< Batur Hakimlar 13 >

1 Lékin Israillar Perwerdigarning neziride yene rezil bolghanni qildi; shuning bilen Perwerdigar ularni qiriq yilghiche Filistiylerning qoligha tashlap qoydi.
لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىرىق يىلغىچە فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويدى.
2 Shu chaghda Zoréah dégen jayda, Dan jemetidin bolghan, Manoah isimlik bir kishi bar idi. Uning ayali tughmas bolup, héch balisi yoq idi.
شۇ چاغدا زورېئاھ دېگەن جايدا، دان جەمەتىدىن بولغان، مانوئاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولۇپ، ھېچ بالىسى يوق ئىدى.
3 Perwerdigarning Perishtisi bu ayalgha ayan bolup uninggha: — Mana, sen tughmas bolghining üchün bala tughmiding; lékin emdi sen hamilidar bolup bir oghul tughisen.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ ئايالغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن تۇغماس بولغىنىڭ ئۈچۈن بالا تۇغمىدىڭ؛ لېكىن ئەمدى سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن.
4 Emma sen segek bolup, sharab yaki küchlük haraq ichme, héch napak nersinimu yémigin.
ئەمما سەن سەگەك بولۇپ، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە، ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن.
5 Chünki mana, sen hamilidar bolup bir oghul tughisen. Bu bala anisining qorsiqidiki chaghdin tartip Xudagha atalghan «nazariy» bolidighini üchün, uning béshigha hergiz ustira sélinmisun. U Israilni Filistiylerning qolidin qutquzush ishini bashlaydu, — dédi.
چۈنكى مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن. بۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ خۇداغا ئاتالغان «نازارىي» بولىدىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا ھەرگىز ئۇستىرا سېلىنمىسۇن. ئۇ ئىسرائىلنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش ئىشىنى باشلايدۇ، ــ دېدى.
6 Ayal érining qéshigha bérip, uninggha: — Mana, Xudaning bir adimi yénimgha keldi; uning turqi Xudaning Perishtisidek, intayin dehshetlik iken; lékin men uningdin: «Nedin kelding» dep sorimidim, umu öz nam-sheripini manga dep bermidi.
ئايال ئېرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، خۇدانىڭ بىر ئادىمى يېنىمغا كەلدى؛ ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك، ئىنتايىن دەھشەتلىك ئىكەن؛ لېكىن مەن ئۇنىڭدىن: «نەدىن كەلدىڭ» دەپ سورىمىدىم، ئۇمۇ ئۆز نام-شەرىپىنى ماڭا دەپ بەرمىدى.
7 U manga: — «Mana, sen hamilidar bolup bir oghul tughisen; u bala anisining qorsiqidiki chaghdin tartip ölidighan künigiche Xudagha atalghan bir nazariy bolidighan bolghachqa, emdi sen sharab yaki küchlük haraq ichme we héch napak nersinimu yémigin» dédi, — dédi.
ئۇ ماڭا: ــ «مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن؛ ئۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۆلىدىغان كۈنىگىچە خۇداغا ئاتالغان بىر نازارىي بولىدىغان بولغاچقا، ئەمدى سەن شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە ۋە ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن» دېدى، ــ دېدى.
8 Buni anglap Manoah Perwerdigargha dua qilip: — Ah Rebbim, Sen bu yerge ewetken Xudaning adimi bizge yene kélip, tughulidighan baligha néme qilishimiz kéreklikini ögitip qoysun, dep iltija qildi.
بۇنى ئاڭلاپ مانوئاھ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ ئاھ رەببىم، سەن بۇ يەرگە ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئادىمى بىزگە يەنە كېلىپ، تۇغۇلىدىغان بالىغا نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىپ قويسۇن، دەپ ئىلتىجا قىلدى.
9 Xuda Manoahning duasini anglidi; ayal étizliqta oltughinida, Xudaning Perishtisi yene uning qéshigha keldi. Emma uning éri Manoah uning qéshida yoq idi.
خۇدا مانوئاھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئايال ئېتىزلىقتا ئولتۇغىنىدا، خۇدانىڭ پەرىشتىسى يەنە ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېرى مانوئاھ ئۇنىڭ قېشىدا يوق ئىدى.
10 Andin ayal derhal yügürüp bérip, érige xewer bérip: — Mana, héliqi küni yénimgha kelgen adem manga yene köründi, déwidi,
ئاندىن ئايال دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېرىگە خەۋەر بېرىپ: ــ مانا، ھېلىقى كۈنى يېنىمغا كەلگەن ئادەم ماڭا يەنە كۆرۈندى، دېۋىدى،
11 Manoah derhal qopup ayalining keynidin méngip, u ademning qéshigha kélip: — Bu ayalgha kélip söz qilghan adem senmu? — dep soriwidi, u jawaben: — Shundaq, mendurmen, dédi.
مانوئاھ دەرھال قوپۇپ ئايالىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ بۇ ئايالغا كېلىپ سۆز قىلغان ئادەم سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋابەن: ــ شۇنداق، مەندۇرمەن، دېدى.
12 Manoah uninggha: — Éytqan sözliring beja keltürülgende, bala qaysi teriqide chong qilinishi kérek, u néme ishlarni qilidu? — dep soridi.
