqin!
كىشون دەرياسىنىڭ ئېقىنى [دۈشمەننى] ئېقىتىپ كەتتى؛ شۇ قەدىمىي دەريا، ئۇ كىشون دەرياسىدۇر! ئەي مېنىڭ جېنىم، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئالغا باسقىن!
22 Ularning atlirining tuwaqliri takirang-takirang qilmaqta, Tolparliri chapmaqta, chapmaqta.
ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇۋاقلىرى تاكىراڭ-تاكىراڭ قىلماقتا، تولپارلىرى چاپماقتا، چاپماقتا.
23 Merozgha lenet oqunglar, deydu Perwerdigarning Perishtisi, U yerde olturghuchilargha lenet oqunglar, Qattiq lenet oqunglar; Chunki ular Perwerdigargha yardemge kelmidi, Zalimlargha qarshi Perwerdigargha yardemge kelmidi.
مەروزغا لەنەت ئوقۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارغا لەنەت ئوقۇڭلار، قاتتىق لەنەت ئوقۇڭلار؛ چۇنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى، زالىملارغا قارشى پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى.
24 Ayallar ichide keniylik Heberning ayali Yael bext-beriketlensun, Chédirda turghan ayallar ichide u bext-beriket tapsun!
ئاياللار ئىچىدە كەنىيلىك ھەبەرنىڭ ئايالى يائەل بەخت-بەرىكەتلەنسۇن، چېدىردا تۇرغان ئاياللار ئىچىدە ئۇ بەخت-بەرىكەت تاپسۇن!
25 Siséra su soriwidi, u uninggha süt berdi, Ésilzadilerge layiq bir qachida qaymaq tutti;
سىسېرا سۇ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا سۈت بەردى، ئېسىلزادىلەرگە لايىق بىر قاچىدا قايماق تۇتتى؛
26 U sol qolini chédir qozuqigha, Ong qolini tömürchining bolqisigha uzatti; Sisérani urup, Bash söngükini chéqip, Chékisidin yanjip ötküzüwetti.
ئۇ سول قولىنى چېدىر قوزۇقىغا، ئوڭ قولىنى تۆمۈرچىنىڭ بولقىسىغا ئۇزاتتى؛ سىسېرانى ئۇرۇپ، باش سۆڭۈكىنى چېقىپ، چېكىسىدىن يانجىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى.
27 Siséra uning ikki putining ariliqigha qiysaydi, U yiqildi, u [ölüktek] yatti, U uning ikki putining ariliqigha qiysaydi, u yiqildi, Qiysayghan yerde u yiqilip, jan berdi.
سىسېرا ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى، ئۇ يىقىلدى، ئۇ [ئۆلۈكتەك] ياتتى، ئۇ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى، ئۇ يىقىلدى، قىيسايغان يەردە ئۇ يىقىلىپ، جان بەردى.
28 Siséraning anisi penjiridin sirtqa sep saldi, U penjirining rujikidin towlap: — «Uning jeng harwisi némishqa shunche uzaqqiche kelmeydu? Jeng harwilirining atlirining tuyaq sadasi némishqa shunche hayal bolidu? — dédi.
سىسېرانىڭ ئانىسى پەنجىرىدىن سىرتقا سەپ سالدى، ئۇ پەنجىرىنىڭ رۇجىكىدىن توۋلاپ: ــ «ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسى نېمىشقا شۇنچە ئۇزاققىچە كەلمەيدۇ؟ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياق ساداسى نېمىشقا شۇنچە ھايال بولىدۇ؟ ــ دېدى.
29 Uning dédekliri arisida danalar jawab béridu, Shundaqla, u derweqe öz-özige jawab béridu: —
ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئارىسىدا دانالار جاۋاب بېرىدۇ، شۇنداقلا، ئۇ دەرۋەقە ئۆز-ئۆزىگە جاۋاب بېرىدۇ: ــ
30 «Ular oljilirini yighip bölüshüwatqan bolmisun yene?! Herbir erkekke [ayagh asti qilishqa] bir-ikkidin qiz tegkendu, Siséragha rengdar kiyimler, Gül keshtilen’gen rengdar kiyimlerdin olja tegkendu, Bulangchining boynigha aldi-keyni keshtilen’gen rengdar kiyimler tegken bolsa kérek!
«ئۇلار ئولجىلىرىنى يىغىپ بۆلۈشۈۋاتقان بولمىسۇن يەنە؟! ھەربىر ئەركەككە [ئاياغ ئاستى قىلىشقا] بىر-ئىككىدىن قىز تەگكەندۇ، سىسېراغا رەڭدار كىيىملەر، گۈل كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەردىن ئولجا تەگكەندۇ، بۇلاڭچىنىڭ بوينىغا ئالدى-كەينى كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەر تەگكەن بولسا كېرەك!
31 I Perwerdigar, Séning barliq düshmenliring ene shundaq yoqutulghay! Lékin Séni söygenler quyashning örlewatqandiki qudritidek küchlük bolghay!». Shuning bilen zémin qiriq yilghiche tinch-amanliq tapti.
ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئەنە شۇنداق يوقۇتۇلغاي! لېكىن سېنى سۆيگەنلەر قۇياشنىڭ ئۆرلەۋاتقاندىكى قۇدرىتىدەك كۈچلۈك بولغاي!». شۇنىڭ بىلەن زېمىن قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئامانلىق تاپتى.

< Batur Hakimlar 5 >