مانوئاھ ئۇنىڭغا: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭ بەجا كەلتۈرۈلگەندە، بالا قايسى تەرىقىدە چوڭ قىلىنىشى كېرەك، ئۇ نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
13 Perwerdigarning Perishtisi Manoahqa jawab bérip: — Men bu ayalgha éytqan nersilerning hemmisidin u hézi bolup özini tartsun;
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بۇ ئايالغا ئېيتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۇ ھېزى بولۇپ ئۆزىنى تارتسۇن؛
14 u üzüm télidin chiqqan héchqandaq nersidin yémisun, sharab yaki küchlük haraq ichmisun, héch napak nersilerdin yémisun; men uninggha barliq emr qilghinimni tutsun, dédi.
ئۇ ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھېچقانداق نەرسىدىن يېمىسۇن، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمىسۇن، ھېچ ناپاك نەرسىلەردىن يېمىسۇن؛ مەن ئۇنىڭغا بارلىق ئەمر قىلغىنىمنى تۇتسۇن، دېدى.
15 Manoah Perwerdigarning Perishtisige: — Iltipat qilip, ketmey tursila, özlirige bir oghlaq teyyarlayli, déwidi,
مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: ــ ئىلتىپات قىلىپ، كەتمەي تۇرسىلا، ئۆزلىرىگە بىر ئوغلاق تەييارلايلى، دېۋىدى،
16 Perwerdigarning Perishtisi Manoahqa jawab bérip: — Sen Méni tutup qalsangmu, Men néningdin yémeymen; eger sen birer köydürme qurbanliq sunmaqchi bolsang, uni Perwerdigargha atap sunushung kérek, dédi (uning shundaq déyishining sewebi, Manoah uning Perwerdigarning Perishtisi ikenlikini bilmigenidi).
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن مېنى تۇتۇپ قالساڭمۇ، مەن نېنىڭدىن يېمەيمەن؛ ئەگەر سەن بىرەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشۇڭ كېرەك، دېدى (ئۇنىڭ شۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، مانوئاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدى).
17 Andin Manoah Perwerdigarning Perishtisidin: — Özlirining nam-sheripi némidu? Éytip bergen bolsila, sözliri emelge ashurulghinida, silige hörmitimizni bildürettuq, — dédi.
ئاندىن مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدىن: ــ ئۆزلىرىنىڭ نام-شەرىپى نېمىدۇ؟ ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا، سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدا، سىلىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرەتتۇق، ــ دېدى.
18 Perwerdigarning Perishtisi uninggha jawaben: — Namimni sorap qaldingghu? Méning namim karamet tilsimattur, — dédi.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ نامىمنى سوراپ قالدىڭغۇ؟ مېنىڭ نامىم كارامەت تىلسىماتتۇر، ــ دېدى.
19 Shuning bilen Manoah oghlaq bilen ashliq hediyesini élip bérip uni qoram tashning üstide Perwerdigargha atap sundi. Perwerdigarning Perishtisi ularning köz aldida ajayip karamet bir ishni qilip körsetti; Manoah we ayali qarap turdi.
شۇنىڭ بىلەن مانوئاھ ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇندى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ كارامەت بىر ئىشنى قىلىپ كۆرسەتتى؛ مانوئاھ ۋە ئايالى قاراپ تۇردى.
20 Shundaq boldiki, ot yalquni qurban’gahtin asman’gha kötürülgende, Perwerdigarning Perishtisimu qurban’gahtin chiqqan ot yalquni ichide yuqirigha chiqip ketti. Manoah bilen ayali buni körüp, özlirini yerge tashlap yüzlirini yerge yéqip düm yatti.
شۇنداق بولدىكى، ئوت يالقۇنى قۇربانگاھتىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ قۇربانگاھتىن چىققان ئوت يالقۇنى ئىچىدە يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى. مانوئاھ بىلەن ئايالى بۇنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ يۈزلىرىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى.
21 Shuningdin kéyin Perwerdigarning Perishtisi Manoahqa we uning ayaligha qayta körünmidi. Manoah shu waqitta uning Perwerdigarning Perishtisi ikenlikini bildi.
شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا قايتا كۆرۈنمىدى. مانوئاھ شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى.
22 Andin Manoah ayaligha: — Mana, biz choqum ölimiz, chünki biz Xudani körduq! — dédi.
ئاندىن مانوئاھ ئايالىغا: ــ مانا، بىز چوقۇم ئۆلىمىز، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق! ــ دېدى.
23 Lékin ayali uninggha jawab bérip: — Eger Perwerdigar bizni öltürüshke layiq körgen bolsa, undaqta u köydürme qurbanliq bilen ashliq hediyeni qolimizdin qobul qilmighan bolatti, bu ishnimu körsetmigen bolatti we shundaqla bundaq sözlerni bizge éytmighan bolatti, — dédi.
لېكىن ئايالى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر پەرۋەردىگار بىزنى ئۆلتۈرۈشكە لايىق كۆرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قولىمىزدىن قوبۇل قىلمىغان بولاتتى، بۇ ئىشنىمۇ كۆرسەتمىگەن بولاتتى ۋە شۇنداقلا بۇنداق سۆزلەرنى بىزگە ئېيتمىغان بولاتتى، ــ دېدى.
24 Shu ishtin kéyin ayal bir oghul tughdi, uning ismini Shimshon qoydi. Bu bala ösüp, chong boldi we Perwerdigar uni beriketlidi.
شۇ ئىشتىن كېيىن ئايال بىر ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمشون قويدى. بۇ بالا ئۆسۈپ، چوڭ بولدى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىدى.
25 Zoréah bilen Eshtaolning otturisidiki Mahaneh-Danda Perwerdigarning Rohi uninggha öz tesirini körsitishke bashlidi.
زورېئاھ بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماھانەھ-داندا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.

< Batur Hakimlar 13 >